يىپەك يولىدىكى قەدىمىي دۆلەت ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولۇپ، غەربىي شىمالىي قىسمى ئارال دېڭىز بويىغا جايلاشقان . شىمال ۋە غەرب تەرىپى قازاقستان بىلەن چېگرىلىنىدۇ، جەنۇب تەرىپى ئافغانىستان بىلەن، شىمالىي جەنۇبىي تۇركمەنستان بىلەن، شەرقىي قىسمى قىرغىزىستان بىلەن، شەرقىي جەنۇبىي تاجىكىستان بىلەن چېگرلىنىدۇ. ئۆزبېكىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى تولىمۇ ئەۋزەل بۇلۇپ، شەرق ۋە غەرپ ھەم جەنۇپ ۋە شىمال قاتنىشىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان. ئۆتمۈشتە ئۆزبېكىستاندا سودا كارۋانلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن، تۇرلۇك مەدەنىيەتلەر بۇ جايغا مۇجەسسەملەشكەن.
ئۆزبېكىستان سىر ، ئامۇ دەريالىرىنىڭ بويىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەلمىساقتىنلا تۇپرىقى مۇنبەت بولغان. بۇ جايدا دېھقانچىلىق راۋاجلىنىپلا قالماي، سودا – سېتىقمۇ تازا گۇللەنگەن. ئەشۇ سەلتەنەتلىك دەۋرلەرنىڭ شاھىدى بولغان مەشھۇر ئاسارە – ئەتىقىلەر ئۆزبېكىستاننى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ ۋە مەدەنىيىتىنىڭ « تىر ىك كىتابى ۋە مۇزىيى» غا ئايلاندۇرغان.
ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنت ، قەدىمىي شەھەرلىرىدىن سەمەرقەنت ، بۇخارا ۋە خىۋەلەر ئوخشىمىغان دەۋردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ تىپىك ۋەكىلىدۇر. ئۆزبېكىستان ئىسلام قۇرۇلۇشلىرى سانىنىڭ كۆپلىگى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 3- ئورۇندا تۇرىدۇ.
گۈلزارلىق شەھەر تاشكەنت
ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىرىنچى چوڭ شەھەر . تاشكەنت مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردە بەرپا بولۇشقا باشلىغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 262-يىلى پارىس شاھى «ئاتەشپەرەسلىك دىنىنىڭ مۇقەددەس ماكانى» دېگەن كىتاپقا يازغان بېغىشلىمىسىدا تاشكەنت بوستانلىقىنى چاچ دەپ ئاتىغان. مىلادى 6- ئەسىردىكى تۇرك خانلىقى دەۋرىدە ، تاشكەنت يۈكسەك تەرەققىي قىلغان سودىسى ۋە قول سانائىتى بىلەن داڭ چىقارغان ھەم شەرق ۋە غەرب سودىسىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇپ قالغان.
تاشكەنت مىلادى 8- ئەسىردىن باشلاپ مۇسۇلمانلار شەھىرى بولۇشقا باشلىغان، شۇنداقلا قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم سودا تۈگۈنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. «تاشكەنت » دېگەن نام ئەڭ ئاۋۋال 11-ئەسىردىكى ئۆزبەك ئەدىپى ئەبۇ رەيھان بىرۇنىنىڭ ئەسىرى ۋە ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ئۇچرايدۇ. تاشكەنت دېگەن سۆزنىڭ ئۆزبەك تىلىدىكى مەنىسى «تاشلىق كەنت» دېگەنلىكتۇر. تاشكەنت شەھىرى 1220-يىلى چىڭگىزخان ئىمپېرىيىسىنىڭ خەرىتىسىگە كىرگەن. 13-ئەسىردىن باشلاپ ئۇ ئىلگىرى كېيىن بولۇپ پارىس ئېمپىرىيىسىگە ، تېمۇرىيلەر ئىمپىرىيىسىگە، بۇخارا خانلىقىغا ۋە قوقان خانلىقىغا تەۋە بولغان. 1865-يىلى چار روسىيە قوشۇنى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، تۇركىستان رايونىنىڭ پايتەختى بولغان. 1930-يىلدىن باشلاپ تاكى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغىچە ئۆزبېكىستان سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولغان. 1991-يلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىۋارەن ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بولغان.
تاشكەنت ئۆزبېكىستاننىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە قاتناش مەركىزى بولۇپ، شەھەر كۆلىمى جەھەتتە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدە موسكۋا ، سانت – بېتىربۇگ ۋە كىيېۋدىن قالسىلا 4- چوڭ شەھەر. تاشكەنت كونا ۋە يېڭى شەھەر دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۇنگەن. مېچىت ۋە مازار قاتارلىق ئاسارە – ئەتىقىلەر كونا شەھەرگە جايلاشقان.
1966-يلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى سەھەردە تاشكەنت شەھرىدە 7.4بال يەر تەۋرەپ،شەھەر زور دەرىجىدە ۋەيران بولغان. يەر تەۋرەشتىن كېيىن شەھەر قايتا قۇرۇلغان. شەھەر مەيدانىدا بىر ئالاھىدە خاتىرە تېشى بار. بۇ بىر پارچە غايەت زور تۆت چاسا تاش بولۇپ، بىر يۈزىدە يېرىق بار، يەنە بىر يۈزىگە سائەت ئىشكالىلىرى ئويۇلغان بولۇپ، سائەت ۋە مىنىۇت ئىستىرىلكىلىرى 5 تىن 24 مىنۇتنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. بۇ دەل يەر تەۋرىگەن ۋاقىتتۇر.
قايتا قۇرۇلغاندىن كېيىنكى تاشكەنت زامانىۋىي شەھەر بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە گۈلزارلىق شەھەردۇر. شەھەر قۇرۇشلىرى تولىمۇ رەتلىك، كوچىلىرى ئازادە ، ھەممە يەردە ياپ – يېشىل دەرەخلەر قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ، ماڭدامدا بىر فونتالار ئۇچراپ تۇرىدۇ. يېڭى سېلىنغان تىياتىرخانا، تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى، تەنتەربىيە مەيدانى قاتارلىق قۇرۇلۇشلار ۋە ئىگىز قەۋەتلىك بىنالار شەھەر ھۆسنىگە ھۆسن قوشۇپ تۇرىدۇ.
تاشكەنت ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سانائەت شەھىرى بولۇپ، مەملىكەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ۋە توقۇمۇچىلىق ماشىنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدۇر. ئاساسلىق سانائەت تارماقلىرىدىن ئېلىكتىر كۈچى، ئاۋىئاتسىيە، ماشىنىسازلىق، مېتالورگىيە، قۇرۇلۇش ماتېرياللىرى ۋە يېنىڭ سانائەت تارماقلىرى بار. داڭلىق چوڭ كارخانىلاردىن : تاشكەنت چېكاروپ ئايرۇپىلان ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى،« تاشكەنت تەرەكتۇر زاۋۇدى» بىرلەشمە ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى زاۋۇدى، توقۇمىچىلىق زاۋۇدى قاتارلىقلار بار. ئاساسلىق ئېكىسپورت تاۋارلىرىدىن يىپەك، پاختا، ئىلمە – توقۇلما بويۇملار، نېفىت، كۆمۈر، مىس ، گۈڭگۈرت، گۈرۈچ شۇنداقلا تېلىۋىزور زاپچاسلىرى، ماشىنا ۋە تەرەكتۇرلار بار.
تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسلىق قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، موسكۋا ۋە سىبىريەگە بارىدىغان تۆمۈر يوللار، جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە ، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى دۆلەتلەر پايتەختلىرىگە ۋە بېيجىڭغا بارىدىغان ئاۋىئاتسىيە يولى بار. تاشكەنت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىردىنبىر مېترو بار شەھەر بولۇپ مېترو شەھەر ئىچى قاتنىشىنى تولىمۇ راۋانلاشتۇرغان.
تاشكەنتنىڭ مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىمۇ ناھايىتى تولۇق. تاشكەنت شەھرىدە 19 ئالىي مەكتەپ بار ، بۇنىڭ ئىچىدە 1920-يىلى قۇرۇلغان تاشكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ناھايىتى داڭلىق. تاشكەنت شەھرىدە 200 كۈتۇپخانا، 10 تىياتىرخانا ، 8 مۇزېي ۋە كۆرگەزمەخانا بار. تاشكەنت خەلقئارالىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش مەركىزى بولۇپ بۇ شەھەردە ئاسىيا ئافرىقا دۆلەتلىرى كىنو كۆرگەزمىسى ۋە تۈرلۈك خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ.
تاشكەنتتە كوكۇلداش مەدرىسى، كاففال شاش مازىرى، باراقخان مەدرىسىسى، جۇمە مېچىتى قاتارلىق 15- ۋە 16-ئەسىرلەردىكى ئىسلام ئىمارەتلىرى ۋە مازارلار بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى باراقخان مەدرىسى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقستاندىكى مۇسۇلمانلار ئويۇشمىسى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ باش مەھكىمىسىدۇر. تاشكەنتتە ئاسارە ئەتىقىلەر كۆپ بولمىسىمۇ ، لېكىن موزېيلار ۋە ھازىرقى زامان مېمارچىلىقىنىڭ نەمۇنىلىرى كۆپتۇر.
مۇزېيلار: تاشكەنتتە سەنئەت مۇزىيى، تۆمۇريول مۇزىيى ، ئەمىر تۆمۇر مۇزىيى ۋە دۆلەت تارىخ مۇزىيى قاتارلىق كۆپلىگەن مۇزېيلار بار. بۇنىڭ ئىچىدىكى سەنئەت مۇزىيى ، ئەمىر تۆمۇر مۇزىيى ۋە دۆلەت تارىخ مۇزىيى چوقۇم كۆرۈشكە تېگىشلىك جايلاردۇر. ئەمىر تۆمۈر موزىيى 1996-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، شۇ يىلنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن مائارىپ كومىتېتى ئەمىر تۆمۇر يىلى قىلىپ بېكىتكەن. تۆمۈر مۇزېيى ھازىرقى زامان مېمارچىلىقىنىڭ نادىر ئەسىرىدۇر.
ئۆزبېكىستان دۆلەت تارىخ مۇزىيى ئەسلى تاشكەنت ئاممىۋىي موزېيى ئىدى. ئۇشبۇ مۇزېي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ موزېيلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردە تېرمېزدىن ، فاياز توپىدىن تېپىلغان بۇتنىڭ ھەيكىلىمۇ بار. مۇزېيدىكى بىر پارچە رەسىمدىن بۇ رايوننىڭ بۇددا دىنى ۋە ئاتەشپەرەسلىك دىنىدىن ئىسلام دىنىغا ئۆتۈش جەريانىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
خاتىرە مەيدانى: تاشكەنتتىكى ئەڭ ئاساسلىق سەيلىگاھ «خاتىرە مەيدانى »دۇر. 1999-يىلى 3-ئايدا ئۆزبېكىستان زوڭتۇڭى ئىسلام كەرىموف بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، 5-ئاينىڭ 9-كۈنى (ئەسلىدىكى غەلىبە كۈنى)نى «خاتىرە ۋە شەرەپ كۈنى» قىلىپ ئۆزگەرتتى ھەمدە تاشكەنت شەھەر مەركىزىدىكى «نامسىز ئىنقىلاۋىي قۇربانلار مەيدانى» نى «خاتىرە مەيدانى» غا ئۆزگەرتتى. مەيدانغا ھەسرەت چەككەن ئانا ھەيكىلىنى ئورناتتى. بۇ ئارقىلىق فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئىنقىلاۋىي قەھرىمانلارنى ۋە ۋەتەننىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن جان پىدا قىلغان ئەجدادلارنى خاتىرلىدى. ھەسرەت چەككەن ئانا ھەيكىلىنىڭ ئالدىدا مەڭگۈ لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرىدىغان گۈلخان بار. ھەيكەلنىڭ ئىككى قاسنىقىدا مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ياغاچ نەقىشلىق كارىدور بولۇپ، ئۇنىڭدىكى سىموۋول خاراكتىرلىك شەرەپ خاتىرىسىگە فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلارنىڭ ئىسمى ئويۇلغان.
تاشكەنت تېلۋىزىيە مۇنارى: تاشكەنت تېلۋىزىيە مۇنارىنىڭ ئىگىزلىگى374مېتىر بولۇپ ، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ ئىگىز قۇرۇلۇش بولۇپ، دۇنيا بويىچە 9-ئورۇندا تۇرىدۇ. تاشكەنت تېلۋىزىيە مۇنارى تاشكەنتتىكى نامايەندە خاراكتېرلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. تېلۋىزىيە مۇنارى 1978-يىلى سېلىشقا باشلانغان بولۇپ، 1985-يىلى1-ئاينىڭ 15-كۈنى پۇتۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. تېلۋىزىيە مۇنارىنىڭ 100 مېتىردىن 120 مېتىرغىچە بولغان بۆلىكىدە ئايلانما رېستۇران بولۇپ، «قىزىل زال» ۋە «كۆك زال» دەپ ئىككىگە بۆلۇنىدۇ، 120 ئادەم بىرلا ۋاقىتتا تاماقلىنالايدۇ. ئېكىسكۇرسىيىچىلەر تاماق يېگەچ تاشكەنتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى تاماشا قىلالايدۇ
شەرقتىكى رىم سەمەرقەنت شەھىرى
سەمەرقەنت ئۆزبېكىستاننىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بولۇپ، «يەر شارىنىڭ سۇلماس ھۆسنى»، «شەرقتىكى قەدىمىي رىم» ۋە «مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ نۇرلۇق مەرۋايىتى» دېگەن ناملار بىلەن دۇنياغا مەشھۇر. سەمەرقەنت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيادىكى مەدىنىي مىراسلار قوغدىلىدىغان شەھەر قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، 2500 يىللىق تارىخقا ئىگە. ئۇ قەدىمقى يىپەك يولىنىڭ غەربىي بۆلىكىنىڭ تىيانشاننىڭ شىمالىدىكى لىنىيىسىنىڭ چوقۇم ئۆتىدىغان يولىدۇر. شۇنداقلا جەنۇبتىكى قەدىمكى يىپەك يۇرتىدۇر. سەمەرقەنت ھىندى، پارىس ، تۇرك ۋە ئەرەپ مەدىنىيىتىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن. ئۆزبېكىستان زوڭتۇڭى ئىسلام كەرىموف «سەمەرقەنتنى كۆرمىسىڭىز، ئۆزبېكىستاننى كۆرگەندەك بولمايسىز.» دېگەن ئىدى.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 329-يىللىرىدىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا سەمەرقەنت قەدىمدە ماراكاندا دەپ ئاتالغان ، كېيىن ئافراسايىپ دەپ ئۆزگەرتىلگەن . ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ماكىدونىيە شاھى،ئەرەپ خەلىپىسى ۋە چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. جوڭگونىڭ قەدىمقى ئەسەرلىرىدە «كانكىيە»، «كانگو» دەپ ئاتالغان.
سەمەرقەنت مۇنبەت تۇپراق دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى قۇدرەتلىك سوغدىيانا دۆلىتىنىڭ ۋە ئەمىر تۆمۈر ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى بولغان. دەل ئىمپراتور تۆمۈر دەۋرىدە سەمەرقەنت راسا گۈللەنگەن. سەمەرقەنت شەھىرىدىكى شۇنداقلا شەھەر ئەتراپىدىكى كۆپلىگەن ئاسارە – ئەتىقىلەر دەل ئاشۇ سەلتەنەتنىڭ شاھىدىدۇر.
سەمەرقەنت شەھىرى ئەتراپىدىكى خارەت كەنتىدە مۇسۇلمان ئالىم ئىمام بۇخارىنىڭ (بۇخراىي ھەدىسلىرىنىڭ ئاپتورى) مازىرى ۋە مەشھۇر بۇخارى مەسچىدى بار بولغاچقا، بۇ شەھەرنىڭ «شەرقتىكى رىم»، «ئىسلام دىنىنىڭ مەرۋايىتى» دېگەن چىرايلىق نامى بار. سەمەرقەنت دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى ۋە ساھايەتچىلەرنى ھەر زامان ئۆزىگە جەلپ قىلىپ تۇرىدىغان مەدەنىيەت سەيلىگاھىدۇر.
سەمەرقەنت ئۆزبېكىستاندىكى مۇھىم ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركىزى. بۇ شەھەردە ماشىنىسازلىق زاۋۇتى، لېفىت ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى، خىمىيىۋىي ئوغۇت زاۋۇتى، كونسېرۋا زاۋۇتى، ئىلمە – توقۇلما زاۋۇتى، چاي زاۋۇدى، ئاياق زاۋۇتى، ئۆي جاھازلىرى زاۋۇتى بار. بۇ يەرنىڭ قول – ھۇنەرۋەنچىلىك بويۇملىرىدىن قولدا توقىغان گىلەم بىلەن ساپال قاچا – قۇچىلار ناھىيىتى داڭلىق. سەمەرقەنتنىڭ ساپال قاچا – قۇچىلىرى بىر خىل مۇسۇلمانچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ساپال قاچا – قۇچا بولۇپ، ئۇلارغا قارا ، قىزىل ۋە ناۋاترەڭ تەگ رەڭ قىلىنىپ، ئۈستىگە يېشىل ، سېرىق ، ھال ۋە قوڭۇر رەڭدە نەقىش بېرىلىدۇ. ئەڭ داڭلىقى شۇنداقلا ئەڭ قەدىمىيسى ئاق ساپالنىڭ ئۈستىگ قارا رەڭدە ئەرەبچە ئايەتلەر ئويۇلغان ساپالدۇر.
سەمەرقەنت شەھرىنىڭ ھەممىلا جايىدا ئوپىرا تىياتىرخانىسى، بالىت تىياتىرخانىسى ، دىراما تىياتىرخانىسى ۋە مۇزىكا زالى قاتارلىق مەدەنىيەت ئورگانلىرى بار. ئۇنىڭدىن سىرت، سەمەرقەنتتە يەنە ئۆزبېكىستان بويىچە تارىخىي ئەڭ ئۇزۇن بولغان دۆلەت مەدەنىيەت ۋە سەنئەت مۇزىيىمۇ بار. 1997-يىلدىن ئېتىۋارەن سەمەرقەنتتە ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم «خەلقئارالىق شەرق مۇزىكا بايرىمى» ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.
سەمەرقەنتتىمۇ ئالىي بىلىم يۇرتلىرى كۆپ. بۇ شەھەردە 5 ئالىي مەكتەپ، قاراكۆل قوزىسى تەتقىقات ئورنى ۋە ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادىمىيىسى ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى بار. ئۇندىن سىرت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بىۋاستە قاراشلىق خەلقئارا ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئىنىستىتۇتىمۇ سەمەرقەنت شەھرىدە.
سەمەرقەنت شەھىرى ئىسلام قۇرۇلۇشلىرىنىڭ مۇزىيىدۇر. ئۇشبۇ شەھەردىكى مەسچىت، مەدرىس ۋە مازالار ئىسلام مىمارچىلىقىنىڭ جەۋھەرلىرىدۇر.
رېگىستان مەيدانى
رېگىستان مەيدانى: رېگىستان قۇملۇق يەر دېگەنلىك بولۇپ ، ئۇ قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم سودا مەركىزى ئىدى. تۆمۇرىيلەر دەۋرىدە، بۇ جايدىكى 6 چوڭ كوچا ھەر تەرەپككە تۇتىشاتتى. ئەمىر تۆمۈر 1409-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى بۇ جاينى تەدرىجى ئىسلام مەدىنىيىتىنىڭ مەركىزىگە ئايالاندۇرغان. رېگىستان مەيدانىنىڭ غەربىدىكى ئۇلۇغبەگ مەدرىسى 1420-يىلى سېلىنغان. چات ئارىسى 15مېتىر كېلىدىغان ئەگمە ئىشىك ئۈستىگە گۈللۈك نەقىش چۈشۈرۈلگەن. ئۇلۇغبەك ئىلگىرى بۇ يەردە دەرس ئۆتكەن. رېگىستان مەيدانىنىڭ شەرقىدىكى شىر – دور مەدرىسى 1636-يىلى سېلىنغان. ئەگمە ئىشىكنىڭ ئۈستۇنكى قىسمىنىڭ ئوڭ سول تەرىپىگە ئىككى يىلپىزسىمان ھايۋان سىزىلغان بولۇپ، ھايۋاننىڭ دۇمبىسىىگە ئادەم بېشى سىزىلغان.ئەگمە ئىشىكتىكى ھايۋان ۋە ئادەم بېشىنىڭ سۇرىتى ئىسلام دىنىنىڭ ھايۋان ۋە ئادەم رەسىملىرىنى سىزىشنى چەكلەش پەرھىزىنى بۇزۇپ تاشلىغان. رېگىستان مەيدانىنىڭ شەرقىدىكى تىللا قارى مەدرىسى 1660-يىلى سېلىنغان. تاملىرىغا گۈل – گىياھلار نەقىشلەنگەن. رېگىستان مەيدانىدىكى ئۇچ مەدرىس ئوخشىمىغان دەۋرلەردە سېلىنغان بولسىمۇ، ئۇسلۇبى بىر – بىرىگە ناھايىتى ماسلاشقان. بۇ قۇرۇلۇشلارنى ئوتتۇرا ئەسىر مېمارچىلىقىنىڭ نادىر ئەسىرى دېيىشكە بولىدۇ.
شىر –دور مەدرىسى
بىبى خانىم مېچىتى: رېگىستان مەيدانىغا يېقىن جايدا بىبى خانىم مېچىتى قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ. بۇ ئىمارەتكە كۆك، سۇس يېشىل ، سېرىق ۋە كۈمۈش رەڭلەردىن ھەر خىل نەقىشلەر ئويۇلغان بولۇپ تولىمۇ نەپىس. مېچىت ئىشىكىنىڭ ئىگىزلىكى 35 مېتىر بولۇپ، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مېمارچىلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئىدى. 1897-يىلقى يەر تەۋرەشتە ئىشىكنىڭ مەلۇم جايلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.بىبى خانىم مېچىتى ئىلگىرى ئىسلام دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ چىرايلىق مېچىت دەپ تەرىپلەنگەن.
شاھى زىندا ئىمارەت توپى :
شاھى زىندا ئىمارەت توپى 14- ۋە 15-ئەسىرلەردە سېلىنغان بولۇپ، ئون ئۈچ قەۋرە ۋە بىر مېچىتتىن تەركىپ تاپقان. بۇ يەرگە سەمەرقەنت ھۆكۈمرانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ۋە مۇھەممەد ئەلايھىسالامنىڭ نەۋرە ئىنىسى كۈسەم ئىبن ئابباس دەپىن قىلىنغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا 8-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ، كۈسەم ئىبن ئابباس تۇنجى تۇركۇمدە ئوتتۇرا ئاسىيا كېلىپ دىن تارقاتقان، ئۇ سەمەرقەنتتە دىن تارقىتىۋاتقاندا باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۇرۋېتىلگەن. بۇ زاتنى خاتىرلەش ئۈچۈن سەمەرقەنت ھۆكۇمرانلىرى ئۆزلىرى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ قەۋرىسىنى كۈسەم ئىبن ئابباس قەۋرىسىنىڭ يېنىغا ياساتقان. ئىمپىراتور تۆمۈرنىڭ خانىشى ۋە جىيەن قىزىنىڭ قەۋرىسىمۇ مۇشۇ يەردە. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ئېمپىراتور تۆمۇرنىڭ جىيەن قىزى تۇركەن تولىمۇ ئەقىللىق ۋە تەڭداشسىز گۈزەل بولۇپ، تۆمۈر ئۇنىڭغا قەۋەتلا ئامراق ئىكەن. لېكىن ئۇ 16ياشقا كىرگەن يىلى ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئىمپىراتور تۆمۈر يارلىق چۈشۈرۈپ ئۇنىڭ قەۋرىسىنى ناھايىتى چىرايلىق قىلىپ ياساشنى بۇيرۇپتۇ. شۇڭلاشقا تۇركەننىڭ قەۋرىسى ئەڭ ھەشەمەتلىك ۋە ئەڭ كۆركەمدۇر.
گور ئەمىر مازىرى : سەمەرقەنتتىكى ئەڭ داڭلىق ئاسارە – ئەتىقە گور ئەمىر مازىرىدۇر. بۇ يەرگە ئىمپىراتور تۆمۇر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى دەپن قىلىنغان. بۇ مازار ئەڭ دەسلەپتە يەنى 1403-يىلى توساتتىن ئۆلۈپ كەتكەن مۇھەممەت سۇلتاننىڭ (ئىمپىراتور تۆمۈرنىڭ ئوغلى) قەۋرىگاھى ئىدى، كېيىن ئىمپىراتور تۆمۈر ئائىلىسىنىڭ قەۋرىگاھىغا ئايلانغان. مازارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ھەيۋەتلىك ، رەڭدار بولۇپ، شەرق مېمارچىلىقىنىڭ روشەن ئالاھىكىلىكىگە ئىگە. ئۇنىڭ غايەت زور كۆك قۇببىسى ، مەيلى يىراقتىن نەزەر تاشلاڭ ياكى يېقىندىن قاراڭ كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى ، يىراقتىن قارىسا غايەت زور قۇببە ئىككى ياندىكى مۇناردىن ئىگىز كۆرۈنىدۇ. لېكىن مازار ئىچىگە كىرىپ مەيلى قانداق قارىماڭ، ئىككى مۇنار ھامان قۇببىدىن ئىگىز كۆرۈنىدۇ. بۇ تا ھازىرغىچە مېمارچىلىق ساھەسىدىكى سىر بولۇپ كەلمەكتە.
گور ئەمىر مازىرى
مازار ئىچىدىن قۇببە ۋە مۇنارغا قارىغاندىكى كۆرۈنۈش
گۆر ئەمىر مازىرىنىڭ ھەيۋەتلىك ئىشىكىدىن كىرىشىگىلا، ئازادە ھويلا كۆزگە چېلىقىدۇ. ھويلىنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئاساسلىق خانە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇستى گۈمبەز شەكلىدە.گۈمبەزنىڭ ئىچى ۋە تېشى ئاجايىپ گۈزەل نەقىشلەنگەن. مازارنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىموۋول خاراكتىرلىق 9 قەۋرە قويۇلغان بولۇپ، ھەقىقىي جەسەت بار قەۋرىلەر يەر ئاستىدىكى خانىدە. بۇ يەرگە ئەمىر تۆمۇر، تۆمۈرنىڭ ئىككى ئوغلى، ئىككى نەۋرىسى ( بۇنىڭ بىرسى ئۇلۇغبەگ )، ئۇلۇغبەگنىڭ ئىككى ئوغلى، تۆمۈرنىڭ دىنىي ئۇستازى ۋە سالاھىيىتى ئېنىقلانمىغان بىر كىشى دەپنە قىلىنغان.
ئۇلۇغبەگ رەسەتخانىسى : ئۇلۇغبەگ رەسەتخانىسى سەمەرقەنتنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان . ئۇ ئۇچ قەۋەتلىك يۇمۇلاق ئىمارەت بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆزگىچە 40 مېتىرلىق مەر مەر تاشتىن ياسالغان ئاستىرونومىيە سايمىنى بار . ئۇ يەر يۈزىدىن 11مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى، كەڭلىكى 2 مېتىرلىق يانتۇ ئورەككە جايلاشتۇرۇلغان، مەلۇم قىسمى سىرتقا چىقىپ تۇرىدۇ. ئورەكنىڭ ئۈستى ئۇلۇغبەگ رەسەتخانا مۇزىيى. ئۇلۇغبەگ تۈزگەن «يېڭى ئاسترونومىيە جەدۋىلى»دە، ئەينى ۋاقىتتىكى ئاسترونومىيە بىلىملىرى بايان قىلىنغان ھەم 1018 يۈلتۇزنىڭ ئورنى بېكىتىلگەن. ئۇلۇغبەگ ھىساپلاپ چىققان بىر يىل 365 كۇن 6 سائەت 9 مىنۇت 9.6 سېكۇنت بولۇپ، ھازىرقى زامان ھېسابلاش نەتىجىسىگە تولىمۇ يېقىن كېلىدۇ.
ئۇلۇغبەگنىڭ يۇلتۇزلار ئورنىنى بېكىتىش رەسىمى
مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلىرى مۇنبىرى
مەنزىل:http://uyghur.xjass.com/uyghur/c ... 4/content_61100.htm