مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1458|ئىنكاس: 12

ئﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺩﻭﭘﭙﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﻯ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نەفىسە(ئاماننىس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15631
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9574
تۆھپە نۇمۇرى: 802
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2013-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 02:52:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ﺋﻪﺧﺘﻪﻡ ﺋﯚﻣﻪﺭ



ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﻗﯩﻞ- ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﭼﯧﯟﻩﺭﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ، ﻣﻮﻝ- ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ . ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺸﻰ ، ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ، ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﻮﻗﺎﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ .
ﺩﻭﭘﭙﺎ -- ﺋﺎﺷﯘ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﺎﻱ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻏﯘﺭﯗﺭﯨﻐﺎ ﺳﯩﻤﻮﯞﯗﻝ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻻﻳﺎﻗﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﮔﯚﮬﻪﺭ . ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ، ﺋﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻮﺗﯘﻥ - ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻰ . ﺋﯘ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ، ﻻﺗﺎﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻮﺗﯘﻥ- ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯩﮕﯩﺖ - ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻙ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ، ﺳﺎﭖ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻳﺎﻟﺪﺍﻣﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻰ . ﺋﯘ ﺋﻮﻣﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﺱ ، ﺧﺎﺱ ﺋﯩﮕﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ  ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺗﻪﯓ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ .




ﺩﻭﭘﭙﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ؟
ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﻮﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻻﻏﻪﺕ ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﻛﯚﯕﻠﻰ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﺰﮬﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ ، ﺋﯘﻳﺎﺗﭽﺎﻥ ، ﺷﻪﺭﻡ - ﮬﺎﻳﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻯ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﯜﻥ ﺑﻮﻳﻰ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﮔﯩﭗ ، ﮬﻮﻳﻼ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﻧﺎﺧﺸﺎ ﺗﻮﯞﻻﭖ ، ﺑﺎﻍ ﺷﻮﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﭗ ، ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﮔﺰﯨﺴﯩﮕﻪ ﭼﺎﻟﻤﺎ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ . ﻗﯩﺰ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﺗﯜﯕﻠﯜﻛﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﯩﺰﻣﯘ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﮕﻪ ﺳﯩﻐﺪﯗﺭﺍﻟﯩﺴﺎ ﯞﻩ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﭺ ﻗﯩﻼﻟﯩﺴﺎ ، ﻳﯩﮕﯩﺘﻜﻪ ﺋﺎﺗﺎﭖ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﻰ ، ﻛﺎﻧﯟﺍﻱ ﻛﯚﯕﻠﻪﻙ ، ﺋﯩﺸﺘﺎﻧﺒﺎﻍ ، ﺑﻪﻟﯟﺍﻍ ، ﻗﻮﻝ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺩﻭﭘﭙﺎ ﺗﯩﻜﯩﭗ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻛﻪﺷﺘﯩﻠﻪﭖ ، ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺑﺎﻏﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ، ﺋﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯩﮕﯩﺘﻜﻪ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . ﻣﯘﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺭ ، ﺋﯘ ﺩﻭﭘﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻗﯩﺰ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﮕﻪ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﮬﻪﻡ ﺋﯚﺯﺭﻩ ﺋﯧﻴﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﻰ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺩﻭﭘﭙﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﻰ ﺳﻮﯞﻏﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘﭖ ، ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭙﻼ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﯜﺗﯜﺷﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﻳﯩﮕﯩﺘﻜﻪ ﺋﯚﺯﺭﻩ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﯩﮕﯩﺘﻜﻪ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻟﻼﭖ ﺗﯘﺗﯘﭖ ، ﺩﻭﭘﭙﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﻴﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﭘﻼ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯩﮕﯩﺘﻜﻪ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﯩﻨﻰ ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻠﯘﻕ ﺟﺎﯞﺍﭖ . ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺑﯘ-- ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺗﯜﺳﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ . ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﺰﮬﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ، ﺗﻮﻳﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﺰﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ .





ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺩﻭﭘﭙﺎ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﻗﻮﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻳﮕﻪﻥ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﻴﺪﯛﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻞ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﯞﻩ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻠﯩﺸﯩﺶ ﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ، ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺩﻭﭘﭙﺎ ﻛﯩﻴﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ . ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﺯﯨﺰﻟﯩﺴﻪ ، ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﺴﺎ ، ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭ ، ﭘﯩﭽﺎﻕ ﺳﻮﯞﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ، ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ، ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭ ﺳﯚﻳﮕﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﭼﯩﺮﺍﻕ ﻳﻮﺭﯗﻗﯩﺪﺍ ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺋﯘﻳﻘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﭽﯩﭗ ، ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﯖﻨﯩﺪﻩ ﺯﯦﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻪﻗﯩﻞ ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﭖ ﺗﯩﻜﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺩﻭﭘﭙﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺭ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﻴﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ، ﺋﯚﺯ ﻳﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﺗﯜﻧﯜﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ . ﺋﻪﺭ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﺕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺩﻭﭘﭙﺎ ﻛﯩﻴﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﯘﺵ ، ﺑﯘ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ، ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺩﻩﭘﺴﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ، ﺧﻮﺭﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﮬﯧﺴﺎﺑﺘﺎ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺧﻮﺭﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﭽﯩﺸﻜﻪ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ ، ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﭘﺴﻪﻧﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ ﺧﻮﺭﻟﯘﻗﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ . ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ .





ﻣﻪﻥ ﺩﻭﭘﭙﺎ ﻛﯩﻴﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ " ﺑﻪﻙ ﻳﺎﺭﺍﺷﺘﻰ " ﺩﻩﭖ ﺩﻭﭘﭙﺎ ﻛﯩﻴﺪﯛﺭﯛﭖ ﻗﻮﻳﺴﺎﻡ ، ﺋﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﭖ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻳﯜﻙ ﮬﯧﺴﺎﺑﻼﭖ ، ﺑﯩﺮ ﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ ، ﻛﯩﻴﻤﻪﻳﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ، ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ، ﺋﯚﺯ ﺧﻮﺗﯘﻥ- ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻏﯘﺭﯗﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺧﻮﺭﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻧﯧﻤﻪ ؟
ﺑﯩﺰ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ، ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻖ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭ ، ﭘﯩﭽﺎﻕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ . ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﻗﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ، ﺭﻩﯕﺪﺍﺭ ﺩﻩﺳﺘﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﭽﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯨﻐﯘ ؟ ﺩﻭﭘﭙﺎ ﻛﯩﻴﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﻯ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻛﯩﻴﺴﻪ ، ﺑﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯘﻣﯘ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﺑﺎﻗﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ .
ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﯩﻴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺑﯧﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺩﻭﻣﯩﻼﭖ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﻛﯩﻴﯩﭗ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺭﯨﻴﻪﺕ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻣﯘ ﺑﺎﺭ . ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﺎﻟﯟﺍ ﻗﯩﻠﯩﻖ .
ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺳﯩﻤﯟﻭﻝ ، ﺋﯚﻟﻤﻪﺱ ﻳﺎﻟﺪﺍﻣﺎ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯚﺭﯨﺪﻩ ، ﺳﺎﻧﺪﯗﻗﻠﻘﺮﻗﺪﻩ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻻﭖ ﺳﺎﻗﻼﯞﺍﺗﯩﺪﯗ . ﺑﯘ ﺩﻭﭘﭙﯩﻼﺭ ﮬﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﻯ ﺋﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ، ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﺗﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺭﯛﯞﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺟﻪﯞﻻﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . " ﺑﺎﺩﺍﻡ ﺩﻭﭘﭙﺎ، ﭼﯩﻤﻪﻥ ﺩﻭﭘﭙﺎ ، ﺋﺎﻗﺎﺭ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺩﻭﭘﭙﺎ " ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .





ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺭﻩﺳﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﭖ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻪﻥ . ﺑﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﺧﻮﺗﯘﻥ - ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﯧﻨﻰ ﺳﯩﯖﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﺋﻪﺯﯨﺰﻟﯩﺴﻪﻙ ، ﺋﻪﯓ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﺴﺎﻕ ، ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯚﺭﯨﮕﻪ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎﻕ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ؟ ﺑﯩﺰ ﺩﻭﭘﭙﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﺴﻪﻙ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ .
ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﺑﯘ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯚﻟﻤﻪﻱ ، ﺩﻩﯞﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﻮﺭﺍﻥ - ﭼﺎﭘﻘﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﻳﺎﺷﺎﭖ ، ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ، ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ، ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ، ﻧﻪﭘﯩﺴﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﺎﻱ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﺑﻪﻟﮕﯩﺪﯗﺭ . ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯘﻧﯩﻤﯘ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺴﺎﻕ ﻳﻪﻧﻪ 50 ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺵ ﻛﯩﻴﯩﻤﺴﯩﺰ ، ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﯩﺘﯜﭖ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ .


ﺋﻪﺧﺘﻪﻡ ﺋﯚﻣﻪﺭﻧﯩﯔ <ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﯸﺘﯩﺮﺍﭖ ﻗﯩﻼﻳﻠﻰ> ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﯞﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ
مەنزىل-http://reshid.blogbus.com/logs/62682148.html


ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 03:54:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ، ھازىر مۇشۇنداق ناچار ئىش مەيدانغا چىقىپ قالدى.ئەندى بۇ ئىشنىڭ تۈزەلمىگى مۈشكۈل.

korginingdin  koptur kormigi

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14847
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9283
تۆھپە نۇمۇرى: 387
توردا: 1299 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2011-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 04:02:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، رەھمەت. دوپپا ھەقىقەتەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كام بولسا بولمايدىغان ئەنئەنىۋى مىراسلىرىمىزنىڭ بىرسى. ھازىر بىزنىڭ يۇرتتا دۇپپا كىيىدىغانلار خېلى جىقلاپ قالدى، بىزنىڭ يۇرتنىڭ دوپپىسى چەشمە دوپپا شۇنداق چىرايلىق، بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارمۇ كىيىدۇ، ئانىلىرى تىكىپ بەرگەن دوپپىنى ھېيت بايراملاردىلا كەيمەي داۋاملىق كەيسەك بولىدۇ، شۇنداق يارىشىملىق تۇرسا...

ئاتام تەختىم، ئانام بەختىم، ئۆيۈم جەننەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580073
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 04:08:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[s:132] دوپپا __ تارىخى ئۇزۇن زامانلارغا چېتىشلىق...
ئۇيغۇر دوپپىسى،ئۇيغۇرۇمنىڭ دوپپىسى...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4842
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15699
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 04:11:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست،دوپپا بەك چىرايلىق،ھەممەيلەن كەيسە بۇلاتتى،ئەرلەر،ئاياللار باشلىرىدا چىرايلىق جۇلالىق دوپپىلىرىنى كىيىۋالسا نەقەدەر ياخشى بۇلاتتى ھە!

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئۇچقۇر بورە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16451
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23913
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 1265 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2011-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 04:15:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس لا شۇنداق ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان چوڭ بىر نىشانى ئۇ   (دوپپا) دىگەن.

لەختە قاندىن ئىنسان ياراتقان، كۆك ئاسماندىن يۇلتۇز تاراتقان. ھەق سۆزىنى بىزگە ئاڭلاتقان، رەخمان سۈپەت ئىگەم بۈيۈكتۇر. بىزگە چەكسىز رەھىم ئەيلىگەن، تەۋبە قىلساق بىزنى كەچۈرگەن. قەلىپلەرنىڭ سىرىنى بىلگەن، مەڭگۈ ھايات ئاللا بۈيۈكتۇر چ چ :841970301          

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17171
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 05:39:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزى كەيمەي باشقىلارغا كىيدۇرۇپتىغۇ ?!


http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

سۆيمىگەنگە سۈركەلمە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4598
يازما سانى: 1703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2332
تۆھپە نۇمۇرى: 855
توردا: 3148 سائەت
تىزىم: 2010-7-23
ئاخىرقى: 2014-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 06:19:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى چىراي ئىپادىلىگە دوپپا كەيگۈزۈپ قويىساق بولاتتى.بۇنى قايسىڭلار قىلالايسىلەر؟ قىلالايدىغانلارزادى چىقماسما؟ [s:152]  [s:151]  [s:168]  [s:178]  [s:154]  [s:180]  [s:146]  [s:123]  [s:162]  [s:135]  [s:138]  [s:153]  [s:157]  [s:149]  [s:160]  [s:177]  [s:174] مۇشۇلارنىڭ يوقكەن،بەزىلىرىنىڭ باركەن.

مەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15555
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8116
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1632 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2012-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 06:50:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوپپا دىگەننى كىم بولسا تەقدىم قىلىۋېرىمىز،بىزدە دوپپا جىق! [s:162]

بۇ دۇنيادا ھېچكى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7064
يازما سانى: 1086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43924
تۆھپە نۇمۇرى: 566
توردا: 8144 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-15 07:42:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە ھازىر بالدۇر بولسىمۇ ئەسكەرتىپ قوياي: بۇ يىلدىن باشلاندى، ھەر يىلى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا بايرىمى. شارائىت يار بەرسە ھەر ۋاقىت دوپپىنى بېشىمىزدىن ئايرىمايلى، شارائىت يار بەرمىسە ھىچ بولمىغاندا مۇشۇ بايرامدا بولسىمۇ ئۆزىمىزنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەپ قويايلى قېرىنداشلىرىم.

كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل،
قىينىمىسۇن يۈرەكنى ھەسرەت.
يازنىڭ ئالتۇن ئاپتىپىدەك،
ھەممىمىزگە ياغسۇن ئامەت.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش