مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 14822|ئىنكاس: 34

«تەلەي يۇلتۇزى» 12-ساننىڭ جاۋابى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13311
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 838
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2014-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-22 06:36:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مىسرانىم مۇنبىرى«تەلەي يۇلتۇزى» 12-ساننىڭ ئادرىسى :

https://uyghur-archive.com/misranim/read.php?tid-28201.2html




جاۋاپلىرى ھەم مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلار تىزىملىكى



 



 

1- سۇئال : ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى تۇنجى يىزىق قاچان ، قەيەردە بارلىققا كەلگەن؟
جاۋابى : يېزىق (خەت) نىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئانىسى 5000 يىللار بۇرۇن قەدىمكى مىسىردا كەشىپ قىلىنغان ئىرۇگىلىپ (شەكىل) خېتىدۇر، شۇ چاغدا مىسىردا يەنە سامان قەغەز، كالېندار (شەمسىيە، قەمەرىيە) مۇ ئىجاد قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ يازما تارىخى باشلاندى.



2- سۇئال : دۇنيادىكى تۇنجى مەكتەپ قاچان ، قەيەردە ئىچىلغان؟
جاۋابى : مۇئەللىم ۋە مەكتەپ ئەنە شۇ يېزىق كەشپىياتى ئاساسىدا پەيدا بولدى. «مەكتەپ» دېگەن ئاتالغۇنىڭ مەنىسىمۇ شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇ. دۇنيادا تۇنجى مەكتەپ قەدىمكى مىسىرنىڭ تىببىس (تەبەس) دېگەن يېرىدە قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپنىڭ نامى رامىسسۇم (رامىسسۇم) - «ئوقۇتۇش ئورگىنى» دەپ ئاتىلاتتى .

3- سۇئال : « ئوقۇتقۇچى » ئەڭ بۇرۇن قايسى ئاتالغۇلاردا ئاتالغان؟
جاۋابى : قەدىمكى فىنىكىلىقلار مىلادىدىن 3000 يىللار ئىلگىرى جاھان مائارىپىنىڭ تۇنجى ئانا تىلى دەرسلىكى "ئېلىپبە" (1) كىتابىنى تۈزۈپ چىقتى. قەدىمكى مىسىر ۋە بابىلۇن مائارىپىنىڭ تۈرتكىسىدە، قەدىمكى يۇناندا تۇنجى پېداگوگ ئورگىنى ئەپىب قۇرۇلۇپ، مۇئەللىملەرنىڭ تەلىم - تەربىيە ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدىغان بولدى. بىراق، بۇ چاغدىكى مۇئەللىملەر قۇلدارلارنىڭ ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ، "ياللانما ئەپەندى" دەپ ئاتىلاتتى. ئوقۇتقۇچىلارنى كەمسىتىدىغان بۇ ئاتالغۇ كېيىنرەك مەنئىي قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇئەللىملەرنى "پېداگوگ" دەپ ئاتايدىغان بولدى. پەب بالا، گوكىس يېتەكچى - "پەرزەنتلەرنى يېتەكلەش" دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەرزەنتلەرنى قانداق يېتەكلەش ئۇسۇلى توغرىسىدا دېداكتىكا ئىلمىي مەيدانغا كەلدى. گرىك تىلىدا بۇ سۆز دېداكتىكوس (مەن ئوقۇتىمەن) دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قۇلدارلىق تۈزۈمىدە ئىجتىمائىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى پېداگوگ، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرى بولسا "مۇئەدىب" دەپ ئېنىق ئايرىلدى.

4- سۇئال : مەشھۇر ئىمپىراتور ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن قايسى مەكتەپتە ئوقۇغان ، ئوقۇتقۇچىسى كىم؟
جاۋابى : ياۋروپا كلاسسىك مائارىپىنىڭ ئەڭ داڭلىق ۋەكىلى، دۇنيادا بىرىنچى ئۇستاز دەپ شۆھرەت قازانغان ئارىستوتىل (مىلادىدىن بۇرۇنقى 384 - 322 - يىللار) مىلادىدىن بۇرۇنقى 335 - يىلى ئافىنادا "روكيان" ناملىق مەشھۇر ئىنىستىتۇتنى تەسىس قىلغان ۋە چوڭ ئىمپېراتور ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىننى ئوقۇتقان، ئىسكەندەر بۇ مەكتەپكە 800 تاران (8) ئالتۇن ھەدىيە قىلغان. ف. ئىنگىلس ئارىستوتىلنى قەدىمكى دۇنيادا "ھەممىلا پەندىن خەۋەردار چوڭ ئالىم ئىدى" دېگەن.

5- سۇئال : بوياق (رەڭ ) قاچان ، كىم تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان؟
بوياق توقۇمىچىلىق ، فار-فۇرچىلىق ، ئەينەكچىلىك، بىناكارلىق ،بەدىئى سەنئەت ۋە تۇرمۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان ماتىريال. مەلۇم بولۇشىچە، قەدىمكى زامانلاردا بوياق ئاساسەن ئۆسۈملۈكلەر، بەزى مېنىراللار ۋە مېتال تۇزلىرىدىن ئېلىنغان ھەم ئىنتايىن قىممەتلىك ماتىريال سۈپىتىدە شاھ ئوردىلىرى ،بايلار ئارىسىدا ئىشلىتىلگەن . بۇ ھال19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ۋىيلىگىلىم ھېنرى بېچىر ئىسىملىك ئەنگىليىلىك خىمىك تەرىپىدىن بۇزۇپ تاشلانغان.ئۇ ئەسلىدە ھەر خىل كېسەللەرنى داۋالايدىغان دورا خىنوننى تەتقىق قىلىپ ياسىماقچى بولغان.بېچىر گېرمانىيەلىك مەشھۇر خېمىك ھوفماننىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، ھوفمان تاشلاندۇق كوكس مېيىدىن قانداق پايدىلىنىش ھەققىدە باش قاتۇرۋېتىپ، توساتتىنلا «كوكس مېيى تەركىپىدىكى ماددىلاردىن پايدىلىپ،خىنون ئىشلەپچىقىرىش مۈمكىن بولماسمۇ؟» دىگەن. بۇنىڭدىن ئىلھاملانغان بېچىر كوكس مېيى تەركىبىدىكى بىر قىسىم ماددىلارنى تەجرىبە قىلىشقا كىرىشكەن. بىر كۈنى بېچىر كوكس مېيى تەركىبىدىكى ئانىلىن كالىي خلورات ئارىلاشتۇرۇلغان ئېرىتمىنى ئەينەك ئىستاكانغا قۇيغاندا،ئىستاكاننىڭ ئاستىدا بىنەپشە نۇر كۆرۈنگەن .ئۇ شۇ ئىستاكانغا ئىسپىرت قۇيغاندا ،ھىلىقى نۇرلۇق ماددا ئىسپىرتتا ئېرىپ،ئىنتايىن چىرايلىق بىنەپشە رەڭگە كىرگەن .بۇنى كۆرگەن بېچىر "ئاشۇ بىنەپشە رەڭدىن پايدىلىنىپ باشقا نەرسىلەرنى بوياش مۈمكىن بولارمۇ؟"دەپ ئويلاپ،دەرھال قوي يۇڭى ۋە يىپەك قاتارلىقلارنى بويىغان ،بۇنىڭ نەتجىسى ياخشى بولغان.شۇنىڭ بىلەن بېچىر پاتېنت ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىپ،ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان ۋە بۇ رەڭگە "ئاچ بىنەپشە" دەپ نام بەرگەن .بېچىر ئاشۇ بوياقنى كەشپ قىلغاندىن كېيىن ئۇنى كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقارماقچى بولۇپ،1857-يىلى دۇنيادىكى تۇنجى سۇنئى رەڭ (بوياق) زاۋۇتىنى قۇرغان ھەم كېچە -كۈندۈز تىرىشىپ ئىشلەپ، كوكس مېيىدىن ئانىلىن،ناترى سېلىترىستىن نېترات كىسلاتاسى ھاسىل قىلغان. ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرىنى ئۆزى لايىھەلەپ، ئۆزى ياساپ، بىرىنچى تۈركۈم بىنەپشە رەڭ(بوياق)نى ئاخىرى دۇنياغا كەلتۈرگەن. بېچىرنىڭ مۇۋاپىقىيىتى خېمىكلارنى ئىلھاملاندۇرغان . نۇرغۇن ئالىم بۇ سەپكە قېتىلغان .1859-يىلى فرانسىيىلىك باتىن قىزىل رەڭلىك بوياقنى ئىشلەش ئۇسۇلىنى تاپقان. باشقا ھەرخىل رەڭدىكى بوياقلار ، جۈملىدىن ئانىلىن قىزىلى ، ئانىلىن كۆكى، ئانىلىن سېرىقى قاتارلىقلار 1863-يىلىنىڭ ئالدى -كەينىدە كەشپ قىلىنغان . ئۇنىڭدىن كېيىن پىسسار بىلەن برىنمايە ئىككىسى ئانىلىن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاددى ئۇسۇلىنى تاپقان. شۇنىڭ بىلەن بوياق ئىشلەپچىقىرىش يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرگەن . بېچىرنىڭ كەشپىياتىدىن باشلاپ ھازىرغىچە قويۇقلىغى ،رېڭى ئوخشىمايدىغان 1000خىلدىن كۆپرەك سۈنئى بوياق كەشپ قىلىنىپ ، دۇنيا خىلمۇ-خىل، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگە پۈركەندى. ئىنسانلار بېچىرنى ئۇنتۇپ قالمىدى، 1906-يىلى ئۇنىڭ ئاچ بىنەپشە رەڭلىك بوياقنى كەشپ قىلغانلىغىنىڭ 50يىللىق خاتىرلىنىپ، ئۇنىڭغا «چەۋەنداز» نامى بېرىلدى. ئامېرىكا ، ياۋرۇپا قاتارلىق جايلاردا ئۇنى مۇكاپاتلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.1907-يىلى 14-ئىيۇلدا دۇنيا بوياق ئەتىسى بىچىر ئالەمدىن ئۆتتى .

6- سۇئال : 12- ئاينىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى ئىيتىپ بىرىڭ .
جاۋابى : قەھرىتان، ھۇد، نەۋرۇز، ئۈمىد، باھار، سەپەر، چىللە، تومۇز، مىزان، ئوغۇز، ئوغلاق، كۆنەك .

يۇلتۇز تۈركۈملىرىنىڭ نامى بويىچە ئاتىلىشى :
1. ئاي قوزا يۇلتۇزى (ھەمەل ئېيى)،

2.ئاي سەۋر يۇلتۇزى (ئود-ئۇي ئېيى)

3.ئاي قوشكېزەك يۇلتۇزى (جەۋزا ئېيى)

4.ئاي تىمساھ يۇلتۇزى (سەرەتان ئېيى)

5.ئاي شىر يۇلتۇزى (ئەسەد ئېيى)

6.ئاي بۇغداي بېشى يۇلتۇزى (سۇمبۇلە ئېيى)

7.ئاي مىزان يۇلتۇزى (تارازا ئېيى)

8.ئاي چايان يۇلتۇزى (ئەقرەب ئېيى)

9.ياچاق يۇلتۇزى (قەۋس ئېيى)

10.ئاي ئوغلاق يۇلتۇزى (جەدى ئېيى)

11.ئاي سوغا يۇلتۇزى (دەلۋە ئېيى)

12.ئاي بېلىق يۇلتۇزى (ھوت ئېيى)

7- سۇئال : دۇنيادىكى تۇنجى نېفىت ئايرىش زاۋۇتى قاچان ، كىم تەرىپىدىن قايسى دۆلەتتە قۇرۇلغان؟
جاۋابى : ئىنسانلار ھازىرقى زامان نېفىت دەۋرىگە قاچان قەدەم قويغان؟ بۇ ھەقتە خاتىرىلەردىمۇ ئىختىلاپ مەۋجۇت. ئامېرىكىلىقلار: 1859- يىل 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئېدۋىن دراك پېنسىلۋانىيە شتاتىنىڭ تېيسۋېر كىچىك بازىرىدا 21.69 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا بىر نېفىت قۇدۇقى قازغان، دەيدۇ. بۇ قۇدۇق ئامېرىكا تەرىپىدىن «دۇنيا بويىچە تۇنجى ھازىرقى زامان نېفىت قۇدۇقى» دېيىلگەن، دراكمۇ نېفىت دەۋرىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقۇچى، دەپ قارىلىپ «نېفىت سانائىتىنىڭ ئاتىسى» دېگەن نامغا مۇيەسسەر بولغان.
لېكىن روسىيىلىكلەر: 1848 – يىلى روسىيىلىك سېميونوۋ باكۇغا يېقىن جاي، كاسپىي دېڭىزى ئاپشېرونسكىي يېرىم ئارىلىدىكى بىبى بىلەن ئەبادتا قازغان نېفىت قۇدۇقى دۇنيا بويىچە بىرىنچى بولۇپ قېزىلغان ھازىرقى زامان نېفىت قۇدۇقى»، دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبتىن سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە تۈزۈلگەن قامۇستا «نېفىت سانائىتىنىڭ ئاتىسى»، دېگەن نام سېميونوۋغا بېرىلگەن. بۇ ئەھۋالدا «بىرىنچى» دېگەن نامنى ئايرىپ چىقىش ھەقىقەتەن تەس. ئادىل ئېيتقاندا، دراكنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ناھايىتى تېزلا كۆلەملىك كەسىپكە ئايلانغان، لېكىن سېميونوۋ قۇدۇق جازىسى بىلەن قۇدۇق قېزىش تېخنىكىسىنى ئەڭ بالدۇر قوللانغان بولۇپ، 1861 - يىلى دۇنيا بويىچە تۇنجى ھەقىقىي نېفىت ئايرىش زاۋۇتىنى قۇرغان. بۇ ئىككىيلەننىڭ «نېفىت دەۋرى»نىڭ باشلىنىشىغا قوشقان تۆھپىسى بىر - بىرىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ.

8- سۇئال : تۇركى تىل ئائىلىسىگە تەۋە مىللەتلەر جەمئىي قانچە ، ئۇلار قايسىلار؟
جاۋابى : تۇركى تىل ئائىلىسىگە تەۋە مىللەتلەر جەمئىي 35 ، ئۇلار
تۇرۇك مىللىتى
2 . ئۇيغۇر مىللىتى
3 . ئۆزبىك مىللىتى
4 . قازاق مىللىتى
5 . ئەزەربەيجان مىللىتى
6 . تاتار مىللىتى
7 . تۈرۇكمەن مىللىتى
8 . قىرغىز مىللىتى
9 . چۇۋاش مىللىتى
10 . باشقىرىت مىللىتى
11 . ئاقشار مىللىتى
12 . كاشكاي مىللىتى
13. قارا قالپاق مىللىتى
14 . ياقۇت مىللىتى
15 . قۇمىق مىللىتى
16 . شاخۋىن مىللىتى
17 . گاگاۋۇز مىللىتى
18 . توۋا مىللىتى
19 . قارا چاي مىللىتى
20 . قارا پاپاق مىللىتى
21 . خاكاس مىللىتى
22 . بالقار مىللىتى
23 . نوغاي مىللىتى
24 . ئالتاي مىللىتى
25 . سالا مىللىتى
26 . قاجار مىللىتى
27 . قاتاغ مىللىتى
28. ئۇرانخاي مىللىتى
29. شور مىللىتى
30.يۇغۇر مىللىتى
31. دۈرغان مىللىتى
32 . خۇتتىن مىللىتى
33. چاتان مىللىتى
34 . توفا مىللىتى
35. قارايىم مىللىتى
ئۇندىن باشقا ئىراننىڭ جەنۇبى ۋە شەرقى تەرەپلىرىدە تۈركى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ياشايدىغان بولۇپ ئۇلارمۇ ئايرىم مىللەت سۇپىتىدە ياشاپ كەلمەكتە . ئۇلارنىڭ نوپۇسى 280 مىڭ ئۆپچۆرىسىدە بولۇپ ئۇلارنى قاتقاندا جەمئىي تۇركى تىلىدا سۆزلىشىدىغان 35 مىللەت بولۇپ ، ئومۇمى نوپۇسى 119 مىليۇندىن كۆپرەك . بۇ تۇركى مىللەتلىرى 17 دۆلەتكە چىچىلىپ كەتكەن . ئۇيغۇرلار بۇ تۇرك مىلەتلىرىنىڭ ئىچىدە نوپۇسى جەھەتتە ئالدىنقى 5 - قاتاردا

9- سۇئال : ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەپتە كۈنلىرىنىڭ ئاتىلىشى قايسى تىلدىن كىرگەن ، مەنىسى نىمە؟
جاۋابى : ھازىر تىلىمىزدا دائىم قوللىنىلىدىغان ھەپتە كۈنلىرى ئاتالغۇلىرى پارس تىلىدىن تۈركىي تىللارغا ، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىغا ئىسلام دىنى قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن كىرگەن.
خاقانىيە تىلى ۋە بۇ تىل ئاساسىغا قۇرۇلغان چاغاتاي تىلى ئەرەب، پارس تىللىرىدىن نۇرغۇن سۆز- ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلغان. ۋە ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەلەپپۇز جەھەتتە فونېتىكىلىق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان. تىلىمىزدىكى ھەپتە كۈنلىرىنىڭ ئاتىلىشىدىمۇ ئەنە شۇنداق مەلۇم نۇقتىلىق ئۆزگىرىشلەر بار.
بۇ ئاتالغۇلاردا جۈمەدىن باشقا ئالتە كۈننىڭ نامى «شەنبە» سۆزى يەككە ياكى باشقا سۆزلەرگە برىكىش ئارقىلىق ياسالغان. ئىسلامدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ياكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ ھەپتە كۈنلىرىنى قانداق ئاتىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق.
ھەپتە: پارسچە «يەتتە» ئۇقۇمىنى بىلدۇرىدىغان سان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا پەقەت بىر ھەپتىدىكى يەتتە كۇننى بىلدۈرىدۈ.
شەنبە: «بازار» مەنىسىدىكى سۆز بولۇپ، ھەپتىنىڭ جۇمەدىن كېيىىنكى، يەكشەنبىدىن ئىىلگىرىكى كۇنىنى كۆرسىتىدۇ.
يەكشەنبە: پارسچە «بىر» مەنىسىدىكى «يەك» سۆزى بىلەن«شەنبە» سۆزىنىڭ «بىر يەنە شەنبە(بازار)» ئۇقۇمىدا بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان، «بازارنىڭ بىرىنچى كۇنى» دېگەن مەنىدە.
دۇشەنبە: پارسچە «ئىككى» مەنىسىدىكى «دۇ» (تىل ئادىتى سەۋەبىدىن «دۇ»گە ئۆزگىرىپ كەتكەن) سۆزى بىلەن «شەنبە» سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان، «بازارنىڭ ئىككىنچى كۇنى» دېگەن مەنىدە.
سەيشەنبە: پارسچە «ئۈچ» مەنىسىدىكى «سې» (ئىستېمال جەريانىدا «ئې» «ئە»گە ئۆزگىرىپ، ئۇنىڭغا «ي» تاۋۇشى قوشۇلۇپ قالغان) سۆزى بىلەن «شەنبە» سۆزىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان، «بازارنىڭ ئۈچىنچى كۇنى» دېگەن مەنىدە.
چارشەنبە: پارسچە «تۆت» مەنىسىدىكى «چەھار» (ئىستېمال جەريانىدا «چار»غا ئاجىزلاشقان) سۆزى بىلەن «شەنبە» سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان، «بازارنىڭ تۆتىنچى كۇنى» دېگەن مەنىدە.
پەيشەنبە: پارسچە «بەش» مەنىسىدىكى «پەنج» (ئىستېمال جەريانىدا «پەي»گە ئۆزگىرىپ كەتكەن) سۆزى بىلەن «شەنبە» سۆزىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان، «بازارنىڭ بەشىنچى كۇنى» دېگەن مەنىدە.
جۇمە: پارسچە «جۇمئە»، ئەرەبچە «يەۋمۇل جۇمئە» دېيىلىدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ مەخسۇس جۇمە نامىزى ئۈچۈن ئىشتىن توختايدىغان كۇنى.
مۇسۇلمان ئەللىرىدە جۇمە كۇنى جۇمە نامىزى ئوقۇپ، شەنبە كۇنى دەم ئېلىپ (بازار قىلىپ)، يەكشەنبە كۇنىدىن باشلاپ ئىشلەيدىغان ئادەت بار.


ئەقىل




 

تەلەي



1- سۇئال : « بۈركۈت سايىسى » ناملىق كىتاپنىڭ ئاپتورى كىم؟ كىتاپنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى نىمە؟
جاۋابى : ئامرېكىلق ھېرتسگارد ئەپەندىنىڭ ئەسىرى.
كىتاپنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى : ئامېركىنىڭ تارىخى ، سىياسىتى ، ھەربىي كۈچى ، قورال-ياراقلىرى توغۇرلۇق سۆزلەنگەن .

2- سۇئال : « ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسى » ناملىق روماننىڭ ئاپتورى كىم؟ بۇ رومان ، روماننىڭ قايسى تۈرىگە كىرىدۇ؟ بۇ روماننى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىۋاتقان كىشى كىم؟
جاۋابى : « ئىنسانىيەتنىڭ قايغۇسى » ناملىق روماننىڭ ئاپتورىنىڭ ئەسلى ئىسمىنى مەنمۇ ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، بىلىدىغان تورداشلار چىقىپ قالسا ، شۇ باھانىدا بىلىۋالارمەن دىسەممۇ چىقمىدى ، كەچۈرۈڭلار ،
بۇ رومان فانتازىيەلىك ھەربىي ئىشلار رومانى ، بۇ روماننى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىۋاتقان كىشى ئادىلجان ئابدۇرىھىم « نىدا » .

3- سۇئال : بىلىقچىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالى نىمە؟
جاۋابى : سەۋىرچانلىق .

4- سۇئال : دۇنيادىكى يانار تاغلار قانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ؟ ئۇلار قايسىلار؟
جاۋابى : يانار تاغ 3 خىل بولىدۇ ،ئۆچكەن يانار تاغ ،ئۇيقۇدىكى يانار تاغ ، ھەركەتتىكى يانار تاغ.

5- سۇئال : بىردىن تارتىپ يۈزگىچە بولغان سانلارنىڭ يىغىندىسىنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە ھىساپلاپ چىقىشنىڭ قانچە خىل ئۇسۇلى بار ، ئۇلار قايسىلار؟
جاۋابى : يۈزگە بىرنى قوشۇپ ، يۈزنىڭ يىرىمىغا كۆپەيتىش . ئەڭ چوڭ سان قانچە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شۇ سانغا بىرنى قوشۇپ ، چىققان يىغىندىنى ، ئەسلىدىكى چوڭ ساننىڭ يىرىمىغا كۆپەيتىش ئارقىلىق ھىساپلىساق يۈز پىرسەنىت توغرا چىقىدۇ .
مەسىلەن :
(1+ 100)*50
1+100=101 101*50=5050

6- سۇئال : ھەرقانداق ساننى 5 كە كۆپەيىتىشنىڭ نەتىجىسىنى چىقىرىشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلى قايسى؟
جاۋابى : شۇساننى 2 گە بۆلۈپ 10 ھەسسە چوڭايتىش كىرەك،بۇ دىگەنلىك ئەگەرپۈتۈن بۆلۈنسە بىۋاستە كەينىگە 0 قويۇش كىرەك،ئەگەر پۈتۈن بۆلۈنمىسە ئونلۇق كەسىر چېكىتىنى ئوڭغا بىر خانە سۈرۈش كېرەك .
مەسىلەن : 16نى 5كە كۆپەيىتمەكچى بولساق ، 16نى ئىككىگە بۆلسەك 8 بولىدۇ ، 8نى ئون ھەسسە چوڭايىتساق 80 بولىدۇ .
17نى 5كە كۆپەيىتمەكچى بولساق ،
17نى ئىككىگە بۆلسەك 8.5 بولىدۇ ، دىمەك پۈتۈن بۆلۈنمىدى ، 8.5 نى ئون ھەسسە چوڭايىتساق ياكى ئونلۇق كەسىر چىكىتىنى ئوڭغا بىرخانە سۈرسەك 85 بولىدۇ .

7- سۇئال : قاتتىق تاملارنى تىشەلەيدىغان ئەمما ياغاچ تىشەلمەيدىغان بىر خىل توكلۇق سايمان بار ، ئۇ قايسى سايمان؟
جاۋابى : مەخسۇس تام تىشىدىغان ئۈشكە .

8- سۇئال : ئۆسۈملۈكلەر« نىمە يەپ » يوغىنايدۇ؟
جاۋابى : ئۆسۈملۈكلەرمۇ ئادەملەرگە ئوخشاشلا ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر كاربون Ⅳ ئوكسىدىنى يېيىشتىن باشقا، يەنە سۇ ۋە بەزى مېنرال ماددىلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئۆسۈملۈكلەر ھەركۈنى يورۇقلۇقنىڭ چۈشىشى بىلەن كاربونⅣ ئوكسىدنى سۈمۈرۈپ، ئوكسىگىننى «قۇسۇپ» چىقىرىدۇ. مانا بۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ فوتوسېنتىز رولى دېيىلىدۇ، ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈش جەريانىدا سۇدىن ئايرىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئۆسۈملۈكلەر توختاۋسىز ھالدا تۇپراق بىلەن سۇ تەركىبىدىكى كالتسىي،تۆمۈر، كالىي قاتارلىق مېنرال ماددىلارنىمۇ سۈمۈرىدۇ. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەربىر تال يوپۇرمىقىنى خۇددى بىر كىچىك زاۋۇتقا ئوخشاتساق، يوپۇرماق تەركىبىدىكى خىلروفىلنى «ئىشچى» غا ئوخشىتىشقا بولىدۇ، خىلروفىلنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بۇلۇپ، ئۇ سۇ ۋە كاربون Ⅳ ئوكسىدى گازىدىن پايدىلىنىپ، قۇياش نۇرى ئارقىلىق ئۆسۈملۈكلەر ئېھتىياجلىق بولغان شىكەر، كىراخمال، تالاماددىلىرى قاتارلىق « يىمەكلىكلەر» نى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، ئىجتىھاتلىق خىلروفىل پەقەت كۈندىزىلا (قۇياش نۇرى بار شارائىتتىلا ) مۇشۇنداق مەشغۇلاتنى ئېلىپ بارالايدۇ.

9- سۇئال : يەرشارىنىڭ شەكلى قانداق ، دىئامىتىرى قانچىلىك؟
جاۋابى : يەر شارى ئىككى قۇتۇبى سەل بېسىلغان شارسىمان جىسىم بولۇپ ، يەر شارىنىڭ جەنۇپتىن شىمالغا بولغان دىئامىتىرى 12712كىلومېتىر، غەرپتىن بولغان ئېكۋاتور دىئامىتىرى تەخمىنەن 12742 كىلومېتىر ، ئايلانمىسى 40مىڭ 75كىلومېتىر،


مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەر تىزىملىكى


ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچى
يوق

1. دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچى
يوق

2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچى
Desni
bawdunbay
ھەربىرىگە 2000دىن مۇنبەر پۇلى

3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچى
larzan
1000 مۇنبەر پۇلى

4-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچى
پالۋان (بۇرۇنقى كۆكيار)
700 مۇنبەر پۇلى


رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەر
taxqi
nur517
xiwas1-
sumbul
oztekin
ھەر بىرىگە 300 دىن مۇنبەر پۇلى



مىسرانىم مۇنبىرى<<تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىسى>>نىڭ 13-سانىنى ئۆتكۈزگۈچى  

Zulpikar






مۇنبەر ئاجايىپلا بىر دۇنيا، ئىتنىڭ سايىسى بۆرە كۆرۈنىدىغان........

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24613
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7291 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-22 06:45:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خاتىرجەم بولۇڭلار ! مەن سۇئالنى ئۇنداق قىيىن چىقارمايمەن !
ھەم بەك ئاسانمۇ قىلمايمەن !

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

ئەي ئويغۇرلار قې

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3102
يازما سانى: 1257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 115584
تۆھپە نۇمۇرى: 393
توردا: 4371 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-22 06:47:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇئاللار بەك تەسكەنتۇق شۇڭا قاتناشمىغانتىم [s:161]

لېكىن بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىملەر كەن..

مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەرنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن!~!

مەشرەپ ئويناپ ئاتالدۇق يىگىت، ئاھ! ئەجداتلار جەڭلەردە شەھىد.

ئىللەت تۈزەلمىگ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12088
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8348
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1809 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2014-1-7
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-22 06:48:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى ھى ھى ھى ھى ھى ھى ....رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ بېشىدا مىنىڭ ئىسمىم چىقىپتۇ....كىلەر قېتىم بەكرەك رىغبەتلىنىپ تېخىمۇ كۆپ سۇئالغا جاۋاپ بىرىشكە تىرىشىمەن [s:180]

كۈنلىشىمدۇر  ھەتتا  مىنىڭ  شامالمۇ، ئامرىغىمنىڭ گۈل مەڭزىگە سۆيدى دەپ. ۋە   بەزىدە   كۈنگە   پەشۋا   ئاتىمەن، ئاپتىپىدا  يارنىڭ  يۈزى  كۆيدى  دەپ.

ئەي ئويغۇرلار قې

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3102
يازما سانى: 1257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 115584
تۆھپە نۇمۇرى: 393
توردا: 4371 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-22 06:49:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت Declan كە 2010-12-22 06:45 PMئەۋەتىلدى :
خاتىرجەم بولۇڭلار ! مەن سۇئالنى ئۇنداق قىيىن چىقارمايمەن !
ھەم بەك ئاسانمۇ قىلمايمەن !



13-ساننى سىز چىقىرامسىز؟؟ مۇبارەك بولسۇن!~
قاچان چىقىرسىز؟؟

مەشرەپ ئويناپ ئاتالدۇق يىگىت، ئاھ! ئەجداتلار جەڭلەردە شەھىد.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 155
يازما سانى: 8385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1580071
تۆھپە نۇمۇرى: 33134
توردا: 12297 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-22 06:50:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم مۇنبرى تەلەي يۇلتۇزىنىڭ 12-سانى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاياقلىشىپتۇ،كىيىنكى ساننى ئۆتكۈزمەكچى بولغان Declan غا ئۇتۇق تىلەيمىز،ھەم تورداشلارغىمۇ ئۇتۇق تىلەيمىز [s:166]  [s:173]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر، كونا يېڭى مۇنبەرداشلار...ئۆزئارا پىكىر ئاملاشتۇرۇشلار بولسا ئۈندىدارغا قۇشىۋالساڭلار بولىدۇ نۇمۇرۇم:295997753
ئەسكەرتىش: قۇشىۋالغاندا كىم ئىكەنلىكىڭىزنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ!

بەزى ئىشلارغا مەڭگۈ ئامال يوق

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63
يازما سانى: 5200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24613
تۆھپە نۇمۇرى: 4424
توردا: 7291 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-22 06:52:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  JIBRAN كە 2010-12-22 06:49 PMئەۋەتىلدى  :



13-ساننى سىز چىقىرامسىز؟؟ مۇبارەك بولسۇن!~
قاچان چىقىرسىز؟؟
ھەپتىنىڭ سەكىزىنجى كۈنىگە توغۇرلاپ قويدۇمغۇ.....ھى..ھى..
تەييارلىقنى مانا ئەمدى باشلىۋەتتىم.....ئاللا خالىسا پات ئارىدا چىقىدۇ !

بەزى چاغلاردا بىلىدىغىنىڭ قانچە ئاز بولسا شۇنچە بەخىتلىك بولىسەن

ئىنسان  بولساڭ غۇرۇلۇق بول.

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6404
يازما سانى: 5064
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12654
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 6947 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-22 06:52:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ قېتىمقى تەلەي يۇلتۇزى راسلا بەك تەسكەن،سالمىقىمۇ خېلى باركەن،ھەجىمىمۇ جېقراق بۇلۇپ كىتىپتۇ،ئازراق تەكلىپىم:مۇۋاپىقراق بولسا دوسلارنىڭ قىزغىنلىقى تېخىمۇ ئاشاتتى،
قاتنىشىش نىسپىتىمۇ كوپرەك بۇلاتتى دەپ قارايمەن،مۇكاپاتقا رەھمەت.

ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىشى كېرەك،ئاندىن باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرشەلەيدۇ.
گۈلىستا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-22 06:54:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۇچقۇر بورە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16451
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23913
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 1265 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2011-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-22 06:54:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭىمۇ بەرمەپتۇ رىغبەتلەندۇرۇش مۇكاپاتى

لەختە قاندىن ئىنسان ياراتقان، كۆك ئاسماندىن يۇلتۇز تاراتقان. ھەق سۆزىنى بىزگە ئاڭلاتقان، رەخمان سۈپەت ئىگەم بۈيۈكتۇر. بىزگە چەكسىز رەھىم ئەيلىگەن، تەۋبە قىلساق بىزنى كەچۈرگەن. قەلىپلەرنىڭ سىرىنى بىلگەن، مەڭگۈ ھايات ئاللا بۈيۈكتۇر چ چ :841970301          
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش