مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1162|ئىنكاس: 14

ئۇيغۇرلاردا كېلىن چۈشەنچىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6971
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6979
تۆھپە نۇمۇرى: 318
توردا: 2205 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2011-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-25 12:18:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇرلاردا كېلىن چۈشەنچىسى



ئائىلە جەمىئىيەتنىڭ ئەڭ كىچىك ھۈجەيرىسى.ئۇ بەلگىكىك دائىرىدىكى ئۇرۇق–تۇغقانچىلىقتىن قۇرۇلغان ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىرلىكى بولۇپ،بۇنداق ئۇرۇق تۇغقانچىلىق مۇ ناسىۋىتى نىكاھ بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن پەيدا بولغان.بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى،نىكاھ ئائىلىنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.دېمەك،نىكاھ ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ئورتاق گەۋدىدىن ئائىلە جەمەتى بارلىققا كېلىدۇ.
    ‹‹ كېلىن ››سۆزىمۇ مۇشۇ ئائىلە جەمەتى ئىچىدىكى بىر مۇھىم سۆز بولۇپ،ئۇ گەرچە ‹‹ ئانا ››دېگەن سۆزدەك ئۇلۇغ،‹‹ ئايال ››دېگەن سۆزدەك ۋەزىنلىك بولمىسىمۇ،ئۇنىڭ ئاشۇ ئايال،ئانا دېگەن سۆزلەرگە ئوخشاشلا ئالەم،ھايات بىلەن باغلانغان جان تومۇرلىرى بار.‹‹ كېلىن ›› دېگەن بۇ سۆز بىلەن كۆز ئالدىمىزغا ھەرگىز ئۆزىدە ئىشەنچ،تاكامۇللۇق يىتىلدۈرگەن بىر ئايال ئەمەس،تۇرمۇش بوسۇغىسىغا پۇتىنى ئەمدىلا ئېلىپ ھودۇقۇش،تەمتىرەش ئىچىدە ئەتراپتىكى ناتونۇش مۇھىتقا ئايانچلىق قاراپ تۇرغان بىر قىز كېلىدۇ.كېلىن بولۇش ئانىلىق،ئاياللىق دۇنياسىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقانلىقتۇر.كېلىن ھودۇقۇش،تەمتىرەش ئىچىدە ئەشۇ ئىشىكنى ئېچىپ،يېڭى مەنزىرە،يېڭى ئادەملەرگە قارىغىنىدا،ئەڭ ئاۋال ‹‹ مەن ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىمەن ›› دېگەننى ئەمەس،‹‹ ئۇلار ماڭا قانداق مۇئامىلە قىلار ››دېگەننى ئويلايدۇ. چۈنكى قىزلارنىڭ نازۇك تەبىئىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،باشقىلارنىڭ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشى بەك مۇھىم.
   كىچىكىدىن ئائىلىدە مۇشۇ ھەقتىكى يېتەرلىك ساۋات ۋە تەربىيىگە ئىگە بولۇپ كەلگەن قىزلار يېڭى مۇھىتتىكى بۇ قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ كېتەلەيدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ئائىلىدە قىز بالىنىڭ خرۇستال لوقىدەك ئاياپ،ئاسراپ كېلىنگەنلىكى،ئانىلارنىڭ قىزلىرىنى ئاخىرى شۇنداق بىر جايغا كېتىپ قالىدۇ دەپ ئويلاپ،ئۇلارنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەلرەك،تېخىمۇ چېچەنرەك قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن كۈچەۋاتقانلىقى،ئۇلارنىڭ مەلۇم ئىش–ھەرىكەتلىرىنى چەكلەپ،مەلۇم ئادەت،مىجەز–خۇلقلىرىنى باشقىلارنىڭ كۆزىگە سىغقۇدەك قىلىپ ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.بىزنىڭ مومىلىرىمىز،ئانىلىرىمىز ئەشۇ تەمتىرەپ،ھودۇقۇپ تۇرغان قىزلارنىڭ مىللەتنىڭ كېلەچىكى،ئەۋلادلارنىڭ ئانىسى ئىكەنلىكىنى،ئۇلارنىڭ زىممىسىگە كېيىن نۇرغۇن مەسئۇلىيەت،مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ئارتىلىدىغانلىقىنى بىلىپ،ئۇلارنىڭ شۇ مەسئۇلىيەت–مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالالىغۇدەك جۈرئەت،ئەقىل،ئىرادە،ساپاغا ئىگە قىلىش مەقسىتىدە بىزگە كۆپلىگەن ئۈگۈتلەرنى،ئۆرپ–ئادەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن.  
  ئالايلى،ئادەتتە بىر قىز ياتلىق بولۇپ ئېرىنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلىغان تۇنجى كۈنى شۇ مەھەللىدىكى ياشقا،ھۆرمەتكە چوڭراق بىرى ئۇنىڭغا مۇنداق نەسىھەت قىلىدۇ:‹‹ كېلىن ئاغىچا،بۈگۈندىن باشلاپ سىز بۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى بولدىڭىز.بۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئائىلىدىكىلەرنى ئۆز ئاتا–ئانا،ئۇرۇق–تۇغقانلىرىڭىزدەك كۆرۈڭ،ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭ.سەھەر تۇرۇپ قېيناتا–قېينانىڭىزغا سالام بېرىڭ.ئايىغىڭىز چاققان،ئاغزىڭىز ئېغىر بولسۇن.بۇ ئۆينىڭ گېپىنى ئۇ ئۆيگە توشۇماڭ،ئۆيدە ئەخلەت قوندۇرماڭ. ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ ئۆي ۋە ھويلا–ئارامنى تازىلاپ پاكىز تۇتۇڭ.ئېرىڭىزنى چىن ئىخلاسىڭىز بىلەن ھۆرمەتلەڭ،تېجەشلىك،ئىقتىسادچىل بولۇڭ.بار–يوققا قانائەت قىلىپ،ئېرىڭىز بىلەن جاپا–مۇشەققەت،ھۇزۇر–ھالاۋەتتە بىرگە بولۇڭ… ››
    ئۇيغۇرلاردا كېلىننىڭ چېچەنلىكىنىڭ خاسىيىتى ھەققىدە ئەل ئارىسىدا تارقالغان ھېكايەتلەرمۇ ئاز ئەمەس.بۇ ھېكايەتلەرنىڭ بىرى مۇنداق:
   بۇرۇن بىر ئوتۇنچى بولغانىكەن.ئۇ ھەركۈنى جاڭگالدىن ئوتۇن تېرىپ شۇ ئوتۇنلىرىنى بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ،پۇلىغا كىچىك بىر خالتا كەلگۈدەك ئۇن سېتىۋالىدىكەن.ئايالى ئوتۇنچى ئەپكەلگەن ئۇننى خالتىنىڭ بۇرجىكىدىن تۇتۇپ قازانغا تۆكۈپ ئۇماچ ئېتىپ بېرىدىكەن.يىللار،ئايلار ئۆتىۋېرىپتۇ،ئوتۇنچى يەنىلا ئوتۇنچىلىق قىلىۋېرىپتۇ.ئوتۇنچىنىڭ ئوغلى چوڭ بولۇپ ئۆيلىنىپتۇ.كېلىن ناھايىتى چېچەن قىز ئىكەن.ئۇ قىز قېيناتىسى ئەكەلگەن ئۇندىن ھەر كۈنى بىر سىقىمدىن ئەپقېلىپ قالغان ئۇندا ئۆيدىكىلەرگە يوبدان ئېتىپ بېرىدىغان بوپتۇ.نەچچە ئون كۈندە يىغىلغان ئۇنلار ئوتۇنچى ھەر كۈنى ئەكىلىدىغان كىچىك بىر خالتا ئۇندەك بوپتۇ.كېلىن شۇ كۈنى ئوتۇنچى ئەكەلگەن بىر خالتا ئۇننى ئىشلەتمەي،يىغىلغان ئۇندا تاماق ئېتىپ،ئۇ بىر خالتا ئۇننى ئەتىسى ئېرىغا ساتقۇزۇپ،ئۇنىڭ پۇلىغا ئىككى دانە چۈجە سېتىۋاپتۇ.ئايلار ئۆتۈپ چۈجىلەر چوڭ بولۇپ تۇخۇم تۇغۇشقا باشلاپتۇ.كېلىن تۇخۇملارنى يىغىپ سېتىپ،ئۇنىڭ پۇلىغا يەنە چۈجە سېتىۋاپتۇ. توخۇلار شۇ تەرىزدە كۆپىيىپ ھويلىنى بىر ئاپتۇ.كېلىن توخۇدىن بىر نەچچىنى ئەپقېلىپ قالغىنىنى ئېرىغا ساتقۇزۇپ پۇلىغا ئوغلاقلىق سېغىن ئۆچكە سېتىۋاپتۇ.يىللار ئۆتۈپ ئۆچكىلەرمۇ كۆپىيىپ ئون نەچچە تۇياق بولغاندا كېلىن ئۆچكىلەردىن بىر قانچىنى ساتقۇزۇپ،ئۇنىڭ پۇلىغا بىر پارچە يەر سېتىۋاپتۇ.ئوتۇنچى بوۋاي شۇندىن باشلاپ ئوتۇنچىلىق قىلماي،سۈت–قايماقتا ئېتىلگەن چاينى ئىچىپ ئارام ئالىدىغان،ئوغلى بىلەن كېلىنى ئۆزلىرى سېتىۋالغان بىر پارچە يەرگە ئىشلەپ بوۋاي–موماينى باقىدىغان بوپتۇ.

   قاراڭ، بۇ نېمە دېگەن ئۇلۇغ ھېكمەت ئىپادىلەنگەن ھېكايەت–ھە! ئويلاپ باقىدىغان بولساق،بىز ھازىر دەۋاتقان بارلىق سۆزلەرنى ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز بۇرۇنلا دەپ بولغانىكەن.پەقەت ھەربىر دەۋردە،ھەربىر ئادەمنىڭ ئىپادىلەش شەكلى ئوخشاشمايدىكەن.
   ئاتا–بوۋىلىرىمىز كېلىننىڭ بارغان يېرىدە يىلتىزى كۆچۈرۈلگەن بىر تۈپ گۈل ئەمەس،بەلكى مېۋىلىك دەرەخ بولۇشى زۆرۈرلىكىنى،ئۇنىڭ ھەم مېۋە،ھەم سايە بېرەلىشىنىڭ،بارغان جايىدا ياشناپ ئەتراپىنى ئاۋات قىلالىشىنىڭ ئۇنىڭ مىجەز–خۇلقى،خاراكتېرى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يەتكەن بولغاچقا،ئۇلارغا ئەشۇ كېلىنلىك دۇنياسىغا قەدەم قويۇشنىڭ بوسۇغىسىدىلا شۇنداق نەسھەت–ئۈگۈتلەرنى ئېيتىپ قويۇشنى لايىق تاپقانىكەن.

    بۇ ئۈگۈتلەرنىڭ ھازىر مەكتەپ،ئىدارە–ئورگانلاردا تامغا چاپلاپ قويۇلىدىغان قائىدە–تۈزۈملەرگە ئوخشىشىپ كېتىشى بىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.تەرەققىي قىلغان ئەللەردە توي قىلىش ئالدىدىكى ياشلارنىڭ مەلۇم تەربىيىلەش كۇرسلىرىدا تەربىيىلىنىپ ئاندىن توي خېتى ئالىدىغانلىقى ھەققىدىكى يازمىلارنى ماتېرىياللاردىن كۆرگەنىدىم.بىزنىڭ مومىلىرىمىز،ئانىلىرىمىز شۇنداق كۇرسلارنى ئاچالمىغان بولسىمۇ،تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشقا نىسبەتەن ياخشى تەسىر كۆرسىتىدىغان نەسىھەت–ئۈگۈتلەرنى ياشلارغا دەپ قويۇشنى ئۆز بۇرچى دەپ قاراپ،ئۇنى نەچچە ئەسىرلەردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەپتۇ.مومامدىن بۇ خىل ئۆرپ–ئادەتلەرنىڭ قاچانلاردىن باشلاپ پەيدا بولغانلىقىنى سورىسام،ئاددىي قىلىپلا:‹‹ ۋاي تاڭ بالام،مەن ئەقلىمنى تاپسام باركەن،مېنىڭ ئاناممۇ بۇرۇندىن بارتى دېگەن ››دېگىنى ئېسىمدە.

    ئاياللارغا جۈملىدىن كېلىنگە قويۇلىدىغان ئاساسلىق تەلەپلەرنىڭ بىرى پاكىزلىق،سەرەمجانلىق.باشقا يۇرت كىشىلىرى غۇلجىنىڭ ئاياللىرىنى بەك پاكىز دەپ تەرىپلىشىدۇ.مەن ئۆزۈممۇ غۇلجىلىق بولغاچقا‹‹ غۇلجىنىڭ ئاياللىرى پاكىزلىقتىن چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىدىكەن،ئوتۇننىمۇ يۇيۇپ قالايدىكەن ››دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلىغان ھەم بۇ سۆزدىن كۈلگەن.بۇ گەرچە ھەزىل گەپ بولسىمۇ،غۇلجا ئاياللىرىنىڭ سەھەر تۇرۇپ ھويلىغا ياتقۇزۇلغان خىشلاردىن تارتىپ يۇيۇپ چىقىدىغانلىقىدەكپاكىز تەبىئىتىنى ئىپادىلەيدىغان ھەقىقەتلەردۇر. مەن مۇشۇ ماقالىنى يېزىۋېتىپ غۇلجا ئاياللىرىنىڭ بۇ خىل تەبىئىتىنىڭ شەكىللىنىشى ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ باقتىم ھەمدە بۇنىڭمۇ مومىلار،ئانىلار تەربىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدىم.

    غۇلجا ئاياللىرىنىڭ ئەتراپىنى خۇددى ئاتموسفېرادەك قويۇق تەلىم– تەربىيە مۇھىتى قاپلاپ تۇرىدۇ. ئۇلار بىلىپ–بىلمەي بىرلىرىدىن تەلىم ئالسا،ئۆزى سەزمەي تۇرۇپ بىرلىرىگە ئىش–ھەرىكىتى ئارقىلىق تەلىم بېرىپ قالىدۇ.پاكىزلىق تەربىيىسىنىمۇ ئۇلارغا ئەتراپىدىكى مومىلار،ئانىلار،ھەدىلەر بەرگەن.غۇلجىدا كېلىنگە قىلىنىدىغان ئۈگۈت–نەسىھەتلەرنىڭ مەيلى قايسى ۋارىيانتلىرىدا بولسۇن‹‹ ئەتىگەن تۇرۇپ ھويلا–ئارامنى سۈپۈرسۇن ! ›› دېگەندەك گەپ–سۆزلەر بار. غۇلجا ئاياللىرى سۇ قىس چاغلاردىمۇ يىراق يەرلەردىن ئەپكەشلەپ سۇ ئەپكېلىپ،ھويلا–ئارامغا سېپىپ ئاندىن سۈپۈرىدىغان،ھەربىر قېتىم تاماق ئەتكەندە ئوچاق بېشىنى بىر قېتىم سېغىز لايدا سىلىق قىلىپ سۇۋاپ چىقىدىغان پاكىز، شەرەنداز ئاياللارنىڭ قولىدىن نان يەپ چوڭ بولغان،ئاشۇنداق مومىلارنىڭ،ئانىلارنىڭ،قېينانىلارنىڭ تەربىيىسىنى ئالغان. شۇڭا ئاشۇنداق پاكىزلىقنى ئادەتكە،كۆنۈكمىگە ئايلاندۇرغان.

    بىز ماقالىمىزنىڭ بېشىدا ئېيتقان كېلىنلەرگە قىلىنىدىغان نەسىھەتلەردىكى سەھەر تۇرۇپ قېيناتا–قېينانىسىغا سالام بېرىش،گەپ توشۇماسلىق،كېچىسى ئۆيدە ئەخلەت قوندۇرماسلىق دېگەنلەر مەلۇم قانۇن–قائىدىلەردە يېزىلغان بولمىسىمۇ،بۇنى قانۇننى بىلمەيدىغان ئاياللارمۇ بىلىدۇ ھەم ئاڭلىق ئىجرا قىلىدۇ.بۇلارنىڭ بۇ خىل ئاڭلىق ھالدا ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ھەرىكەتلىرى شۇ مۇھىتتا ياشاۋاتقان،ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ياشلارغا ئۈلگە بولۇپ،ئۇلاردا خۇددى بۇ ئىشلار شۇنداق بولۇشى كېرەكتەك بىر تۇيغۇنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،بۇنى ئادەتكە،كۆنۈكمىگە،ئاندىن شۇ شەخىسنىڭ خاراكتېرىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇپ،شۇ ئادەملەرنى مەلۇم ساپا،ئىقتىدارغا ئىگە قىلغان،ئاندىن بۇ ئادەت بىر خىل مىللىي مەدەنىيەت بولۇپ شەكىللەنگەن.

    ئادەتتە مەلۇم بىر ياخشى ئىش،ياخشى ھەرىكەتنى ئاۋامغا تەشۋىق قىلىشتا،ئاساسەن بىرەر ئۈلگە ياكى تىپنى تۇتۇپ تۇرۇپ تەشۋىقات ئېلىپ بارىمىز. شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئائىلىنى باشقۇرۇش،ئىناق،بەخىتلىك،خاتىرجەم ئائىلە بەرپا قىلىش، ياراملىق پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەشتە تالاي تەجرىبىلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ،شۇ تەجرىبىلىرى ئۇلۇغ ھېكمەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن مومىلىرىمىز،ئانىلىرىمىز بولغان. بۇخىل ئۆرپ–ئادەتلەر ھەرگىز زېرىكىپ قالغان ئاياللار تەرىپىدىن ئەرمەك ئۈچۈن تېپىلغان ئەمەس.بۇ خىل ئۆرپ–ئادەتلەرنىڭ بىز تېخى چۈشىنىپ يەتمىگەن،ئېتىبارسىز قاراپ قالغان تەرەپلىرى تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن.

    مومىلىرىمىز،ئانىلىرىمىز ناھايىتى دانىشمەن كىشىلەر ئىكەندۇق.ئۇلار ئائىلىنىڭ كېيىنكى مۇرەككەپ مۇساپىلىرىنى،ئۇچرايدىغان قىسمەتلىرىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ قىزلىرىنىڭ يەكلىنىپ قالماسلىقى،دىل ئازارى تارتىپ قالماسلىقى،ئاخىرىدا شۇنداق دىققەت قىلماسلىقلار،سەل قاراشلار تۈپەيلى ئائىلە بۇزۇلۇپ،پەرزەنتلەر يېتىم بولماسلىقى ئۈچۈن،ئەشۇ قىزلارغا كېيىنكى ھاياتىدا‹‹ ئارامخۇدا ياشايمەن،بەخت،خۇشاللىق،ئىناقلىققا تولغان بىر ئائىلە قۇرۇپ چىقىمەن ››دېسە،ئاۋۋال مېھنەت قىلىپ،تەقدىم قىلىپ،بېغىشلاپ،ئاندىن شۇنىڭ نەتىجىسىنى كۈتۈشى كېرەكلىكى ھەققىدە نەسىھەت قىلغان. بۇ نەسىھەتنى ئاڭلىغۇچىنىڭ قانداق قىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر زېرىكمەي،تېرىكمەي داۋاملاشتۇرغان. ئۇلار بۇ نەسىھەتلەرنىڭ ئەشۇ تەنتەك،تەجرىبىسىز قىزلارنى ھامان بىر كۈنى قايىل قىلىدىغانلىقىغا،ئۇلارنىڭ ھەممە نەرسىنى چۈشىنىپ يېتىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنگەن.
  

  ‹‹ بەتخۇي،تىلى زەھەر بىر قىز گۈل–چېچەكلەر پۈركەنگەن جايغا بارسىمۇ ئۇ جاينى قاقاسلىققا ئايلاندۇرىۋېتىدۇ.خۇلقى ئېسىل،ئەقىللىق قىزلار چۆل–جەزىرىگە بارسىمۇ ئۇ جايغا مېھىر–مۇھەببەت،ساداقەت،ۋاپادارلىق ئۇرۇقىنى چېچىپ،ئۇ جاينى گۈل قىلىپ،بەخت باغچىسىغا ئايلاندۇرالايدۇ! ››بۇنداق ئىبارىلەرنى مەن ئانىلارنىڭ ئاغزىدىن تالاي ئاڭلىغان.مانا مۇشۇنداق كۆز قاراشقا ئىگە مومىلار،ئانىلار قىزلىرىنى ھەممە ئىشتا ئوتتۇراھال ئەمەس،ئەڭ ياخشىلىرىدىن،ئەڭ ئەلالىرىدىن بولۇشقا ئۈندەپ،ھەرخىل ھېكمەت،ئۈگۈت–نەسىھەتلەرنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد قالدۇرۇپ كەتكەن.گەرچە زامان،ماكان چەكلىمىلىكى تۈپەيلى بۇ نەسىھەت،ھېكايەتلەردە بەزى نوقسانلار بولسىمۇ،بىز يەنىلا ئاشۇ ئۇلۇغ ئىش–پائالىيەتلەرنى ئەجداتتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن،نام–نىشانى بىزگە مەلۇم بولمىغان تالاي ئانىلارغا رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايمىز.

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى


ھامىنى بىر ئۆلۈم

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 346
يازما سانى: 1322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10377
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 442 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2012-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-25 12:54:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەھرىرلەندى...........
ئەرنى ئەرقىلغانمۇ خوتۇن،يەر قىلغانمۇ خوتۇن دەپ ئىيتقان كونىلار~!

ئەگەر قاخشاپ دۇنيانى ئۆزگەرتكىلى بولسا بىر ئۆمۈر قاخشاپ چىقاتتىم!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6601
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6321
تۆھپە نۇمۇرى: 900
توردا: 1463 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-25 01:23:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمە دېگەن ئۇلۇغ ھېكمەت          [s:166]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3089
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5852
تۆھپە نۇمۇرى: 270
توردا: 600 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-25 02:15:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە،دېمىسىمۇ كېلىن بۇلۇش ئاسان،ياخشى كېلىن بولماق تەس.ناتۇنۇش ئۆيگە كېلىپ ھەممىسى بىلەن ئىناق چىقىشىپ ئۆتىشى كېرەك،ئۆز ئۆيىدىكىدەك ئەركىلىگىلى بولمايدۇ دە،قانداق بولىدىكىن مەنمۇ ئازراق قورقىمەن.بىلمەيدىغانلىرىم بىلىدىغىنىمدىن جىق،  [s:121]    شۇنداق بولسىمۇ،يەنىلا تىرىشىمەن.

ھەممىمىز ئەقىللىق ،ئۈزىمىزگە ئىشىنەيلى!

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 115836
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6790 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-25 03:57:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ مىن بىر ئۇيغۇر كېلىنى. لېكىن كېلىن تۇتۇش ئانىلارنىڭمۇ مەسئۇليىتى. مېنىڭ قېيىن ئانام..............بەك ئېسىل.

يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!

ئۆز ئازابىنى يۇش

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5588
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5686
تۆھپە نۇمۇرى: 374
توردا: 1330 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2011-11-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-25 04:09:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<< كىلىن بولدىڭىز ، ئارزۇ -ئۈمىدلەر بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغان ئۆمۈرلۈك يولدىشىڭىزنى جان - دىلدىن سۆيۈڭ . ئۇنىڭغا ۋاپادار ۋە ساداقەتلىك بولۇڭ . كېلىن بولۇپ كەلگەن كۈنىڭىزدىن باشلاپ يىڭى ئائىلىڭىزنىڭ ھەممە ئىشىغا ئەقلىڭىز، كۈچىڭىز يەتكىنىچە قارىشىڭ . ئەمگەكتە پىشىسىز . قەدىر تاپىسىز ، ئىززەتلىك ، ھۆرمەتلىك بولسىز . بىلمىگەنلىرىڭىزنى ئۈگىنىشكە ئىنتىلىشىڭىزمۇ سىزگە نىسبەتەن مېھىر ئويغىتىدۇ . يىڭى ئائىلىنىڭ ئۇلۇغلىرى قىينانا ۋە قىيناتىڭىزنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى جايىدا قىلىڭ . ھەر كۈنى سەھەردە ۋە تاشقىرىدىن كەلگەندە سەمىمىي سالىمىڭىزنى كەم قىلماڭ . قىيناكا ۋە باشقا قىرىنداشلارنى ئۆز قىرىندىشىڭىزدەك كۆرۈڭ .

كۈلۈشنىڭ ھەممىسى خوشاللىق ئەمەس، يىغلىغاننىڭ ھەممىسى خاپىلىق ئەمەس .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19849
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4208
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 3841 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-25 11:40:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك   ياخشى   ھىكمەتلىك   سوزلەر ىكەن   مەن   ئايالىمغا   كورسىتىپ  قۇياي .   رەھمەت   سىزىگە  ،  ھە   راس   (شەرەنداز  ) دىگەن  گەپ  پاكىز   دىگەن  گەپما   مەن  بۇ  (  شەرەنداز )  دىگەن   خەتنى  مۇشنىڭ   بىلەن  2   قىتىم  كۇرشۇم  چۇشەندۇرۇپ  قويسىڭىز

گۈل جەننەت

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 682
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9177
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3966 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2011-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 11:19:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنڭچە بولغاندا  «شەرەنداز»  دىگەن گەپ ئاز نەرسە بىلەن كۆپنى خوش قىلالايدىغان، بۇغداي نېنى بولمىسىمۇ بۇغداي سۈزى بىلەن كىشىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزىدىغان ، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ، ئائىلىدە تېجەشلىك، پاكىز...قاتارلىقلارغا قارىتىلغان .

بۇ دۇنيادا ئەزەلدىن يول يوق ئىدى ،ئۇپەقەت كىشىلەرنىڭ مېڭىشى بىلەن پەيدا بولغان.   ئاق لالە

گۈل جەننەت

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 682
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9177
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3966 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2011-12-29
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 11:30:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇقۇۋاتقان ۋاقتىمدا  بىر دوستۇمنىڭ مۇمىسىنىڭ ئۈيىگە بارساق ، بىر رۇزى ھېيىت ھارپىسىدا  ھېلىقى  مۇماي (شۇ چاغدا تەخمىنەن 65لەردە بار )  كونا كىيىملەرنى كىيىۋېلىپ  چوتكا بىلەن ئۆي ئاقارتقىلى تۇرغانىكەن مەن دوستۇمدىن ئاداش بۇئىشلارنى ئاۋۇ ئوغۇللار قىلسا بولمامدۇ؟ دەپ سۇرىسام ، ئۇ دوستۇم بۇ ئوغۇللار تىجارەت قىلىدۇ ،مۇماممۇ غۇلجىدىن بۇنداق ئىشلار نى ئېغىر ئالمايدۇ دىگەن ئىدى ،مەن ھەيران قالغان ئىدىم . ئىش قىلىپ غۇلجىنىڭ قىز-ئاياللىرىنىڭ پاكىزلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ، بەلكىم ھازىر چوڭ بولغانلىرى ئەركە نايناق بۇلۇشى مۈمكىن.

بۇ دۇنيادا ئەزەلدىن يول يوق ئىدى ،ئۇپەقەت كىشىلەرنىڭ مېڭىشى بىلەن پەيدا بولغان.   ئاق لالە

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16221
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5849
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 1946 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 01:07:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى كىلىن ھەقىقىتەن ئۈينىڭ بەختى،ناچار كىلىندىن خۈدايىم ساقلىغاي  [s:130]  [s:130]

جامالىم

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23099
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3052
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2011-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 01:02:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس غۇلجىنىڭ ئاياللىرى ھەقىقەتەن ئىشچان ھەم پاكىز.

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 1682
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14795
تۆھپە نۇمۇرى: 478
توردا: 3887 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 03:09:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىنىڭ ئارسىغا قىستۇرۇلغان ئاۋۇ ھىكايە مەزمۇننىڭ ئىخچام ، مەنىسىنىڭ موللىقى بىلەن تىمنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ بىرىپتۇ .

http://blog.sina.com.cn/esma88

بۇ دىگەن ئۈتنە ج

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22046
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3299
تۆھپە نۇمۇرى: 261
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2012-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-1 07:34:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ اللەخالىسا كىلىن بۇلۇش ئالدىدا تۇرۋاتىمەن،،،

پەقەت ئاللاھتىنلا ياردەم سورايمەن ، پەقەت ئاللاھقىلا ياش تۈكىمەن

بىلمەيدىغانلىرىم بىلىدىغىنىمدىن جىق،      شۇنداق بولسىمۇ،يەنىلا تىرىشىمەن.

ۋاپاسز تۇققاننڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى ياخشى!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21053
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4167
تۆھپە نۇمۇرى: 229
توردا: 825 سائەت
تىزىم: 2010-12-6
ئاخىرقى: 2011-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-1 11:23:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
قوي بېقىڭلار ،چۈنكى قوي بەرىكەتتۇر .

ھەممنى ئۇنتۇلدۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12066
يازما سانى: 713
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7996
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 1294 سائەت
تىزىم: 2010-9-29
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-1 12:43:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلۋالدىم،چۇقۇم مەنمۇ شۇنداق قىلىمەن،چۈنكى مەنمۇ پات يېقىندا كىلىن بولماقچى. [s:161]  [s:151]

ئەگەردە دۇنيادا ھەققىي پاك،ھەققىي ساپ ۋە مۇكەممەل مۇھەببەت بار دىيىلسە ئۇ دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر !!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش