خۇداغا شۈكرى.ئۇلۇغ ئاللا ئىگەم مېنى پاختىنىڭ ئارىسىدا چوغنى ساقلىغاندەك ساقلىدى. ئەتەراپىمدىكى كىشىلەر شۇنداق ناچار ئەخلاق قارىشى بىلەن ياشىسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ناچار خۇيى ماڭا يۇقمىدى. ئەكىسچە مېنىۇ ئۆز قىممەت قارىشىمنىڭ توغرىلىقىنى، ئۇلار ماڭغان يولنىڭ زەررىچىسى ئايىغىمغا يۇقسىمۇ، ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر شەرمەندە كۈنگە قالىدىغانلىقىمنى. مىللىتىم ئارىسىدا بىر ئوغلان سۈپىتىدە مەۋجۇت بولالمايدىغانلىقىمنى كۆرسىتىپ بەردى.
بىزنىڭ تۇرىۋاتقان بىنانىڭ 2-قەۋىتى قىزلار ياتىقى،3-قەۋەتتە بولسا بىز ئوغۇللار تۇراتتۇق. ئەمما كارىدورنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا 2ئېغىز قىزلار ياتىقى بارتى. شۇ ياتاقتىكى قىزلار ئۆز ياتىقغا قايتىش ئۈچۈن ھەممە ئوغۇللارنىڭ ياتىقىنىڭ ئالدىدىن ئۆتەتتى. شۇنداقلا كارىدوردا ئېىگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ ئاۋازى ئاڭلانسىلا ھەممە ياتاقتىن دىگۈدەك ئىسقىرتقان ئاۋازى ئاڭلىناتتى. بەزىدە ئىككىنجى قەۋەتتىكى قىزلار ئۆزى-بىلەن ئۆزى ئۈستىگە چىقىپ ئۇيان-بۇيان مىڭىپ قويۇپ چۈشۈپ كېتەتتى. ياتاقتىكى بالىلار بولسا ئۇلارنى ئۆزىنى بازارغا سالىدۇ دەپ پاراڭ سالاتتى. ئىشقىلىپ بۇ يەردىكى تۇرمۇش راستلا جىنىمغا تەككەن ئىدى. ھىچقايسىسىدا مىللىي ئەخلاق، غورۇر، ئىنسانىي غايە دىگەنلەر يوق ئىدى. تېخى بەزىدە ھاجەتخانىغا چىققۇچە ئىچكىيىم بىلەن يۈرگەن قىزلارنىمۇ ئۇچرىتاتتىم. ئۆزۈم ئوڭايسىزلىنىپ بىرقىسما بولۇپ كىتەتتىم.
شۇنداقلا ئوشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە خالمۇرات بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان، ھەم شۇ بىنادا تۇرىدىغان بىر قىزنى دوستلىرىنى ئېلىپ چىقىشقا كۆندۈرۈپتۇ. شۇ كۈنى ياتاقداشلىرىم ئۆزىنى ياساش بىلەن ئاۋارە. مەن بولسام بىپەرۋا، يەنە شۇ ئايىغى چىقماس كىتاپ قوينىدا.
-سەن چىقمامسەن؟ -پىچانلىق مەندىن سورىدى.
-ئۇنىڭغا لايىق قىز يوق-خالمۇرات ئورنۇمدا جاۋاب بەردى.-شۇنداققۇ ئاداش، ساڭا لايىق قىز ئۈرۈمچىدىن ئەمەس، يەر شارىدىنمۇ تېپىلمايدۇ. -ئۇ مەن بىلەن ئۇزۇن مەزگىل باردى-كەلدى قىلغاچ مېنىڭ پىسخىكامنى چۈشىنەتتى.
مەن مىيىقىدا كۈلۈپ قويدۇم. ھايات ئىسراپچىلىقى!.
-قاندىغىنى قانداق قىلىمىز؟-شايارلىق ئاداش سورىدى.
ئاۋۋال تاماق يەيمىز. شۇ جەرياندا ھەرقايسىڭ ئۆزۈڭ نىشانلىغاننى گەپكە سىلىپ كەلتۈرىشىسەن. ئاندىن كەچتە ھەرقايسىمىز جۈپ بولۇپ. يولىمىزغا ماڭىمىز.-دېدى خالمۇرات.
ئۇلار چىقىپ كېتىشتى. ياتاقتا ئۆزۈم يالغۇز قالدىم. ھېلىقى ئۈچتۇرپانلىق بالا شۇ كۈنكى جىدەلدىن كىيىنلا باشقا ياتاققا چىقىپ كەتكەن ئىدى. دادام بەرگەن سىلاۋىيان يېزىقىدىكى <<تىياتىر ۋە ۋاقىت>> ناملىق كىتاپنى تەرجىمە قىلىشقا ۋاقىت چىقمىغان ئىدى. ئۇلار بۈگۈن يوق. بۇ پۇرسەت يەنە بار، يا يوق. شۇڭا قەدىرلەش كېرەك.
قاچاندا ئۇخلىغانلىقىمنى بىلمەيمەن. ۋاراڭ-چۇرۇڭدا ئويغىنىپ كەتتىم. تېلفونىمنىڭ سائىتى 10:30نى كۆرسىتىپ تۇراتتى. ئۇلار نېمىشقا قايتىپ كەلدى ھە؟
-نېمە؟ قۇشقاچلار دان يىمەمدىكىن؟-تەنە قىلىپ سورىدىم.
-قويغىنا ئاداش، دېكىسقا بارىمىز دەپ ۋەسلىمىزنى قۇرىتىۋەتتى. تامىقى بەك قىممەتكەن ئۇ يەرنىڭ. شۇنىڭ بىلەن ياتاق ئاچىدىغان پۇل يوق قايتىپ كەلدۇق.
كۈلكەم قىستاپ كەتتى.<<نىيىتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك!>>
-ئەتە قانداق قىلىشارمىز؟
-باشقا ساۋاقداشلاردىن پۇل سورايلى ئەمدى. ھەپتىگىچە بىر ۋاختىن تەييار چۆپ يىمىسەك بولمىدى. ھىلىمۇ ئۆيدىكىلەردىن ئالغان ئايلىق خىراجەتنى ئاينىڭ بىشىدىلا تۈگىتىپ، ئىككى قىتىم پۇل دېدىم.
-ئابدۇشۈكۈر، ئاداش ماڭا 10سوم بېرىپ تۇرۇڭلار، ئىككى كۈن جاھاندارچىلىق قىلىۋالاي-دېدى شىڭخالىق قۇربان.
ئۇنىڭغا پۇل بەردىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئوۋ پائالىيىتى نەتىجىسى مەغلۇبىيەت بولدى.
ئىككى كۈندىن كىيىن مۇنداق بىر خەۋەر ئاڭلاندى. بىنانىڭ يىنىغا يېڭىدىن بىر تورخانا ئېچىلىپتىكەن، 3كۈنگىچە ھەقسىز ئوينىساق بولىدىكەن. بۇنى ئاڭلاپ خالمۇراتنىڭ چىچىكى چاي بولدى.
-شەنبە كۈنىدىن باشلاپ ھەر بىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ قۇچقىچىنى ياتاققا ئېلىپ چىقىپ نۆۋەت بىلەن......
-ئاداش مەن كۈنبويى ئالدىراشچىلىقتا ھېرىپ كەتتىم. شۇڭا ئىككى كۈن ياتاقتا ئۇخلايمەن.
خالمۇرات داڭقىتىپ قالدى. بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ:
-بولدى، شۇ كۈنى مەن سرتتىن ياتاق ئېچىپ ئۆزۈم بىلگەننى قىلىمەن. ھەرقايسىڭ بىلەن كارىم يوق.-دېدى.
-ئابدۇشۈكۈر ئاداش، باشقا ياتاقتا ئۇخلىساڭلا بولمامدا؟
-2-قەۋەتكە چۈشەيما؟-ئۇنىڭدىن تەنە تەلەپپۇزدا سورىدىم. ئۇمۇ جىم بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنجى قېتىملىق ئوۋمۇ ئاخىرلاشتى. كىيىن ئۇلار قۇچقاچلىرىنى يۇڭداپ يىدىمۇ، ياكى مايىقىنى ئېلىپ ئوغۇت قىلدىمۇ بىلمىدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ گەپمۇ ياتاقتا تىلغا ئېلىنمىدى.