مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئوت

كېرىيە ئەل ئىچى تەنھەركەت پائالىيىتى گاگا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تۆت تادۇ ئۇيغۇر

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4418
يازما سانى: 4330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198833
تۆھپە نۇمۇرى: 694
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 04:34:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يۇرتقا بارغاندا ئىككىمىز ئوينايلى ھە ئەمىسە، شۇ چاغدا نوچى رەسىمىنى چىقىرىپ قويىلى .

ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى www.4tadu.com/

گۇناھلىرىمنى يۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2137
يازما سانى: 1598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10599
تۆھپە نۇمۇرى: 344
توردا: 13305 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 07:48:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ يۇرىتتا بۇنى چۇك كالتەك دەپ ئوينايتۇق.ئون يىل بوپتۇ بىرەرسىنىڭ ئوينىغىنى كۆرۈپ باقمىدىم.

ئاللاھ بىلەن شەيتان مىنى تاشلىۋەتمىدى . شەيتان ھەر قاچان مىنى ئازدۇرۇشنىڭ كويىدا ، پەقەت ئاللاھلا مىنىڭ قادىر مەدەتكارىم...!

كۆسەن ئوغلى _  د

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17326
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10212
تۆھپە نۇمۇرى: 491
توردا: 864 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2014-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 08:00:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەنئەنىدىن ياتلىشىش مودا بولدى بىزدە؟

كۆسەن ئوغلى( قىشلاق ) نىڭ يۈرىكى سوقۇشتىن توختىغىچە، ئەل ئۈچۈن خىزمەت قىلىش.

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17868
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-1 01:44:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئادىي ياغاچتا ئوينامدۇ نىمە
بىز گا گانى ئۈرۈك ياغچتىن چۈكنى  يۇلغۇن شېخدىن خىللاپ ئوينايتۇق ئەجەپ كۈلگۈمنى كىلۋاتىدۇ مەھەلدىكى باللارنى ۋاللەيگە سېلىپ كوتگە گا گانى تىقىپ قوغلاپ ماڭغنىمنى ئويلسام كىچىك چاغ دىگەندە بەك كەپسىكەنمىز ......................... [s:177]  [s:177]

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17868
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 820 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-1 06:39:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېرىيە خەلقىنىڭ كىيىم - كىچەك مەدىنيىتى


كېرىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى، تەلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قەدىمىي يۇرت. بۇ يۇرتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بەزى ئەنئەنىلىرى، مەدەنىيەت ئىزنالىرى خېلى ساقلىنىپ قالغان. بۇلار ئىچىدە كۆزگە ئەڭ كۆپ چېلىقىدىغىنى كېرىيىلىكلەرنىڭ ئۆزگىچە كىيىنىش ئادىتى بولۇپ، بۇ جەھەتتە باشقا رايۇندىكى ئۇيغۇرلاردىن روشەن پەرىقلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تىپىك بولغىنى، كېرىيە ئاياللىرىنىڭ تەلپىكى ۋە پەرىجىسى.

  


كىچىك تەلپەك كىچىك تەلپەك ئەسلىدە كۇچا كۆرپىسىدە تىكىلەتتى. يەنى كۇچا قويىنىڭ بىر – ئىككى كۈنلۈك بولغان قوزىسىنىڭ ئەڭ نېپىز، مۇيلىرى ئەڭ گۈلدار بولغان ئاشلانغان كۆرپىسى كىچىك تەكپەكنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى قىلىناتتى(بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ خىلدىكى كۆرپىلەر يېتىشمەسلىكتىن، سۈنئىي توقۇلغان كۆرپىلەر ماتېرىيال قىلىنىپ تىكىلىدىغان بولدى).
تەلپەكنىڭ ئېغىز تەرىپى كەڭ، ئۈستى تەرىپى تار بولۇپ، ئادەتتە ئاستىنقى دىئامېتىرى سەككىز – ئون سانتىمېتىر، ئۈستۈنكى دىئامېتىرى ئۈچ – تۆت سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. سىرتى ئاق، سېرىق، كۆك، قارا رەڭلىك تاۋار رەختلەردە تاشلىنىدۇ. تەلپەكنىڭ قاسقىنى قارا يۇڭ يىپتىن تەكشى قىلىپ توقۇلىدۇ. ئاستى گىرۋىكىگە بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا يۇڭ يىپتىن كىرپىك تۇتۇلىدۇ. تەلپەكنىڭ ئىچىگە ئاشلانغان يۇمشاق تىرىدىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ. تەلپەك يىڭنە ياكى يىڭنە مىخ بىلەن ئاياللارنىڭ باش ياغلىقىغا قىيپاش ھالدا ئىلىندۇرۇپ مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. تەلپەكنىڭ تىكىلىش ھۈنەر – سەنئىتى بىر قەدەر ئىنچىكە ھەم مۇرەككەپ بولۇپ، تۇماقچىلارنىڭ ھەممىسىلا تىكەلمەيدۇ. ئۇنى مەخسۇس كىچىك تەلپەك تىكىدىغان تۇماقچىلار تىكىدۇ. كىچىك تەلپەكنى توي قىلىپ سىكىلەك مەۋسۇمىگە كىرگەنلەردىن تارتىپ مومايلارغىچە كىيىدۇ. كىيىش تەرتىپى سورۇنغا قاراپ ئوخشىمايدۇ.
ئائىلىلەردە ئۆلۈم – يېتىم بولغاندا ئاق. كۈمۈش رەڭ تاشلىقىنى كىيىدۇ. بۇ ھازا تۇتقانلىقىنىڭ بەلگىسى. توي – تۆكۈن، ھېيت – بايراملاردا چاچرەڭ ھەم زەيتۇن رەڭ تاشلىقىنى كىيىدۇ. سىكىلەك مەۋسۇمىگە كىرگەنلەر شوخ چاچرەڭ زەر يىپ تاشلىقىنى كىيىدۇ. جۇۋانلار ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلەر ئاق، كۈمۈش رەڭ، قارا، سېرىق رەڭلىك تاۋارلاردا تاشلانغانلىرىنى كىيىدۇ. ياتلىق بولمىغان قىزلار كىيمەيدۇ.

  



  

پەرىجە پەرىجە گۈللۈك ۋە سىدام تاۋار ( يىپەك) رەختلەردىن تىكىلىدىغان تاشقى كىيىم. بۇرۇن باپكارلار چاق بىلەن ئىگىرىگەن يىپتا توقۇغان يەرلىك چەكمەن (بوز چەكمەن) ۋە مەجنۇن چەكمەنلەر قارا رەڭدە بۇياپ تىكىلەتتى. پەرىجە ئادەتتە ئويما تىكىلىدۇ. پەش، ياقا، ئاياغلىرىغا ھەم يەڭ ئۇچىغا ئۈچ سانتىمېتىر كەڭلىكتە چاچرەڭ پەرداز تۇتۇلىدۇ. پەرىجىگە تۈگمە، بەلۋاغ ئورنىتىلمايدۇ. پەرىجىنىڭ ئوڭ سول كۆكرەك قىسىمىغا يەتتىدىن 14 ياكى توققۇزدىن 18 تارغاقلىق ئۆرنەك چۈشۈرۈلىدۇ. تارغاق يېرىم ئاي شەكىلدە بولۇپ، رەڭگى پەرداز رەڭگىگە باپ چاچرەڭ بولىدۇ. ئوڭ ۋە سول كۆكرەككە تىكىلگەن تارغاقلار بىر – بىرىگە ئۇدۇل بولىدۇ. ئوڭ ۋە سول تەرەپتىكى تارغاقلار سانىنىڭ يەتتە ۋە توققۇردىن بولۇشى ئەجدادلىرىمىزنىڭ <<يەتتە>> ۋە <<توققۇز>> نى خاسىيەتلىك سان، دەپ قارىشىدىن، ئۇنىڭ شەكىلىنىڭ يېرىم ئايغا ئوخشىشى بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆككە چوقۇنۇش ئېتىقادىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەتقىق قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.
پەرىجىنى ئادەتتە ھازىدار بولغان ئائىلىدىكى بويىغا يەتكەن قىزلاردىن تارتىپ مومايلارغىچە ھەممىسى كىيىدۇ. يېڭىدىن قۇدا بولۇشقان ئىككى تەرەپ توي كۈنى بىر – بىرىگە پەرىجە سوۋغا قىلىشىدۇ. ئاي گۈللۈك خاڭدەندە تىكىلگىنى پەرىجىنىڭ ئەڭ ياخىشسى ھېسابلىنىدۇ. بېشىغا كىچىك ياغلىق ئارتىپ ياكى دوپپا كىيىپ، ئۇزۇن پايپاق كىيىپ پەرىجە كىيىشكە قەتئىي بولمايدۇ. مەيلى چوكانلار بولسۇن ياكى ياشانغان ئاياللار بولسۇن پەرىجىسىنى كىيىش ئۈچۈن چوقۇم بېشىغا ئاق ياغلىق ئارتىپ كىچىك تەلپەك كىيىشى، شىم كىيىشى كېرەك.

  


كېرىيە كىچىك تەلپىكى ۋە پەرىجىسىنىڭ ھازىرغىچە كىيىلىشى كېرىينىڭ ئالاھىدە مەدەنىيەت پۇرىقىنى نامايەن قىلىدۇ.
ئاق ياغلىق ئاق ياغلىق ئادەتتە ئاق داكا، نىلۇڭ داكا، ئاق گىرىپ ۋە گۈلسىز ئاق يېپەك رەختلەردىن تىكىلىدۇ. شەكلى تۆت چاسا بولۇپ، چۆرىسى تىكىپ پۈكۈلمەيدۇ. ئاق ياغلىق گۈلسىز ئاق ياغلىق، گۈللۈك ئاق ياغلىق دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. گۈلسىز ئاق ياغلىقنى كېرىيە خوتۇن – قىزلىرى ئۆلۈم – يېتىملاردا ئارتىدۇ. ھازا ئىگىسى قولۇم – قوشىنلىرىغا ئارتىپ قويىدۇ. ياشانغان ئاياللار كۆپىنچە مۇشۇ خىل ياغلىقنى ئارتىپ يۈرىدۇ. گۈللۈك ئاق ياغلىقنىڭ تىكىلىشى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ، ئۇنىڭغا ساپ يېپەكتىن گۈل تىكىلىدۇ. گۈللۈك ئاق ياغلىقنى ياش، ئوتتۇرا ياش ئاياللار توي – تۆكۈن، ھېيت – ئايەملەردە ئارتىدۇ. ياز پەسىلىدە ئۈستىگە مارجان دوپپىسىنى كىيىپ ئارتسا، قىش پەسىلىدە قاما تەلپەك بىلەن ئارتىدۇ، كۆپىنچە ھاللاردا كىچىك تەلپەك بىلەن ئارتىدۇ. گۈللۈك ئاق ياغلىق، گۈلسىز ئاق ياغلىق ئاياللارنىڭ چاچلىرى، يۈز – كۆزلىرىنى توپا – چاڭ ۋە قۇرغاق ھاۋادىن ساقلايدۇ.
جۇۋانچە كۆڭلەك جۇۋانچە كۆڭلەك (ئىزمىلىك كۆڭلەك) قىزىل ۋە يېشىل رەڭلەردىن باشقا ھەر قانداق رەڭدىكى سىدام رەختلەردىن تىكىلىدۇ. پاسونى تۈز شەكىلدە بولۇپ، قولتۇق قىسمى كەڭرەك بولىدۇ. كۆڭلەكنىڭ مەيدە قىسىمىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن 20 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا چاك ئېچىلىپ، ئىككى تەرىپى ئىككى سانتىمېتىر كەڭلىكتە جىگەررەڭ مەشۇت يىپ بىلەن چىرايلىق قىلىپ نەقىشلىنىدۇ. ئوڭ مەيدە تەرەپ قىسىمىغا پورەڭ يېپەك يىپتا توقۇلغان كەڭلىكى ئىككى سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى 20 سانتىمېتىر ئەتراپىدا يەتتە دانە تارغاق ئورنىتىلىدۇ. بىر قارىماققا شەكىل جەھەتتە پەرىجىنىڭ تاقىسىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئومۇمەن ئىككى بالىلىق بولغان، يېشى 30 دىن ھالقىغان، يەنى جۇۋانلىققا قەدەم قويغان ئاياللار، ياشانغان ئاياللار كىيىدۇ.
  



ئەرلەر تەلپىكى كېرىيىدە ئەرلەرنىڭ باش كىيىمى ئىچىدە شاپاق دوپپا (بۆك)، چىمەن دوپپا، بادام دوپپىدىن باشقا، ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغىنى سالۋا تەلپەكتۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بوز تەلپەك، قارا كۆرپە تەلپەك، قاما تەلپەك، تۈلكە تەلپەك ۋە سەللە تەلپەكمۇ كىيىلىدۇ. ياش ئەرلەر كۆپرەك قاسقىنى چوڭ، كۇچا كۆرپىسىدىن تىكىلگەن سالۋا تەلپەك كىيىدۇ. توي _ تۆكۈن ۋە يىگىتلەر ئولتۇرۇشلىرىدا سالۋا تەلپەك چوقۇم كىلىيىدۇ. ئۇ يىگىتلىك سالاپىتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، دەپ قارىلىدۇ.
ئەرلەر تەلپىكى تۇغۇلغىنىغا ئانچە ئۇزاق بولمىغان قارا ياكى بوز قوزىنىڭ تېرىسى (كۆرپىسى) دىن تىكىلىدۇ. يەنى قوزىنىڭ يۇمران تېرىسى ئاشلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن قاسقانلىق ئېلىنىدۇ. ئىچىگە يېرىم قىرقىۋېتىلگەن ئاق ياكى بوز قوينىڭ تېرىسىدىن ئەستەرلىك ئېلىنىدۇ. تەلپەكنىڭ ئاستى جىيىكىگە ئىككى سانتىمېتىر ئەتراپىدا تەكشى كىرپىك تۇتۇلىدۇ، تۆپە تەرىپىگە قارا چىبەرقۇتتىن تۆت تالالىق قىلىپ تۆپىلىك تۇتۇلىدۇ. كېرىيە ئەرلىرى تۆت پەسىلدە دېگۈدەك مۇشۇنداق تەلپەكنى كىيىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان.

يۇقىرى كىيىملەر كېرىينىڭ ئۆزىگە خاس كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتى بولۇپ، ئۇزاق دەۋرلەر داۋامىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن، باشقا رايوندىكى ئۇۇيغۇرلارنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىگە ئانچە ئوخشىشىپ كەتمەيدۇ. بۇ كىيىملەرنىڭ ئەنئەنىۋى يىلتىزى چوڭقۇر بولۇپلا قالماي، كۈچلۈك يەرلىك پوراققا ئىگە. كېرىيىلىكلەر توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم ۋە باشقا ھەر خىل مۇراسىم پائالىيەتلىرىدە ھازىرمۇ شۇ كىيىملىرىنى كىيىدۇ، ئەتىۋارلاپ ساقلايدۇ، بىر – بىرىگە سوۋغا قىلىشىدۇ. كېرىيىلىكلەرنىڭ بۇ كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

گۈلدىيار توردىن

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

☆☆しovのyou☆☆

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13085
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31213
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 04:26:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كوكيىلاخۇن شۇنداق قىلامىز يا......................... [s:152]

ئـــەي ئــــەزىز كـېـرىـيـە! قـۇمـغـا يـەم بـولـۇش سـېنـىڭ قـىسـمـىتـىڭـمـىدى؟

☆☆しovのyou☆☆

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13085
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31213
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 183 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2013-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 04:27:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 15قەۋەت  sawapkar كە 2011-01-01 06:39 AMئەۋەتىلدى  :
كېرىيە خەلقىنىڭ كىيىم - كىچەك مەدىنيىتى


كېرىيە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەرقى، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالى، تەلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي چېتىدىكى قەدىمىي يۇرت. بۇ يۇرتتا ئەجدادلىرىمىزنىڭ بەزى ئەنئەنىلىرى، مەدەنىيەت ئىزنالىرى خېلى ساقلىنىپ قالغان. بۇلار ئىچىدە كۆزگە ئەڭ كۆپ چېلىقىدىغىنى كېرىيىلىكلەرنىڭ ئۆزگىچە كىيىنىش ئادىتى بولۇپ، بۇ جەھەتتە باشقا رايۇندىكى ئۇيغۇرلاردىن روشەن پەرىقلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تىپىك بولغىنى، كېرىيە ئاياللىرىنىڭ تەلپىكى ۋە پەرىجىسى.

.......
مۇشۇ تېمىنىمۇ يوللاپ بولغان دەيمە..........

ئـــەي ئــــەزىز كـېـرىـيـە! قـۇمـغـا يـەم بـولـۇش سـېنـىڭ قـىسـمـىتـىڭـمـىدى؟

تۆت تادۇ ئۇيغۇر

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4418
يازما سانى: 4330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198833
تۆھپە نۇمۇرى: 694
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-12 04:34:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىمىز، لېكىن تويدا ئەمەس [s:137]

ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى www.4tadu.com/

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71016
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3795
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 518 سائەت
تىزىم: 2011-12-19
ئاخىرقى: 2013-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-11 06:24:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تازا ئاخىرلاشقان چاغلىرىدا ئوينىۋاپتىكەنمە گاگانى،ئەمدى قارىسام ئوينايدىغان ئادەم يوق.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش