مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7969|ئىنكاس: 66

قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97717
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2062 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 09:02:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دۆلەت بايرىقى




  ئاساسلىق بايراملىرى: نورۇز (22-مارت، شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ يېڭى يىلى)؛ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق جۇمھۇرىيەت كۈنى(1990-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى «ئىگىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ماقۇللانغان )؛ مۇستەقىللىق كۈنى: 16-دېكابىر (1991-يىلى)؛ قوراللىق كۈچلەر كۈنى: 7-ماي(1992-يىلى)؛ ئاساسىي قانۇن كۈنى: 30-ئاۋغۇست(قازاقىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنى 1995-يىلى 30-ئاۋغۇست ماقۇللانغان)

  زۇڭتۇڭ: نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، 1992-يىلى 12-ئايدا قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، 1999-يىلى 1-ئايدا يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان، 2005-يىلى 12-ئايدا يەنە زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى يەنە ئۆز ئۈستىگە ئالغان. 2006-يىلى 1-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. زۇڭلى كەرىم مەسىموۋ 2007-يىلى 1-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.

  نوپۇسى: تەخمىنەن 15 مىليون 815 مىڭ بولۇپ، قازاق، رۇس، ئۇكرائىن، ئۆزبېك، نېمىس ۋە تاتار قاتارلىق 131 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار نوپۇسنىڭ %58.6ىنى ئىگىلەيدۇ. قازاق تىلى دۆلەت تىلى، رۇس تىلى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە يەرلىك ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئىشلىتىدىغان ھۆكۈمەت تىلى. ئاھالىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە پراۋۇسلاۋىيە دىنى، خرىستىئان دىنى قاتارلىق دىنلار بار.پايتەختى: ئاستانە، نوپۇسى 550 مىڭ. ئاستانىنىڭ ئەسلى نامى ئاقمۇلا بولۇپ، 1997-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئالمائاتانىڭ ئورنىنى ئېلىپ پايتەخت قىلىنغان، 1998-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى ھازىرقى ئىسمىغا ئۆزگەرتىلگەن.

دۆلەت گىربى











  تەبىئىي جۇغراپىيىلىك شارائىتى: يەر كۆلىمى 2 مىليون 724 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر. ئاسىيا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەر مەيدانى ئەڭ كەڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى. شىمالدا رۇسىيە، جەنۇبتا ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستانلار بىلەن چېگرىلىنىدۇ. غەربىدە كاسپىي دېڭىزى بار، شەرقتە جۇڭگو بىلەن چېگرىلىنىدۇ، «ھازىرقى زاماندىكى يىپەك يولى» دەپ ئاتالغان «ياۋرو-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى» قازاقىستاننىڭ پۈتۈن چېگراسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. قازاقىستان زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمى تۈزلەڭلىك ۋە پەس يەرلەر بولۇپ، غەربىدىكى ئەڭ پەس جاي دېڭىز يۈزىدىن 132 مېتىر تۆۋەن؛ شەرقى ۋە شەرقىي جەنۇب قىسمىدا ئالتاي تېغى ۋە تەڭرىتاغ بار؛ تۈزلەڭلىكلەر ئاساسلىقى غەرب، شىمال ۋە غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان؛ ئوتتۇرا قىسمى قازاق ئېدىرلىقلىرى. چۆللۈك ۋە يېرىم چۆللۈك قازاقىستان ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %60ىنى ئىگىلەيدۇ. ھاۋا كىلىماتى ئېغىر قۇرغاق قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە بولۇپ، ياز پەسلى تومۇز ئىسسىق ھەم قۇرغاق بولىدۇ، قىش پەسلىدە قەھرىتان سوغۇق بولىدۇ ۋە قار ئاز ياغىدۇ. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا ℃19- دىن ℃4- قىچە، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃19تىن ℃26قىچە بولىدۇ. مۇتلەق ئەڭ يۇقىرى ۋە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئايرىم ئايرىم ھالدا ℃45 ۋە ℃45-، قۇملۇقتىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃70قا يىتىدۇ. يىللىق ھۆل يىغىن مىقدارى چۆللۈك رايونلىرىدا 100 مىللىمېتىرغا يەتمەيدۇ، شىمالىي قىسمىدا 300 مىللىمېتىردىن 400 مىللىمېتىرغىچە؛ تاغلىق رايونلاردا 1000 2000 مىللىمېتىر بولىدۇ.

  قىسقىچە تارىخى: قازاقىستان ئۇزاق تارىخقا ئىگە دۆلەت بولۇپ، مىلادى 6-ئەسىردىن 8-ئەسىرگىچە تۈرك خانلىقى قۇرۇلغان، 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا قازاق خانلىقى قۇرۇلغان، 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قازاق قەبىلە مىللىتى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ بولغان. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىن كېيىن، قازاقىستان رۇسىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن. 1917-يىلى 11-ئايدا قازاقىستاندا سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان، 1936-يىلى 12-ئايدا قازاق سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇلغان. 1991-يىلى 10-دېكابىر دۆلەت نامى قازاقىستان خەلق جۇمھۇرىيىتى دەپ ئۆزگەرتىلىپ، 16-دېكابىر رەسمىي ھالدا مۇستەقىللىق جاكارلىغان، 21 –دېكابىر مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان.


مەنبە؛خەلق گېزىتى تورى
http://uyghur.people.com.cn/165019/15140345.html

بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24204
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6086
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 542 سائەت
تىزىم: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2011-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 09:39:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە ، جۇغراپىيە بىلىملىرى ھەممە كىشىنى ئۈزىگە تارتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1865
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9480
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 2684 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-31 10:53:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قازاقىستان ھەيييييي......................

شاھزادە ئارتورن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2389
يازما سانى: 1778
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13495
تۆھپە نۇمۇرى: 505
توردا: 4431 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2011-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-1 12:09:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايراملىرىنىڭ ئىچىدە قۇربان ھېيد،روزا ھېيد لار يوق ئىكەن ھە ..

تەڭشەلمىگەن جاھان بۇ ...

ئاتا-ئانا  رازى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2504
يازما سانى: 989
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11766
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-1 07:48:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىز گە قازاق ئىستاننى چۇشۇنىۋالدۇق.........

نە ھاجىتى ئەمدى كۇتۇشنىڭ. ئارزۇ قىلغۇدەك كىم بار كۇتۇشكە.    كۆڭۇل بۆلۇپ بولمىغىن مالال، كۆنۇكقۇ مەن تەنخا ئۆتۇشكە....> زاھىر123

ياشىسۇن ئۇيغۇر مىللىتى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5173
يازما سانى: 226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9415
تۆھپە نۇمۇرى: 419
توردا: 987 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2015-1-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-1 03:30:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قازاقلار ھېيىتنىڭ نىمىلىگىنى بىلسە ئاندىن بايرام قىلىپ بىكىتمەمدۇ ؟

ئادەممەن ئادەمدىن قاچمايمەن يىراق ئادەمنى ئادەمدىن ئادەمدىن ئايرىيمەن بىراق ئىزلەيمەن دۇسلارنى دۇسلار ئىچىدىن چىن يۇرەك قەلبىمدىن ياندۇرۇپ چىراق .

تەقدىر يۈكى باشى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20498
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6373
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2572 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 01:47:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قازاقستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى زىمىنى ئەڭ چوڭ جۇمھۇرىيەت.شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتىدۇر(يالغۇز يايلاق كۆلىمىلا 1مىليون 400مىڭ كۋادرات كىلومېتېر)  تۇپرىقى مۇنبەت،ئىقلىمى ئەۋزەل زىمىندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8391
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8727
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2011-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 02:29:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوڭدىن سولغا يازسىمۇ قازاق،سولدىن ئوڭغا يازسىمۇ قازاق ؟ بۇ بەلكىم قازاقنىڭ قازاق بولغانلىقىدا بولسا كىرەك قازاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28876
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5055
تۆھپە نۇمۇرى: 291
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2011-2-2
ئاخىرقى: 2013-6-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-27 08:21:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قازاقستان  بۇ دۆلەتنىڭ نوپۇسى 16مىليون (2010يىلىدىكى ئىستاستىكا )قازاقلار 10مىليون 96مىڭ 800،روسلار3مىليون793مىڭ 800،ئۆزبېكلەر457مىڭ،ئۇكرائىنلار 457مىڭ ،ئۇيغۇرلار224مىڭ700،تاتارلار204مىڭ ،نېمىسلار178مىڭ 400،تاجىك27مىڭ،تۇرك80مىڭ،چىچىنلار33مىڭ،ئەزەربەيجانلار82مىڭ،ئەرمەنلەر14مىڭ،چۇۋاشلار12مىڭ،گىرىكلار13مىڭ،بىلوروسلار116مىڭ،باشقىرىتلار24مىڭ،توڭگانلار38مىڭ،ئىنگۇشلار17مىڭ،يىدىشلار7مىڭ،بولگارىيان6مىڭ300،بالكار2مىڭ200،قاراقالپاق1600،كورىيانلار104.000،كورىتلار33مىڭ،مارىلار6700،پولشالىقلار49مىڭ،ئۇدمۇرىتلار9500،مولداۋىيانلار20مىڭ،پارىسلار3مىڭ،دارگىنىيانلار900،بالكارلار2200،ئىستونيانلار1900،كاكاۋۇز تۇركلار700،فىنىشلار600،ئالتايلار500،ئەرەپلەر600،ئاۋارلار1500،ئابغازلار200،ئاگۇللار100،تاباسسارىيانلار300،تۇركمەنلەر1600،رومانىيانلار600،ئوسسىتىلار2100،مورىدۋىنىيان16مىڭ،نوغايلار400،پۇستۇلار500،رۇتۇللار100،لىزگىن4700،لاكلار600،قىرغىزلار11مىڭ،قۇمۇقلار700،كومى-زىيىرىيان400،قارالىيانلار1600،قاراچاي1500،ۋونگىريانلار500،خەنزۇلار3700،بۇيراتلار600،ئالبان50. [s:166]  [s:173]

ياخشىلىق قىل قۇل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6619
يازما سانى: 1222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13127
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 5024 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-27 09:10:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇسى نىمانداق ئاز خاتىرلەنگەندۇ .

مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم سۈت بىرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدابۇرچىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش