مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 817|ئىنكاس: 11

نىكاھمۇ بىر خىل تاللاشتۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

bahtimni bir alladin tilayman

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16372
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4365
تۆھپە نۇمۇرى: 272
توردا: 5028 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2012-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-1 06:51:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بىر كۈنى ئەپلاتۇن ئۇستازى سوقراتتىن نىكاھنىڭ نېمىلىكىنى سوراپتۇ. سوقرات ئۇنى شەمشادزارلىققا بېرىپ،مىلاد دەرىخى قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان ئەڭ ياخشى ئاتېريال تېپىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ ھەم پەقەت بىرلا دەرەخنى تاللىشى كېرەكلىكىنى تاپىلاپتۇ.
ئەپلاتۇن يېرىم كۈن تاللاش ئارقىلىق ئاخىرى ئەڭ تۈز،بىراق يوپۇرماقلىرى شالاڭ بىر تۈپ شەمشادنى تاللاپ كەپتۇ.
   _بۇنى ئەڭ ياخشى ماتېرىيال دەپ ئەكەلدىڭمۇ؟_دەپ سوراپتۇ سوقرات.
   _پەقەت بىر تۈپلا دەرەخنى تاللايدىغان بولغاچقا ،يامان ئەمەس كۆرۈنىدىغان مۇشۇ بىر تۈپنى تەستە تاپتىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىتمۇ بەك قىستاپ قالدى، ئۆزۈممۇ چارچاپ ھالىمدىن كەتتىم.ئىشقىلىپ مۇشۇ تۈپ كۆزۈمگە يامان ئەمەس كۆرۈندى،دەپتۇ.
   _مانا بۇ نىكاھ _دەپتۇ سوقرات.
   دەرۋەقە رېئال تۇرمۇشتىىكى نىكاھ بىر خىل تاللاش دېمەكتۇر.
شۇڭا خەلقىمىز ئارىسىدا<< بىرى چالما دەپ تاشلىسا.بىرى ئالما دەپ تاللايدۇ>> دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆز بار.مەيلى جەزبىدار يىگىت بولسۇن ياكى بەرنا قىز بولسۇن،ئەيىب-نۇقسانى،كەمچىلىك،يېتەرسىزلىكى يوق ئىنسان بولمايدۇ. بەش قول تەڭ بولمىغىنىدەك سىزنىڭ قەلىب خەزىنىڭىزدىكىدەك، سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدىكىدەك ئۇنداق مۇكەممەل قىز،ئۇنداق مۇكەممەل يىگىت مەۋجۈت ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مۇھىت ئىچىدە ئۆسۈپ يىتىلگەن  قىز-يىگىتنىڭ تامامەن ئوخشاش ئىدىيە،ئوخشاش كۆز قاراشتا بولۇپ،بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي ماس كېلەلىشى ناتايىن. مۇھەببەت،نىكاھ ھەرگىزمۇ ھوقۇق،مەنسەپ،پۇل،بايلىق ئۈستىگە قۇرۇلماسلىقى كېرەك. ياخشى كۆرۈش،مېھىر-مۇھاببەت،سەمىمى-سادىقلىق،راستچىللىق،ھايا،كۆيۈمجانلىق ئۈستىگە قۇرۇلۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا نىكاھنىڭ يىلتىزى چىڭ بولۇپ، ئەر-ئاياللار بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ،نىكاھ ھەقىقى مەنىسىنى تاپىدۇ.
    كىشىلەرنىڭ مەنپەئەت ئېڭىنىڭ كۈچىيشىگە ئەگىشىپ،قىز-يىگىتلەرنىڭ ئەركىن نىكاھلىنىش تاللاش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ بارماقتا. قىز-يىگىتلەر قارشى تەرەپنىڭ ئىجتىمائىي،ئىقسادى ئورنىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ،قارشى تەرەپنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا سەل قارايدىغان بولۇپ قالدى.نەتىجىدە،بىر-بىرنى ھۆرمەتلەشنىڭ كەملىكى،مىجەزنىڭ كېلىشمەسلىكى، ساداقەتسىزلىك قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا نىكاھتىن ئاجىرىشىدىغان ئەھۋاللار كۆپەيمەكتە. مانا بۇ قىز-يىگىتلەرنىڭ نىكاھ مەسىلىسىگە سوغۇققان بولۇش،تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشنىڭ زۆرۈۈلۈكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
   نىكاھ _غايىب بىر دۇنيا.ئۇ قەيسەر، سەمىمىي نىيەتلىك، ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت ئاساسىنى چىڭىتىدىغان روھىيەت يىلتىزى.
   نىكاھ _ئازغۇنلار ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك ئازاب. مەڭگۈلۈك پۇشايمان، قايتۇرۋالغىلى بولمايدىغان ئاپەت دېڭىزى.
   نىكاھ _قەدىرىنى بىلگەنلەرگە ئامەت،بىلمىگەنلەرگە ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان تەلەي تېشى .
   نىكاھ _ ئەر-خوتۇننىڭ بىر-بىرىگە ۋاپادار، كۆيۈمچان،سەمىمىي بولۇپ ئۆتۈشتىكى كۆۋرۈك.ۋىجدان،غۇرۇر،ئادىمىيلىك بەلگىسىنىڭ نازۇك ياپرىقى.
   نىكاھ _بىر سىرلىق تېپىشماق ،شۇنداقلا ئادالەتنىڭ لىلىلا گۇۋاھچىسى.
   نىكاھ _ كۆڭۈل ئېشى، ئۇ مال-دۇنياغا تويۇنغان، مېھىر-مۇھابەتكە بولسا مەڭگۈ تويۇنمايدۇ.

مەنبە:<<بەخىت ئۆز قولىڭىزدا>> ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

چ چ رىم يۈتۈپ كەتتى. تېپىشىپ بەرسەڭلار سىلەردىن كۆپ مىننەتدار بولغان بولاتتىم

مـەمـەت بــوران

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17016
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4456
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 592 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2011-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-1 07:06:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ مال-دۇنياغا تويۇنغان، مېھىر-مۇھابەتكە بولسا مەڭگۈ تويۇنمايدۇ. بۇ قاراش توغىرا لىكىن بىرقىسىملار مال دۇنيا ئۇچۇنلا شۇنداق قىلىدۇ ........

ئونۋېرسال نېفىت بىلوگى http://nifit.blogbus.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2854
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6064
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 5826 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2012-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-1 07:10:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ~نىكاھمۇ بىر تاللاش~~نىكاھقا بەك يۇقىرى شەرت قۇيۇپ تۇرىۋىلىشمۇ ئاقىلانىلىق ئەمەس~~
جىددىي ياردەم قىلساڭلار~كومپىيۇتۇرمدا مۇشۇ مىسرانىمدىكى ۋە ئۇلىنىشتىكى قىسقا فىلىملەر چىقمايۋاتىدۇ~باشقا بەيدۇدىكى  چىقىدۇ ~~چۇشىنەلمەيلا قالدىم~قانداق قىلسام بۇلىدۇ؟

ئۆلۈپ كېتىدىغان

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22652
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4108
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2011-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-1 08:36:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوخشىتىشلار بەك جانلىق ئىپادىلىنىپتۇ~!!!! [s:141]  [s:141]

كۆز يېشىمنى سۈرتۈپ كىتەرمەن، ھەسىرىتىڭىنى يۈتۈپ كىتەرمەن. ئۇنتالىمىسام سىېنى بىر ئۆمۈر، ئۆلگەندىغۇ ئۇنتۇپ كىتەرمەن.____ ئابدۇللا(مسىكىن)

يېڭى ھايات ،يېڭى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2000
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6079
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 1010 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2011-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-1 08:40:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىكاھ _غايىب بىر دۇنيا.ئۇ قەيسەر، سەمىمىي نىيەتلىك، ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ مۇھەببەت ئاساسىنى چىڭىتىدىغان روھىيەت يىلتىزى. ;8L+_YCa  
مەن بۇ قاراشنى قوللايمەن~~

قىلىچنىڭ بىسىدا ئېچىلغان رەيھان ،        بەرگىدىن تامچىپ تۇرار ئىسسىق قان~!

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 2587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1272
تۆھپە نۇمۇرى: 652
توردا: 8340 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-1 09:09:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىكاھتا مىنىڭ كۆپ شەرتىم يوق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24546
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3151
تۆھپە نۇمۇرى: 211
توردا: 850 سائەت
تىزىم: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2011-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-1 10:17:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىكاھ توت غايىپنىڭ بىرى تاللاپ تاللاپ ئاخىرى خودايىم بۇيرىغاننى تاللايسىز شۇ

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 1682
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14792
تۆھپە نۇمۇرى: 478
توردا: 3886 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-2-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-1 11:33:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تاللاپ كەتسە  ئاي پاتەم بۇلۇپ ئولتۇرۇپ قالدىغان ئىش بار تېخى ...!!!!

http://blog.sina.com.cn/esma88

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20955
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3256
تۆھپە نۇمۇرى: 212
توردا: 397 سائەت
تىزىم: 2010-12-6
ئاخىرقى: 2011-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 01:34:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلەر نىكاغا سەل قارماڭلار ئىخ ئاللا چىرايىمىز نى گۇزەل قىلغان داك ئەخلاقىمىز نىمۇ گۇزەل قىلىپ بەرگىن ئامىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16879
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4304
تۆھپە نۇمۇرى: 256
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2011-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-2 04:12:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  taxyurak520 كە 2011-01-01 07:10 PMئەۋەتىلدى  :
شۇنداق ~نىكاھمۇ بىر تاللاش~~نىكاھقا بەك يۇقىرى شەرت قۇيۇپ تۇرىۋىلىشمۇ ئاقىلانىلىق ئەمەس~~
جىددىي ياردەم قىلساڭلار~كومپىيۇتۇرمدا مۇشۇ مىسرانىمدىكى ۋە ئۇلىنىشتىكى قىسقا فىلىملەر چىقمايۋاتىدۇ~باشقا بەيدۇدىكى  چىقىدۇ ~~چۇشىنەلمەيلا قالدىم~قانداق قىلسام بۇلىدۇ؟
(Adobe Flash Playe) مۇشۇ قويغۇچنىڭ ئەڭ يېىڭى نۇسخىسىنى قاچلاپ بىقىڭ.

راستچىللىق ۋە سەمىمىيلىك ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئەخلاق كاتېگورىيىلىرىنىڭ بىرى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش