ئوھوي مەن ئۆزۈمنى بىلمەي بۇ تېمىغا كىرۋاپتىمەن ......چوڭلار ئەدەپسىزلىكىمنى كەچۈرۈڭلار ،،،،،،،ئەمىليەتتىغۇ مەن چوڭلارنى ناھايتى ھۆرمەت قىلاتتىم بىراق مەن ئۇزۇندىن بېرى كۆرۈشۈپ بولالمىغان مىسرانكام بۈگۈن ئاران بىر چىققاندا ئەتگەندە بىر كۆرۈشۈپ قولىنى چىڭ بىر تۇتىۋالاي دەپ شۇڭا يۈزۈمنىمۇ يۇيمايلا يۈگۈرۈپ كىردىم ......
ئۇنداقتا قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ مىسرانكانمنىڭ بىز ئۈچۈن تەييارلىغان سورۇنىغا ئازىراق بىر نەرسە سۇناي ،،،،،،
....ئەسلىدە سورۇنغا قۇرۇق كېلدىغان ئادىتىمغۇ يوقتى ،،،، نەچچە كۈندىن ياقى كۈلقىز ماڭا باش سۈرەت ئىشلەپ بەرمىسىڭىز ....مىسرانكامغا خەت يېزىپ مۇنبەر تۈرمىسىگە تاشلىغۇزۋېتمەن دەپ ماڭا تەھدىت سالغاچقا ،شۇنىڭ بىلەنلا بوپ كېتىپ ھىچقانداق نەرسە تەييارلىيالماي قالدىم ،،،،ئىشكنىڭ ئالدىغا كېلىپ كىرمەي قايتىپ كەتكۈم ئەسلى كەلمىدى ،،،،،شۇڭا بۇ قېتىم گۇناھىمدىن ئۆتكەيسىز .....
مېنىڭ مۇنبەرگە بېردىغان تەكلىۋىم تۆۋەندىكىچە :
1. مۇنبەردە بىر قانچە گوروھ پەيدا بوپ قالدى ،،،ئۆز-ئارا تۇنۇشدىغانلار ،مەيلى بۇرۇن تۇنىشدىغانلار بولسۇن ياكى مۇنبەرگە كىرگەندىن كېيىن تۇنۇشقانلار بولسۇن ئازراق ئايرىمچىلىق قىلدىغانلار پەيدا بوپ قالدى ،،،،
2.تېتىقىسىز ، ھاياسىز ئىنكاسلار كۆپىيىپ قالدى ، بۇلۇپمۇ مۇشۇ يېڭى ئەزالار ئىچىدە نۇمۇس قىلماي بەزى سەت گەپلەرنى ئىنكاس قىلىپ يوللايدىغان ئەزالار بار ،،،بىز ئۇنداقلارغا نەق مەيداندا تەنقىدى -تەربىيە بەردۇق ، بىراق بۇنى توغرا چۈشەنگەنلەر مۇ ، توغرا چۈشەنمەي بىزگە ئاخسالىق قىلغانلارمۇ بار ،،،،،بولسا مۇشۇنداق ئەزالارنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلساق ،،،ھەممىزگە مەلۇم ھازىر مىسرانىمنىڭ ئەزا سانى 22743كە يەتتى ، شۇنداق بولغاندىكىن بىز يېزپ ئەۋەتكەن ، بىر جۈمىلە خەتنى 22743ئادەم كۆرىدۇ دېگەن گەپ .... شۇڭا بۇ خىل ئەھۋال مىسرانم ئۈچۈن پايدىسىز ،،،،بىز مۇنبىرمىزنى تەرەققى قىىلدۇرمىز دەيدىكەنمىز ،،،مۇشۇ نۇقتغا دېققەت قىلشىمىز كېرەك .
3.باشقۇرغۇچىلارغا بېردىغان تەكلىۋىم :يوللىغان تېمىنى ئۆزىنىڭ دىتىغا ياقمىسىلا ئۆچىرۋېتىدىغان باشقۇرغۇچىلىرمىزمۇ يوق ئەمەس .....شۇڭا باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى ئۆچۈرۈش ئەمەس ، ئەگەر تەستىقلاشقا بولمايدىغان تېما بولسا مەيلى ،، بىراق يا تەكرار تېما ئەمەس يا قانۇنغا خىلاپ ئەمەس تۇرۇپ ھىچقانداق ئاساسى يوق گەپلەر بىلەن ئۆچۈرۋېتىلسە ،، ئويلاپ بېقىڭ سز بىر ئادەمنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلمىغان بولسىز .....بۇ دېگەن ئۇنۋېرسال خاراكتىردىكى تو بېكەت بولغاندىكىن ھەممە تەرەپكە چېتىلدىغان(قانۇنغا خىلاپ بولمىغان ) تېمىلار كۆپلەپ يوللانسا ، ئەلۋەتت مۇنبىرمىزنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن پايدىلىق ،،،،مەن بۇ توغرسىدا بۇرۇنمۇ بەك قاقشاپ كەتكەنتم ،،،،بولدى ئەمدى سۆزلىمەي ،،،،ئىشقىلىپ ھەممىمىز مۇشۇ مۇنبەر نىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن تىرشىۋاتمىزغۇ .....
ئاخىردا ھەممىز ئىجىل -ئىناق بۇلۇپ مىسرانم مۇنبىرنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقارساق دېمەكچمەن .!!!