ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 52قەۋەت alone كە 2010-12-31 08:57 PMئەۋەتىلدى :
بۇ مۇنبەردە "خوشامەتچى" لەر نىمانداق جىق...........
دوستۇم نىمە دىگىنىڭىز بۇ ~~؟ مۇنبىرىمىزدە كۆزگە كۈرۈنگەن ، ھەممە ئىشەنىچ قىلىپ قوللايدىغان ئىككى ئەزاسىنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىگىنى كۆرۈپ ھەممەيلەن قۇتلۇقلاپ تىلەك سۆزلىرىنى ئېيتىپ ، ئۇلارغا رىغبەت ، ئىلھام بىرىۋاتسا ، سىز بۇنى <خوشامەت > دەپ چۈشىنىۋالغىنىڭىز نىمىسى دوستۇم . نىمە دىگىنىڭىز بۇ ..؟
بۇ خوشامەت ئەمەس ، ئىلھام ، رىغبەت دوستۇم ~~~
بىراۋ نەتىجىگە ئىرىشسسە ئۇنىڭغا تېخىمۇ رىغبەت بىرەيلى .... يۈلەيلى دوستۇم ~~~
بىراۋ يۇقۇرغا يامىشىپ چىقىۋاتسا ئەتراپتىكىلەر يۇگۇرۇپ بېرىپ پۇشقىقىدىن تارتىپ يەرگە ئۇرساق ، ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن ھىچنىمە كەلمىسە ، يا خەقنى چىققىلى قويماي ، يا ئۆزىمىز چىقالماي ، باشقىلار ئۇنىڭغا رىغبەت بىرىۋاتسا بىز كىلىپ خوشامەت قىلدى دىسەك ____ بۇ ياخشى بولماي قالارمىكىن بۇنداق قاراشنى ئۆزىمىزدىن نېرى قىلايلى . ئەتىراپىمىزدىكى كىشىلەر نەتىجە قازانسا ئۇنىڭغا ئىلھام بىرەيلى ھەرگىزمۇ ئۇنى سوۋۇتمايلى ~سوغاق سۇ سەپمەيلى ~~~~ بىزدە بىر گەپ بار
ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ، ئويلاپ سۆزلە دەيدىغان .... سۆزۈم ئىغىر كەلگەن بولسا كەچۈرۈڭ .