مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 844|ئىنكاس: 1

تۇۋا جۇمھۇريىتى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىل قاراڭغۇلىغى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20077
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6009
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 269 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2010-12-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 03:17:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇۋالار

      تۇۋالار -  رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيە چېگرىلىنىدىغان تاغلىق رايونغا جايلاشقان رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ توۋا جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىغا سازاۋەر تۈركى مىللەت بولۇپ 2002-يىلى تۇۋا جۇمھۇرىيىتىدىكى 300مىڭ نوپۇسنىڭ 240مىڭىنى تەشكىل قىلىدۇ. قالغانلىرى روسىيەنىڭ باشقا شەھەر ۋە جۇمھۇرىيەتلىرىگە تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولۇپ رۇسىيەدىكى جەمئى نوپۇسى 250مىڭ.
      تۇۋا تىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى، تۈركى تىللار ئائىلىسى، شىمالى تىل تۈركۈمىگە تەۋە بولۇپ،سلاۋىيان يېزىقى قوللىنىدۇ. تۇۋا كىشىلىرىنىڭ 90%ئانا تىلىنى ئىشىلىتەلەيدۇ. تۇۋا تىلى رۇس تىلى بىلەن بىرلىكتە تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ، تۇۋا تىلىدا چىقىدىغان گېزىت-ژورنال-كىتاپلار بار. تۇۋادىكى ئالى-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تۇۋا تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدۇ.
     بۇنىڭدىن باشقا يەنە موڭغۇلىيەنىڭ تۇۋا جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئۆلكىلىرىدە 25مىڭ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى تەۋەسىدە 3 مىڭ ئەتراپىدا تۇۋا ياشايدۇ. ئالتايدىكى تۇۋالار گۈزەل قاناس كۆلى ئەتراپىغا تارقالغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا سىتاتىسكا خادىملىرىنىڭ خاتالىغى بىلەن موڭغۇللارنىڭ بىر قىسمى دەپ ھىساپلىنىپ قالغان ۋە موڭغۇل تىلى بويىچە بىر تۇتاش دەرسلىك بىلەن بۈگۈنگىچە تەربىيىلىنىپ كەلگەن بولۇپ 90-يىللاردا ئۇلارنىڭ موڭغۇل ئەمەس بەلكى تۈركىي قوۋم تۇۋالار ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ، نۆۋەتتە بىر ئايرىم مىللەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىپ قايتا بېكىتىلىشنى كۈتمەكتە. جۇڭگو ئالىملىرى ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە تەكشۈرۈش دوكلاتلىرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن رۇسىيە ئالىملىرى جۈملىدىن تۇۋا ئالىملىرىنىڭ ئالتايدىكى مەزكۇر تۇۋالارغا قىزىقىشى قوزغالغان ئىدى.
    تۇۋالار سان جەھەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر ناھىيىسىنىڭ ئاھالىسىچىلىك بولۇشىغا قارىماي، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى تەركىبىدە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق تۇۋا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش ھوقۇقىغا سازاۋەر بولغان. ئۇلار مۇرەككەپ ئېتنىك تەرەققىيات تارىخى ھەم سىياسى تارىخ جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن .
    تۇۋالاردا قەبىلە تۈزۈلمىسى تېخىچە ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇلار قەبىلە تۈزۈلمىسى بويىچە غەربىي ۋە شەرقى تارماقلارغا بۆلۈنگەن . ئەنە شۇ قەبىلە ئايرىلمىسىغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ تىلىمۇ مەركىزىي، غەربىي، شەرقىي ۋە شەرقىي شىمالى دىئالېكتلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ موڭغۇلىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان جايلىرىدىكى قىسمەن تۇۋالار موڭغۇل تىلى قوللىنىدىكەن .
    دىنى ئېتىقاد جەھەتتە تۇۋالارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىك ئاھالىسى بۇددىزىمنىڭ لاما مەزھىپىگە مەنسۇپ بولسىمۇ ،لېكىن ئۇلاردا يەنىلا شامانىزىمنىڭ قالدۇقلىرى مەلۇم دەرىجىدە ساقلانغان. ئەمما تۇۋا جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى موڭغۇللار بىلەن ئېتنىك تۇغقانچىلىققا ئىگە، ۋولگا دەرياسى بويىدا ياشايدىغان قالماقلارنىڭ مىللىي جۇمھۇرىيىتى قالماقىيە ۋە موڭغۇلىيە چېگرىسىغا يېقىن ئۇلان-ئۇدې شەھىرىنى مەركەز قىلغان موڭغۇل تىللىق خەلق-بۇرىياتلارنىڭ بۇرىياتىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرلىكتە رۇسىيە فېدېراتسىيىسى تەركىبىدىكى بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان جۇمھۇرىيەتلەر بولۇپ سانالغان. ئۇلار تىبەتلەر بىلەن بىر چوڭ لاما مەزھىپىگە مەنسۇپتۇر.

تۇۋالار كىملەر؟
    ئۇنداقتا تۇۋالار تارىخى كېلىپ چىقىش جەھەتتىن كىملەر ؟تۇۋالار ھەققىدە توختىلىشتىن ئىلگىرى ئالدى بىلەن تۇۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك تەرەققىيات تارىخى ھەققىدە قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتۈش مۇمكىن. رۇسىيە ئارخېئولوگلىرىنىڭ تەكشۈرۈشلىرىگە ئاساسلانغاندا بۇنىڭدىن 100 -140 مىڭ يىللار ئىلگىرى تۇۋا رايونىدا قەدىمكى ئادەملەر ھەركەت قىلغان ئىكەن. ئۇ چاغلاردا تۇۋانىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىسسىق بولۇپ، ھازىرقىدىن پەرقلىق بولغان ئىكەن.
    رۇسىيە ئارخېئولوگلىرىنىڭ ئېنىقلىشىچە، تۇۋادىن مىلادىدىن 4-5 مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ۋاقىتلارغا تەۋە ئوقيا ۋە تاش قوراللار تېپىلغان. تۇۋا تومۇر قوراللار دەۋرىگە كىرگەندە يۇقىرى مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان بولۇپ، ئاھالىلار كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن. تارىخىي ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2-ئەسىردىن مىلادى 5-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا تۇۋا رايونى ئىلگىرى- كېيىن ھۇنلار، سىيانپىلار، جوجانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. ھۇنلارنىڭ بۇ رايونلارنى ئىگىللىشى مەزكۇر رايوندىكى يەرلىك ئاھالىلارنىڭ ماددى مەدەنىيىتى ھەم ئىرقىي تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بولۇپ، رۇس ئارخېئولوگلىرى ۋە ئىنسانشۇناسلىرىنىڭ ئېنىقلاپ بېكىتىشىچە؛ مىلادىدىن ئىلگىرىكى ھۇن دەۋرىدىن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا تۇۋا، خاكاسىيە ۋە ئالتاي رايونلىرىدىكى ئاھالىلار ئەسلىدە ئاق تەنلىك ئىرققا مەنسۇپ بولغان. لېكىن، ھۇن قەبىلىلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى موڭغۇل ئىرقىغا مەنسۇپ خەلقلەرنىڭ بۇ رايونلارغا كىرىپ ،يەرلىك قەبىلىلەر بىلەن ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە موڭغۇل ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تىپى بۇ رايوندا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. بۇ مەسىلىلەر بويىچە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئانتروپولوگلىرىدىن كىسىلېۋ، چېبوكساروۋ، ئالېكسېيېۋ ، ۋاينېشتېيىن ھەمدە كىلاسسىك رۇس ئالىملىرىدىن گرۇم-گىرجىمايلو قاتارلىقلار كۆپ ئەمگەكلەرنى يازغان ئىدى.
    6-ئەسىردە تۇۋا تۈرك قاغانلىقىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن بولۇپ، بۇ رايوندا فېئوداللىق جەمىيەت شەكىللەنگەن. تۈرك قاغانلىقى دەۋرىگە( 6-8-ئەسىرلەر ) مۇناسىۋەتلىك ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلاردىن ئالىملار كۆك تۈركلەر دەۋرىدە تۇۋا رايونىدىكى ئاھالىلارنىڭ يەنىلا ئاساسلىقى چارۋىچىلىق بىلەن ئەمما ئاز بىر قىسىمىنىڭ دېھقانچىلىق ھەم ، پولات تاۋلاش قاتارلىق ئىشلەپ چىقىرىش شەكلى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئېنىقلىغان. بۇ چاغلاردا تۇۋا رايونىدا ياشىغان تۈركىي قەبىلىلەر يېزىققا ئىگە بولغان ھەم شۇنىڭدەك تاشلارغا، ۋە باشقا بۇيۇملارغا قەدىمكى تۈرك يېزىقى بىلەن يازما يادىكارلىقلارنى يېزىپ قالدۇرغان.
    تۈرك قاغانلىقى 6-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئىككىگە بۆلىنىپ كەتكەن بولۇپ، مىلادى 744-يىلى بولسا ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى شەرقى تۈرك قاغانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆز قاغانلىقىنى تىكلىگەندىن كېيىن، تۇۋا ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تەركىبىگە كىرگەن . ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ 100 يىلغا يېقىن تۇۋاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشى، بۇ جايدا ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەم ماكانلىشىشى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، يەرلىك قەبىلىلەر بىلەن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى يۈز بەرگەن . تۇۋالارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى تەتقىق قىلغان تۇۋا ئالىمى كىزلاسوۋ ھەم رۇس ئالىملىرىدىن خۇدىكوۋ، ۋاينېشتېيىن ۋە باشقا ئالىملارنىڭ قارىشىچە؛ ئۇيغۇرلار تۇۋالارنىڭ شەكىللىنىشىگە قاتناشقان مۇھىم ئېتنىك تەركىپتۇر.
رۇسىيە ئارخېئولوگلىرى تۇۋادا ئىلمىي تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ،ئۇنىڭدىن 17 ئۇيغۇر شەھرىنىڭ خارابىسىنى تاپقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقى دەۋرىدە مەزكۇر رايوننىڭ ئۇيغۇر قەبىلىلىرى زىچ ياشىغان ھەم شەھەر مەدەنىيىتى ياراتقان مەركەزلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇ شەھەرلەر ، تۇۋادىكى تۇران، تېمىر سۇگ ، ئۇيۇق قاتارلىق دەريا ۋادىلىرىدىن تېپىلغان ئىكەن. شۇڭا تۇۋالار تاكى ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە ناھايىتى يېقىن تۇغقان خەلق ھېسابلايدۇ. مەن 1990-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا موسكۋادىكى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئىلىم تەھسىل قىلىش جەرىيانىدا سىبىرىيە خەقلىرى جۈملىدىن تۇۋالار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ئىدىم. تۇۋا دوستلىرىم ئۆزلىرىنىڭ ھەر خىل ئىپادىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا بولغان مۇھەببىتىنى، قېرىنداشلىق تۇيغۇسى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇلار بىلەن ئۆز ئانا-ئۇيغۇر ۋە تۇۋا تىللىرىدا سۆزلەشكىنىمىزدە ھەقىقەتەن كۆپ ئورتاقلىقلارنى سېزىپ، ئورتاق خۇشاللىققا چۆمۈشكەن ئىدۇق.
    مىلادى 840-يىلى ھۇنلار ۋە كۆك تۈركلەردىن كېيىنكى ئەڭ قۇدرەتلىك ۋە ئەڭ كەڭ زېمىنلەرنى ئىشغال قىلغان ھەمدە بۈيۈك شەھەر مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان ئۇيغۇر قاغانلىقى قىرغىزلار بىلەن باشقا تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇملىرىدا يوقالدى. ئەلۋەتتە، بۇ ھۇجۇملارنى تۈۋىدىكى ئۇيغۇرلارغا بويسۇنغان قەبىلىلەرنىڭمۇ قىرغىزلار تەرەپتە تۇرغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. ئەلۋەتتە، بۇ تۈركىي قەبىلىلەر ئارىسىدىكى قانداقتۇر مىللىي توقۇنۇش ۋە مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۇرۇش بولماستىن بەلكى، قۇدرەت تاپقان قەبىلىلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئىگىلىش كۈرىشىدىن ئىبارەت ئىدى. يايلاق رايونىدا قىرغىزلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلانغاندىن كېيىن تۇۋا بىر مەزگىل قىرغىز قاغانلىقىغا تەۋە بولغان، قىرغىزلارمۇ بۈگۈنكى تۇۋالارنىڭ ئېتنىك مەنبەسىگە قاتناشقان بولۇپ، شۇڭا ھازىرغا قەدەر تۇۋالار ئارىسىدا ئۇيغۇر، قىرغىز دەپ ئاتىلىدىغان ئۇرۇق ناملىرى ساقلىنىپ قالغان.
    تۇۋا قەبىلىلىرى 13-ئەسىردە موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ تەۋەسىدە بولغان . كېيىن بىر مەھەل مۇستەقىل ھايات كەچۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن 16-ئەسىرگە كەلگەندە جۇڭغارلارغا ،ئۇنىڭدىن كېيىن مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىگە بېقىندى بولۇپ قالغان بولسىمۇ ،لېكىن كۆپ قېتىم مەنچىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇش ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان.
    1914-يىلى تۇۋا رۇسىيىنىڭ ھاملىقىغا ئۆتكەن . بولشېۋىكلار ئىنقىلابى غەلبە قىلغاندىن كېيىن، 1921-يىلى 14-ئاۋغۇستا تۇۋا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. سوۋېت رۇسىيىسى ئىزچىل ھالدا تۇۋا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قوللاپ، ئۇنىڭغا ماددى ،مەنىۋى جەھەتلەردىن ياردەملەرنى كۆرسەتكەن. تۇۋانىڭ مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىغا، موڭغۇلىيە خەلقىنىڭ قەھرىمانى سۇخباتۇر قاتارلىقلار رەھبەرلىك قىلغان ئازادلىق ئىنقىلابىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، موڭغۇلىيىنىڭ خەلق جۇمھۇرىيىتى بولۇپ شەكىللىنىشى ئۇنىڭغا قوشنا بولغان تۇۋاغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ، بۇنىڭدىن ئۈلگە ئالغان. تۇۋا تاكى 1944-يىلىغا قەدەر مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرسىمۇ، ئەمما خەلقئارادا بىرەر دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. 1944-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى تۇۋانى ئۆز تەركىبىگە قوشۇۋالغانغا قەدەر بۇ جۇمھۇرىيەت ئوز دۆلەت بايرىقى، دۆلەت قىمنى، ئاساسىي قانۇنىغا ھەمدە موسكۋادا ۋە موڭغۇلىيىدە تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانىلىرىغا ئىگە بولغان ئىدى. مەزكۇر مۇستەقىل دۆلەت ستالىن تەرىپىدىن مەجبۇرىي يوسۇندا قوشۇۋېلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ھوقۇقلىرى بىكار قىلىنىپ، ھوقۇق سالاھىيىتى ئاپتونوم ئوبلاستقا چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ ،لېكىن ستالىن ئۆلۈپ،8 يىلدىن كېيىن، يەنى 1961-يىلى قايتىدىن تۇۋا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان، 1990-يىلى گورباچېۋنىڭ مىللىي سىياسەتنى ئىسلاھات قىلىش مەزگىلىدە تۇۋا سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى بولۇپ ئۆزگەرگەن، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندە بولسا تۇۋا جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆز ئىگىلىك ھوقۇق دەرىجىسىنى كۆتەرگەن.
    تۇۋالار 20-ئەسىردە ئۆز مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، 20 نەچچە يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىن، مۇستەقىللىقتىن ئايرىلىپ، كىچىك بىر ئاپتونوم ئوبلاستقا چۈشۈپ قېلىش، بۇنىڭ بىلەن بوشاپ قالماي، ئۈزلۈكسىز تۈردە موسكۋاغا ئەرز قىلىپ، سالاھىيىتىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتكە، ئاخىرىدا موسكۋا بىلەن فېدېرال كېلىشىمگە قول قويغان فېدېراتىپ جۇمھۇرىيەتكە ئايلىنىشتەك مۇرەككەپ سىياسىي تەرەققىيات تارىخىنى باشتىن كەچۈرگەن. تۇۋالار 20-ئەسىردە رۇسىيىدە يۈز بەرگەن ھەر بىر سىياسىي ھاۋا كىلىماتتىن پايدىلىنىشنى بىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سانلىرىنىڭ ئاز بولۇشى ھەم سىياسىي ۋە مەدەنىيەت بېسىمىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا قارىماي، ئۆز مىللىي ھوقۇقلىرى ۋە مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەم مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. بۈگۈنكى كۈندە تۇۋالار شۇنچە قۇدرەتلىك بولغان رۇس تىلى ۋە رۇس مەدەنىيىتى چەمبىرىكىدىن ساق-سالامەت قۇتۇلۇپ چىقىپ، تۇۋا مەدەنىيىتى ۋە تىلىنى ساقلاپ قالغان.

http://qamus.okyan.com/View.aspx?ID=6171

http://www.qingis.com/tuva.htm

جاندىن كەچمىگۈچ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8076
يازما سانى: 2110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7885
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 1390 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-14 03:53:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم ئۆلمىسە ئاڭلىمايدىغان ئىشمۇ يوقكەن ئاڭلاپ باقمىغان تۈۋا مىللىتىدىن بىرنى ئاڭلاپتىمەن بۈگۈن

سىزگەدەيدىغىنىم كۆڭۇلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش