مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1516|ئىنكاس: 12

ئۇيغۇرلاردا  گالىستۇك ۋە كاستىيۇم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 09:41:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاتاقلىق تۈركولوگ ، پروفېسسور گابائىن خانىم


.


باي ناھىيسىنىڭ قىزىل مىڭ ئۆي غارلىرىدىكى تام رەسىملىرى ئىچىدە (104.نۇمۇرلۇق رەسىم) گالىستۇك تاقىغان، كاستىيۇم كەيگەن بىر ئادەم تەسۋىرلەنگەن بۇلۇپ، ئىلگىرى نۇرغۇن تۈركولوگلار بۇ رەسىمدىكى ھازىرقى زامان ياۋرۇپا پاسۇنىغا يېقىن قىياپەتتە كىيىنگەن ئادەمنىڭ تۇرقىغا قاراپ، «مىڭ ئۆي رەسىملىرىنى ۋىزانتىيەلىكلەر سىزىپ كەتكەن بۇلىشى مۇمكىن» دىگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئۇرۇنغانىدى. ئەمما، ئومۇر بۇيى تۈركلەرنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلغان گىرمانىيە ئالىمى ۋون گابائىن خانىم بۇ قاراشنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى ۋە بۇ خىل كىيىم، بۇ خىل مەدەنىيەتنى ئۇيغۇرلار بارلىققا كەلتۈرگەن. «گالىستۇك» سۆزى ئۇيغۇر تىلىدىكى« گالغا ئاستۇق» (گالغاستۇق) ۋە «كاستىيۇم» سۆزى كاسغا كىلىدىغان تون، يەنى «كاستون» دېگەن سۆزنىڭ ياۋرۇپا تىللىرىدىكى بۇزۇلغان ئاھاڭ تەرجىمىسىدۇر، دىگەن قاراشنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىگە ئىتىقات قىلىشقا باشلىغاندىن باشلاپ، كاستىيۇم ۋە گالستۇكنىڭ ئورنىنى ئەرەپلەرنىڭ ئۇزۇن كىيىملىرى ئالغان ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇمۇملاشقان. يىپەك يولى ئارقىلىق كاستىيۇم ۋە گالىستۇك ياۋرۇپاغا كارۋانلار ئارقىلىق تارقىلىپ مودا بولغان .(http://www.altikin.com/b_show.aspx?id=515

 گابائىن خانىمغا دائىر ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى تېمىدىن كۆرۇڭ:

https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-27891.2html


http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

مەن نېمە ئۈچۈن ي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11404
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10654
تۆھپە نۇمۇرى: 371
توردا: 3320 سائەت
تىزىم: 2010-9-24
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 12:23:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر گالىىستۈك  ياشلار ئارىسىدا كۆپرەك ئوموملىشىۋاتىدۇ.توغرا ئاتىلىشى زادى قايسى؟گالاستۇكمۇ؟ياكى  گالىىستۈكمۇ؟

دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر!

بەخىت بىلەن ئازا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1670
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11027
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 2539 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-11-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 12:39:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ يولدىشىممۇ گالىستۇك تاقاپ كاستىيۇم-بۇرۇلكا كىيىدۇ ، ئەرلەر مۇشۇنداق كەيسە بىرخىل رەتلىك ،ئىخچام كۈرۈنىدىكەن

بوۋام ماڭا مۇنداق دىگەن، ئادەمنىڭ ئالدى گۈل كەينى تىكەن. بۇ سۆزگە بىھاجەتكەن دەلىل-ئىسپات، قارىسام گۈل ۋە تىكەن بىر شاختا ئىكەن.

روناق تاپ، پاكىز ياشا!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5025
يازما سانى: 1835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15783
تۆھپە نۇمۇرى: 423
توردا: 1103 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 02:07:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئويلاپ قالىدىم، ئۇ خانىمنىڭ يەكۇنىغو توغرا ئىكەن، بىز كىيىم كىيىشنىمۇ باشقىلاردىن ئۆگەنگەن بولغىيمتۇق...

ئۇغۇل دىگەن ئەلگە يارالغان،
ۋاختى كەلسە جەڭگە يارالغان.
ئۈتۈك بىلەن سۇ كېچەر شوڭا،
ئۇغۇل نامى ئەلگە تارالغان.

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15689
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 03:28:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گالاستۇك دىگەن توغرىدۇ؟!
ئەرلەر كاستيوم-بۇرۇلكا كىيىپ،گالاستۇك تاقاپ يۈرسە بەك سالاپەتلىك بولۇپ كېتىدۇ...
رەھمەت،ئەسلى بىزنىڭ تىلىمىزدىن كەپ چىقىپتىكەن،بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز دەسلەپتە كىيىپتىكەندە! [s:160]  [s:160]

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئىزىڭدىن تىكەن ئ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1906
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12969
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 6484 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 03:29:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«گالىستۇك» سۆزى ئۇيغۇر تىلىدىكى« گالغا ئاستۇق» (گالغاستۇق)  سۆزىدىن كەلگەنلىكىنى مەنمۇ قۇۋەتلەيمەن.شۇ مىڭ ئۆي رەسىملىرىدە "كېپىنەك گالىستۇك"مۇ بار ئىكەن دەپ كۆرگەن ئىدىم ماتېرىيالدىن. ئەلۋەتتە گالىستۇك تاقىغان ئادەم  كاستىيۇم  كەيمەي جۇۋا كېيەمتى ؟؟
    ئەمدى"كاستىيۇم " سۆزىنىڭ  "كاسا + تون" سۆزىدىن  كېلىپ چىقتى دېگەنگە سەل گۇمانىم بار . گابائىن خانىم بىر تۈركلوگ. شۇ خانىمنىڭ كىتابىدا "كاسا" سۆزىنى ئۇيغۇرچە دەپ كۆرسەتكەنمىدۇ؟ مۇشۇ ئىسپاتقا ئېرىشىش خىيالىم بار ئىدى.مېنىڭ قارىشىمدا "كاسا" ئۇيغۇرچە سۆز ئەمەس.قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتىدىمۇ بۇ سۆز ئۇچىرىمايدىكەن.
    كىيىم ئۇيغۇرنىڭ ،ئىسمى چەتئەلنىڭ بولۇپ قالسا قانداقكى.مەسىلەن :جىسمىمىز ئۇيغۇر، ئىسمىمىز ئەرەپچە بولغاندەكچۇ؟

تارىخنىڭ ئەڭ ئېغىر جازاسى ئۆلۈم ئەمەس، بەلكىي   لەنەت تاختىسىغا مەڭگۈلۈك  مىخلىنىش!

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 04:41:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇمۇ بىر ياخشى تېمىكەن

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجادىيەتلىرى كۆپ جۇمۇ.  يوللاپ تۇرۇڭ!

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 04:46:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا راستىنلا ”كاسا “ دېگەن سۆز بار، بىراق بۇ سۆزنىڭ ئەسلىسى ھەققىدە مەنمۇ ئويلىشىپ باقماپتىمەن.
پەرىزىمچە، بۇ " كاسا " دېگەن سۆز ئەسلىدە سانكىرىتچە "كىيىم" دېگەنلىك بولىشى مۇمكىن،. ھىندىلار بۇرۇندىنلا "تون " مەنىسىنى بىرىدىغان كىيىمنى "كاسايا" دەيدۇ.
ئۇنى ئۇيغۇرچە ئاتىساق " كاسا" دەپ تەلەپپۇز قىلىمىز.


قەدىمقى ئۇيغۇرلا بۇددا ۋاقتىدا ئىشلەتكەن تون- دېگەن سۆز ئەسلى ئىگىسىگە ھىندىلىق بۇددىسلاردىن قايتىپ كىلىپ ئىستىمال قىلىنغان.
"كاسايا+تون" = "كاسا+تون"=كاساتون=كاستىيۇم

دەپ ئىستىمال قىلغان بولسا كىرەك.

بۇ خۇددى ئۇيغۇرچە "تۇرۇپ" دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسىنىڭ "تۇلوبو=لوبو" دەپ بىز ئۇيغۇرلارغا قايتىپ كىلىپ ئىستىمال قىلىنىۋاتقىنىغا ئوپخشاش. يەنە "تىيانشان تىغى" دېگەندەك ، تاغ سۆزىنىڭ تەكرالىنىپ ئىستىمال قىلىنغىنىغا ئوخشاش.

بىراق بۇنى يەنە دەلىللەشكە توغرا كىلىدۇ.

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئىزىڭدىن تىكەن ئ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1906
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12969
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 6484 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2013-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 08:38:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

7-قەۋەت (matimatika) نىڭ يازمىسىغا

كاسا دېگەن سۆز نەدىن كەلگەن بولسۇن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بارلىقى ئېنىق.كاستىيۇم دېگەن بۇ ئاتالغۇ بىزدە يېقىندا پەيدا بولدى.ئۇيغۇرلار بۇرۇن كىيىپ تاشلىۋەتكەن بولسۇن،ئۇيغۇرلارنىڭ كاستىيۇم كەيگىنىگىمۇ 100 يىللار بولدى.چەتئەل كۆرگەن ئۇيغۇرلار تۇنجى كىيىشنى باشلىدى. مېنىڭچە بۇ ئاتالغۇ روسچىمىكىن دەيمەن.   
   ناۋادا بۇ ئاتالغۇ بۇرۇنمۇ بار بولغان بولسا،نېمىشقا ئەسەرلىرىمىزدە ئۇچىراپ قالمايدۇ؟  ناۋادا يېقىندا "كاسا + تون"دىن ياسالغان بولسا،بىز نېمىشقا بىلمەيمىز.
  توڭلاتقۇ،ئۈنئالغۇ،چاقىرغۇ  دېگەنلەرنىڭ ياسىلىشىنى بىلگەندەك.

تارىخنىڭ ئەڭ ئېغىر جازاسى ئۆلۈم ئەمەس، بەلكىي   لەنەت تاختىسىغا مەڭگۈلۈك  مىخلىنىش!

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 08:48:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:7-قەۋەت (matimatika) نىڭ يازمىسىغا

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت shungqar كە 2010-12-15 08:38 PMئەۋەتىلدى 7-قەۋەت (matimatika) نىڭ يازمىسىغا :
  كاسا دېگەن سۆز نەدىن كەلگەن بولسۇن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بارلىقى ئېنىق.كاستىيۇم دېگەن بۇ ئاتالغۇ بىزدە يېقىندا پەيدا بولدى.ئۇيغۇرلار بۇرۇن كىيىپ تاشلىۋەتكەن بولسۇن،ئۇيغۇرلارنىڭ كاستىيۇم كەيگىنىگىمۇ 100 يىللار بولدى.چەتئەل كۆرگەن ئۇيغۇرلار تۇنجى كىيىشنى باشلىدى. مېنىڭچە بۇ ئاتالغۇ روسچىمىكىن دەيمەن.  
   ناۋادا بۇ ئاتالغۇ بۇرۇنمۇ بار بولغان بولسا،نېمىشقا ئەسەرلىرىمىزدە ئۇچىراپ قالمايدۇ؟  ناۋادا يېقىندا "كاسا + تون"دىن ياسالغان بولسا،بىز نېمىشقا بىلمەيمىز.
  توڭلاتقۇ،ئۈنئالغۇ،چاقىرغۇ  دېگەنلەرنىڭ ياسىلىشىنى بىلگەندەك.


تام سۇرەتلىرىنىڭ پاكىتلىرىدىن كاستىيۇمنىڭ بۇرۇن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىجات قىلىنىپ كىيىلگەن بولىشى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۇرۇشكە بولىدۇ ، بىراق ئۇ ۋاقىتلاردا بۇ كىيىم” كاستىيۇم“دېيىلمىگەن بولىشى مۇمكىن. مەسىلەن "تون"دېيىلگەن بولىشى مۇمكىن، غەرىپلىكلەرگە يۇقارقى ئىنكاسىمدا دىيىلگەندەك "كاستىيۇم" بولۇپ تارالغان بولىشى كىرەك. بىراق ھازىرقى زامان ئىستىمال تىلىدا "تون' بولسا كاستىيۇمدىن پەرىقلىق ئۇزۇنراق ئۇستى كىيىمنى بىلدۇرىدۇ، بەلكىم ئىستىمال مەنىسىدە كەڭىيىش بولغان بولىشىمۇ مۇمكىن.

تون-بارلىق ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردىمۇ بار.
'تۇركىي تىللار دېۋانى"دا بارمۇ يوق- بۇنى تەكشۇرۇپ كورۇش كىرەك.

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش