مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 811|ئىنكاس: 3

ئانا تىل-ئالتۇن بۆشۈك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 116
يازما سانى: 530
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10324
تۆھپە نۇمۇرى: 492
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 07:32:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                

ئانا تىل-ئالتۇن بۆشۈك

(ئابدۇرېھىم ئابدۇللانىڭ«ئاھ،ئاتىلار»ناملىق شېئىرىدىن تۇغۇلغان ئويلار)


جاھان قىسمەتلىرىنىڭ رەڭۋاز ئويۇنلىرىغا قاچانلاردىدۇر كۆنۈككەن سوغۇققان،ئەمما خارامۇش،ئويغاق،ئەمما پەرۋاسىز ھېس-تۇيغۇلىرىڭىز شۇنداقمۇ تاسادىپى سىلكىنىشكە ئۇچرايدىغان چاغلار بولىدۇكى،بىرەر مىسرا شېئىر-نەزىممۇ روھىڭىزدا ئالەمچە زىلزىلە پەيدا قىلىپ،ئاتا مىراس تەبىئىتىڭىزنىڭ پىنھان رۇجەكلىرىنى يالقۇنلۇق تەپتىدە ۋاللىدە يورۇتۇپ،ھايات سەرگۈزەشتىلىرىڭىزنىڭ دۇردانە ھەقىقەتلىرىنى دولقۇنلۇق زىكىر قىلىپ،سىزنى تەنتەنىلىك روھ سەپىرىگە مەردانە ئاتلاندۇرىدۇ.بۇنداق تەۋەرۈك مىنۇتلار نېسىپ بولغان دەملەردە،كىممۇ شېئىرنىڭ سېھرى كۈچىدىن سۆيۈنمەي،ئىپتىخارلانماي تۇرالىسۇن! شۇڭا،شۇنداق دېيىشكە تەبىئىي ھەقلىقمىزكى،ئۆز ئېلىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ-پىشىپ يېتىلگەن،بەدىئىي سەنئەت ماھارىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق سىر-ھېكمەت سىنىقىدىن ئەلا ئۆتۈپ،خەلق روھىنىڭ سادىق بەدىئىي كۈيچىسى بولالىغان شائىرلارنىڭ ئەل سۆيگەن شېئىرلىرى-بىزنىڭ يورۇق ئەينىكىمىز،مەنىۋىي تارىخىمىز،تىلتۇمارىمىز ھەم كېلەچەك ئەڭگۈشتىرىمىزدۇر.
[align=justify]شائىرنى خەلق تۇغىدۇ،ئەل سۆيگەن شائىرنىڭ پىكىر ۋە بەدىئىي ماھارەت چاقمىقىدىن چېقىلغان يۇلغۇنرەڭ مىسرالار ئانا تىلنىڭ مۇقەددەسلىكىدىن بىشارەت بېرىپ،قەلب ئۇپۇقلىرىدا غالىپ نۇرلىنىپ،غايىۋانە بىر بۈيۈك سىمانى-خەلق ئوبرازىنى قايتا نامايان قىلىدۇ. دېمەك،ئىدىيە،پىكىر،تەپەككۇر،ھېسسىيات ۋە بەدىئىي ماھارەتنىڭ جان تومۇرى بولمىش ساپ ئانا تىل-شائىر ئىجادىيىتىنىڭ ئاب-ھاۋاسى، تۇپرىقى، ئاپتىپى، ئالتۇن بۆشۈكى بولۇش سۈپىتىدە،شائىرنى ئەلگە سۆيۈندۈرىدۇ.

[align=justify]ھەممە شائىر ئاناملا دېدى،

[align=justify]ئاتىلىرى يوقمىكىن ئەستە؟

[align=justify]ئۇلار شۇنداق ئاتىلار ئىدى،

[align=justify]يولۋاسنىمۇ قويغان ھەۋەستە.

[align=justify]دائىم ئۆتۈك بىلەن سۇ كېچىپ،

[align=justify]كۆردى نى-نى دەردى-بالالەر؛

[align=justify]ھەتتا يۈگەن بىلەن سۇ ئىچىپ،

[align=justify]كەزمىدىمۇ تاغۇ-دالالەر!

[align=justify]....

[align=justify]تالاپەت يەپ چۆللەردە قالسا،

[align=justify]ئاسمان يىغلاپ تۆكمىدىمۇ ياش!؟

[align=justify]يۇلغۇنزارلار قوينىغا ئالسا،

[align=justify]شىر-يولۋاسلار تاۋۇتقا قولداش.

[align=justify]....

[align=justify]     قاراڭ بۇ ئىچكۆيەر مىسرالارغا،ئۇنىڭدىكى بىر پۈتۈن ھېسسىيات ۋە ئوبرازنى تەشكىل قىلغان يەككە سۆزلەرنى،شۇ يەككە سۆزلەردىن ئۇيۇلتاشتەك بىرىكىپ،خاسىيەتلىك تۇمار بوپ پۈتۈلگەن مىسرالارنى شۇ تاپتا تەكلىماكاننىڭ خلۋەت سەھرا-قىشلاقلىرىدىكى ھەرقانداق كىشى بىر ئوقۇپ-ئاڭلاپلا « ياپىرىم! »دېمەي قالمايدۇ.

[align=justify]سايىلەردە ئانام ئەللىيى،

[align=justify]مەن قۇچاقتا،كۆزۈم ئۇيقىدا.

[align=justify]خامانلاردا ئاتام لاي-لېيى،

[align=justify]شەھەر ئالغان شاھتەك تۇيغۇدا.

[align=justify]....

[align=justify]چىللاپ كەتتى ئاتامنى ۋىجدان،

[align=justify]ئانام قالدى ئۆينىڭ غېمىدە.

[align=justify]ئەلنىڭ غېمى ئاتامدا ۋولقان،

[align=justify]يېشى دەريا،ئۆزى كېمىدە...

[align=justify]بۇ مىسرالارنى ئوقۇغىنىڭىزدا، شېئىرنىڭ سېھرى كۈچىدىن سۆيۈنمەي، ئىپتىخارلانماي تۇرالامسىز؟!شېئىر ئىجادىيىتى جۈملىسىدىن قايتا شۇنداق ھېسسىياتقا كىلىمىزكى،ئانا تىل-ئالتۇن بۆشۈك.ئەل سۆيگەن شائىرنىڭ پىكىر ۋە بەدىئىي ماھارەتكە تويۇنغان قىران شېئىرلىرى ئانا تىلنىڭ مۇقەددەسلىكىنى يالقۇنلىتىپ،خەلقنىڭ بۈيۈك سىماسى ئىچىدە ئۆز روھىنى نامايان قىلىپ،شائىرنى ئەلگە سۆيۈندۈرىدۇ!



[align=justify]نەشر ھوقوقى:شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى  


ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1932
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17917
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 834 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-1 12:55:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوز ئانا تىلنى ئۇنۇتقانلاردىن چوڭ ئۈمۈت كۈتمىسەكمۇ بۇلدۇ

ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)
KuRkMaS بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 02:32:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئىنسانغا ۋە تىنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24162
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7484
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 751 سائەت
تىزىم: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2011-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 03:28:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىللاپ كەتتى ئاتامنى ۋىجدان،
ئانام قالدى ئۆينىڭ غېمىدە.
ئەلنىڭ غېمى ئاتامدا ۋولقان،
يېشى دەريا،ئۆزى كېمىدە...


بۇمىسرالاردا ئىتىلغان ئاتىلارنى تاپقىلق بولماس بولۇپ كەتتى ، بەلكىم ئۇلار ھازىر ئاشۇ ئانىلارنىڭ
رولىنى ئىلۋاتسا كېرەك .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش