مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1617|ئىنكاس: 14

نىكاھلىنىشتىكى سىر ۋە ھەقىقەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلىڭلاركى قەلى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3174
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5773
تۆھپە نۇمۇرى: 271
توردا: 2355 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2011-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 07:32:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاياللار بىلەن ئۇنسى - ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر - خوتۇن ئارىسىدا) مېھر - مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك-شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار» سۈرە رۇم 21-ئايەت.

ھەقىقەتەن بۇ، پىكىر يۈرگۈزۈشىگە ئەرزىيدىغان  بۈيۈك ئايەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەت كەرىم  ئاللاھ تائالانىڭ: « پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك  - شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار» دېگەن سۆزى بىلەن تاماملانغان. «ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر» دېگەن ئايەت كەرىمنى ئاڭلىغان ۋاقتىمىزدا چوقۇمكى بۇ يەردە بىر مۆجىزىنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلىشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايەت كەرىمدە بەندىلىرىگە سۆزلەپ بېرىدىغان مۆجىزىسى بولسا "نىكاھلىنىش مۆجىزىسى" دۇر.

ئاللاھ تائالانىڭ ئەر - خوتۇنلاردا ئامانەت قىلغان سىرلارنىڭ نېمە ئىكەنلىكى، ئەر - خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا قانداق ئۇنسى - ئۈلپەتلەرنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزگىنىمىزدە بۇ ئايەت كەرىمنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇنلىغان ئىلمىي مۆجىزىلەرنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى تونۇپ يېتىمىز. ئاللاھ تائالا نىڭ: «(بۇ ئىش) ئۇلارنىڭ (ئاللاھقا بولغان) ئىمانىنى ۋە (ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بولغان) بويسۇنۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.» دېگىنىگە ئوخشاش، بۇ ئايەت كەرىمنىڭ ئاللاھ تائالاغا بولغان ئىمانىمىزنى ۋە ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بولغان بويسۇنۇشىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى ئۈچۈن، بۇ ئايەت كەرىمنى يۈزەكى ئوقۇپ ئۆتۈپ كەتمەستىن بەلكى بۇ ئايەت كەرىم ئۈستىدە توختىلىپ، ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈشىمىز لازىم.

ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرسىدا قانداق ئۇنسى-ئۈلپەتلەر بار؟:

پىسخولوگىيە ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلار ئەر ئۈچۈن ھالال بىر خوتۇننىڭ بولىشىنى تەكىتلەپ، ئەرنىڭ يېنىدا خوتۇننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ئەر كىشىدە بىئاراملىق، چۈشكۈنلۈك، تۇراقسىزلىق قاتارلىقلار ئىللەتلەرنى ئازايتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىسى، سەپەرگە چىققاندا ئەرلەرنىڭ يېنىدا ھالال خوتۇنلىرىنىڭ مەۋجۇت بولىشىنىڭ ئەرلەردە يۈرەك سانجىقى قاتارلىق كېسەللەرنىڭ پەيدا بولىشىنى ئازايتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى يەنە ئۆيلەنمىگەنلەرگە  قارىغاندا  ئۆيلەنگەن ئەرلەردە پىكىرنى بىر يەرگە مەركەزلەشتۈرۈش، ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي نەتىجىلىرىنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدەك ئېرى يوق خوتۇنلارغا قارىغاندا ئېرى بار خوتۇنلارنىڭ تۆھپىسىنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

تەرەققى قىلغان دۆلەتلەردە ئائىلە ئىناقسىزلىقى، ئائىلىدە جېدەل - ماجرا، ئائىلە زوراۋانلىقلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. تەتقىقاتچىلار بۇ ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ شەرئى نىكاھسىزلىقنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، بۇنداق تۇرمۇشتا مېھر - مۇھەببەت، ئىناقلىق، مۇقىملىق بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

ئىلمىي نەتىجە ۋە ئىجادىيەت قۇدرىتى:

كانساس ئونۋېرسىتېتى ئالىملىرىنىڭ 2006 - يىلى نويابىردا ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسى بويتاق ئالىمغا قارىغاندا ئايالى بار ئالىمنىڭ ئىلمىي نەتىجە ۋە ئىجادىيەت قۇدرىتىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى لېكىن بۇ نەتىجە، ياتلىق بولغان ئاياللار ئائىلە ئىشلىرى ۋە باللىرىنى تەربىيىلەش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئىلمىي نەتىجە ۋە ئىجادىيەت قۇدرىتىنىڭ بىر ئاز تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇنىڭدىن ياتلىق بولغان ئاياللارنىڭ تۆھپىسى ئائىلە ئىشلىرى ۋە باللىرىنى تەربىيىلەش ئىشلىرىغا قارىتىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئەر - خوتۇنلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان نېمەتلىرىدىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. ئالىملار ئۆيلەنگەنلەرگە قارىغاندا بويتاق ئەرلەرنىڭ يۈرەك سانجىقى ۋە ھەر خىل روھىي كېسەللىرىگە كۆپرەك مۇپتىلا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

چىرايلىق سۆزنىڭ تەسىرى:

«چىرايلىق سۆز سەدىقىدۇر.» پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  بىزگە مانا مۇشۇنداق خەۋەر بەرگەن. ناتونۇش بىر كىشىگە چىرايلىق سۆز قىلىش مۇشۇنداق بولسا ئەر - خوتۇنلارنىڭ بىر - بىرىگە  چىرايلىق سۆز قىلىشىنىڭ ئەجرى، ئاللاھ تائالانىڭ ھوزۇرىدىكى ساۋابى، بىر - بىرىگە بولغان تەسىرى قانداق بولار-ھە؟ تەتقىقاتچى ئالىملار ئەر - خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى چىرايلىق، شىرىن، كۈيۈش ۋە كۈيۈشۈش سۆزلىرىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە ئالاھىدە تەسىرى بولىدىغانلىقىنى، ئەر - خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئازايتىشتا ئالاھىدە رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

بىر زامانلاردا گېزىتلەردە دوختۇرلار تىببىي ساھەدە كۆرۈلگەن  مۆجىزە  دەپ قارىغان مۇنداق بىر خەۋەر نەشرى قىلىنغان ئىدى: بىر ئايال ھوشسىزلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھوشسىزلىقى بىر قانچە ئايغا سوزۇلۇپ كەتكەنىدى، لېكىن ئۇ خوتۇننىڭ ئىرى ھەر كۈنى دېگىدەك ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، چىرايلىق، شىرىن سۆزلەرنى قىلاتتى، ئۇ ئايالنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيتتى، ھوشسىز ياتقان خوتۇنغا سۆز قىلىپ ئولتۇرغان بۇ ئەرنى كۆرگەن دوختۇرلار بۇ ئەرنى مەسخىرە قىلىشىپ كۈلۈشەتتى لېكىن بۇ ئەر ئۇلارغا چىرايلىق سۆزلەرنىڭ چوقۇم ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيتتى.

ھوشسىز ياتقان بۇ ئايال بىر كۈنى ئۇشتۇمتۇت ھوشىغا كېلىپ ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇردى. بۇ ئايال بىر قانچە يىل ھوشىغا كېلەلمەسلىكى مۇمكىن دەپ قارىغان دوختۇرلار تىببىي ۋاسىتىلەر ئاجىز كەلگەن بۇ كېسەلنى داۋالاشتا چىرايلىق سۆزنىڭ ئالاھىدە تەسىرى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! بۇنىڭدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەسىيىتىنىڭ ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش ھەققىدە بولغانلىقىنىڭ سىرىنى تونۇپ يەتسەك كېرەك. ئىنسانىيەت ئارىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىنمۇ ئۇلۇغ بىر شەخىس بارمۇ؟، غەرب ئالىملىرى بۇ ھەقىقەتنى بىلگەن بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى! چۈنكى ئۇلار ئائىلە ئىناقسىزلىقى، ئائىلە جېدەل - ماجراسى، ئائىلە زوراۋانلىقى كىرزىسلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مىليونلىغان دوللار سەرپ قىلغان بولسىمۇ بۇنىڭ ھېچقانداق نەتىجىسى بولمايۋاتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللار مەسىلىسىگە  نېمە ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئەمدى چۈشەنگەنسىلە. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ۋەسىيىتىدىن يىراقلاشقانلىقنىڭ خەتىرىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئابزاسلارغا  دىققەت ئېتىبارىمىزنى بېرەيلى:

ئەر - خوتۇنلار  ئاللاھنىڭ پىترىتىدىن، يەنى دىنىدىن يىراقلىشىپ كەتكەندە قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟. ئاللاھ تائالا ئەر - خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قەلبى تەسكىن تېپىشىغا، ئۇلپەتلىنىشىگە بۇنىڭ بىلەن ئەر - خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا مېھىر - مۇھەببەتنىڭ تېخىمۇ زىيادە بولىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ھېس - تۇيغۇلارنى ئامانەت قىلغان. لېكىن بۇ يەردە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان ئەر -خوتۇنلۇق  نېمىتىنى قەدىرلىمەيدىغان، ئۇنىڭ ئەمرى-پەرمانلىرىغا ئاسىيلىق قىلىدىغان، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن نۇرغۇن ئەر - خوتۇنلار بار بولۇپ، تۆۋەندە بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.

رەسمى سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا ھەر 15 سىكىنۇتتا مەلۇم بىر ئائىلىدە  بىر ئايالغا زوراۋانلىق قىلىش ھادىسىسى يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. 1992 - يىلى ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسى، ياۋرۇپا ئاياللىرىنىڭ 25% نىڭ ئاز دېگەن ھاياتىدا بىر قېتىم  زوراۋانلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. (Council of Europe 1992).

  1998- يىلى ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسى، ئامېرىكىدا بىر يىلدا بىر يېرىم مىليوندىن كۆپرەك ئائىلىدە جېدەل - ماجرا، زوراۋانلىق ھادىسىسى يۈز بېرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئىچىدە 1830 ھادىسىنىڭ ئايال تەرەپنى ئۆلتۈرۈۋېتىش بىلەن ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.  (بىر دۆلەتتە بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ھادىسە مۇشۇ بولسا، بىر قانچە دۆلەتتە ئون يىل ئىچىدە قانچىلىك ھادىسە يۈز بىرەر).

  ئەر - خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بىرىۋاتقان جېدەل - ماجرا، زوراۋانلىق ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش جەمئىيەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ ھادىسىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

  ئىنتىر تورلىرىنىڭ بىرىدىن  (Statistics of Battered Women, www.asafeplaceforhelp.org)  تۆۋەندىكىدەك سىتاتىستىكىلىق يېڭى مەلۇماتلارنى ئالدۇق، بۇ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى ئاياللارغىلا خاستۇر:

- ئامېرىكىدا ھەر 9 سىكىنۇتتا بىر ئايال ئىرى تەرىپىدىن تاياق بىلەن زوراۋانلىققا ئۇچرايدۇ.

- ئامېرىكىدا  ئىرى تەرىپىدىن تاياق بىلەن زوراۋانلىققا ئۇچرايدىغان ئاياللار 7% گە، ئىرى تەرىپىدىن تىل - ھاقارەت بىلەن زوراۋانلىققا ئۇچرايدىغان ئاياللار 37%گە يېتىدۇ.

- زوراۋانلىققا ئۇچرىغان ھامىلدار ئاياللار 26% گە يېتىدۇ.

سىتاتىستىكىلىق مەلۇمات، ئاياللارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زوراۋانلىق ۋە ئۆلتۈرۈۋېتىش جىنايەتلىرىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ قانۇنسىز (نىكاھسىز) ئەرلىرى تەرىپىدىن يۈز بېرىدىغانلىقى تەكىتلەنمەكتە.

ئاللاھ تائالانىڭ پىترىتىدىن، دىنىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا ئەگەشكىنكى ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بونى بىلمەيدۇ.» سۈرە روم 30- ئايەت.

بۇنداق ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھ تائالاغا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرمىگەنلىكنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئالىملار ئاياللاردىكى ئەڭ شىرىن تۇيغۇنىڭ ئەرلىرىنىڭ نەزىرىدىكى قەدرى  قىممىتىنى ھېس قىلىش تۇيغۇسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. بۇ تۇيغۇ ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى توختىتىشقا ، روھى ھالىتىنىڭ تېتىك، ساغلام بولىشىغا ئالاھىدە ياردەم بېرىدۇ. بۇنىڭدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: "ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە  قىلىڭلار" دېگەن مۇبارەك ۋەسىيىتىنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىمىز.

غەرب دۆلەتلىرىدە (شەھۋەتپەرەسلەرنىڭ دامىغا چۈشكەنلىكىنى، نەتىجىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۇ بۆرىلەرنىڭ قوربانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى سەزمىگەن) كۆپلىگەن قىز - يىگىتلەرنىڭ نىكاھلىنىپ ھالال تۇرمۇش قورۇشتىن قېچىۋاتقانلىقىنى، ئوخشاش جىنسلىقلار (يەنى ئايال بىلەن ئايال، ئەر بىلەن ئەر ) نىڭ نىكاھلانغان ئەر - خوتۇنلاردەك بىرگە ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز ياكى شۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلاۋاتىمىز. سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلار، ئوخشاش جىنسلىقلار (يەنى ئايال بىلەن ئايال، ئەر بىلەن ئەر ) نىڭ نىكاھلانغان ئەر - خوتۇنلاردەك بىرگە ياشىغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا  جېدەل - ماجرا، زوراۋانلىق ھادىسىلىرىنىڭ تەبىئىي ئەر - خوتۇنلارغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە كۆپ يۈز بېرىدىغانلىقىنى، بۇنداقلارنىڭ ئالاقىسىنىڭ 2، 3 يىلدىن ئوشۇق داۋاملاشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. مانا بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ پىترىتىگە، دىنىگە خىلاپ بولغان ھەرقانداق ئىشلارنىڭ ئوزۇن داۋاملىشالمايدىغانلىقىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

زىنا - پاھىشىلەرنىڭ كۆپىيىشى ، ئەيدىزغا ئوخشاش داۋالاش ئۈنۈم بەرمەيدىغان خەتەرلىك كېسەللەرگە سەۋەپ بولۇۋاتقانلىقى بۈگۈنكى كۈندە ھېچكىمگە سىر بولمىسا كېرەك. بۇ كېسەلنى داۋالاش ئۈچۈن نەچچە ئون مىليون دوللار سەرپ قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن بۇ كېسەلنىڭ كېڭىيىش نىسبىتىنىڭ تېزلىكى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ.

كالفورىنىيا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتۇر جىس چىن مۇنداق دەيدۇ: ئەيدىز كېسىلى ئافرىقا قىتئەسىدە ئادەمنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە تارقالماقتا، بۇ كېسەلنىڭ سەۋەبىدىن يىلىغا ئىككى مىليون ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلماقتا.

جەنۇبى ئافرىقىدا  ئەيدىز ۋىرۇسىغا يولۇققان شەخىسلەر 20%  نى تەشكىل قىلىدۇ. سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا كۆرە، ئەيدىز كېسىلى 2002- يىلدىن 2020- يىلغىچىلىك دۇنيادا 68 مىليون كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ب د ت بۇ كېسەلنى داۋالاش ئۈچۈن ھەر يىلى  نەچچە 10 مىليون دوللار سەرپ قىلىنىشقا  مۇھتاج ئىكەنلىكىنى، ھەر كۈنى 14 مىڭ شەخىس ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ يېرىمى ئاياللار ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلماقتا. ھەر كۈنى 14 مىڭ شەخىسنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بۇ خەۋەر نېمىدېگەن قورقۇنۇچلۇق خەۋەر- ھە!  2008 - يىلى خەلقئارادا  ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشقا  سەرپ قىلىنغان مەبلەغ 22 مىليون دوللارغا يېتىدۇ.

ئەيدىز كېسىلى 1980- يىلىدىن 2005- يىلغىچىلىك ئەر، ئايال، كىچىك بالىلاردىن بولۇپ، 27 مىليوندىن كۆپرەك كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئەيدىز ۋىرۇسىغا  يولۇققان يەنە 40 مىليون شەخىس ئۆلۈم نۆۋىتىنى كۈتۈپ ياتماقتا.

تەتقىقاتچىلار بۇ كېسەلنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تۈرلۈك زىنا - پاھىشە، پەچچىۋازلىق ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان ئىشلار بولۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ پىترىتىدىن يىراقلاشقان كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھەممەيلەننىڭ ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

مۆمىنلەرگە  قارىتىلغان بۇ ئىلاھىي چاقىرىق ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزەيلى:

«مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نامەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر».﴿سۈرە نور30- ئايەت﴾ ئنىسانلار بۇ ئىلاھىي پەرماننى ھەقىقى ئىجرا قىلسا ئىدى يۇقۇرىدىكى سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردا ئىشارەت قىلىنغىنىدەك، بۇ كېسەلنىڭ ئېچىنىشلىق قوربانىغا ئايلىنىپ قالمىغان بولاتتى، ئەلۋەتتە!.

نىكاھسىز ۋۇجۇتقا كەلگەن ئەۋلادلار:

ئەنگىلىيىدە نىكاھسىز توغۇلغان ئەۋلادلارنىڭ نىسبىتى 12% بولۇپ، 2004- يىلى بىراقلا 42% گە يەتكەن. (Office for National Statistics).

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدا نىكاھسىز توغۇلغان ئەۋلادلارنىڭ نىسبىتى2004- يىلى 37% گە يەتكەن. غەرب ئەللىرىدە بۇ ئەھۋالنىڭ ئەر - ئاياللار تەرىپىدىن ئورتاق قوبۇل قىلىنىشى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ.

ياۋرۇپا ئەللىرىدە نىكاھسىز توغۇلغان ئەۋلادلارنىڭ نىسبىتى 33% گە يېتىدۇ. (the annual ONS Social Trends report).

نىكاھسىز ئاياللار بىلەن بىرگە ياشايدىغان ئەرلەرنىڭ نىسبىتى 24% گە، نىكاھسىز ئەرلەر بىلەن بىرگە ياشايدىغان ئاياللارنىڭ نىسبىتى 25% گە يېتىدۇ. (ONS, 2004).

بەزى ياۋرۇپا دۆلەتلىرى نىكاھسىز توغۇلغان ئەۋلادلارنىڭ نىسبىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان جەدۋەلدۇر. مەسلەن 2004- يىلى نىكاھسىز توغۇلغان ئەۋلادلارنىڭ نىسبىتى ئىسپانىيىدە 22% گە، شېۋىتسىيەدە 55%گە يەتكەن. مانا بۇ غەرب ھازارىتىنىڭ مۇنقەرىزلىكىنىڭ ئىشارىتىدۇر! (BBC).

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققى قىلغان بىر دۆلەتتە ھەر ئىككى يېرىم مىنۇتتا بىر ئايالنىڭ باسقۇنچىلىق ھادىسىسىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن. سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا كۆرە، ئامېرىكىدا كۈنىگە  ھەر 6 ئايال ئىچىدىن 1 ئايال، بىر يىلدا 200000 ئايال باسقۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ. بۇ سىتاتىستىكىلىق رەسمى مەلۇماتتۇر. ئەمما مەلۇم قىلىنمىغان باسقۇنچىلىق ھادىسىلىرى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپتۇر.

غەربتىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر باسقۇنچىلىق ھادىسىلىرىنى يەتكۈزۈشكە ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس تىلىفونلارنى ئورۇنلاشتۇرغان بولسىمۇ كۆپىنچە ھادىسىلار مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يەتكۈزۈلمەستىن يوشۇرۇن بىر تەرەپ قىلىنغان.  باسقۇنچىلىق ھادىسىلىرىنىڭ كۆپۈيۈپ كېتىشى غەرب ئەللىرىدىكى بەزى كىشىلەرنى چۆچۈتمەكتە.

تەتقىقاتچى ئالىملارنىڭ تەكىتلىشىچە بۇ ھادىسىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قىزلارنىڭ يېقىن دوستلىرى ياكى يېقىن ئورۇق-تۇغقانلىرى تەرىپىدىن يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. (National Crime Victimization Survey, 2005)

ئاللاھ تائالانىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈش، دىندىن يىراقلىشىش ئىنساننى دۇنيادا تار ۋە خار تۇرمۇشقا دۇچار قىلىدۇ، ئۇنداق ئىنسان دۇنيادا ھەرگىز بەخىتلىك بولالمايدۇ، ئاخىرەتتە بولسا ئۇنى ئازاپ كۈتۈپ تۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ ئىنسان دۇنيادا ئاللاھ تائالا ھارام قىلغان نەرسىلەرگە قارىغان ۋە ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندى، شۇنىڭ ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇ ئىنساننى ئەئما- كۆر ھالدا تىرىلدۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى مېنىڭ زىكرىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇنىڭ ھاياتى تار(يەنى خاتىرجەمسىز)بولىدۇ،قىيامەت كۈنى ئۇنى بىز كور قوپۇرىمىز.» ئۇ:« ئى پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مېنى كور قوپۇردۇڭ، ۋاھالەنكى،(دۇنيادىكى چاغدا)مېنىڭ كۆزۈم كۆرەتتىغۇ؟ » دەيدۇ. ئاللاھ ئېيتىدۇ:« شۇنىڭدەك ساڭا(روشەن)ئايەتلىرىمىز كەلدى،سەن ئۇلارنى تەرك ئەتتىڭ، سەن بۈگۈن شۇنىڭغا ئوخشاش تەرك ئېتىلىسەن». ھەددىدىن ئاشقان ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتمىغانلارغا شۇنىڭغا ئوخشاش جازا بېرىمىز، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر، تېخىمۇ باقىيدۇر.» سۈرە تاھا 124- 127 ئايەتلەر.

نىكاھتىن ئاجرىشىشنىڭ خەتىرى:

ئاللاھ تائالا بىزنى بۇ ئايەت كەرىم ئۈستىدە پىكىر يۈرگىزىشىمىزگە بۇيرۇيدۇ:«ئاياللار بىلەن ئۇنسى - ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر - خوتۇن ئارىسىدا) مېھىر - مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك  - شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار.» سۈرە رۇم 21- ئايەت. بۇ ئايەت كەرىم ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە ئاتا قىلغان نېمەتلىرىنى تونۇشىمىز، ئاياللىرىمىز بىلەن ئۇنسى - ئۈلپەت ئېلىشىمىز، ئەر - خوتۇنلار ئارىسىدىكى مېھىر - مۇھەببەتنى كۆچەيتىشىمىزدىن ئىبارەت چوڭ غايە ئۈچۈن نازىل بولغان ئايەتتۇر.

پەيغەمبىرىمىزنىڭ: "ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار" دېگەن ۋەسىيىتىگە، ئاللاھ تائالانىڭ:« ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋر قىلىڭلار)، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ،ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن». سۈرە نىسا 19- ئايەت. دېگەن ئىلاھىي ۋەسىيىتىگە خىلاپلىق قىلساق تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز  قورقۇنۇچلۇق، يامان ئاقىۋەتكە قالىمىز.

تەتقىقاتچى Gordon Berlin مۇنداق دەيدۇ: بەخت - سائادەت ئىچىدىكى ئەر - خوتۇنلۇق ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشىشنىڭ، ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ مۇھىم ئاساسىدۇر. تەلىم ئىشلىرىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان، ئوغرىلىق، زەھەرلىك چېكىملىك قاتارلىق يامان ئىللەتگە ئۈگۈنۈپ قالغان ئەۋلادلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاتا - ئانىسى نىكاھدىن ئاجرىشىپ كەتكەن ئەۋلاتلاردۇر. ئامېرىكىدا ئەر - خوتۇنلارنىڭ نىكاھدىن ئاجرىشىش نىسبىتى بەزى يىللاردا 50% گە كۆتۈرۈلمەكتە.

نىكاھلىنىشنىڭ ئاسان بولىشىدىكى ياردەمچى ۋەسىلە:

ئەر ياكى ئايال بولسۇن ھەممەيلەن ئاللاھ تائالانىڭ  ياخشى، ھالال جۈپتى ئاتا قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن ھازىر ئوغۇل - قىزلارنىڭ نىكاھلىنىش ۋاقتىنىڭ كىچىكتۈرلۈشىدىن ئىبارەت بىر كىرزىسقا دۇچ كەلمەكتە. بۇ تېما ئۈستىدە بىر قانچە يىل ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، تۇرمۇشلۇق بولۇشنىڭ ئەڭ ئاسان يولى ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا تەقسىم قىلغانلىرىغا رازى بولۇش، ئاللاھ تائالا غا تەۋەككۇل قىلىش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھ تائالا ئىنسانلار بىلمىگەن ئىشلارنى ياخشى بىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن ئەۋۋەل ئىنسانلار ئاسانلاشتۇرىلىشنىڭ سەۋەبىنى قىلىشى زۆرۈردۇر.

نىكاھلىنىش يولىنىڭ ئاسانلىشىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىگە ئوخشىغان دۇئالارنى كۆپرەك ئوقۇش لازىم:

«پەرۋەردىگارىم  مىنى يالغۇز قويمىغىن، سەن ئەڭ ياخشى ۋارىسسەن». سۈرە پاتىھە ۋە سۈرە ئىخلاس قاتارلىقلارنى كۆپ ئوقۇش لازىم.

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! بۇ مەلۇماتلار يۈزەكى ئوقۇپ قويۇش ئۈچۈن بولماستىن بەلكى نىكاھلىق بولۇشتىن ئىبارەت ئاللاھ تائالانىڭ كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلىرى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ ئەر - خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا مېھىر - مۇھەببەت ئورناتقانلىقى، بۇنىڭغا پەقەت نىكاھلىنىش يولى بىلەن ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشىمىز ئۈچۈن ۋەسىلىدۇر. بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچىلار بويتاق ئەرلەرگە قارىغاندا ئۆيلەنگەن ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تولىمۇ كۆڭۈللۈك، بەخىتلىك بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ: «ئاياللار بىلەن ئۇنسى - ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئەر - خوتۇن ئارىسىدا مېھىر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان ئالامەتلىرىدىندۇر» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى ھەقىقى تونۇپ يېتىمىز ۋە مۆمىنلەرنىڭ بۇ دۇئاسى بىلەن دۇئا قىلىمىز: «ئى پەرۋەردىگارىمىز!بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى، يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنىتىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشۋاسى(يەنى تەقۋادارلارنىڭ نەمۇنىسى، ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى)قىلغىن.» سۈرە فۇرقان 74- ئايەت.

  ئوبۇلقاسىم ئەھمەدى

مەنبە :مەرىپەت مۇنبىرى

قايغۇرماڭ: دۈشمەنلەر مېنى نېمە قىلالايتتى، جەننىتىم قەلبىمدە، مېنى ئۆلتۈرسە مەن شەھىد، يۇرتۇمدىن قوغلاپ چىقارسا ساياھەت، تۈرمىگە سالسا ئاللاھ بىلەن يالغۇز سۆھبەت.

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 2587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1272
تۆھپە نۇمۇرى: 652
توردا: 8340 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 07:35:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلۋالدىم، رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11205
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5186
تۆھپە نۇمۇرى: 261
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2011-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 07:47:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت  شەكلىنى  كچىكرەك قىلىپ تەھرىرلەپ قويساڭلا  بوپتىكەن

ئۆلەي دىسەم ئىمكان يوق

يۈرەك قانېمىغىچ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18529
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4021
تۆھپە نۇمۇرى: 213
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 07:52:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋال ساقلىۋىلىپ ئاندى ئالدىرماي ھەزىم قىلاي . ئەمما قىلغان ئەجىرىڭىز يەردە قالمايدۇ .

ھايات يالىڭاچلىنىپ ئاياللارغا ئايلانماقتا ، ياشار ئۇندا ئەركەكلەر سەرسان !

ئەھكاملىرىمىز ب

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 659
يازما سانى: 596
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5420
تۆھپە نۇمۇرى: 328
توردا: 6899 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 07:54:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايەتتە شەك يوق ~؟! تىمىنى تۇلۇق ئوقۇش شەرپىگە ئېرىشكىنىمدىن رازىمەن ~!

تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار ؟ ~ شۇ تۇخۇمنىڭ تاشتا دەردى بار !؟ MSN  -  AHKAM@live.cn   ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قوشىلىشىنى قارشى ئالىمەن !

ساپا يوقتا ۋاپا يوق

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1809
يازما سانى: 1734
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2919
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 07:55:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىركىنى تىللاپ قان قۇستۇرۋىتىدىغان تىمىكەنغۇ بۇ ،
كۈلۈپ ساراڭ بولاي دىدىمغۇ ، ئەجابا ئۇشبۇ ماقالىنىڭ ئىگىسى ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ ؟شۇلارنى يازسا بولمامدۇغاندۇ؟ نىمىشقا ئۆز ئەتراپىمىزدىكىلەردىن ئىبرەت ئالماي ئامىركىنى چىشلەپ تارتىمىز ؟ نىمە زۈرۈريىتى ؟ ئەجابا ئادەم بىلەن ئادەم ئوخشىمايۋاتقان يەردە ، دۆلەت بىلەن دۆلەت يەنە مىللەت بىلەن مىللەتنىڭ پىسخىىكىسىدا ئوخشىماسلىقنىڭ بۇلىشى مۇقەررەرغۇ ؟ نىمىشقا مۇناسىۋەتسىز ئامىركىنى بىزگە سىلىشتۇرىمىز؟  [s:123]  [s:123]

سەۋرنىڭ تىگى ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15018
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5576
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 681 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2012-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 08:10:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما توللاوسىز رەھمەت سىزگە ،ھەممە ئادەم تۇرمۇشنى سىز چۇشەنگەندەك چۇشەنسە نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى

ئەليار دىمەك ئەل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23977
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3264
تۆھپە نۇمۇرى: 214
توردا: 136 سائەت
تىزىم: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2011-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 08:14:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى تىما بوپتۇ .......
رەھمەت سىزگە.... [s:166]

ئۆيلىنىشتىكى مەقسىتىڭ نىمە دىسە نىمە دەپ جاۋاپ بىرىسىز .

ھاياتىڭىزنى قەدىرلەڭ ،،،، ئانىڭىزنى ياخشى رازى قىلىڭ .....بولسا  ئۆيدىن بىر قانچە كۈنلۈك  سىرىتلاردا مۇساپىر بولۇپ بىقىڭ ،،!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2181
يازما سانى: 307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4800
تۆھپە نۇمۇرى: 659
توردا: 8150 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 09:28:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت  Alyar103 كە 2010-12-29 08:14 PMئەۋەتىلدى  :
ھەقىقەتەن ياخشى تىما بوپتۇ .......
رەھمەت سىزگە.... [s:166]

ئۆيلىنىشتىكى مەقسىتىڭ نىمە دىسە نىمە دەپ جاۋاپ بىرىسىز .

haram zinagha Yikinlaxmay halap jupti bilan Arlik hawisini kandurush.
Parzant tipip , kiYinki awlat- naslini kaldurush

ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا ساپ ئىمان - ئېتىقاد ، كۈچ-قۇۋۋەت ، ئەقىل-پاراسەت تېلەيمەن . . .  !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21909
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3395
تۆھپە نۇمۇرى: 216
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2010-12-11
ئاخىرقى: 2011-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 10:06:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزنى ئوقۇپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلۋالدىم،رەخمەت سىزگە [s:166]  [s:166]  [s:166]

شۆھرەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش