مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 908|ئىنكاس: 10

ئارىمىزدا مويسىپىتلار ئاز ئىدى. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بۇگۇن ماڭسىڭىز ئەتە يۇگرەيسىز.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1986
يازما سانى: 1943
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16421
تۆھپە نۇمۇرى: 424
توردا: 2523 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-19 08:45:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    _ مەرھۇم ئۇستاز يازغۇچى تۇردى سامساق ئاكىغا قايغۇرىمەن      


       ئەزىم دەريالار كالىنىڭ كۆزىدەك كىچىككىنە بۇلاقلاردىن باشلىنىدۇ، ئاققانچە زورىيىپ ھەيۋەتلىك ئېقىنغا ئايلىنىدۇ. قەلەمكەشلەر قوشۇنى دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە. بۇ ئېقىنىنىڭ بېشى چۈمۈلنىڭ ئۇۋىسىدەك قىستاڭچىلىق، دېھقان بازىرىدەك قايناق،ئاخىرى قانداقتۇر، دەپ نەزەر سېلىپ ئوتتۇرا ئېقىنغا قارىساق ئارىسالدىچىلىق، ئاخىرىغا قارىغۇدەك بولساق، تىلغا ئالغۇدەك، ئەستە قالغۇدەك، بارماق بىلەن سانىغۇدەك چوڭ ئىش يوق. ئەتىيازدا ئېتىزغا مايسا يۇڭدەك ئۈنۈپ، ھوسۈل يىغىدىغاندا خاماندا داننىڭ تايىنى بولمىغاندەك ئىش.
      مەرھۇم ئاكىمىز بالىلىق چاغلىرىدا بەشكېرەم باغلىرىغا سىغماي، تونۇردەك قىزىغان شېغىللىق سايلارنى يالاڭ ئاياغ كېزىپ، ھەق - ئادالەت ئىزدەپ، جەنۇپنىڭ تاقىر تاغلىرىدىن ئېشىپ، تەڭرىتېغىنىڭ شىمالدىكى گۈزەل يايلاقلار، قارىغايلىق، قار - مۇزلوق چوققىلاردا قاڭقىپ، ئاخىر ھەق - ئادالەتنىڭ مەيلى قەيەردە بولمىسۇن، كۇرەش، جان تىكىپ ئېلىشىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغان مۇقەددەس نەرسە ئىكەنلىكىنى تونۇپ، شىمالى تەڭرىتاغ ئېتىكىدە يامغۇردەك يېغۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا <<ھۇررا>> توۋلاپ، قان كېچىپ،سەپ يېرىپ، ئات ئوينىتىپ، غازى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈنگە ناھايىتى تەستە ئېرىشكەندى، بىزدە ئەلەمدىنمۇ، قەلەمدىمۇ غازى بولغان بىر ئادەم ئىدى. پىلىموت، تانكا، ئايرۇپلان، زەمبىرەك ئوقلىرى ئارىسىدىن ساق چىقىپ،بىر قار نىيەت، نازۇك بارماقنىڭ تىغىدا جان بىرىش _ تەڭرى بىزگە  ئورۇنلاشتۇرغان ھەيرانلىق. ئۇنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر رېئالىستىك پىروزىسىغا تۈۋرۈك بولغان يازغۇچى دېيىشتىن ئايانمايمەن. ئۇ بالىلىق دەۋرىدىمۇ دۇنيانىڭ قاتتىقچىلىقى، ئۇيغۇر دىھقانلىرنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ تۆۋەن،بىچارە، نامراتلىق كۈنلىرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزدى، ئالتۇندەك ياشلىقنى شۇ خورلۇق ئۇچۇن جەڭلەردە قۇربان قىلدى، قىران چاغلىرىنى شغېخىل ئازگاللىرىدا ئاچلىق،سوغۇق، ئېغىر ئەمگەكتە ئۆتكۈزسە، كېچىلىرى ئەدەبىياتىمىز ئۇچۇن يۈرەك قېنىنى سىياھ قىلىپ، ئەل - ۋەتەن غېمىدە قەلەم تەۋرەتكەنىدى.
      ھازىرقى ئۇيغۇر ئەدەبىيات قوشۇندا تۆھپىكار مويسىپىتلەر،ساھىب قەلەم ئۇستاز مۇئەللىپلەر بارماق بىلەن سانىغۇدەك ئاز قالدى. ئۇلار ئەدەبىياتىمىزنىڭ پىشۋالىرى، مۆھتەرەم ئاتىلىرى، تەۋەرۇك كىشىلىرى_ بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈردىغان ئەزىز مىھمانلىرىمىز. رەنجى- مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتكۈزدى. جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن كۆپ خورلۇق، ئېزىلىشكە ئۇچراپ، بىر قەدەر ئىنسانىي كۈنگە ئېرىشكىلى ئۇزاق بولمىدى. <<تەڭرىتاغ باغرىدا>>، <<بەش تال ئوق>>، <<قەشقەر گۈزىلى>>. . .مەن قايتىلاپ ئۆگەنگەن سەرخىل ئۇيغۇر يازغۇچىلار يازمىلىرى ئىچىدە يۈرەكتىن ئورۇن ئالغان ئەسەرلەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردا ئىدى. مەن دېمىسەممۇ، كىتاب ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر جامائەتلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۇچۇن ئۇ مۆھتەرەم زاتنىڭ قانچىلغان نادىر ئەسەرلىرى، توم - توم كىتابلارنى يېزىپ تەغدىم قىلغانلىقىنى بىلىدۇ. ئۇ، ھەق ئۇچۇن سەمىمىلىك بىلەن سۆزلىدى.ئۇ ھەق ئۇچۇن قان كېچىپ جەڭلەرنى قىلدى. ئۇ ھەق ئۇچۇن 50 يىل يازدى.
      بۇنىڭدىن بەش يىل بۇرۇن قېنى قىزىق بىر ياش ھەۋەسكار بىلەن تىركىشىپ قالغىنىم ئېسىمدە.
     _ تۇردى ئاكام قېرغاندا سۇپىتىنى ساقلاپ ئولتۇرماي ئىناۋىتىنى چۈشۈرۈۋالدى،
     _ نېمە بولدى؟
     _ سېتىقچى بولۇۋالدى.
     _  نېمە ساتىدىكەن؟ _ چۆچۇپ كەتكەنىدىم.
     _ تىجارەتچىلەردىن رەخىت ئېلىپ ساتىدىكەن.
     _ شۇنىڭ بىلەن ئىناۋىتى چۈشۈپ كەتتىما ؟
     _ چۇشمەي ئەمىسە .
     _  سىزچە نېمە ئىش قىلسا بولاتتى ؟
     _ ھۆرمەتلىك يازغۇچى بولغاندىكىن، يەنە ئەسەر يېزىشى كېرەك _ تە.
     _ ئۇيغۇرلار ئۇچۇن 50 يىل قەلەم تەۋرەتتى، نۇرغۇن كىتاب يازدى. قۇرۇمايدىغان بۇلاق يوق، دۇنيامۇ ئاخىرى تۇگەيدۇ. ئۇ ئادەم 60 تىن ئاشتى. يازىدىغان ئىشمۇ كۈچ - مادارغا باقىدۇ، چارچىدى.قېرىغان ئادەمدىن تەمە قىلغۇچە، سىلى _ بىزدەك ياشلار يازغىنىمىز ياخشى، مېنىڭچە ئۇ ئادەم ئەڭ ئۇبدان ئىشقا تۇردى.
     _  نېمىشقا ئۇنداق دەيسىز ؟
     _ چۇنكى، ئەمدى ياش چېغىدىدىكىدەك يازالمىغاندىكىن، ئەدەبىيات سورۇنىغا مەنمۇ ئەخلەت تۆكمەي دەپ ئۆزىنى ئايىغاندۇ. يىرىم ئەسىردىن تارتىپ ئادەملەرنىڭ روھيىتىنى گۈزەللەشتۇرەي دەپ قەلەم تۇتقان بولسا، ئەمدى ئۈستىۋىشىنى گۈزەللەشتۇرەي دەپ كىيىم _ كېچەك ساتقاندۇ. ساتسا رەخت سېتىپتىغۇ، بەزى مۇناپىق ئادەملەردەك ۋىجدان ساتماپتۇ.
    _ بۇ گېپىڭىزمۇ راست، لېكىن شۇنى دەپ قوياي: يازغۇچى ئەڭ ئاۋۋال ئادەم بولۇشى، ئادەم بولۇشى ئۇچۇن ئادەمدەك تۇرمۇش كەچۇرشى كىرەك. نامراتلىق، گادايلىق، ئىچىدە ياشاپ يازغۇچىلىق قىلىشنىڭ ئۆزى بىر ئاجىزلىق، لېكىن يازغۇچىلارنىڭ كۆپى مەدىكار بىلەن دىھقان ئوتتۇرسىدىكى تولىمۇ بىچارە بىر خىل تۇرمۇش ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. ئۇ گاداي، پېقىر تۇرمۇشقا پىشىپ كەتتى. ئەمدى ھازىرقى زاماندىكى باياشاتلىققا يۈزلىنىۋاتقان يېڭىچە قىممەت قارىشىغا ئىگە ئادەمنىڭ تۇرمۇشىنى تېتىپ كۆرمىسە، ئۇنىڭدىن ھازىرقى زامان ئادىمىنى يازغان نادىر ئەسەرلەرنىڭ چىقىشى مۇمكىن ئەمەس. يازغانلىرى پەقەت ئاچلىق. گادايلىق، بىچارىلىك ھەققىدىكى شىكايەتنامىدىن ھالقىـــيالمايدۇ. يازغۇچىلا ئادەمدەك ياشىشى كېرەك.
    بىزدە يازغۇچىلىق نامىراتلىق ئىچىدىكى بىر سۇنئــىي رېئاللىق. شۇڭا، جەمئىيەتتە ئۇنچىۋالا ئېتىبارغا ئېلىنىپ كەتمەيدۇ. بۇنى تۇردى سامساق ئاكا ئۆمۇر بويى قەلەم تۇتۇپ ياشاپ، ئۆمۇرىنىڭ ئاخىرىدا چوڭقۇر چۈشەنگەنىدى .
     تۇردى ئاكا، ماڭا نۇرغۇن ئارمانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەنىدىڭىز. قەلىمىڭىز تىخىچە ياشلىقىنى يوقاتمىغان قېرى تۇلپاردەك يورغىلاپ، چىڭ سۇلالىسى دەۋىدىكى قەشقەر دېھقانلا قوزغىلىڭىنىڭ مەشھۇر سەركەدىسى توختى مانجۇ ھەققىدىكى رومان بىلەن مۇڭداشماقتا ئىدى . ھازىر قانچىلىك يازغان بولغىيدىڭىز ؟! قان كېچىپ، جەڭ قىلغان سەبداشلىرىڭىز  _ مەرھۇم زۇنۇن قادىر، تېيىپجان ئېلىيوپ ۋە ئابدىكىرىم خوجا، ئاشۇ توختى مانجولامۇ نۇرغۇن ئارمانلار بىلەن كەتكەنىدى،بۇ چاغقا ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەنسىز . بىز تىرىك تۇرۇپ ئارمانلارنى يېزىپ بولالمايۋاتىمىز، ھەقىچان ئارمانلار ئوتىدا كۆيۇپ، بۇ دۇنيادىن سىزگە ئەگىشىپ بارىمىز.
     ئەي مويسىپىت ئاتىلار، ئۆزۇڭلارنى ئاسىراڭلار، ئۆمرۈڭلارنى بەرگەي، بىزنىڭ سورۇنىمىزدا سىلەر بولمىساڭلار يېتىملىكىمىز چوقۇم چېنىپ قالىدۇ.








مەنبە: ئەختەم ئۆمەرنىڭ<< ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى>> كىتانى

مەن كەلدىم!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47
يازما سانى: 550
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41660
تۆھپە نۇمۇرى: 652
توردا: 9284 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-19 10:08:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئادەمنى تازا بىلمەيدىكەنمەن.....

ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر!!!

غەلبە تىرىشچانلارغا مەنسۇپ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1501
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7090
تۆھپە نۇمۇرى: 198
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2014-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-19 10:10:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت سىز گە........مەن مۇشۇنداق ئەسەرلەر نى كۆرۈشكە ئامراق ئىدىم........... [s:2]

ئەگەر ئۆزۈڭىزنىڭ مۆجىزە يارىتالمايدىغىنىڭىزنى بىلسىڭىز،تىرىشىپ تىرىشچانلىقىڭىز ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى مۆجىزىگە ئايلاندۇرۇڭ!!

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12384
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32428
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-19 10:17:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا تىل -ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن ،يازغۇچى تۇردى سامساقنىڭ يازغان << بەش تال ئوق>>دېگەن ھېكايىسى قەتئىي ئېسىمدىن چىقمايدۇ.....
  ھازىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تىيىپجان ئېلىيوف،تۇردى سامساقلاردەك خەلىقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ئەسەرلەرنى يازىدىغان يازغۇچىىلرىمىز ئازلاپ كەتتى.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-19 10:24:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  musilina كە 2010-06-19 10:17 PMئەۋەتىلدى  :
ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا تىل -ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن ،يازغۇچى تۇردى سامساقنىڭ يازغان << بەش تال ئوق>>دېگەن ھېكايىسى قەتئىي ئېسىمدىن چىقمايدۇ.....
  ھازىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تىيىپجان ئېلىيوف،تۇردى سامساقلاردەك خەلىقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ئەسەرلەرنى يازىدىغان يازغۇچىىلرىمىز ئازلاپ كەتتى.....
مەنمۇ مۇشۇ ئىنكاسنى يازاي دەپ تۇرسام چاققان چىقىپسىز ، مىنىڭمۇ قەتئى ئىىسمدىن چىقمايدۇ بۇ ھىكايە .بەك ياخشى يېزىلغان .

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2674
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9052
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 1056 سائەت
تىزىم: 2010-6-14
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-19 10:39:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<ئابدۇقادىر جالالىدىن>نىڭ بىر گېپى بولىدىغان؛ئۇچماقچى بولغان قۇشقا ئەتىۋارلىدۇق دەپ ،ئېغىر ئۈنچە -مەرۋايىتلارنى ئېسىپ قويسا ،ئەركىن ئۇچالمايدۇ،(تولۇق بولماي قالغان بولسا توغرا چۈشىنەرسىلەر)دەپ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزىمىزچە يوغان نامدىن بىرنى بېرىپ قويۇپلا .ھەممە ئىشىنى چەكلىسەك بولماس ،ئۇلارمۇ ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشاش نان يەپ، سۇ ئىچىدۇ،

-

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 12:21:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئسىل يازغۇچىلرىمىز بىر-بىرلەپ كىتىپ قالدى. ئسىل ئەسەرلەر دۇنياغا كەلمەس بۇلۇپ قالدى.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 784
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13596
تۆھپە نۇمۇرى: 473
توردا: 3270 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 12:33:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدە ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى بىلەن ئىجاتكارنىڭ قىسمىتى كۆپىنچە تەتۇر تاناسىپ بولۇۋاتمامدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2707
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8975
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2010-6-14
ئاخىرقى: 2010-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 01:02:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  ئاڭلىسام تۇردى سامساق ئەپەندىم قەستكە ئۇچراپتىكەن . بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟  سىلەر بىلسەڭلار «تەپسىلاتىنى » ئىنكاس  شەكلىدە يوللاپ بەرسەڭلار .
بۇ مۇنداقلا دەپ قويغان گەپ ئەمەس .تەڭرىتاغ ژۇرنىلىدا تۇردى سامساق توغرۇلۇق يېزىلغان بىر يادنامىدە كۆرگەن ئىدىم .

باغۋەن

بۇگۇن ماڭسىڭىز ئەتە يۇگرەيسىز.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1986
يازما سانى: 1943
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16421
تۆھپە نۇمۇرى: 424
توردا: 2523 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 11:55:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئىزدەپ باقاي
تاپساملا يولاپ قوياي

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش