|
|
|
|
بۇ يانتۇ ئېكرانلىق ھەرىكەتلىك ئويۇن. ئىچىدىكى پىرسوناژمۇ ئوماققىنە چاسا شەكىللىك كارتون بولۇپ، بۇ پىرسوناژنىڭ ئالەم كىمىسى بۇلاڭچىلىققا ئۇچرايدۇ. شۇڭا سىز بۇ پىرسوناژنىڭ رولىنى ئېلىپ دۇنيانى <<قۇتقۇزىسىز>>. بۇ ئويۇن 20 ئۆتكەللىك بولۇپ، ئوخشاشىمىغان سىرتقى ئالەم بوشلۇقىدا ھەرخىل دۈشمەنلەر (ئادەملەر ۋە ماشىنا ئادەملەر) گە ھەرخىل قورال-ياراق، ئوق-دورىلارنى سېتىۋىلىپ قەدەممۇ قەدەم يېڭى ئۆتكەل ۋە يېڭى ئويناش ئۇسۇللىرى ئاچىسىز. ئويناش ئۇسۇلى ئۇنچە قىيىن ئەمەس، ئەگەر پىرسوناژ مەغلۇپ بولسا يەنە جايىدىنلا داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. iPod touch ، ئايفون ۋە ئايپەدلەردە ئويناشقا ماس كېلىۋېرىدۇ.
ئويۇن كۆرىنىشىدىن بىر-ئىككى پارچە رەسىم كۆرۈپ باقايلى:
ئويۇن ئىسمى : Project Peril
ياسىغان شىركەت : Nicholas Chou (ئەمەلىيەتتە بۇ شىركەتمۇ ئەمەس، ئىشقىلىپ مۇشۇ ئادەم ياساپتىكەن)
قوللايدىغان سۇپا : Open Feint
چوڭلۇقى : 35 MB
ئەسكەرتىش: بۇ ئويۇننىڭ ھەقسىز تارقىتىش مۇددىتى ناھايىتى قىسقا بولغاچقا بەلكىم سىز چۈشۈرمەكچى بولغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. بىز ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھەقسىز مەنبەلەر بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىمىز. ئەگەر ھەقسىز چۈشۈرۈش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن بولسا بۇنىڭغا ئامال يوق. بۇ خىل ئاۋارىچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دىققىتىڭىز دائىم پاسىبان كۇلۇبى ئايفون مەزمۇنىدا بولسۇن.
تەۋسىيە: ئەگەر سىز ئايفون ئارقىلىق WiFi سىمسىز تورى بىلەن پاسىبان كۇلۇبىنى زىيارەت قىلىپ ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىۋاستە چەكسىڭىز ئۇ چاغدا بۇ ئويۇننى ئايفونىڭىزغا بىۋاستە قاچىلىيالايسىز. ئۇلانما ئايفوندا سىناق قىلىندى.
ئويۇننى ھەقسىز چۈشۈرۈش ئادىرسى: http://www.pasiban.com/20101218212.html
|
|
|
|
|
|