ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت irpan كە 2010-12-26 02:18 AMئەۋەتىلدى :
ناۋاتتەك گەپ قىلدىلا ، سادا موللام. مەن ئويلاپ يەتمىگەن نۇقتىلارنىمۇ ئوتتۇرىغان قويۇپلا، رەھمەت.
ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ دىئالوگ قىسمىنى يەرلىك شىۋىدە يېزىلغان بولسا، شۇ پېتى ئېلىپ، مۇھىت تەسۋىرى ۋە بايان قىسىملىرىنى ئورتاق تىلدا تەھرىرلىسەك توغرا بولامدۇ ؟
توغرا، مەنمۇ دەل شۇنى دىمەكچى ئىدىم. دىئالوگ قىسمى شۇ يەرلىك شىۋە بويىچە ئىلىنغاندا ئوقۇرمەنمۇ شۇ پىرسۇناژنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ نەق مەيداندا باردەك ، ھىس قىلىپ ، ئەسەرنىڭ جەلپ قىلىش قىلش كۈچى تېخمۇ ئاشىدۇ!
______________________________________________________________
يۇقۇرىدا بىر ئەزانىڭ سورىغان سۇئالىغا گەرچە تولۇق جاۋاپ بېرەلمىسەممۇ بىلگىنىمنى يىزىپ قوياي:
رەخمەت ئەمەس - رەھمەت
ئۇختۇرۇش ئەمەس- ئۇقتۇرۇش
....
بۇ خۇددى كىتاۋى تىلنىڭ ئېغىز تىلىدا تەلەپپۇزى ئۆزگەركەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ، مەسىلەن :
يىلاننى ئېغىز تىلىدا كۆپىنچە ژىلان
ھۆل بولۇپ دىگەننى ئېغىز تىلىدا يۆل بولۇپ دەپ ئېيتىلغاندەكلا ئىش!