مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kapsiz

قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93797
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 184
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2013-3-23
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 06:52:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7828
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8620
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2310 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2013-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 08:05:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى 300مىڭدىن ئاشتى ،لىكىن بىر ئىش مىنى بەاك ئازاپلايدۇ ،ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى مۇشۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دولەتلىرىنىڭ ھەممىدە ئىنتايىن يۇشۇرۇلۇپ كەلدى ،ھەقىقى نوپۇسنى ئىنىقلىماقچى بولغانلار ئولتۇرۇلدى ،ھازىر قارىسىڭىز مۇنى خەن مىللىتىنىڭ نوپۇسىمۇ بەك كوپ ،لىكىن نىمە ئۇچۇنكى بۇ نوپۇسمۇ يۇشۇرىلىدۇ ،بۇ تۇرۇك دولەتلىرىدە دىھقانچىلىق ،ھەتتا چارۋىچىكلىق قىلىدىغان خەنلەر بار ،چۇنكى بۇ قازاق قىرغىز قىرىنداشلىرىمىز يەرلىرىنى تاشلاپ ھەممىسى دىگۇدەك شەھەرگە كىرىۋالغان ،بىكار قالغان يايلاق ئىتىزلارغا مۇنۇ باشقىلار ئورۇنلاشقان ،ھازىر  مۇنۇ خوشنا ئەللەر مۇ  خەنزۇلارنىڭ ھەقىقى نوپوسىنى پەقەت دىمەيدىكەن ،ئەمما كوچىغا چىقىپ شۇنداقلا تاش ئاتسىڭىز مۇنۇلارنىڭ بىشىغا تىگىدۇ (سەل مۇبالىغە ،لىكىن شۇ دەرىجىدە كوپ)،قازاغىستاندىكى خەنلەرنىڭ نوپوسىنى قازاق ھوكۇمىتى ئاشكارىلىغان ساننى  زادى كورۇپ باقماپتىمەن ،
كوپ قىسىم قازاقلاردا ياخشى يۇزلىنىش بار ئەمما ئاز بىر قىسىملار قازاقلار تىخچە تار مىللەتچىلىكتىن قۇتۇلالمايۋىتىپتۇ ،ئەمما بۇلار ئومومىيلىققا ۋەكىل بولالمايدۇ ،
بىز دۇچ كىلىۋاتقان كىرىزىس ئەمەلىيەتتە ئورتاق ،قازاغىستاندىكى قازاقلارنىڭ كوپچىلىگى ئانا تىلىنى بىلمەيدۇ ،بىزنىڭ بۇيەردىكى قازاقلارمۇ  خەنزۇچە بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ئانا تىلىنى بۇزۇپ سوزلەيدۇ ،قازاغىستاننىڭمۇ ئورنى بىخەتەر ئەمەس ،روسلارنىڭ تەسىرىدىن تولۇق قۇتۇلالمىدى ،چىگرالىرىنى روسىيە ئارمىيەسى قوغداپ بىرىدۇ ،مۇشۇ ئالمۇتىدىن باشقا شەھەرلىرى ئاساسەن  روسچە ئۇسلۇپتا ،روس مەدەنىيتىنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان ،ھاراق بەك ئوموملاشقان ،سىز قازاغىستاننىڭ كوچىلىرىدا يۇرسىڭىز ئوزىڭىزنى يەنىلا روسنىڭ كوچىسىدا يۇرگەندەك ھىس قىلىپ قالىسىز ..................................
مۇنۇ نەزەربايىف  بەك ئەقىللىق ئادەم ،ھەقىقى سىياسىيۇن ،ئىقتىسادشۇناس دىپلۇمات ....مۇنداق ئادەمنىڭ بولغانلىقى قازاق قىرىنداشلارنىڭ بەختى ،
مۇشۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئارىسىدا سوۋىتلەر ئىتپاقى بويىچە ئەڭ ئاخىرىدا مۇستەقىللىق جاكارلىغان (سەۋەبىنى بىلمەيمەن) ،قازاغىستاننى نەتچە قىتىم بولۇنۇش خەۋپىدىن بىخ ھالىتىدىلا ساقلاپ قالدى ،ھەممە مىللەتلەرگە ھوقوقنى تەڭ تەقسىملىدى ،دۇنيا قازاق قۇرۇلتىيىنىڭ باش رەئىسلىگىنى ئۇستىگە ئالدى ،دۇنيا قازاقلىرىغا قولىنى سۇنۇپ قازاغىستانغا جەلىپ قىلدى ،تۇرلۇك ۋاستىلەر بىلەن ئۇستىلۇق بىلەن قازاغىستاننى ھازىرغا ئەكەلدى ،پايتەخىتىنى كوچۇرۇشمۇ ئاجايىپ بىر ئاقىلانىلىك ،يىڭى مۇستەقىل بولغاندا قازاقلار نوپۇسى 40%گە ئاران يىتەتتى روسلار مۇتلەق كوپ ھەم ئۇستۇن ئىدى ،ھازىر قازاقلار ئومومى نوپوسنىڭ يىرىمىنى ئىگەللەيدۇ (كوپلىگەن باشقا مىللەتلەرمۇ مۇشۇ تەركىپكە كىرگۇزۇلدى )،لىكىن مۇنۇ ئادەمنىڭ ئورنىغا رادىكال بىر قازاق ئەلباشى بولۇپ قىلىشتىن خۇدا ئوزى ساقلىسۇن ،تۇركى جۇمھۇرىيەتلىرىنى ئاللا ئوزى ساقلىسۇن ،ئۇ غايەت زور ئىككى مەخلۇقنىڭ ئارىسىدا قىسلىپ ئىستىراتىگيەسىنى جانلىق تەڭشەشكە مۇھتاج،كىرىزىستىن تامامەن قۇتۇلغىنى يوق ،پەقەت ئىختىسادى جەھەتتىلا نىفىت ۋە تەبىئى گازدىن ،تەبىئى قىزىلما بايلىقلاردىن  پايدىلىنىپ پەقەت ۋە پەقەت ئىختىسادى جەھەتتىنلا قەد كوتۇردى ،يەنى تىخى ئەمدى بىرىنجى قەدەمنىلا تاشلىدى ،ھەربى ،سانائەت قاتارلىق كوپ جەھەتلەردە باشقا دولەتلەرگە تايىنىدۇ ،لىكىن قازاغىستاندىكى قازاقلار ياخشى ،ھەممە ئەھۋالنى چۇشىنىدۇ ،
قىرىنداشلارغا شۇنى دەپ قوياي ،قازاغىستان ھەرگىزمۇ قازاقلارنىڭ قازاغىستانى ئەمەس ،ئۇ پۇتكۇل تۇركى مىللەتلەرنىڭ -مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنى ،ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ۋەتىنى ،قازاغىستان راۋاجلانسا پۇتۇن تۇرۇكلەر خوش بولىدۇ ،مۇسۇلمانلارنىڭ كوڭلى ئارام تاپىدۇ ،بۇ دىيارغا كوز تىگىشتىن ئاللا ساقلىسۇن ،ھىلىمۇ بىر تەرىپىدە روسىيە يەنە بىر تەرىپىدە دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كوپ دولەت تىكىلىپ تۇرىدۇ ،مۇنۇ دىيارىمىزدىكى تار نەزەر قازاقلارغا  ئىتۋار قىلماڭلار ،ئارىمىزدا كەرەي قاتارلىق  ئورتاق  خىرىسنى تونۇپ يەتكەن قازاق قىرىنداشلارمۇ بار ،يىراققا نەزەر تاشلاڭلار ،كاللاڭلارنى سىلكىۋىتىڭلار ،قىرىنداشلىرىمىز ھىلىھەم ئىھتىيات بىلەن قەدەم تاشلىمىسا بولمايدۇ

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
DILKASH + 10 دانا پىكىر

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7828
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8620
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2310 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2013-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 08:23:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىلىتسىن زامانىدا مۇنۇ تۇركى قۇجھۇرىيەتلىرىدىكى روسلارنى قوغدايدىغانلىغىنى ئاشكارە ئىيىتقان ،بۇنىڭغا نەزەربايىف  ‹‹يىلىتسىننىڭ سوزى  ماڭا ئوز ۋاختىدىكى گىتلىرنىڭ سوزىنى ئەسلەتتى››  دەپ  ئۇنىڭ يەنى يىلىتسىننىڭ  ياۋۇز نىيتىنى ئۇستىلۇق بىلەن دۇنيا جاما ئەتچەلىكىگە  ئاشكارىلىغان ،بۇنداق نىفىت مول دولەتنى كىم قايتا بىسۋىلىشنى ئويلىمايدۇ (يىلىتسىن ئەمەلىيەتتە قۇتراتقۇلۇق قىلغان ،روسلارنى كۇشكۇرتكەن بانا ئىزدەپ  پۇرسەت كۇتكەن)،دانا رەھبەر ھەقىقەتەن ئەلنىڭ بەختى ،خەلىقنىڭ بەختى ،نەزەربايىف دۇشمەنگە پۇرسەت بەرمىدى ،مىللەتلەر سىياسىتىنى بەك كەڭرى قىلدى ،پۇتۇن خەلىقنى ئورتاق نەپلەندۇردى ،قازاغىستاننىڭ ئومومى ۋەزىيتى  ھىچقانداق تۇركى دولەتلىرىگە ئوخشىمايتى ،روسلار ئىنتايىن كوپ ئىدى ،پۇتۇن ساھالەر يەنى ھەربى ساقچى ئىختىسات ،ئورگانلاردىكى ھوقوق روسلاردا ئىدى ،ھەر-بىر قەدەمدە روسلارنىڭ ئاغزىغا قارايتى ،ئەمما ھازىرقى ۋەزىيەت ئوزگەردى ،تۇركىيە بىلەن قۇچاغلاشتى ،تۇران بىرلىگىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولىۋاتىدۇ ،بويۇك مەخسەتلەر كوڭۇلدە ،تۇركى قەۋىملەر بىرلىگى ئۇچۇن ياخشى قەدەملەر بىسىلماقتا ،ئىپلاس روسلا كوزىنى پاقىرتىپلا تۇرىۋاتىدۇ ،ئاللا ساقلىسۇن بۇ جۇمھۇرىيتىمىزنى ،كەرەيدەك قىرىنداشلارنىڭ كوپلەپ چىقىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90284
يازما سانى: 1618
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 09:44:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
baxbuh يوللىغان ۋاقتى  2013-4-12 08:05 PM
خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى 300مىڭدىن ئاشتى ،لىكىن بىر ئىش مىنى  ...
،چىگرالىرىنى روسىيە ئارمىيەسى قوغداپ بىرىدۇ
ماۋۇ ئىشى بولمايدىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94570
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 79
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2013-4-9
ئاخىرقى: 2014-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 11:04:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
baxbuh يوللىغان ۋاقتى  2013-4-12 08:23 PM
يىلىتسىن زامانىدا مۇنۇ تۇركى قۇجھۇرىيەتلىرىدىكى روسل ...

ئالامەت گەپ قىۋەتتىڭىز جىمۇ  مۇشۇنداق .ئىنكاسلار نى ئىزدەپ كىرمىز بىز مۇنبەرگىمۇ  كۈپرەك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇڭ

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12691
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 563 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 11:09:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


قازەكەڭ

ئۆزۈڭنى تۇتىۋىلىپ باشبۇغنىڭ يۇقىرىدىكى ئىنكاسىنى ھاراق ئىچمىگەن ساق ۋاقتىڭدا ئوقۇپ تەھلىل قىلىپ باق. بولۇپمۇ تۆۋەندىكى بىر  جۈملىنى:
«بىر  تەرىپىدە روسىيە يەنە بىر تەرىپىدە دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كوپ دولەت تىكىلىپ تۇرىدۇ»

ئاددىي كاللاڭ بىلەن باشقىلارنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىپ، تۈركىي ئادەملەرنى رەت تەرتىپكە تۇرغۇزىمەن دەپ چىڭقالما، قالايمىقان سۆزلەپ ئۆزۈڭگە دۈشمەنلەرنى ئاۋۇتىۋالما. ھېلىمۇ سىلەرگە تىكىلىپ تۇرغان يامان كۆزلەر يىتەرلىك. مەيلى شىمالدىن مەيلى جەنۇپتىن باستۇرۇپ كەلسۇن، ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيسىلە. ھازىر تاغدىن باققا ئات چاپتۇرۇپ ئۇرۇش قىلىدىغان زامان ئەمەس. ئىلگىرىمۇ ئاتلىق ئۇرۇش قىلىدىغان زاماندىمۇ  رۇسلارغا كۈچۈڭلار يەتمىگەن.
ھازىر  رۇسلار ئۇرۇش قىلماي يۇرتۇڭلاردا بار رۇسلارنى قوزغاپ قويۇپمۇ سىلەرنى جايلىيالايدۇ، باشقىلار نوپۇس يۆتكەپمۇ باپلىيالايدۇ. شۇڭا يۇرتۇڭ ئۈچۈن باش قاتۇر.

بىز ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، ھېچكىمدىن كەم بولمىغان، ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز!!!

كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4460
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12691
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 563 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 11:19:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ دېگەندەك قۇللۇقنىڭ دەردىنى بولىشىغا تارتىپ ئەمدى رۇسلار تاشلىۋەتكەندىن كىيىن دۆلەت بولۇپ، جاھان بىزنىڭ دەپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيدىغان قازەكەڭدەك كىچىك بالىلار دوست دۈشمەننى ئايرىماي ئارىغا ئازارچىلىق سالساڭلار، دۈشمىنىڭلار باستۇرۇپ كەلسە، تىلىڭلارنى، مىجەزىڭلارنى  ياخشى  بىلىدىغان ئۇيغۇرلار دۈشمىنىڭلار بىلەن بىرلىشىپ «سارت- پارت دەپ تىللاۋاتتىڭ مانا سارت كەلدى» دەپ ئارقىڭدىن پىچاق ئۇرسا قانداق قىلالايسەن؟ قازاق تورلىرىدا ئۇيغۇرنى ھاقارەتلەشنى توختاتمىساڭ (بەزىسى مىڭ بەتتىن ئاشتى) ئاقىۋەت مەن دېگەندەك بولىدۇ.

بىز ھېچكىمدىن كەم ئەمەس، ھېچكىمدىن كەم بولمىغان، ھېچكىمدىن كەم بولمايمىز!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7828
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8620
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 2310 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2013-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-13 10:32:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قازاغىستان  تۇركى دولەتلىرىنىڭ  شۇنداقلا  ناسارالار بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئايرىلغان پاسىلى ،باشقا  ئاجىز تۇركى دولەتلىرىنى گەۋدىسى بىلەن قوغداپ تۇرىدۇ ،قزاغىستان ئاجىزلاشسا يەنى بۇ پاسىل تام  ئورۇلسەن باشقا تۇركى دولەتلەرنى ئاسانلا جايلاپ كىتىدۇ ،جۇغراپىپىيەلىك ئىستىراتىگىيەدىن قارىغاندا قازاقلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئوخشاشلىق ئىستىراتىگىيەلىك موھىم جايدا ،ئۇيغۇرلارمۇ نوپوسى دۇنيا بويىچە مىلىيارىتتىن ئاشقان  ئىككى مىللەتنىڭ ئارىسىدا مۇۋازىنەتنى ساقلاپ كىلىۋاتىمىز ،ئوزىمىزنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە مۇسۇلمان ئەللىرىنى قوغداۋاتىمىز ،بىقىنىمىزدىكى پاكىستاندىن رەنجىگىنى بولمايدۇ ،گەرچە مۇستەقىل بولغىلى يىرىم ئەسىردىن ئاشقان بولسىمۇ ئاھالىسىنىڭ 60%تى ب د ت نىڭ نامراتلىق ئولچىمىدىن توۋەن ھالەتتە  ياشاۋاتىدۇ ،20% ئاھالىسى ساۋاتسىز ،ئەزەلدىن ئىچكى تۇقۇنۇش ،مەزھەپلەر تۇقۇنۇشى ،تەبىئى ئاپەت دىگەنلەر بەك كوپ يۇز بىرىدۇ ،يۇقارقى ئامىللار بۇدولەتنى قەد كوتىرەلمىگىدەك ھالەتتە ئاجىزلاشتۇردى ،مۇسۇلمان دولەتلىرىدە نامراتلىق قاششاقلىق،بەچچىۋازلىق مەينەتلىكنىڭ ئوبرازى بولۇپ كەتتى، ھەتتا بەزى مۇسۇلمان دولەتلىرىدە قەسەم  ئىچسە ‹‹ئەگەر ۋەدەمدە تۇرمىسام  پاكىستانلىق بولۇپ كىتەي ،مۇنۇ دەدىلەشكەن ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمىسام پاكىستانلىق بولۇپ كىتەي ››دەپ قەسەم ئىچىدىغان ھالەت شەكىللەندى (ئۇيغۇرلار ھايۋان بولۇپ كىتەي ،ئىت بوپ كىتەي دەپ قەسەم قىلىمىز )،بىز مۇنۇ ھالىتىمىزدە ساۋاتسىزلىقنى تۇگەتتۇق ،ئاساسەن كىيمى پۇتۇن قوسىغى توق ھالەتكە يەتتۇق ،،،بولدىلا
قىسقىسى تۇركى مىللەرنىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى ئورنى بەك موھىم ،تۇركىيە 500يىغىچە ئەرەپ بە باشقا مۇسۇلمانلارنى ئەھلى سەلىپتىن قوغداپ كەلدى ،سويۇملۇك پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەۋەرۇكلىرىنى ناسارالارنىڭ مەينەت قولىدىن قوغداپ ،ساقلاۋاتىدۇ ،،قايسى بىر تۇركى قىرىنداش بەدەل تولىمىگەن ؟؟؟ئەمدى ئىشۇ بىر قانچە  مەينەت قازاقنىڭ گىپى بىلەن تۇركى قىرىنداشلار ئارىسىغا سوغۇقلۇق چۇشسە قايسى ۋىجدان ئىگىسى چىدايدۇ ،قازاغىستان يەنە قاتتىق كۇچلىنىشكە ،تەرەققىياتقا  مۇھتاج ،ئوزبىكىستان يەنىلا مۇستەبىتلىك تۇزۇم ئاستىدا ،قىرغىزىستان تىخى ئەقەللى ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ ، ئەزەربەيجان ئەرمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىنالمىدى  ،مىللەت بىشىدا تىخىچە قىلىچ ئويناۋاتىدۇ ،20مىلىيۇن نوپۇس كىملىك كىرىزىسى ئىچىدە ،كەلگۇسىدە تۇركى پارس تۇقۇنۇش مەيدانى يەنى تارىخنىڭ مۇنۇ يەردە تەكرارلىنىش ئىھتىمالى يۇقىرى ،تۇركمەنىستان پەقەت ۋە پەقەت نىفىتقىلا تايىنىپ ئورە تۇرىۋاتىدۇ ،تۇركى قىرىنداشلىرىمىز قىلىدىغان ئىش ،باش قاتۇرىدىغان ئىشلار كوپ ...شۇڭا بۇيەردە ئازارلاشماڭلار ،دىيارىمىزدا ئۇيغۇرلاردىن قالسىلا مۇسۇلمان مىللەتتىن شۇنداقلا قىرىنداش تۇركى مىللەتتىن قازاقلار بار ،بارلىق قىسمەتلەرنى تەڭ كورۇۋاتىمىز ،يۇكنى بىللە كوتىرىۋاتىمىز ،ئولۇم كورۇمدە بىللە بولۇۋاتىمىز ،بىر ھىكمەت بار دوسلار .....‹‹ئورمانلىققا ئوت كەتسە دەسلەپ قۇرۇپ قاقشال بولۇپ قالغان دەرەخ كويۇدۇ ،ئاندىن ما قۇرۇق ماۋۇ ھول دىمەي پۇتۇن ئورمانلىق ئوت ئاپىتىدە ۋەيران بولىدۇ ››،ئانداقتا ئۇ قۇرۇق قاقشال دەرەخكە ئوتنى كىم قويدى ؟نىمىشقا ئاسانلا ئوت تۇتاشتى ؟؟؟؟
  دىمەك قاقشاللىق= نادانلىق ،نادانلار ئەڭ ئاۋال كۇشكۇرتىلىدۇ ئاندىن ئوت قويىدۇ
مەيلى ئۇيغۇر مەيلى قازاق بولسۇن نادانلىقنى تاشلاڭلار ،ئاپەت بىزدىن باشلانمىسۇن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baxbuh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-13 10:36 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
jalipkar! + 108 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 108   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94780
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 86
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2013-4-13
ئاخىرقى: 2013-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 01:38:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
الاشتىڭ اتاغى اسپانداي بەرسىن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94780
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 86
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2013-4-13
ئاخىرقى: 2013-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 04:23:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hazekeng تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-16 04:23 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش