مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 632|ئىنكاس: 2

ئائىلە مۇھەببىتى بالىلارنىڭ بەختى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نەفىسە(ئاماننىس

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15631
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6561
تۆھپە نۇمۇرى: 712
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2011-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-24 01:21:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلە ئىناقلىقى — مۇھەببىتى خەلقىمىزدە ئەزەلدىن مۇقەددەس قارىلىپ كەلگەن مەنىۋى ئاساس. ئائىلىدىكى مۇھەببەتنىڭ كۈچلۈك – ئاجىزلىقى ئەر – خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئارىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇنى سان بىلەن ئەمەس، ئەنە شۇ مۇناسىۋەتنى جۇلالاندۇرۇپ تۇرىدىغان سەمىمىي، سادىق، پاك كۆڭۈل بىلەن ئۆلچەش مۇمكىن. بىراق، ھازىر بىر قىسىم ياش ئائىلە ئىگىلىرى بۇنىڭغا يەڭگىلتەك مۇئامىلە قىلىدۇ. قانداقتۇر ‹‹كۆڭۈل››، ‹‹ھايات پەيزىنى سۈرۈش›› ۋەسۋەسىسىدە سەمىمىيەت ، ساداقەتنى ئۇنتۇيدۇ، ئانچىكى مەسىلىدە كېلىشەلمىسە ھەممىنى ئۇنتۇپ سوتقا يۈگۈرۈشكە ئاران تۇرىدۇ. بۇ، ئەلۋەتتە، نىكاھ، ئائىلە مۇقەددەسلىكىنى، ئاتا – ئانا بولغۇچىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدىكى بۇرچىنى چۈشەنمىگەن شاللاقلىقنىڭ ئىپادىسى، خالاس.
يېقىندا مەكتىپىمىزدە ئېچىلغان ئاتا – ئانىلار يىغىنىدىن كېيىن بىر ئانىنىڭ يولدىن ئازغان بالىسى توغرىلىق يىغلاپ تۇرۇپ ‹‹ئېرىم بىلەن مۇناسىۋىتىمىز ئەرزىمەس كۆڭۈلسىزلىكلەر تۈپەيلى يىرىكلىشىپ كەتتى، ئائىلىمىزدىكى مېھىر – مۇھەببەتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئائىلىۋى مېھىر – مۇھەببەت بولمىسا، ئۆي دېگەن كېلىپ – كېتەر قونالغۇغا ئوخشاپ قالىدىكەن، بۇنداق ئائىلىدە بالىلارغا مېھىر – مۇھەببەت كەمچىل بولىدىكەن. ئاسماندا قۇياشنىڭ كۈچلۈك نۇرى بولمىسا مايسىمۇ بولۇق ئۆسەلمىگەندەك، بالىلارمۇ ساغلام يېتىلەلمەيدىكەن...›› دەپ ھال ئېيتتى. ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا ‹‹كۆڭلىمىز يېقىن، يىراق›› دەيدىغان سۆزلەر ئەزەلدىن بار. ئائىلە مۇناسىۋىتىدىمۇ ‹‹بۇ ئەر – خوتۇنلار بەك يېقىن››، ‹‹ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئانچە يېقىن ئەمەس››دەيدىغان باھالارمۇ ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلەر ئارىسىدا بولۇپ تۇرىدۇ. ئەر – خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى كۆڭۈلدىكى مۇھەببەتنىڭ كۈچلۈك – ئاجىزلىقى بەلگىلەيدۇ. شۇنداق ھالەت شەكىللەنگەن ئائىلىدىكى ئەر ئايالىم بىلەن ئارىلىقىم قانچىلىك، بۇنىڭ سەۋەبى نەدە، دېگەننى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلاپ، مەسىلىنىڭ نېگىزىنى تېپىپ ‹‹كېسەل››نى ۋاقتىدا داۋالاشقا تىرىشىشى، ئايالمۇ ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ، دەپ ئەر بىلەن تىركىشىۋەرمەي، ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرۇش، مۇھەببەت يالقۇنىنى ئۇلغايتىش ئىستىكىدە ئىزدىنىشى، ئۆزىدە بارنى بوينىغا ئېلىپ تۈزىتىشى، قارشى تەرەپكە ئەپۇچانلىق بىلەن پۇرسەت بېرىشى كېرەك.
دۇنيادا ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەتتىن ئۇلۇغ مۇھەببەت بولمىسا كېرەك. بىراق شۇ مۇھەببەتنىڭ ئائىلىدىن ئىبارەت كىچىك ۋەتەندە يېتىلىدىغانلىقىنى بىلىش زۆرۈر. ئائىلە بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشىدا ھەممىدىن بەكرەك مۇھەببەتكە تەشنا بولىدىغان سۆيۈملۈك ماكان. بىر ئائىلە ئۈچۈن ئەر – خوتۇنلۇق مېھىر – مۇھەببەت كۈندە باھار گۈلىدەك ياشناپ تۇرسا، بۇنداق ئائىلىدە يېتىلگەن بالىلار نەۋباھاردا بەرق ئۇرۇپ كۆكلىگەن نوتىدەك كۆكلەيدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، بالىلارنىڭ روھى چۈشكۈنلىشىپ ئازغۇن ياكى غەلىتە مىجەزلىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. دېمەك، ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىدىكى ھەربىر ئىجابىي ۋە سەلبىي ئىش بالىلارنىڭ قەلبىدە مۇئەييەن دۇنيا قاراش ھەم ئىندىۋىدۇئال خاراكتېرنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەرقانداق مۇھەببەتنىڭ ئىجابىي تەسىرى ئائىلىدىكى مېھىر – مۇھەببەتنىڭ تەسىرىگە يەتمەيدۇ.
ئېنىقكى، ئاتا – ئانا بولغۇچىنىڭ ھاياتلىقتىكى تۆھپىسى ئىچىدە ياراملىق بالا تەربىيىلەشتىن ئارتۇق تۆھپە بولمىسا كېرەك. چۈنكى، بالا تەربىيىلەشتە قازانغان تۆھپە ئاتا – ئانىغا، ئائىلىگە، جەمئىيەتكە، كەلگۈسىگە، ۋەتەنگە ۋە ئەجدادلار روھىغا شان – شەرەپ كەلتۈرىدىغان تۆھپە. يېقىندا مۇشۇ ھەقتىكى پاراڭدا بىر ئاغىنەم ماڭا ‹‹ئايالىمنىڭ بەزى تەرەپلىرى كۆڭلۈمگە ياقمايدۇ، شۇڭا ئاجرىشىپ كېتەيمۇ دەپ ئويلىغان، بىراق ئۇنىڭ بالا تەربىيىلىشىگە بەك قايىلمەن، ئۇنىڭ بالا تەربىيىلەشتىكى ئارتۇقچىلىقى باشقا نۇقسانلىرىنى بېسىپ چۈشكەچكە، ئۇ نىيىتىمدىن يېنىپ ئۇنى قەدىرلەپ كەلدىم››دېۋىدى، بەك تەسىرلەندىم. بىلىش كېرەككى، دۇنيادا مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئەر خوتۇننىڭ، خوتۇن ئەرنىڭ ئاساسلىق ئارتۇقچىلىقىنى كۆرمەي، ئېتىراپ قىلماي، قانداقتۇر چىراي – شەكلى، يۈرۈش – تۇرۇشى، خۇلقى...دىكى ئانچىكى سەۋەنلىكلەرنى تۇتۇۋېلىپ ئارىدىكى مېھىر – مۇھەببەتنىڭ پەرۋىشىگە سەل قاراش تولىمۇ ئەخمىقانىلىق. مانا بۇ ھەربىر ئاتا – ئانا ئەستايىدىل ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە، شۇنداقلا يانداپ ئۆتۈپ كېتىشكە بولمايدىغان ۋەزنى ئېغىر ئىنسانىي مەسئۇلىيەت!

مەنبە: "پەرزەنىتلەرنى قانداق تەربىيلەش كىرەك" ناملىق كىتاپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23547
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3516
تۆھپە نۇمۇرى: 212
توردا: 890 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2011-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-24 03:02:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك توغرا . [s:166]  [s:160]ىقكىەيۇاىۈبكىەڭيەو

ئارزۇيۇم

كەڭ قۇرساق بولاي

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 2571
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17396
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 5797 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-24 03:29:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى تېما يوللاپسىز،ئاتا-ئانىلار پەقەت ئۆزلىرى بىلەنلا بولۇپ كەتمەي،ئارىسىدا بالىسىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماي،ئۇلارغا مىھرىنى بىرىشى زۆرۆر،بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەر-ئايال ئىناق ئۆتىشى كېرەك ئەلۋەتتە!

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  ئاتا  قىل  ،  لىكىن  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش