مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1092|ئىنكاس: 10

ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ قىسقىچە تەزكىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4262
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-28 08:23:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ قىسقىچە تەزكىرىسى

ئونسۇ ناھىيىسى:- ئاقسۇ ۋىلايىتىگە قاراشلىق ناھىيىلەرنىڭ بىرى، ئۇ ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ مۇھىم ئاشلىق، پاختىچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك رايۇنى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئونسۇ ناھىيىسى چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈنىڭ 28-يىلى (1902-يىل) 9-ئايدا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى «ئون سۇ» (سۇ مەنبەسى مول دېگەن مەنىدە) بۇلۇپ خەنزۇچىدىكى «温宿» ئۇنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى تارىختا «ئونسۇ» دېگەن نام قەدىمكى ئونسۇ دۆلىتىنىڭ نامىدىن كېلىپ چىققان بۇلۇپ، ئۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى 60-يىلى خەن سۇلالىسىنىڭ تېرىتورىيىسىگە قارىغان. تاڭ سۇلالىسى چىن گۇاڭنىڭ 22-يىلى (مىلادى 648-يىلى) «ئونسۇ» ئايمىقى قىلىپ تەسىس قىلىنغان. چىڭ سۇلالىسى گۇاڭشۈنىڭ 8-يىلى (1882-يىلى) ئونسۇ ناھىيسىگە قاراشلىق ئايمىقىنىڭ دەرىجىسى ئونسۇ ۋىلايىتىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئونسۇنىڭ سەييارە مۇپەتتىش ئامبىلى ئەملىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئونسۇ ناھىيىسى كۆپەيتىلىپ تەسىس قىلىنغان. بۇ ناھىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ باشلىنىشى بولغان 1958- يىلى 5- ئاينىڭ 29- كۈنى ئونسۇ ناھىيىسى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن ئاقسۇ ناھىيىسگە قۇشۇۋېتىلگەن. خەنزۇچىدا داۋاملىق «温宿» دەپ ئاتالغان بولسىمۇ ئۇيغۇرچىسى « ئاقسۇ كونا شەھەر» گە ئۆزگۈرۈپ كەتكەن . 1962-  يىلى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى ئارقىلىق  ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ تەشكىلى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرچە يېزىق تىلىدا يەنىلا «ئاقسۇ كونا شەھەر» دېگەن نام بىلەن ئشلىتىپ كەلگەن. دېمەك يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان ئاقسۇ كونا شەھەر ناھىيىسى ئىزچىل «ئونسۇ» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بۇلۇپ، 1958- يىلى ئاقسۇ بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەندە ئۇنىڭ نامى «ئاقسۇ كونا شەھەر» گە ئۆزگۈرۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىدا ئالتە بوغۇملۇق سۆزگە ئايلىنىپ، سىياسى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەردە بۇرغۇن توسالغۇ پەيدا قىلغان. ئىدارە تارماقلىرىنىڭ تامغا ئويدۇرۇش، يىغىن پىلانلىرىنى ياساش، ئېلان ۋە ماركا ئىشلىتىشكە نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى تۇغدۇرغان. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن مۇتەخەسىسلەر جەمئىيەتتىكى ئوقۇمۇشلۇق زاتلار ئەسلى نامنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلگەن. بۇ ناھىيىنىڭ بىر قانچە نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىمۇ كۆپ قېتىم بىرلىشىپ تەكلىپ بېرىپ «ئونسۇ» نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

بۇ قېتىم ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارىخى پاكىتلارغا ئاساسەن ئونسۇ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەستىقلاپ ئونسۇلۇقلارنى شادلىققا چۆمۈلدۈردى.

ئونسۇ قەدىمى يىپەك يولىدا جۇلالىنىپ تۇرغان ئالتۇن مەرۋايىت، يېرى كەڭ، بايلىقى مول. 14 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىرلىق بۇ مۇنبەت تۇپراقتا ھەر مىللەتتىن بولغان 220مىڭدىن ئارتۇق نوپۇس ياشايدۇ. ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ئاز سانلىق مىللەتلەر %91.07 نى ئىگەللەيدۇ. ناھىيە بويىچە 10 يېزا بازار، 10 دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق مەيدانى، 103 مەمۇرى كەنت كومىتېت بار. ئونسۇ دىيارىدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، بۇلۇپمۇ پارتىيە 11- نۆۋەتتىكى مەركىزى كومتىتېتىنىڭ 3- ئۇمۇمى يىغىندىن بۇيان پارتىيە مىللى سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، شانلىق كۈرەش مۇساپىلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ ئونسۇنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگۈرۈشلەرنى پەيدا قىلغان. ئونسۇ ناھىيىسى شىنجاڭنىڭ غەربى تەڭرىتاغ ئوتتۇرىدىكى تۇمۇر چوققىسىنىڭ جەنۇبىغا، تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربى قىسىمىغا جايلاشقان بۇلۇپ، مەركىزى ئۈرۈمچىگە 1000 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ يېرىم دېھقانچىلىق، يېرىم چارۋىچىلىق چىگرا ناھىيە بۇلۇپ، غەربى قىرغىزسسىتان ۋە قازاقسىستان بىلەن تۇتۇشىدۇ. 199 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا چىگرا سىزىقىغا ئىگە. گۈزەل، باي بۈگۈنكى ئونسۇ خەلقى كۆتۈرەڭگۈ روھى بىلەن ھاللىق سەۋىيىنى نىشانلاپ مەردانە ئالغا باسماقتا. ئازادلىقتىن بۇيان ئونسۇ خەلقى مەيلى ئايرىم مەمۇرى رايۇن قىلىپ تەسىس قىلىنغاندا بولسۇن ياكى ئاقسۇغا قۇشۇۋېلىنىپ باشقۇرۇلغاندا بولسۇن ئۇزاق تارىخى ئۆزگۈرۈش داۋامىدا قاتناش قولايسىز، ئۇچۇر راۋان بولماسلىق، پەن – تېخنىكا سەۋىيىسى تۆۋەن بۇلۇش، خەلقنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ناچار بۇلۇشتەك قىيىنچىلىقىنى يېڭىپ غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇلۇپمۇ پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت 3- ئۇمۇمى يىغىندىن بۇيان ئونسۇنىڭ ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىپ خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. سانائەت – يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقرىشىدا كۆلەم شەكىللىنىپ ياخشى ئايلىنىش ۋە راۋاجلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. تەرەققىيات سۈرئىتى ئەتراپتىكى رايۇنلارنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولدى. بۇلۇپمۇ يېرىك يېزا ئىگلىكنىڭ تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىشى ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى. ئونسۇدا كۈن نۇرىنىڭ يۇرۇتۇش ۋاقتى يېتەرلىك، سۇ بايلىقى مول، ھاۋا كىلىماتى مۆتىدىل بولغاچقا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا شال تېرىقچىلىقىنىڭ داڭقى پۈتۈن شىنجاڭغا مەشھۇر بۇلۇپ «جەنۇبى شىنجاڭنىڭ گۈرۈچ ماكانى» دېگەن چىرايلىق نامى بار. 1986- يىلدىن كېيىن ئونسۇ ناھىيىسى ئاپتونۇم رايۇننىڭ گۈرۈچ ئاساس قىلىندىغان تاۋار ئاشلىق بازىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. ناھىيىلىك شالچىلىق مەيدان دۆلەتلىك «يېشىل يېمەكلىك» بازىسىنىڭ بىرى قىلىندى. ئونسۇ ناھىيىسىدە يېتىشتۈرۈلگەن 78ـ1 گۈرۈچ سورتى جوڭگو پەن – تېخنىكا قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى. 1998- يىلى دۆلەتلىك يېزا ئىگلىكى مىنىستىرلىكى تەرپىدىن «جوڭگو ئونسۇ گۈرۈچ ماكانى» دەپ نام بېرىلدى. شۇڭلاشقىمۇ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكىلەر ئونسۇ گۈرۈچ ماكانى بىلەن پەخىرلىنىدۇ. ناھىيىنىڭ يەر شەكلىدە ئونسۇ ناھىيىسى شىمالدا تەڭرى تېغىنىڭ ئاساسى بۆلىكى بولغان كىرسىكىر ئارقىلىق شىمالى شىنجاڭدىكى ئېلى ئوبلاستىنىڭ موڭغۇل كۈرە ناھىيىسى بىلەن، شەرىقتە مۇزات دەرياسى ئارقىلىق باي ناھىيىسى بىلەن، شەرقى جەنۇبتا توقسۇ ناھىيىسگە تۇتۇشىدۇ. جەنۇبتا ئاقسۇ شەھرى بىلەن يىقىندىن گىرەلىشىپ كەتكەن، غەرىبتە توشقان دەرياسى ئارقىلىق ئۇچتۇرپان ناھىيىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. غەربى شىمالى قىرغىزسىستان ۋە قازاقسىستان قاتارلىق ئىككى دۆلەت بىلەن چىگىرىلىنىدۇ. ئونسۇ ناھىيسىنىڭ شەرىقتىن غەرىبكە كەڭلىكى تەخمىنەن 153 كىلومېتىر. جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 167 كىلومېتىر، ئۇمۇمى كۆلىمى 14 مىڭ 215 كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ناھىيىنىڭ شىمالىدا تۇمۇر چوققا تاغ تېزمىسى بار، بۇ يەردە ئالتە مىڭ  مېتىردىن ئېگىز 15 تاغ چوققىسى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. شىمالى ئېگىز جەنۇبى پەس بۇلۇپ شىمالى قىسىم تاغلىق رايۇنلىرىدىكى تاغلار ئېگىز غايەت زور ئۆزگىچە ئاجايىپ مۇزلۇقلىرى بىلەن قاپلانغان بۇلۇپ، بىر تىپىك مول قاتتىق جىسىم سۇ ئامبىرىنى شەكىللەندۈرىگەن. ئوتتۇرىسىدىكى پاكار تاغ بەلۋىغىدا جىلغا ۋە دەريا، ئۆستەڭ بىر قەدەر كۆپ بۇلۇپ، ئىككى قىرغىقىدا شەمشاد ئىپتىدائىي ئورمانلىقى، ئېگىز تاغ ئوتلاقلىرى، چاتقال دەرەخ بايلىقى ۋە نەچچە مىليۇن مۇ ئوتلاق بايلىقى بار. بۇ جاي ناھىيىنىڭ ئاساسلىق چارۋا رايۇنى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەر ئاستىدا كۆمۈر، تۇز، سىڭىر قاتارلىقلارنىڭ زاپاس مىقدارى مول. جەنۇبى قىسىمىدىكى تۈلەڭلىكنىڭ شەرقى بولسا لاتقا، تۈزلەڭلىك بۇلۇپ توپا قاتلىمى قېلىن، ئېرىق ئۆستەڭلەر كۆپ بولغاچقا ناھىيىنىڭ ئاساسلىق قۇرغاق زىرائەت دېھقانچىلىق رايۇنى، غەربى لاتقا ئېقىن تۈزلەڭلىكى يەر شەكلى تەكشى، سۇ مىقدارى مول بولغاچقا ئاساسلىق شال ئىشلەپچىقىرىش رايۇنى بۇلۇپ شەكىللەنگەن. شۇڭا بۇ جايدىن چىققان گۈرۈچنىڭ تەمى ۋە سۈپىتى شىنجاڭغا داڭلىق. مول سۇ، كۈن بايلىقى بۇ ناھىيىنىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكى بۇلۇپ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق سانائەت ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تەرەققى قىلدۇرۇش شارائىتى بىلەن تەمىنلەپ كەلمەكتە. 1949- يىلدىن 2009- يىلغىچە بولغان 60 يىل جەريانىدا بۇلۇپمۇ 1978- يىلدىن باشلاپ، پارتىيىنىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ توغرا يېتەكچىلىكىدە، ئونسۇنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىدا ئاسمان – زىمىن ئۆزگۈرۈشلەر بارلىققا كەلدى.

 

مەنبە: ئونسۇ تەزكىرىسى ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
yalpuz0997 + 50 ئىسېل تىما يوللاپسىز .يۇرتىمىزنى خېلى تە

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 50   باھا خاتىرىسى

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-28 09:29:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما بىلەن قۇشۇپ بىرەر خالتا گۇرۇچ ئەۋەتمەي. [s:151] قىرمىش ئاتام مازىرىنىڭ سۇرتىنى يوللاپ قويسڭىز بەك پەيزى بۇلاتتى

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

قۇرداش        (

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15633
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 18579
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 6759 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-28 09:46:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تۇنۇگۇن بىرىپ كەلدىم بۇ ناھىيىگە، ھەقىقەتەن گۇزەل قەدىمى ناھىيە ئىگەن.

قۇرداش

قۇرۇق گەپتىن ئاز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23747
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6950
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2010-12-25
ئاخىرقى: 2012-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-28 10:07:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ بارغۇمنى كەلتۇردىڭىزيا،اللاھ خالىسا بىر بېرىپ كەلمىسەم! [s:137]

ئۆز مىللىتىڭ ئۇيغۇردىن تانىدىغان بوپقالما، ئاتا-ئاناڭنى ھەم قاقشىتىدىغان بوپ قالما. دوسىت-يارىڭنىڭ كۆڭلىنى ئايا ساتما ۋىژداننى، ئەل ئاۋام ئارىسىدا پۇچۇق يارماق بوپ قالما.....دەمدەر

شاكىراپ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16333
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8887
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 383 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2014-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-28 10:54:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چاخچاخ قىلمىدىم ئونسۇ نىڭ قىزلىرى بەك چىرايلىق داڭلىمىدىم مەنغۇ ئۇيەلىك
ئەمەس بىرقانچە قېتىم باغان

ناۋادا سەن بىر ئولجا بولساڭ مەن ھەر ۋاقىت سىنى ئوۋلاشقا تەييار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12280
يازما سانى: 2124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28993
تۆھپە نۇمۇرى: 756
توردا: 3438 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-28 11:12:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما بىلەن قۇشۇپ بىرەر خالتا گۇرۇچ ئەۋەتمەي  گۇرۇچى بەك نۇچى جۇمۇ   ئۇنسۇنىڭ

باشتا كۇلگەن نوچى ئەمەس، ئاخىرغىچە كۇلگەن نۇچى

نادامەتكە كەلدى بۈگۈن، ئامانەت

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 122
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9735
تۆھپە نۇمۇرى: 351
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-28 11:49:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى تەپسىلىي  تۇنۇشتۇرۇپتۇ، دېمىسىمۇ  بۇ ناھىيەنىڭ  ھەقىقەتەن داڭلىغۇچىلىكى بار، بولسا  مۇھىم بولغان  ساياھەت  ئورۇنلىرىنىمۇ قوشۇپ  قويغان بولسىڭىز  تېخىمۇ  ياخىش بولاركەنتۇق، مەسىلەن: قىرمىش ئاتام مازىرى، بوزدۆڭ مەنزىرىلىك ساياھەت رايۇنى  دېگەندەك......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4262
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 09:54:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
6-قەۋەتتىكى قېرىندىشىمغا: ئۇنىمۇ تېپىپ يېزىۋاتىمەن

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

يالپۇز-مۇز گۈلى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6100
يازما سانى: 1422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7083
تۆھپە نۇمۇرى: 473
توردا: 624 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2012-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 03:11:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇلىمۇ قىمەتلىك ماتىريال بۇلۇپتۇ ،مەنمۇ ئازراق تۇلۇقلاپ قۇياي:
ئونسۇ ناھىيىسنىڭ ساياھەت بايلىقى ناھايتى مول بۇلۇپ داڭلىق مەنزىرلىك جايلىرىدىن <<چۆلىكتىكى يېشىل تاش >>دەپ ئاتىلدىغان سايدىكى گۆھەر -<<قىرمىش ئاتام مازارى>>،يىل بۇيى قار مۇز قاپلاپ تۇردىغان تومۇر چۇقا(تۆمۈر چۇقا ئەمەس) مۇھاپىزەت رايۇنى،تەڭرىتاغ ئورمان باغچىسى،قەدىمقىي جىلغا ساياھەت رايۇنى،ئىپتىدائى يېشىللىق تۇمشۇق توغراقلىغى،ۋە تەڭرىتاغدىكى تاغلاق چارۋىچىلىق فىرىمىسىغا جايلاشقان نوشقا مەنزىرلىك ساياھەت رايۇنى بار،

ئۈمىد يېرىم ھايات ،چۈشكىنلىشىش يېرىم ھالاكەت دېمەكتۇر

يالپۇز-مۇز گۈلى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6100
يازما سانى: 1422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7083
تۆھپە نۇمۇرى: 473
توردا: 624 سائەت
تىزىم: 2010-8-11
ئاخىرقى: 2012-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 03:16:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرمىش ئاتام مازارى ناھىيە بازىردىن 60 كىلومىتىر يىراقلىقتا بۇلۇپ مازارنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى <<شىپالىق بۇلاق>>نىڭ سۆيى كېسەلنى داۋالاپ ،چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش خۇسۇسيىتىگە ئىگە.مازارلىقتىكى 1000يىللىق مىرزا تېرەك كىشلەرنى تېخىمۇ جەلىپ قىلىدۇ.

ئۈمىد يېرىم ھايات ،چۈشكىنلىشىش يېرىم ھالاكەت دېمەكتۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش