مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 12372|ئىنكاس: 190

بىز ھەممىمىز پاھىشە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باشقىلار ھازىركىتاب كۆرىۋاتىدۇ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1854
يازما سانى: 1246
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 308772
تۆھپە نۇمۇرى: 581
توردا: 5250 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 03:13:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئاشكار كونا يازمىلارنى تۆكمە قېلىۋەتتى دەپ ئويلاپ قالماڭلا . ئىككى قېتىم كۆرگەنگە زىيان قىلمايدۇ . ھەم تىمىلىرىم بىر يەرگە يىغىلىدۇ ، كىيىن ئىزدەشكىمۇ ئاسان بولىدۇ .





يىگىتلەر سىلەرگىمۇ ساقال چىقتىمۇ ؟!



يىللار مىنى يەنە كەينىڭگە قاراپ باق دەيدۇ  ، شۇنچە زەن سېلىپ قارىساممۇ ھىچقانداق تۆھپە ، ئابروي ياكى مال-دۇنيانى كۆرەلمىدىم . ئەجىبا مەن شۇنچە يىللاردىن بىرى ياراتقان تۆھپىلەر خەقنىڭ بولوپ كەتكەنمىدۇ ؟ ياكى دوستلار ئارسىدا تىكلىگەن ئابرويۇم يەرگە ئۇرۇلغانمىدۇ ؟ ۋە ياكى كىچە-كۈندۈز تىرمىشىپ تاپقان مال-دۇنيالىرىم بىراۋلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتكەنمىدۇ؟  ياكى......  ئۆزۈم ياراتقان ئەجىرلەرنى كۆرۈش ئۈچۈن يەنە بىر قىتىم قاراپ باقتىم ،. ئۇھ ،  مىنىڭ كۆرگىنىم ، ئازاپ ، دەرت ، يەنە  ئىتلارنىڭ ئارسىدا تالاشقا قالغان ۋىجدان  ، ئىشەكلەر دۈمبىسىگە تېڭىپ كوچا-كويلاردا قالايمىغان ھاڭراپ يۈرگەن ئەخلاق . ئاتالمىش ھەقىقەتكە بوي سۇنۇپ يىغلاپ ياتقان ئەرلىك.  مانا بۇ يىللارنىڭ ماڭا بەرگەن سوغىسى ،  ياق توغىرسىنى ئىيتقاندا مەن يىللاردىن يالۋۇرۇپ تۇرۇپ ئالغان ئادىمىيلىك.



باللىق ھەممىنى ئەيلەيلەيدىكەن ، مەيلى سەن يۇۋاش بولوپ باشقىلاردىن تاياق يەپ يۈر ، ياكى شوقلۇقۇڭ بىلەن تەڭتۇشلىرىڭنى بوزەك قىل بالىلىق ئۆز بۆشۈكىدە ھەممىنى ئوخشاش تەڭىتىدىكەن .  يېغلىساڭ ياشلىرىڭنى سۈرتسە ، كۈلسەڭ بوينىغا ئېلىپ ياكى دۈمبىسىگە مىندۈرۈپ ساڭا ئات بولوپ بېرىدىكەن . پەقەت سەن بالىلىققا تاتلىق كۈلكەڭ بىلەن ۋىلىقلاپ قويساڭلا .  ئىيتڭلارچۇ ، سەبىلىكى بىلەن لاي ئوينىغان بالىلارنى ، چىكىسىگە بودرۇق قوللىرى بىلەن گۈل قىسقان  ئوماق قىزلارنى باللىق قانداقمۇ چەتكە قاقسۇن  ، قانداقمۇ ئىللىق قوينىدىن سىرتقا ئىتتۇرسۇن . مەيلى سەن  مەھەللەڭدە باشقىلار ئارىغا ئالمايدىغان يىتىمەك بولغىن .، ياكى تەڭتۇشلىرىڭنىڭ ئويۇنى سەنسىز قىززىمايدىغان بۇرادەر بولغىن ، بالىلىق ساڭا ئوخشاشلا كۈلۈپ باقىدۇ ، چۈنكى سەن تىخى قەلبىگە قىلچە پاسكىنچىلىق قونمىغان ، غەيۋەت -شىكايەت قىلىشنى بىلمەيدىغان ئاپئاق قەلىبلىك ، پاكىزە ئىنسان . شۇنداق تىخى گۇناھ ئارتىلمىغان ئىنسان....



ئۆسمۈرلۈك ،، سەن ئۈچۈن بىر پۇتۈن ھاياتىڭغا گۈل قىسىدىغان دەۋىر ، بۇۋاڭدىن ئەدەپ-ئەخلاق ، موماڭدىن چىۋەرلىك ، داداڭدىن باتۇرلۇق ، ئاپاڭدىن مىھرىبانلىقنى ئۈگىندىغان مەزگىلىڭ ، ئەمما يەنە شۇنىڭغا قىتىلپ ئاپئاق قەلبىڭ سەندىن بارا-بارا يىراقلىشىدۇ . سەن ئوينىغان قونچاقلارنىڭ ئورىنىغا كىتاب-دەپتەر ، سەن ئوينىغان ھوشۇق ، تەپكۈچلەرنىڭ ئورىنىغا ئىغىر سومكىلار ئالمىشىدۇ  ، مۇنداقچە ئىيتقاندا ساڭا بۇ دۇنيا دەسلەپكى يۈكىنى ئارتىدۇ . سىنى ياشاشقا كۆندۈرىدۇ ،  ئوچۇقلا دىسەك ساڭا ھايات نوقتا سالىدۇ . ئاپاڭنىڭ قۇچاقلىرىدا خاتىرجەم ئولتۇرالمايسەن ، داداڭنىڭ بوينىغىمۇ مىنگىڭ كەلمەيدۇ . مەيلى سوغۇقتا يۇمران بارماقلىرىڭ مۇزلىغان بولسۇن ياكى قوياشنىڭ كۈچلۈك تەپىدە تەرلىگەن بول دۈمبەڭدىكى يۈكىڭنى زورىغا بولسىمۇ مەنزىلگە توشىمىساڭ بولمايدۇ . چۈنكى سەن تاتلىق بۆشۈكىڭگە ئاللىقاچان خوش دەپ بولغان ئىدىڭ...



ياشلىق . ئىھ ، ياسىنىشنى ئۈگەنگەن قىزلار  ، بۇرۇتلىرى خەت تارتقان يىگىتلەر  يەنە ھەرخىل رەڭدە بويالغان ئاسمانغا قاراپ خىيال سۈرگەن قەلىبلەر..

كەينىڭگە قارىساڭ بەلكىم بالىلىق ساڭا قول پۇلاڭلىتىدۇ ، ئۆسمۈرلۈك يىتىرقاش نەزىرى بىلەن ساڭا مەنىلىك باقىدۇ ، ئەمدى سەن ئاتا-ئاناڭدىنمۇ تەپ تارتىدىغان بولوپ قالىسەن ، چۈنكى دۇنيا ساڭا خىلى چوڭلا قالپاقنى كىيدۈرۈپ قويغان ئىدى . بېشىڭغا چوڭ كىلىپ قالسىمۇ . ياكى پاتمىسىمۇ زورلاپ تۇرۇپ كىيدۈرۈپ قويىدۇ . ئەمدى يىغلىيالمايسەن " سەت" بولىدۇ ئەمەسمۇ . بۇنىڭ بىلەن بىرگە ساڭا مۇھەببەت ئوتى تۇتىشىدۇ . كىچىلەر ئۇيقۇسىز ، كۈندۈزلەر ئاپتاپسىز ئۆتىشىمۇ مۈمكىن . بىر ياقتىن تۇرمۇشنىڭ ئوتىدا پۇچىلانساڭ يەنە بىر ياقتىن يارنىڭ ئوتىدا ئۆرتىنىسەن  ، بۇنىڭغا يەنە ئادىمىيلك . ئەخلاق ، سەندە يىتىلگەن غورۇر ، ۋىجدان ، يەنە تىلغا ئىلىپ ئۆتمىسەك بولمايدىغان ئەرلىك قاتارلىقلارنى قاتساق قەدەملىرىڭ ئىغىرلايدۇ. ئۇنداقتا ئەي يىگىتلەر سىلەرگىمۇ ساقال چىقتىمۇ؟ ئەر بولدىڭىزمۇ؟



ماڭا بۇ ساقال دىگەن نەرسىنىڭ قانچە يېشىمدا چىققىنى تازا ئىسىمدە يوق ، پەقەت دادامنىڭ روخسىتى بىلەن ساقىلىمغا تۇنجى قىتىم ئۇستىرا سالغىنىم ئىسىمدە .



ساقال چىقسا نىمە بوپتۇ . بۇ گۇناھمىكەن . ياكى قانۇنغا خىلاپمۇ ؟  بۇ نادانلارنىڭ سوئالى خالاس ، دىمەك سىزگە ساقال چىقتى سىزگە يەنە بىر يۈك ئارتىلدى .  ھىچ بولمىسا ئازىراق بولسىمۇ ئەر سۈپەت بولدىڭىز ، ئەمما مۇشۇ ساقال مىنى نۇرغۇن خىياللارغا غەرىق قىلدى .

ھەر قىتىم ساقىلىمنى ئالغاندا ئۆزۈمنىڭ تىخىمۇ پىشىپ يىتىلىۋاتقانلىكىمنى ھىس قىلىمەن. ئاشۇ ئۇستىرا بالىلىقتا مىنىڭ يۈزۈمگە سۈركەلمىگەن . ئۆسمۈرلۈكتە سۈركەلمىگەن .  بەلكىم ئۇ چاغلاردا  مەندە گۇناھ بولمىسا كىرەك ، مەندىكى يۈرەك سەبى بولسا كىرەك . يەنە مەندە ئەركىنلىك ئېشىپ-تېشىپ تۇرسا كىرەك . ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۆزۈمنى ئالداپ كىتەلمىدىم . ساقال چىققان يىگىتنىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتلەرنى سەبى كۆڭۈل بىلەن ھەل قىلىشنى توغرا تاپمىدىم . قىسقىسى مۇشۇ ساقالغا يۈز كىلەلمەي قالارمەنمۇ دەپ ئەسىرەپ قالدىم ،

ئاتا-ئانام يەنە شۇ بالا كويىدا كۆيىۋاتىدۇ . ياق مەن ئوت قالاپ ئۇلارنى كۆيدۈرىۋاتىمەن . قاراپ باقسام دادام بىلەن تەڭلا ئەر بولوپ قاپتىمەن . ئەمما دادام تۇتقان كەتمەنلەرنى مەن تالاشمىدىم ، ئاپام ئەگكەن بەللەرنى مەن ئىگەلمىدىم . دادام ھەر دائىم ساقالنى پاك-پاكىزە ئېلىپ مەنىلىك كۈلسە ، مەن ساقىلىمنى شۇنداق پاكىزە ئالغان بولساممۇ كۈلەلمىدىم .چۈنكى دادام ھاياتنى كۈلكىگە تويۇندۇرۇپ ياشاۋاتىدۇ . مەن ھاياتتىن كۈلكە سوراپ خىجلچىلىقتا باش ساڭگىلتىۋاتىمەن . دۈمبەمدىكى يۈكلەرنى كۆتىرەلمەي بەللىرىم مۆكچىيىۋاتىدۇ . ئاپام تۇرمۇشنىڭ قايناملىرىدا ھەممىنى ئاپئاق كۆڭلى بىلەن پەپىلەپ ئۆتىۋاتىدۇ . مەن شۇ قايناملارغا كىرىپ قىلىپ ئاپامغا قول سۇنۇپ مىنى تارتىۋال دەپ ياش تۆكىۋاتىمەن .

دادام ياشلىقىدا بەردەم قەدەملىرى بىلەن زىمىننى تىتىرەتكەن بولسا ، مەن ھارغىن قەدەملىرىم بىلەن زىمىننى بوشقىنە دەسسەپ كىتىپ بارىمەن .

ئاپام يېرىلغان قوللىرى بىلەن پىشانەمنى سىلاپ ، ماڭا بەخت تىلىگەن بولسا ، مەن ئاسىي قوللىرىم بىلەن گۈزەللەرنىڭ يالغان ۋەدىلىرىنى چىڭ سىقىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

دادام  چىڭ تۈگۈلگەن مۇشىتلىرى بىلەن ئالدىغا كەلگەن قورغانلارنى ئۇرغان بولسا ، مەن ھارامغا سېتىلغان بارماقلىرىم بىلەن ھاراق رومكىلىرىنى خوشە دەپ كۆتۈرۈپ تۇرۇپتىمەن.

ئاپام جىنىم بالام دەپ چارچاپ قالغان كۆزلىرىدىن ياش ئاققۇزغان بولسا ، مەن تەييارغا كەلگەن تائاملارغا خوشامەت كۆزلىرىم بىلەن مەسلىنىپ قاراپ تۇرماقتىمەن.

دادام ئەرلىكى بىلەن ھاياتقا يۈك ئارتىپ قويۇپ مەغرۇر كۈلگەن بولسا ، مەن يەنە شۇ ئەرلىكىم بىلەن ھاياتتىن دەشنەم يەپ گۇناھكار بولوپ تۇرۇپتىمەن.

ئاپام قولىنى كۆسەي ، دىلىنى قالقان قىلىپ مەن ئۈچۈن چارچىغان بولسا ، مەن قاۋۇل بەدىنىم بىلەن جانانلارنىڭ يالغان كۈلىكىسگە ھەۋەسلىنىپ " چارچاپ ''قاپتىمەن.

دادام......

...

...

ئاپام....

...

...



ھەي يىگىتلەر سىلەرگىمۇ ماڭا ئوخشاش ساقال چىققاندۇ ؟ شۇ چىققان ساقالغا يۈز كىلەلىدىڭلارمۇ؟  ئەرلىكىڭگە ، ۋىجدانىڭغا ، ئەقەللىسى بالا بولغىنىڭغا يۈز كىلەلىدىڭلارمۇ؟

. ھەممە كىتىدۇ . خۇددى شامال چاچلىرىڭنى سىلاپ ئۆتكەندەك . ھەممە يوق بولىدۇ ،ئاخشام ياغقان يامغۇر زىمىنغا سىڭىپ كەتكەندەك . ھەممە سەندىن يۈز ئۆرۆيدۇ ،خۇددى سەن بارلىقىڭدىن يۈز ئۆرىگەندەك . بىر كۈنلەردە قوياش ساڭا قاراپ قويىدىيۇ ،ئاپتىپىنى باشقا بىرىگە چاچىدۇ  . ئايمۇ ساڭا قاراپ نازلىنىدۇ ئەمما سەن ياسىغان  كۆلچەككە شولىسىنى چۈشۈرمەيدۇ . خۇددى ساڭا بالىلىقتىن ئەسلىگىدەك مەزمۇن قالمىغاندەك . شۇنداق ھەممە يوقايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىنىڭ شادلىقىڭ ، سىنىڭ دۇنيارىڭ ،سىنىڭ ھاياتىڭ...



مەن ئۆزۈمنى ئىزدەپ قايمۇقۇپ قالدىم . دادامنىڭ ئىزىنى بويلاپ ماڭىمەن دىدىميۇ ئەمما ئازغىشىپ كەتتىم . ھاياتنىڭ دوقمۇشلىرىغا كولانغان ئورەكلەرنىڭ ماڭا كولانغانلىقىنى نەدىن بىلەي . جاناننىڭ نازلىرىنىڭ مىنىڭ قەلبىمگە ئىجارىگە بىرىلگەن ساختا دورىلىقىنى نەدىن بىلەي . بۇرادەرلەرنىڭ ئاپېرىنلىرىنىڭ بۈگۈن ئۈچۈنلا ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلەي . قىسقىسى . مەندىكى يىتىلگەن ئەخلاق ، ۋىجدان ، ئەرلىكنىڭ ماڭا خاتا ئاتا قىلىنغانلىقىنى نەدىن بىلەي ،  ئەمما شۇ نەرسە ئىنىق ماڭا ساقال چىقتى ، دادامغا چىققانغا ئوخشاش چىقتى . دادام قارىغان ئەينەككە مەنمۇ قارىدىم . دادام ئالغان ساقالنى مەنمۇ ئالدىم ، لىكىن دادام كۈلۈپ تۇرسا ، مەن بېشىمنى تۆۋەن قىلدىم.

ھەي ، يىگىتلەر سىلەرگىمۇ ساقال چىقتىمۇ ؟

خۇددى ماڭا چىققاندەك چىقتىمۇ ؟

يەنە قايتىلاي ،

ھەي ! يىگىتلەر سىلەرگىمۇ ساقال چىقتىمۇ؟؟؟؟؟؟






بىز ھەممىمىز پاھىشە


بىز ھەممىمىز پاھىشە

سېتىلماقتا تەن ،
مەيلى ئەمەسمۇ ئۆزىنىڭ تىنى .
ئەمما ئۇيغۇر تەنگە قوشۇپ ساتماقتا دىلنى.

مەجنۇنتالدەك لىڭشىيدۇ مىللەت ،
سۇ يۈزىدىن مىھىر ئۈزەلمەي .
ئاڭا يەنە نىمە غادىيىش ،
< شاخلىرى تۈز ، مەزمۇت ئۆسەلمەي>.
بەلكىم،
سۇ يۈزىنى ھەر سۆيۈشى ئون بەش تەڭگىدۇ .
شاخ لەپەڭشىپ ، گەۋدە ئىگىلەر ،
ياشار شۇنداق < توختام > بۇزالماي .

پەقەت جۈمە كۈنىلا ،
كوچىلاردا دوپپا ئاقىدۇ ،
ئاققان دوپپا قىسمەنلىك پەقەت .
قاراڭ !
پاھىشىگە ئايلانغان ئەركەك ،
بىر رومكىغا ۋىجدان ساتىدۇ .
توۋا بۇ < قەھىرتاندا > ،
ئەخلاق تونىنى تاشلىغان ئۇيغۇر ،
قايدا ئۇخلاپ ، قايدىن قوپىدۇ .

ئانا ،
بەش يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىدۇ ،
<ئىشتان كىيىشنى بىلسۇن> بالام دەپ،
ئەمما،
شۇنداق بىر ھەۋەس،
ئانا ئەجىرىنى يوق قىلىدۇ ،
بەش مىنۇتتا پاھىشىگە ئايلانغاندا ئەر .

پۇل ،
ئوتتا كۆيەتتى ،
سۇدا ئۆلەتتى ،
كۆيمەس بولدى .
ئۆلمەس بولدى .
پۇل ئورنىدا ئۇيغۇر كۆيدى ، ئۇيغۇر ئۆلدى.
ئەنە ھەقىقەت ،
چۈنكى ئۇيغۇر پاھىشە بولدى .

بىر كۈن كىلۇر ،
قوشنىلارمۇ قېتىلار سەپكە ،
ئورتاق ئاتالغۇ ئىشلىتەر يەنە .

سەن پاھىشە ،
مەن پاھىشە ،
ئۇمۇ پاھىشە .
بىز ھەممىمىز ئوخشاش پاھىشە .
شۇ چاغدىلا نومۇس بىزگە سانجىماس نەيزە..
چۈنكى ئۇيغۇر ئۆلسە ،
پاھىشىنىڭ يېنىدىن كولىنار قەبرە.......


ئاشكار



 


ھازىرغىچە 10 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
دەقيانوس + 200
Kokyar + 100 ....نادىر ئەسىرىڭنى كېچىكىپ كۆرگىنىمدىن
hokumran + 150
forlove + 100 قەلىمىڭىز ھارمىسۇن بۇرادەر
musilina + 100 ئېسىل يازما
mawjud_ + 100
Gulbike + 100 ئېسىل  يېزىلغان  ئەس
Dilnaz + 100
turankaxkar + 100 نادېر تىماڭنى مىسرانىمدا يانا كۆرگۈنۈمدى
uzturk + 100 ئەھمىيەتلىك تېما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1150   باھا خاتىرىسى

دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تىتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم!

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16613
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4647
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 6144 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 05:45:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەكىس سادايىڭ خوتەندىمۇ ياڭرايدۇ.مىللەت ئۈچۇن تەڭ كىچىدە ئۇيقىدىن بىدار بوپسەن ،ئاللاھ ئەجرىڭنى بىرەر!

تاغلار سۇكۈت قىلغانلىقى ئۈچۇن سۇرلۇكتۇر!

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16613
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4647
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 6144 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 05:54:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جۇمە تاڭ ئاتار كىچىسى  قەۋمىڭگە  نىدا قىلىۋېتىپسەن، تەپەككۇر قىلىۋېتىپسەن،ئاللاھ ساڭا  پۇتۇن بىر كىچە ئۇخلىماي ئىبادەت قىلغاننىڭ ساۋابىنى ئاتاقىلسۇن.نىدالىرىڭ خەلقىڭنى ئويغاتسۇن!مەنمۇ ھازىرلا <<ئۆز ئانىڭىزنى سۆكمەڭ>>دىگەن ئەسەرنى يېزىۋاتىمەن.

تاغلار سۇكۈت قىلغانلىقى ئۈچۇن سۇرلۇكتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21072
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3040
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 162 سائەت
تىزىم: 2010-12-6
ئاخىرقى: 2010-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 06:44:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! شېئرىڭىزنى ئىچكەن ئادەمگە ئۇزۇق،قەلىبكە تەسىر قىلغۇچى،نۇرغۇن ھىكىمەتلەر يۇشۇرۇنغان زەمزەمگە ئوخشاتقۇم كەلدى.          شېئرىڭىز قالتىس ۋىجدان ئىگىسىگە،
قۇشۇلمايمىز ئەبىدىل-ئەبەد مەينەت ئەھلىگە.
مايسا كەبى ھاياتلىق تۈگمىدى بىزدە.
مەڭگۈ غالىپ يۈلەنچۈك ھەمىراھدۇر بىزگە.

دۇنيا ئىبىرەتكە تولغان،شۇنداقلا ئىبىرەت ئالمىغانلارنىڭ كۆزيېشىغا تولغان.

bir lukqakman ,sining koqangda

تىرىشچان ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 848
يازما سانى: 481
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16551
تۆھپە نۇمۇرى: 498
توردا: 5770 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 09:20:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشكار ئەپەندىمنىڭ نادىر تىمىسىنى قايتا كۆرگىنىمدىن مىننەتدارمەن.

نادىر تىمىڭىز تېغىمۇ جۇلالانغۇسى.

چ چ :876974497 سىلەرنى بەك سېغىندىم قېرىنداشلىرىم...

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 2272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 221153
تۆھپە نۇمۇرى: 984
توردا: 11540 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 09:42:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتۇر (axkar) نىڭ يازمىسىغا

ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىكەنغۇ ،  ئۇيغۇر ،ئۇيغۇر ، ھەي ئۇيغۇر .....

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

قاچان ئۆزۈمنى مە

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21487
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3273
تۆھپە نۇمۇرى: 212
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 10:41:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياۋ پانا....قاق سەھەردە ئادەمنى قورقۇتۇپ نېمە دەيدىغاندۇ ما ئاداش....
ھەممىمىز ئۆزىمىزنى ۋاقتىدا تېپىۋالايلى جۇمۇ بولمىسا ما ئاداش بىر ياندا قېلىپ دۇنيادىكى ھەممىسى بىزنى پاھىشە دەپ چۈشمىسۇن يەنە...
دەششەت يېزىلغان <قامچىكەن> بۇ.

ئەرلەر قاچان ئۆزىنىڭ ئەرلىك غورورىنى تاپقاندا ،ئاياللارنىڭ نومۇسسىزلىقىدىن زارلانمايدۇ.

كەڭ قۇرساق بولاي

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 2573
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17400
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 5798 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 10:51:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس يېزىلغان ماقالە،شېئىرىڭىزمۇ ھەم.كىشىنى ئويغا سالىدۇ.......ھەممەيلەن سىزنىڭ بۇ نادىر ئەسەرلىرىڭىزدىن زوق ئالغاي،ئىبرەت ئالغاي!!!!!!!!!!!مىللىتىمىزدىن سىزدەك ئوتيۈرەك يازغۇچىلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ئاللادىن تىلەيمەن!ئىشلىرىڭىز ئالغا باسقاي!!!!!!!!!!!! [s:166]

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  ئاتا  قىل  ،  لىكىن  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ھاياتتىن گۈزەلل

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3276
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13683
تۆھپە نۇمۇرى: 521
توردا: 4792 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 10:56:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇخىل تېمىڭىزنى كۈندە بىر تەكرارلىسىڭىزمۇ ئوخشاشلا سۇيۈنۈپ تۇرۇپ كۆرىمىز ،تەشەككۈر،زىل-زىللىرىڭىز يەنە زىل زىلە قىلغۇسى

hijran.net

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 1202
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 79616
تۆھپە نۇمۇرى: 905
توردا: 2761 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-17 11:01:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەردانە ئەپتىم قالدى سادىر بوۋامدىلا،
ۋىجدان سورقى بۇرتۇمنى ھەم قورقىتالماس،
غورۇر دەپ مەيدىمىزگە ئۇرىمىز ھەرچاغ
ئاتالمىش غورۇرۇىمىز بىزدىن ئايرىلالماس،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش