مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1505|ئىنكاس: 17

ياتاقتىكى  پاراڭلار--بىر كىچىدە 3جىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1319
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11079
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 377 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2010-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 01:17:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
 

كىتاپنى بالدۇرلا يىغدىم. چۈنكى شۇ كۈنى شەھەر مەمۇرىيىتىدىكىلەر تەكشۈرۈش بارلىقىنى ئېيتىپ مېنى كەتكۈزىۋەتكەن ئىدى. كىتاپنى ئىلىپ ياتاققا كىرسەم يىڭىدىن ئىككەيلەن كىرىپتۇ. سالاملىشىپ جايىمغا كېلىپ ئولتۇرسام ئارىسىدىكى بىرى ئېغىز ئاچتى:

-مېنى تونۇدىڭما؟

ئۇنىڭ چىرايىغا سەپسىلىپ قارىساممۇ ھىچبىر تونىغاندەك قىلمايتىم.

-ياق، نەدە كۆرگەن بولغىيتىمكى تاڭ.

-سەن قەشقەر 4-ئوتتۇرىدىكى يالقۇن مۇئەللىمنىڭ ئوغلىغۇ؟ مەن سەن بىلەن پاراللىل ئوقۇغان.

-ھە، ئەمدى ئىسىمگە كەلدى. سەن غېنى مۇئەللىمنىڭ قولىدا ئوقۇغانغۇ؟

-ھەئە، مەن خالمۇرات.

ئۇنىڭ بىلەن قايتا قول ئىلىشىتم.بىردەم يېرىمدەم شۇ چاغلاردىكى ئىشلارنى، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىشىپ يۈرۈپ سائەت 9بولغىنىنىمۇ تۇيماپتۇق. باشقا ياتاقداشلار بىر-بىرلەپ كىرىشكە باشلىدى.

خالمۇرات سەل جانلىنىپ قالغانىدى. ئۇ كۆپچىلىكنى مىھمان قىلىمەن، ياتاقتا ھاراق ئىچىمىز.دەپ تۇرىۋالدى. ياتاقتا ھاراق ئىچمەيدىغان، تاماكا چەكمەيدىغان مەن بىلەن ئۈچتۇرپانلىق يەنە بىر بالا بار ئىدۇق. ئىككىمىز ئۇلارغا سەل ھەيۋە كۆرسىتىپ قويدۇق. ھەم خالمۇراتنىڭمۇ مېنىڭ دادامغا ھۆرمىتى بولغاچ قارارىنى ئۆزگەرتىپ پەسكە چۈشۈپ ئىچىشكە ماقۇل بولدى. ھېلىقى شايارلىق ماڭا:

-ئاداش، سىلىمۇ چۈشۈپ ئىچىشىپ بەرمەمسىلەر؟-دېدى.

-ھاراق ئىچكەن ئادەمنىڭ ئاغزىغا دوزاخ ئوتى تاشلىنىدۇ دېگەن ھەدىس بار، ھارامدىن نېرى تۇراي.

ئۇ مېنى يەنە زورلاي دېۋىدى، خالمۇرات ئۇنىڭغا بىر ئاليىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ جىم بولدى.

ئۇلار چىقىپ كەتتى. مەن تولۇقسىزدىكى گۈزەل چاغلارنى ئەسلىگنىمچە ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن.

بىر ۋاقىتتا ئېغىر بىر گەۋدە ئۈستۈمگە چۈشتى. ئالدىنقى كۈنى مەندىن تاياق يىگەن قۇربان مەندىن ھەدەپ كەچۈرۈم سورىغىلى تۇرۇپتۇ:

-ئاداش ئالدىنقى كۈنى سېنى خاپا قىلىپ قويدۇم. قارىغىنە بۇ ئۈرۈمچىدە يالغۇزچىلىق بەك جىنىمغا تەگدى، شۇڭا........

يالغۇزچىلىقتا زېرىككەن بولساڭ پاھىشخانىغا بار، ھەمراھ بولىدىغان قىزلار بار. نېمە بىزنىڭ قىزلىرىمىزنىڭ ئەخلاقىغا داغ تەككۈزۈپ يۈرىيتىڭ؟

مەنمۇ چاندۇرماي:

-ئاداش بوپتۇ ھىچقىسى يوق، بولدى جايىڭغا قايتىپ يات، مەست بولۇپ قاپسەن.

ئۇ تېخىمۇ يىپىشىۋىلىپ بىرنىمىلەرنى دەپ يۈرىيتى. ئۇيقۇچىلىقتا ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنىمۇ ئاڭقىرالمىدىم. بەكلا ئاچچىقىم كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا:

-بولدى خاپا بولمىدىم دېگەندىكىن يوقالمامسەن؟!ئادەمنى ئۇخلىغىلى قويماي.

ئۇ تېخىمۇ يېپىشىۋىلىپ بىرنىمىلەرنى دەپ يۈرەتتى. ئاچچىقىمدا جايىمدىن قوپۇپلا ئۇرۇپ چۈشۈپ كەتتىم. باشقىلارمۇ ھاي دەپ قالدى. ئانغىچە ئۇنىڭغا نەچچە مۇشتنى ئارتۇق ئىتىۋەتتىم. ئۇمۇ مەستلىكىدىن يىشىلگەن چېغى بوينۇمغا تىرنىقىنىڭ ئىزىنى چوڭقۇر قىلىپ سەپ قويدى. خالمۇرات كىردى. ئۇ ئەھۋالنى كۆرۈپلا قۇرباننى ئۇرۇپ كەتتى. مەن ئۇنى تارتىپ يۈرۈپ ئاجرىتىۋالدىم. قۇربانغىمۇ ئىچىم ئاغرىپ قالغان چىغى بار.

ياتاي دەپ قارىسام يوتقىنىم يەردە تۇراتتى، ئېلىپ قىقىشتۇرۇپ ياتتىم. ھىچ بىر كۆزۈمگە ئۇيقۇ كىلىدىغان سىياق ئەمەس. ئامالسىىز كۆزۈمنى يۇمۇپ ياتتىم.

ياتاق ئىچى خېلى بىسىقتى. سەل تۇرۇپ يەنە بىر ئەمۋاي ساتىدىغان قاراڭغۇ بازارچى بار ئىدى، كۈندە يېرىم كىچىدە كىرىپ كىشىنىڭ ئۇيقىسىنى بۇزاتتى. بۈگۈن يەنە كەچ كىرىدىغان چېغى.

بىر ۋاقىت كۆزۈم ئۇيقۇغا ئىلىنىش بىلەن تەڭلا ئەمۋايچى<<ھەممىمىز ئۇنى شۇنداق ئاتايمىز>>. ئىشىكنى تارقشىتىپ ئىچىپ كىردى. كۆنۈپ قالغاچمىكىن ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدىم. ئەمما خالمۇرات بۈگۈن كەلگەچكە ئۇنىڭغا سۆزلىدى:

-ھەي، ئادەم بولغاندىكىن ئىشكنى چىرايلىق ئىچىپ كىرمەمسەن؟ ئۇخلاۋاتسا ئويغىتىپ....

ئەمۋاينىڭ تىلى تۇغما ئەمۋايچىلىققا يارايتى شۇنداق تاتلىق، ھەرقانداق ئادەمنى ئىرىتىدىغان. لىكىن مىجەزى زە.....

-ماقۇل ئاكا،  ئۇ شۇنداق دەپ تۇرۇپ يەنە ئىشىكنى تاراقشىتىپ يىپىپ ھاجەتخانىغا چىقىپ كەتتى. ھەممىمىز ئۇنىڭدىن بىزار ئىدۇق. ئەمما ئۇنىڭ بىرلا روھى،جاپاغا چىداش روھىغا قايىل ئىدۇق. ئۇنىڭ داملىق دەيدىغان سۆزى<< مەن بىر كوي تاپسام ئۈرۈمچىدىكى ئاپتوبۇس مېنىڭ،بەش كوي تاپسام تاكسى مېنىڭ.>> دەپ. بۇ سۆز بەكمۇ مەنىلىك تۇيۇلاتتى.

بىزنىڭ ياتاقتا ئىككى قۇربان بار، بىرى قاغىلىقلىق مەن بىلەن جىدەللەشكەن قۇربان. يەنە بىرى ئاقسۇ شىڭخادىن ئىدى. شىڭخالىق قۇرباننىڭ ئەمۋايغا ئۇزۇندىن بىرى غۇمى بار ئىدى. شۇڭا ئۇ كىرىشىگە ئۇنى يېنىغا چاقىرىپ كەلدى.
-ساڭا بۇ يەردە تۇرغىلى قانچە ئاي بولدى؟

-بىر يىلدىن ئاشتى ئاكا،

-خېلى كونىكەنسەن ھە؟

-بەك ئەمەس ئاكا.

-ئەمدى ۋاقتىڭمۇ توشۇپ قالغاندۇ؟قاچان چىقىپ كېتىسەن؟

-ئەتىلا ئاكا، ئەتىلا چىقىپ كېتەي.-قۇربان خاتىرجەم بولۇپ ئورنىغا چىقتى. ئۇنىڭ راستىنلا چىقىپ كىتىشىگە ئىشەنگەن بولسا كېرەك.

خالمۇرات ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ يىنىغا كېلىپ:

-راستىنلا ئەتە چىقىپ كېتەمسەن؟

-تېخى ئۇنى ئويلاشمىدىم.

قۇرباننىڭ ئاچچىقى راسا كەلدى بولغاي، ئۈستىنكى قەۋەتتىن سەكرەپلا چۈشتى:

-ۋې، كىمنى ماز  كۆرۈپ قالدىڭ سەن؟ ھازىر ماڭا ئەتە چىقىپ كېتىمەن دەۋاتقانغۇ؟-ئۇ ئەمۋاينى ئاغزىنى بۇزۇپ تىللىغىلى تۇردى. ياندا ئۇخلاۋاتقان ئۈچتۇرپانلىق بالىنىڭ ئۇيقۇسى ھارام بولسىلا ئاچچىغى كىلەتتى، شۇڭا ئۇمۇ جىدەلگە ئارىلاشتى.

-نىمدانداق قىلىسەن، ئادەمنى ئۇخلاتماي؟ ئەتە دىيىشسەڭ بولمامدا؟

-سېنىڭ نىمە كارىڭ؟ مەن ھازىر دەيمەن.

-ئەلۋەتتە كارىم بار، 100سوم پۇلنى ساناپ يىتىۋاتىمەن ما ياتاقتا.

-مەنمۇ شۇ 100سومنى سانىغان، ئىشىڭنى قىل جالاپنىڭ بالىسى.

ئىش چىڭغا چىقتى. شۇ يەردىن باشلاپ ئىككىسى بىر-بىرى بىلەن پومداقلىشىپ كەتتى. ئاجرىتايلى دېسەم خالمۇرات <<بىرگە بىر قويۇشسۇن>>دەپ توسىۋالدى. ھىلىقى ئۈچتۇرپانلىق بالا سەل چاققانراق بولغاچ قۇرباننى ئۇرۇپ كەتتى. بىردەمدىن كىيىن ئويلىمىغان بىر ئىش يۈزبەردى.
-ۋايجان،ئاناڭنى!قويىۋەت جان يېرىمنى!
ئەسلى قۇرباننىڭ كۈچى يەتمەي ئۇنىڭ جان يېرىگە قول سالغان ئىدى. ئۇنىڭ چىرقىرىشى شۇنچىلىك ئىچىنىشلىق ئىدى. ئەمما بىرىمىزمۇ ئۇلارنى ئاجرىتالمىدۇق.
بىرى چاچنى،بىرى جان يەرنى سىقىمدىغىنىچە بىر ھازا تىركىشىپ ئاندىن قويۇشتى. كەينىدىن تىل ئۇرۇشى، ئاخىرىدا چۈشىدە دۇئىلغا چۈشۈش ئۈچۈن يىتىشتى.
ئەتىسى ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپاردىم. چوڭ مەسىلە چىقمىدى. بىر قانچە كۈندە ئوڭشىلىپ كىتىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن خاتىرجەم بولدۇق.
شۇ كۈندىن باشلاپ يېرىم كىچىدە ئىشىكنىڭ تاراقلىشى بېسىقتى. ئەمۋايدىنمۇ قۇتۇلغان ئىدۇق.


يۇقىرىقى ۋە ئالدىنقى خاتىرەمدىكى ۋەقەلىكلەرنىڭ يۈز بەرگىنىگە 3ئاي بولاي دەپتۇ. شۇ سەۋەبلىك بەزى تەپسىلاتلار كەم بولۇپ قالدى. توغرا چۈشەنگەيسىلەر. چىنلىققا ئەھمىيەت بېرىش ئۈچۈن خاتىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىسمى ئۆز ئەينى ئېلىندى.

شاھمەن،شاھزادىمەن غېمىم تۈگىمەس نەدىندۇر بۇ؟ چۈنكى غەم تۇرابىدىن بىنا بولغان بەندەدۇر بۇ.

ئۇنتۇپ كەت يۈرىك

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37
يازما سانى: 2306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17804
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 4574 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 10:07:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر تېمىنى 3 بۆلەككە پارچىلاپ  بىرىپسىز .ئەسلىدە تېمىنىڭ ھەممە بۆلەكلىرنى بىر  تېما  قىلپ بەرگەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى ، ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ  تېمىڭىز ئۈستىدا ياخشى پىكىر كۆز قاراشلىرنى  بىرىشتە ھىچقانداق توسالغۇ بولماس ئىدى .

پىكىر قىلىۋاتىمەن دېمەك مەۋجۇتمەن!! خەيىر-خوش جېنىم سېنىڭ بەختىڭ مېنىڭمۇ بەختىم!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1319
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11079
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 377 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2010-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 10:18:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت kun^kiz كە 2010-06-20 10:07 AMئەۋەتىلدى :
بىر تېمىنى 3 بۆلەككە پارچىلاپ  بىرىپسىز .ئەسلىدە تېمىنىڭ ھەممە بۆلەكلىرنى بىر  تېما  قىلپ بەرگەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى ، ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ  تېمىڭىز ئۈستىدا ياخشى پىكىر كۆز قاراشلىرنى  بىرىشتە ھىچقانداق توسالغۇ بولماس ئىدى .

ھەدە، بولسا تېمىنىڭ ماۋزۇسىدىكى ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىپ قويسىڭىز بوپتىكەن. تەھرىرلەش ۋاقتى توشۇپ كەتكەچ تەھرىرلىيەلمىدىم

شاھمەن،شاھزادىمەن غېمىم تۈگىمەس نەدىندۇر بۇ؟ چۈنكى غەم تۇرابىدىن بىنا بولغان بەندەدۇر بۇ.

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 11:03:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك قىزىقارلىق ئىش كەن ھېلىقى ئەمۋاي دىگەن ئاداش بوپ قالىدىكەن دىسە ،مىنىڭ مۇشۇ ئەمۋاينى ساتىدىغانلارغا بەك ھەۋىسىم كىلىدۇ ، سىزگە 15 مىنۇت سۆزلىسە ئەمۋاي نى سېتىۋالمىسىڭىز زادىلا بولمايدىغان مەھسۇلاتقا ئايلىنىپ قالىدۇ ،تەربىيلىگۈچىلەر يېرىم سائەت سۆزلىسە سىز ئەمۋاينى بىر يىل سېتىپلا مىلىيونىرغا ئايلىنىپ قالىدىغاندەك تۇيغۇغا كىلىسىز ،ئۇلار نىڭ ئېغىزى قانداقكىن بەكلا ھەيرانمەن

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3429
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27290
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8356 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 11:57:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن چىنلىقى يۇقىرى تىما ئىكەن،ھەي....ئەمەلىيەتتىكى تۇرمۇش كىتاپتىكىغا پەقەت ئوخشىمايدۇ جۇمۇ؟نىمىنى ئويلايدىكىن-تاڭ؟!

مۇشۇ ئەمۋاي ساتىدىغانلار بىلەن ئازراقمۇ خۇشۇم يوق،بۇنداق دىسەم نىمىگىكىن دەپ قالماڭلار،مەن ئىشلەيدىغان يەر چىگرا_رايۇن تاشقى_سودا بازىسىدىكى ئىشخانىدا،كۈندە ئاز بولغاندىمۇ 3_4كىچە ئەمۋاي ساتىدىغان(ئۇيغۇر كۆرۈپ باقمىدىم) ئەمۋايچىلار ئىشىكتىن بىشىنى تىقىپ:
你好,安利产品需要吗  谢谢
مۇشۇ گەپنى تولا ئاڭلاپ قۇلاق مىڭەم ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى......

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355820
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 12:50:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇناسىۋەتسىز بىر گەپ قىلىپ باقاي :
مۇشۇ " ئەمۋاي ساتىدۇ " دېگەن قاراڭغۇ بازارچىلىقنىڭ شاخلىتىپ سېتىش تۈرىگە كىرەمدۇ قانداق ؟ بولمىسا نېمىشقا بىر ئوبدان سۈپىتى ياخشى ماركا بىر نەچچە يىلنىڭ ئىچىدە قويۇندىن-قويۇنغا ئۆتكۈزۈپ سېتىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ ؟

بىسەرەمجان ياتىقىڭلىدىن تېزرەك قۇتۇلۇشۇڭلار ئۈچۈن ، خوشە ! ( پەسكە چۈشۈپ ئىچەمتۇق يا ؟ )
[s:2]

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

كىشى ئاخىر ئۆلۈپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22
يازما سانى: 1127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15549
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 3128 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 01:43:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراق تاماكا چەكمەيدىكەنسىزيۇ ، بىراق ئادەم ئۇرىدىغان خۇيىڭىز باركەن ...

دائىم بىر ھەرپ چۈشۈپ قالىدۇ ھە....

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355820
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 01:44:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:ياتاقتىكى  پاراڭلار--بىر كىچىدە 3جىدەل

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت xukur0996 كە 2010-06-20 01:43 PMئەۋەتىلدى :
ھاراق تاماكا چەكمەيدىكەنسىزيۇ ، بىراق ئادەم ئۇرىدىغان خۇيىڭىز باركەن ...

شۇنداق ، مەنمۇ شۇنداق ھېس قىلدىم . پۇت-قولى بەك ئىتتىك ئوخشايدۇ .

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

سەن سۆيگەننىڭ قۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2635
يازما سانى: 1673
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12171
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 1484 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 01:49:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاچچقى كەلگەندە ئادەم ھەر ئىشىنى قىلىدۇ !!!!!!!  
       مەنمۇ ئورنىدا بولغان بولسام بىر ئېغىز سېسق گەپ ئاڭلغاندىن تاراق-تۇرۇق ئۇرۇپ دەردىمنى چىقىراتتىم ....خەقنىڭ سېسق گپنى ئاڭلغاندىن ئۆلگەن ياخشى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1319
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11079
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 377 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2010-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-20 01:54:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:ياتاقتىكى  پاراڭلار--بىر كىچىدە 3جىدەل

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت ئەل قىزى كە 2010-06-20 01:49 PMئەۋەتىلدى :
ئاچچقى كەلگەندە ئادەم ھەر ئىشىنى قىلىدۇ !!!!!!!  
       مەنمۇ ئورنىدا بولغان بولسام بىر ئېغىز سېسق گەپ ئاڭلغاندىن تاراق-تۇرۇق ئۇرۇپ دەردىمنى چىقىراتتىم ....خەقنىڭ سېسق گپنى ئاڭلغاندىن ئۆلگەن ياخشى .

راست، بارغانسىرى ھەتتا ئۇلارغا تاياق ھەقتەك ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. كىچىككىنە باھانە تاپساملا ئورنۇمدىن سەكرەپ تۇرىدىغان بولۇپ قالدىم. ئەمما ئۇلار مەندىن قاچىدۇ. يەنە كېلىپ بىر ھەپتە بولدى. ئىشلىرىمنىڭ تولىلىقىدا ئىشلەۋاتقان يېرىمدە داق يەرگە ياستۇقنى قويۇپلا ئۇخلاپ ياتاققىمۇ قايتمىدىم. نىمە ئىشلار بولدى، خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقمىدى.

شاھمەن،شاھزادىمەن غېمىم تۈگىمەس نەدىندۇر بۇ؟ چۈنكى غەم تۇرابىدىن بىنا بولغان بەندەدۇر بۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش