مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2083|ئىنكاس: 17

قەشقەرگەكىلىپ قالسىڭىز ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۈمەن مەن ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 1288
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 21398
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 1205 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-20 04:43:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر قەشقەر شەھىرىگە كىلىپ قالسىڭىز بۇ ئۈستى ئوچۇق مۇزىينىڭ تۆۋەندىكى مەن تونۇشتۇرغان يەرلىرىنى كۆرۈشنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭ مەن مىسرانىم مۇنبىرىدىكى تورداشلارنىڭ قەشقەر توغرىسىدا يوللىغان بارلىق رەسىملىرىنى يىغىپ بۇ تېمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ،رەسىمىنى رۇخسەتسىز ئىشلىتىۋالغان تورداشلار خاپا بولمىغايسىلە .


1.قەشقەر ھېيىتگاھ جامەسى .
قەشقەرگە كەلگەن ئىكەنسىز بىرىنجى بولۇپ ھېيتىتگاھ جامسىنى زىيارەت قىلىشنى ئۇنۇتماڭ .
ھېيىتگاھ جامەسىنىڭ ئومومى چۈشەندۈرۈلۈشى .
ھېيىتگاھ جامەسى قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ تارىخىي خاتىرىلەر ۋە رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئورنى بۇندىن بەش ئەسىر بۇرۇن ئىچكىرىكى شەھەرنىڭ غەرب تەرىپىدىكى قەبرىستانلىق ئىدى. مىلادى 1442- يىلى قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان ھاكىم بەگ- ساقىت مىرزا ئۆزىنىڭ ۋاپات بولغان ئۇرۇق- جەمەتلىرىنى مۇشۇ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلغان. ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن ھازىرقى ئىچكىرىكى مەسچىت ئورنىدا بىر كىچىك مەسچىت سالدۇرغان. تۇنجى مەسچىت ياسىلىپ ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى ئۇبۇل ھادى بەگنىڭ تاغىسى مىرزا ئەزىز ۋەلى دېگەن كىشى ۋاپات بۇلۇپ مۇشۇ ئۇرۇنغا دەپنە قىلىنغان. ھىجىرىيىنىڭ 944- يىلى (مىلادى 1558- يىلى) ئۇبۇل ھادى بەگ مەسچىتنى كېڭەيتىپ يېڭىباشتىن ياساتقان ھەمدە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان ئادەتتىكى مەسچىتنى جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان جامە قىلىپ ئۆزگەرتكەن. مىلادى 1787- يىلى (ھىجىرىيە 1201- يىلى) يىڭى شەھەر ناھىيە خانئېرىق يېزىسىدىن زۇلپىيە خېنىم مەككىنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن توپلىغان پۇلنى سەرپ قىلىپ ھېيتگاھ جامەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ يېڭىباشتىن ياسىغان. خىخ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان تۇرپانلىق ئىسكەندەر ۋاڭ ھايات تۇرۇپ ئۆزىگە، ھىجىرىيىنىڭ 1224- يىلى (مىلادى 1809- يىلى) شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى پايناپ يېزىسىغا ھەشەمەتلىك گۈمبەز ياساتقان. بۇ گۈمبەزنى خەلققە ئېغىر ئالۋاڭ سېلىپ ياساتقانلىقتىن، خەلقنىڭ نارازىلىقى غەزەپكە ئايلىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئىسكەندەر ۋاڭ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ھېيتگاھ جامەسىنى رېمونت قىلىپ كۆل چاپتۇرغان، ئېرىق ئېلىپ، سۇ باشلاپ كىرىپ ئورمان بىنا قىلغان.

ھىجىرىيىنىڭ 1235- يىلى (مىلادىنىڭ 1820- يىلى) قەشقەردە قاتتىق يامغۇر يېغىپ جامەنىڭ تورۇس- تاملىرى زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، نىدىر خوجا ئەبرىشىمكا دېگەن كىشى ئۇمۇميۈزلۈك رېمونت قىلدۇرغان. ھىجىرىيىنىڭ 1255- يىلى (مىلادىنىڭ 1839- يىلى) قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى زوھورىدىن بەگ قەشقەرنىڭ تاشقىرىقى شەھەر دەپ ئاتالغان قىسمىغا سېپىل سوقتۇرۇپ شەھەرنى كېڭەيتكەن. شۇ چاغدا جامەنى سۈپەتلىك قىلىپ رېمونت قىلدۇرغان. خىخ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىملىرىدا شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان بەدۆلەت (ياقۇپ بەگ) خەلقنىڭ ماھىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆپلىگەن مەسچىت، مەدرىس، مازارلارنى ياساتقان. شۇ جۈملىدىن ھىجىرىيىنىڭ 1290- يىلى (مىلادىنىڭ 1872- يىلى) ھېيتگاھ جامەسىنى كېڭەيتىپ باشقىدىن قەمىر قىلىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلتۈرگەن. بۇ جامەنىڭ غەربىي تەرىپىنى مەسچىت، شەرق تەرصپىنى مەدرىس قىلىپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ، مەدرىس قىسمىنىڭ شىمال، شەرق ۋە جەنۇب تەرەپلىرىگە 24 قاتار 72 ئېغىزلىق ھۇجرا، شەرقىي شىمال تەرىپىگە 100 دىن ئارتۇق كىشى سىغىدىغان مۇنچا، مۇنار، گۈمبەز، پەشتاق، دەۋازا قاتارلىقلارنى ياساتقان. شۇنىڭ بىلەن ھېيتگاھ جامەنىڭ ھازىرقى ھالىتى شەكىللەنگەن.  
ھىجىرىيىنىڭ 1320- يىلى (مىلادىنىڭ 1903- يىلى) قەشقەردە قاتتىق يەر تەۋرەش ① زىلزىلىسى يۈز بېرىپ، جامەنىڭ تاشقىرىقى مەسچىت قىسمىغا خېلى دەرىجىدە زەخىم يېتىپ بەزى تاملىرى ئۆرۈلگەن، مۇنار زەخىملەنگەن ئىدى. لېكىن ھىجىرىيە 1322- يىلى (مىلادىيە 1905- يىلى) قەشقەرنىڭ ئاتاقلىق بايلىرىدىن «ئاخۇن باي» دەپ ئاتالغان تۇردى باي ھاجىم بىلەن كىرىم ئاخۇن بايۋەچچىلەر تەرىپىدىن قايتا رېمونت قىلىنغان.

ھىجرىيىنىڭ 1352- يىلى (مىلادى 1934- يىلى) قەشقەرنىڭ مائارىپ ئىدارە باشلىقى ئابدۇكېرىم خان مەخسۇمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رېمونت قىلىنىپ، دەرەخلەر تۇلۇقلاپ قويۇلغان، كۆللەر قايتا چېپىلغان. كۆللەرنىڭ ئەتراپىغا رىشاتكىلار ئورنىتىلغان.
ھىجرىيىنىڭ 1354- يىلى (مىلادى 1936- يىلى) قەشقەردە «ئىسلامى مەدرسى»- مەسچىت ھەيئىتى قۇرۇلۇپ، بىر قېتىم رېمونت قىلدۇرۇلغان. جامەنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرىپىگە ئىككى يان دەرۋازا ئېچىلىپ، كىرىپ- چىقىش راۋانلاشتۇرۇلغان.   
ھىجرىيىنىڭ 1355- يىلى (مىلادى 1937- يىلى) شەھەر كوچىلىرىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىدە جامەنىڭ شەرق تەرپىدىكى 24 ئېغىزلىق ھۇجرا بىلەن مۇنچا چېقىۋېتىلگەن. تام ئورنىغا سالاسۇنلۇق رىشاتكا بېكىتىلگەن.
ئازادلىقتىن كېيىن جامەنىڭ يېڭى باھارى باشلاندى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بۇ جامەنى «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان ئۇرۇن» قىلىپ بىكىتىپ بىر قانچە قېتىم چوڭ- كىچىك رېمونت قىلدۇردى. 1955- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندا كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ چوڭ كۆلەمدە رېمونت قىلىپ سىرلاپ، ئاقارتىپ تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى. 1983- يىلى 100 مىڭ يۈئەن ئاجرىتىپ جامەنى چوڭ رېمونت قىلدى. جامەگە تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنى بېكىتىپ، ئىگىدارچىلىقنى كۈچەيتتى. s@{~8cHgU  
ھازىر ھېيتگاھ جامەسى ۋە مەيدانى يالغۇز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى مىللەتلەرنىڭ دىنىي- مەدەنىي پائالىيەت مەركىزى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئېكىسكۇرىسىيە ۋە زىيارەت سورۇنىغا ئايلاندى. 
قەشقەر شەھىرى ئېچىۋېتىلگەن ئوچۇق شەھەر قىلىپ ئېلان قىلىنغاندىن بىرى ئىسلام دۆلەتلىرىدىن كەلگەن دوستلار ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلىرىنىڭ قەشقەرگە كېلىشى بىلەن ئالدىن زىيارەت قىلىدىغان ئورنى ھېيتگاھ جامەسى بولماقتا، بۇ جامەنىڭ ئورنى، ئابرويى تېخىمۇ يۇقصرى كۆتۈرۈلمەكتە .
ھېيىتگاھ جامەسى كۆرۈنۈشلىرى .
 








سىز   قەشقەرلىكمۇ   ياكى قەشقەرگە بارغانمۇ ؟ئۇنداقتا ھىيېتگاھ جامەسىنىڭ تۈرىكى قانچە بۇ سۇئال چوقۇم ئۇچرايدۇ .
مەن ساناپ باققان جەمئى 144دانە تۈرۈكتىن تەركىپ تاپقان .





2.ئىپارخان ساياھەت باغچىسى (ئاپپاق خوجا قەبرىگاھى )

قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقى شىمالىغا جايلاشقان ئاپپاق خوجا مازىرى ،ھازىرقى ئىپارخان سەيلىگاھى ،ئۆزگىچە گۈزەللىك ،ئالاھىدە مەنزىرىگە ئىگە ساياھەت ئورنى ھىسابلىنىدۇ ، مەنزىرە نۇقتىسى ئەتراپى خۇددى يىگانە ئارالدەك ئادەمگە سىھىرلىك تۈس بىرىدۇ ،قەبرىگاھ ئىچى ئۇيغۇر مىللىى ھۈنەر سەنئىتىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدۇ .قەبرىگاھ يىنىدا يەنە قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ قەبرىسى بار .
قەبرىگاھتىن كۆرىنىشلەر .
  

   

          










قەبرىگاھ يىنىدىكى   قەبرە شەكىللىك ئۆي


تارىخى ئۇزۇن دەرەخ.



3-مەڭگۈلۈك تېمام تۈمىن دەرياسى ۋە تۈمەن كۆل باغچىسى .
تۈمەن دەرياسى قەشقەر شەھرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كىسىپ ئۆتىدىغان ئۇلۇغ ئانا دەريا   قەشقەرنىڭ قان-ياشلىق تارىخىغا گۇۋاھ .
تۈمەن دەريا مەنزىرىلىرى .
مۇڭلىنىپ ئىقىۋاتقان تۈمەن .


تۈمەن دەريا بويىدىكى غىرىبانە بوۋاي .


كەلسىلە ،ساقاللىرىنى ئىلىپ قوياي


بۇلغانغان بۇلاق .


تۈمەن كۆل باغچىسى









4.بۇلاقبىشى   سەكسەن پەشتاق  جانقورغان .

بۇ قەدىمى قۇرۇلۇشلارنىڭ تارىخىنى 10-ئەسىرلەردىن سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ ،بۇ يەرلەر قەشقەر شەھىرىنىڭ دەسلەپكى ئۇلى گۈللەنگەن يەرلىرى .
بۇلاقبىشىدا نۇرغۇن ئۆزلىكىدىن ئىتىلىپ چىقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلار بولۇپ سۈيى ناھايىتى شىرىن ھەم لەززەتلىك لىكىن ھازىر قەشقەر شەھىرى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىش باسقۇچىدا بولغاچقا بۇ بۇلاقلار چالما كىسەكلەر ئاستىدا قالدى .
بۇلاقبىشى ئەتراپىدىن بىر كۆرۈنۈش .


بۇلاقبىشى يىنىدىكى  سەكسەن پەشتاق .


جانقورغان .

5-يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى .
يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزى قىسمىغا ،ئومۇمى خەلق بەدەن چىنىقتۇرۇش مەيدانىنىڭ ئارقىغا جايلاشقان مەدىنىيىتىمىزگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان بۇ يىگانە ئالىمنىڭ قەبرىسى تىمتاسلىق ئىچىدە جىمجىت ياتماقتا .
يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى كۆرۈنىشلىرى .














6-<يىڭى بازار>ئىككى ئاسىيا سودا بازىرى .
قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان يىڭى بازار جەنۇبى شىنجاڭ ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيادا داڭلىق سودا بازىرىبولۇپ ئۇنۋىرسال مەسھۇلاتلارنى توپ-پارچە تارقىتىدىغان كۆلەملەشكەن سودا ئورنى بۇ بازار يەكشەنبە كۈنلىكى ئالاھىدە قىززىپ كىتىدىغان بولۇپ قىستاڭچىلىق دەستىدىن پۇتىڭىزنى قويغىلى يەر تاپالمايسىز .
يىڭى بازار كۆرۈنۈشلىرى .














7-ئابدۇقادىر داموللام بىننى ئابدۇلۋارىس قەشقەرى مەقبەرىسى .
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئويغىتىش ھەركىتىنىڭ يولباشچىسى بولغان دەۋرنىڭ سەركە ئالىمى ئابدۇ قادىر داموللام قەبرىسى ھازىرقى شەھەرلىك  پاراۋانلىق مەكتەپ ئالدىدىن ھەزرەت قەبرىستانلىقىغا كىرىدىغان چىغىر يول بويىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن .
ئابدۇقادىر داموللام قەبرىسى .




ھەزرەت چوڭ قەبرىستانلىقىدىن بىر كۆرۈنۈش .





8-قەدىمى سىپىل .

19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھۆكۈمرانى زوھۇرىدىن ھاكىمبەگ تەرىپىدىن سوقتۇرۇلغان قەدىمى شەھەر سىپىلى ھازىرمۇ ئۆز ھاياتى كۈچىنى يوقاتماي قەشقەر زىمىنىدا پۇت تىرەپ تۇرماقتا ،ھازىرقى ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى ۋە مەلۇم قۇراللىق قىسىم بۇ سىپىل ئىچىدە بولۇپ سىپىلنىڭ ئىگىزلىكى 10مىتىر ئەتراپىدا قىلىنلىقى 4مىتىردىن 6مىتىر ئەتراپىدا .
سىپىلنىڭ غەربى تەرىپىدىكى دەرۋازىسى .




9-ئارسىلانخان قەبرىستانلىقى .

سۇلتان سۇتۇق بۇغراىاننىڭ نەۋرىسى ،ئەلانۇرخاننىڭ ئوغلى سىيىت ئەلى ئارسىلانخان مىلادى 990-يىلىدىن 997يىلغىچە قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بولغان مىلادى 997-يىلدىكى دىنى ئۇرۇشتا شىھىت بولۇپ بىشى ھازىرقى ئوردا خنىمغا گەۋدىسى ھازىرقى دۆلەتباغ يىزا ئارسىلانخان كەنتىدىكى ئارسىلانخان مازىرىغا
دەپنە قىلىنغان .بۇ قەبرىستانلىق ئىگىز بىنالار بىلەن قورشالغان .

سىيىت ئەلى ئارسىلانخان قەبرىسىدىن كۆرۈنۈشلەر .



ئەلەنۇرخان قەبرىسى















بۈگۈنچە مۇشۇنچىلىك ساياھەت قىلىپ تۇرۇڭ .قالغىنىنى باشقا تورداشلار يوللاڭلار .
ئەلۋەتتە بۇ قەشقەرشەھىرىنىڭ كىچىككىنە كارتىنىسى قەشقەرگە كىلىپ قالسىڭىز بۇنى چوقۇم ھېس قىلىسىز قىنى باشقا تورداشلارمۇ ھە-ھۇ دەيلى .


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
matimatika + 100 ئەجىر

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

تۈمەن مەن ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1691
يازما سانى: 1288
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 21398
تۆھپە نۇمۇرى: 970
توردا: 1205 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-20 06:22:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەھرىرلىۋەتتىم قىنى باشقا تورداشلارمۇ ھە-ھۇ دەيلى

قەشقەرنىڭ كۆزيىشى مىنىڭ كۆزيىشىم، قەشقەرنىڭ چۆكۈشى مىنىڭ قىسمىتىم .

تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 3339
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 116820
تۆھپە نۇمۇرى: 2177
توردا: 12830 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-20 07:02:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپپاق غوجا مازىرى بىلەن قەبرىستاندىن باشقا ھەممە يەرگە بېرىپتىمەن. قارىغاندا توغرا قىپتىمەن ،ھە.   ئاۋۇ غېرىبانە بوۋاي دېگەن رەسىمدە سېتىۋاتقان بويۇملارنى ئىزەپ تاپالمىغان. ئېسىت. ئەمدى ئۇچراۋاتىدۇ.
قەشقەرنىڭ ياخشى يەرلىرىگە بارالىغىنىمدىن خۇشالمەن.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13211
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 8081 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-20 07:08:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەرگە بارمىغىنىمغا 5يىل بولۇپتۇ ،يەنە بىر كۆرۇش ئارزۇيۇم بار.

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئانا تىلىمىزنى قوغدايلى!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5872
يازما سانى: 1304
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 10664
تۆھپە نۇمۇرى: 546
توردا: 5719 سائەت
تىزىم: 2010-8-8
ئاخىرقى: 2013-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-20 07:10:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |





روھىمىز سۇلمىسۇن دىسەڭلار تارىخ ئۈگىنىڭلار، قەددىمىز سۇلمىسۇن دىسەڭلار ھۈنەر ئۈگىنىڭلار!  ( ---- سوپاخۇن ئۇيغۇر گېنىرال)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2181
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8218
تۆھپە نۇمۇرى: 749
توردا: 8244 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-20 07:12:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزىزانە قەشقەر ، تارىخنىڭ كۈلپەتلىرىگە گۇۋاھ قەشقەر ، قەشقەر ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئېقتىسادىي ، مەدىنىيەت مەركىزى .
قەشقەر ھەقىقەتەن ئىسىل ، گۈزەل يۇرت .
ئۇيغۇر تارىخىغا ، ۋەكىللىك قىلىدىغان يۇرت،
ھازىر قەشقەر كونا شەھەر رايۇنى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چېقىلىپ ، كېتىلىۋاتىدۇ ،
ھۆكۈمەت كونا شەھەر رايۇنىنى چاقماي ، يېڭى شەھەر سالغۇسى كەلسە ، شەھەرنى كېڭەيتكۈسى كەلسە ، ئەتراپىدىكى يىزا -قىشلارغا ، تېرىلغۇ يەرلەرگە كېڭەيتسە بولاتتى.
كونا شەھەر قەدىمىي شەھەر ، ئاسار-ئەتىقە سۈپىتىدە ساقلىنىپ قىلىنغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى ......!!!

ئەزىز يۇرت قەشقەر ، گۈزەل يۇرت قەشقەر .

ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا ساپ ئىمان - ئېتىقاد ، كۈچ-قۇۋۋەت ، ئەقىل-پاراسەت تېلەيمەن . . .  !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 961
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10190
تۆھپە نۇمۇرى: 449
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2014-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-20 07:14:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
يۇرتۇمنىڭ كۆپ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈپ ، كۆزلىرىمگە ياش كەلدى. رەسىم بولسىمۇ كۆرۈپ تۇراي. ھازىرلا بارغۇم كېلىۋاتىدۇ. ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن . يەنە يوللاپ تۇرۇڭ. باشقا مەھەللەرنىڭ رەسمى بولسىمۇ يوللاپ قويسىڭىز. بايام كىرسەم خەتلەر ۋە سۈرەتلەر شۇنداق چىرايلىق چىققان ئىدى. ھازىر خەتلەرنىڭ ئاخىرىنى كۆرگىلى بولمىدى.

jiksandisunapan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-20 07:57:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2653
يازما سانى: 1066
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15431
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 3356 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2013-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-20 08:09:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭمۇ تەپسىلىي كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى قەشقەرنى.بۇ رەسىملەردىنمۇ قانغۇچە ھوزۇرلاندىم،رەھمەت سىزگە!

قىلغان ئىشىڭغا مىننەت قىلما!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18939
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6597
تۆھپە نۇمۇرى: 302
توردا: 1415 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-20 08:18:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن جىق يەرلىرىگە بارغان

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش