مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: نەزەر

قوشاق يىغىمەن. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئېنگىلىزتىلى ئۈ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22920
يازما سانى: 915
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3718
تۆھپە نۇمۇرى: 661
توردا: 2041 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 08:40:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوبۇل ئاخۇن ئاران قاپتىكەن.نەدە يىغىلىپ قالغان قوشاق بۇ [s:137]

ئېنگىلىزتىلى ئۈگىنەمسىز؟www.tilhumar.biz

ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 08:43:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىشىك ئالدى پاراڭلىق،
ئاستىدا مەن ئوينايمەن.
سەن يارىمنى كۆرگەندە،
قاراپ ھەرگىز تويمايمەن.

دەردىڭنى ماڭا ئېيتساڭ،
سېنىڭ ھالىڭغا مەن يەتسەم.
ھاشىر باينىڭ ئۆيىدىن،
سېنى چۆلگە ئېلىپ كەتسەم.

بېغىمدىكى ئېتىزنىڭ،
چۆرىسىدە بېدە بار.
يۈرىكىمنى تۇتۇپ باق،
ساڭا كۆيگەن زېدە بار.

سىم بىلەن تۈگەنچە تۈگۈشنى،
قول بىلەن يەشكىلى بولماس.
باغلىنىپ قالغان يۈرەكنىڭ،
رىشتىنى ئۈزگىلى بولماس.

قەشقەردىن راۋاپ ئالدىم،
شوخ پەدىگە چالاي دەپ.
پۇل تېپىپ ئەمدى كەلدىم،
گۈلۈم سېنى ئالاي دەپ.

يار دەردىدە كۆپ يىغلاپ،
ئايرىلدىم قاراقىمدىن.
ساڭا چىن ئەقىدە باغلاپ،
كۈل بولدۇم پىراقىڭدىن.

كۆزۈمنى دۈۋەت قىلدىم،
يېشىمنى سىياھ قىلدىم.
سېنىڭدەك مېھىربان يارغا،
جېنىمنى پىدا قىلدىم.

ئۇسسىغاندا چاي بەرسەڭ،
چاينى ئىچتىم چەينەكتە.
شۇئان ئىشقىم لاۋۇلداپ،
ياندى ئوتۇڭ يۈرەكتە.

ئاق كۆڭلەك كىيىۋاپسىز،
قارايمەن ياراشقانغا.
ئەمدى تاپتىم ياخشى يار،
بەرمەيمەن قاراشقانغا.

بۇلبۇل كەپتۇ قېشىمغا،
گۈل بىلەن ئويناشقىلى.
مەن سىزگە تولا كۆيدۈم،
سىردىشىپ مۇڭداشقىلى.

قالدى دەرەخ يالاڭاچ،
يۇپۇرمىقى سىيرىلىپ.
يارنىڭ ئوتى بەك يامان،
كەتتى باغرىم ئىزىلىپ.

يالغۇز قالغان چېغىمدا،
ھېچكىم كەلمەس قېشىمغا.
يارىم كەلدى ھال سوراپ،
چىدالماي كۆز يېشىمغا.

سايرغىيىپتۇ غازاڭلار،
كۈز بولغانغا ئوخشايدۇ.
يارىم كۈندە كېلىدۇ،
سېغىنغانغا ئوخشايدۇ.

چوڭ ئۆستەڭگە سۇ كەلدى،
قايناپ بۇلۇپ ئاقمايدۇ.
سەندىن باشقا يار تۇتسام،
مىجەزىمگە ياقمايدۇ.

بېشىڭدىكى دوپپاڭنى،
ناۋاتتا پاتلىغان يارىم.
ماڭا بەرگەن ۋەدەڭنى،
يۈرەكتە ساقلىغان يارىم.

كۆچەتلەر خوپ يارىشىپتۇ،
چوڭ يولغا بېرىپ زىننەت.
يارىمنىڭ قاراشلىرى،
مەن ئۈچۈن ئەجەپ قىممەت.

ئىشىك ئالدى قۇناقلىق،
ئاقلىمىساممۇ ئاقلاقلىق.
سىز يارىمنىڭ سۆزلىرى،
يۈرىكىمدە ساقلاقلىق.

قانداق چىدار يۈرىكىم،
سەن بولمىساڭ يېنىمدا.
جېنىم كەتسە رازىمەن،
سەندەك ۋاپادارىمغا.

يارىم نىسىپ بولارمۇ؟
يۈرەك قېنىپ سۆيگىلى.
مەن شۇنداق بىچارىمۇ،
پىراقىڭدا كۆيگىلى.

غېرىپ بۇلۇپ يۈرگەندە،
كىم سورايدۇ ھالىمنى.
مېھىربانىم سەن ئۈچۈن،
ئاتاپ قويدۇم جېنىمنى.

سۇنى ئېچىپ قويدۇم،
ھويلىدىكى ئۈزۈمگە.
ماقۇل دېگىن چىرايلىق،
ئۇنداق قىلماي سۆزۈمگە.

ئامرىقىم سېنى بار دەپ،
بېرىپ مەھەللەڭدە ئوينايمەن.
مەھەللەڭدە كۆرۈنمىسەڭ،
تاڭ ئاتقۇچە ئويلايمەن.

يارىم چىقىپ كۆل بېشىغا،
ئوغما قۇيۇپتۇ قېشىمغا.
چۈگۈنىگە سۇ ئۇسماي،
توشقۇزۇپتۇ يېشىغا.

بارغىنىڭنى باغدا كۆردۈم،
يانغىنىڭنى كوچىدا.
كوچىدا باسقان ئىزىڭ،
بولدى كۆزۈمگە تۇتىيا.

ساقايمايدۇ ئامرىقىم،
تا قىيامەت ئۆلگۈچە.
ساقىلىمغا ئاق كىردى،
جۈپ مەڭزىڭگە سۆيگۈچە.

سايراپ تۇرغان بۇلبۇلدەك،
شېرىن-شېكەر سۆزلىرى.
ھېچ كىشىگە كۆيمەپتىم،
كۆيدۈرۋالغان ئۆزلىرى.

بىر باغقا ئانار قويدۇم،
بىر باغقا توغاچ.
شۇ يارىمنىڭ دەردىدە،
يۈرىكىم قوماچ.

يارىم بىزگە باقماي تۇرۇپ،
دىلغا غەم سالدى.
لاچىن بۇلۇپ شېخىغا قۇنۇپ،
جېنىمنى ئالدى.


ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 08:49:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:10-قەۋەت (ubul0998) نىڭ يازمىسىغا

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 18قەۋەت قۇملۇق كە 2011-01-03 08:37 PMئەۋەتىلدى 10-قەۋەت (ubul0998) نىڭ يازمىسىغا :
ماۋۇ سىزدىكى نەدىن كەلگەن ئىلھام ~~~~  [s:151]   [s:151]

يىغىپ ساقلاپ قويغانلىرىم ، قايسى كۈنى يوللىسام تەسدىقلىمغانتى. تىخى 20% تى تۈگدى .ماۋۇ باشقۇرغۇچىلار ئەخلەت تۈكۋەتتىڭ دىمسە كىيىن مۇشۇ تىما ئاستىغا يوللىۋتەي.

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5613
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9305
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1138 سائەت
تىزىم: 2010-8-4
ئاخىرقى: 2014-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 09:49:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

22-قەۋەت (ubul0998) نىڭ يازمىسىغا

بولسا قالغان سەكسەن پىرسەنتىنىمۇ يوللاڭە ،يوللىغان قوشاقلىرىڭىز بەك ياقتى ماڭا،
مىنى قوشاققا باي قىلۋىتىدىغان بولدىڭىز كۆپ رەھمەت.........

ئەلچۈن تىز يوللانمىسى :مەملىكەت ئىچى -سىرتىغاتىز يەتكۈزۈش ،ئايرۇپىلان بىلىتى سىتىش،تىلفۇن پۇللىرىنى تاپشۇرۇش قاتارلىق كەسىپ ئىھتىياجىڭىزنى قاندۇرغۇسى .
گۈلىستا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 10:56:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 11:06:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قۇغۇنلۇققا كېرەيمۇ؟
ناشېكەرنى ئۈزەيمۇ؟
ئەندى تاقەت قالمىدى،
يانداپ بېرىپ سۆيەيمۇ؟

ھاۋادىن چۈشىۋاتقان،
يامغۇرمىدۇ، قارمىدۇ؟
پەرۋايىڭ يوق مەن بىلەن،
باشقا يارىڭ بارمىدۇ؟

ئوسما قويغان خان قىزى،
ئۆزلىرىنى داڭلايدۇ.
ئىچىمدىكى دەردىمنى،
كىمگە ئېيتسام ئاڭلايدۇ.

زېرىككەندە قارا قاش،
چالغىلى راۋاپ يوقمۇ؟
سىزگە شۇنچە خەت ياشدىم،
بەرگىلى جاۋاپ يوقمۇ؟

مىلتىقىمنى بەتلىدىم،
ئال قۇشنى ئاتقىلى.
مەن شۇنداق تۇغۇلغانمۇ؟
سېنىڭ دەردىڭنى تارتقىلى.

باغدىكى بۇلبۇل ئىدىم،
قوندۇردۇڭ تېرەكىڭگە.
ئوتۇڭ بەك يامان ئىكەن،
ئۆل دەمسەن كۆيەكىمگە؟

كېتىدۇ يارىڭ دېسە،
ئاشىنا بولماس ئىدىم.
دەستە-دەستە گۈل تىزىپ،
يولىغا باقماس ئىدىم.

ئاخشام ئەتكەن تامىقىڭ،
تېتىمىدى تىلىمغا.
بىلمەي قالدىم يار قاچان،
ئوتنى سالدىڭ دىلىمغا.

نارىسىدە قىز تۇرۇپ،
قاشلىق ئەتتىڭ، قاش ئەتتىڭ.
ۋاپا قىلماي ۋەدەڭگە،
كۆزلىرىمنى ياش ئەتتىڭ.

گۈل تۈۋىدە ئاڭلىدىم،
بۇلبۇلنىڭ ناۋاسىنى.
نەدىنمۇ تاپاي ئەمدى،
كۆيۈكنىڭ داۋاسىنى.

بىر جۈپ كۆزۈڭ ئوخشايدۇ،
ئېقىپ تۇرغان بۇلاققا.
ۋەدىلەشكەن گۇناھمۇ؟
قالدۇق ئەجەپ سوراققا.

قۇرغۇي سالدىم باغچىغا،
قۇرغۇي قۇچقاچ بولامدۇ؟
بۇرۇن سۆيگەن يارىمنى،
ئەمدى سۆيسەم قارامدۇ؟

ئۆستەڭدىكى لاي سۇنى،
باغقا باشلىماڭ يارىم.
ئەقىل-ھۇشىڭىز بولسا،
بىزنى تاشلىماڭ يارىم.

بېشىمدىكى دوپپامنىڭ،
گۈلى نەچچە ساناپ باق.
يارىم قاچان كەلگۈدەك،
تۇرنىلاردىن سوراپ باق.

بېغىمدىكى گۈلۈمنىڭ،
سايىسى قالغانمىدۇ؟
كىشىگە كۆيگەن يۈرەكنىڭ،
يارىسى قالغانمىدۇ؟

بېشىڭدىكى دوپپاڭنىڭ،
گۈللىرىنى كىم ئويغان؟
ئېتىڭ ئەجەپ چىرايلىق،
ساڭا خىللاپ كىم قويغان؟

ئاسماندىكى يۇلتۇزغا،
تاياق ئاتسام تېگەرمۇ؟
سىز يارىمغا  خەت يازسام،
قولىڭىزغا تېگەرمۇ؟

سەنمۇ ئادەم، مەنمۇ ئادەم،
بىلسەڭ بولمامدۇ؟
شېرىن جاننى قىينىغۇچە،
ئۆلسەڭ بولمامدۇ؟

قېشىڭ قارا بولغىچە،
مەڭزىڭ قىزىل بولساڭچۇ؟
مېنى رەسۋا قىلغۇچە،
بوينۇڭ سۇنۇپ ئۆلسەڭچۇ؟

قۇرغۇي بالىسى زالىم،
لاچىن بالىسى ئالىم.
مەن بۈگۈن كېتەر بولدۇم،
قانداق قىلىسىز يارىم؟

ئىشىك ئالدى قوش ئېرىق،
ئېقىپ كەتتى بەش بېلىق.
سەن يارنى دەپ كەپتىمەن،
ئەجەپ يەتتى غېرىبلىق.

ئىشىك ئالدى كۆلچەككە،
شال پەيدا بۇلۇپ قاپتۇ.
بىزنىڭ يارغار غىتمەككە،
ھال پەيدا بۇلۇپ قاپتۇ.

ئالما بەرسەم يېدىڭىز،
سكزىڭىزنى قىلدىڭىز.
مەندىن ئەجەپ ئۇيالماي،
ئايرىلىمەن دېدىڭىز.


ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 11:10:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دەريانىڭ ئۇ قېتىدا،
بىر قىزچاققا كۆيدۇممەن.
ئۇ قىزچاققا ئېيتتىڭلار،
بۇنداق جانغا تويدۇممەن.

شاپتۇل شېخى لىڭشىيدۇ،
لاچىن بارمىكىن دەيمەن.
بىزنىڭ يارلار غىڭشىيدۇ،
گېپى بارمىكىن دەيمەن.

دۇتارىڭنى ئالساڭچۇ،
شۇخ پەدىگە چالساڭچۇ؟
مەن غېرىپ، سەن مۇساپىر،
مېنى ئارقاڭغا سالساڭچۇ؟

ئاق قۇشقاچمۇ قۇشقاچكەن،
تۇمۇچۇقمۇ قۇشقاچكەن.
كېلىڭ يارىم ئوينايلى،
بويىمىزمۇ ئوخشاشكەن.

مەن بازاردىن ئات ئالدىم،
مىنىپ كەلدىن يۈگەنسىز.
كۆيگىنىمنى جان يارىم،
مۇشۇ خەتتىن بىلگەنسىز.

ئۆستەڭ ياقىلاپ ماڭسام،
قۇرغۇي كېلىپ ئەگىيدۇ.
ساڭا كۆيگەن يۈرەكنى،
قانداق قىلسام سەگىيدۇ؟

دۇكاندىن تارغاق ئالسام،
قارا ساچىمنى تاراشقا.
رەسمىڭىزنى بەرسىڭىز،
سېغىنغاندا قاراشقا.

بۇ ھاۋا ھاۋامىدۇ،
قار-يامغۇر ياغارمىدۇ؟
قىز ئۈچۈن يىگىت ئۆلمەك،
دۇنيادا راۋامىدۇ؟

سەن يۈزۈڭنى يۇيۇپسەن،
ياغلىق بىلەن سۈرۈتتىڭمۇ؟
مەن سېنى ئۇنتۇمىدىم،
سەن مېنى ئۇنتۇمىدىڭمۇ؟

گۇگۇك قىلىپ سايرايدۇ،
ئۇچۇپ يۈرگەن شۇ پاختەك.
كۆيۈپ قالدىم مەن ساڭا،
سەندىن باشقىسى يوقتەك.

يىراق كەتسەم چىللايدۇ،
يېقىن كەلسەم تىللايدۇ.
تۇتقانمىكىن باشقا يار،
كۆزلىرىگە ئىلمايدۇ.

قاپقارا تەلپەك كىيىپ،
قاراقچى بولامدۇ كىشى.
سىز يارىمنىڭ دەردىدە،
راۋاپچى بولامدۇ كىشى.

ئالما بەردىم قولۇڭغا،
كۆيۈپ قالدىم بۇيۇڭغا.
قاچانغىچە قارايمەن،
سېنىڭ ماڭغان يولۇڭغا.

قىزىلگۈلنى پەرۋىشلەپ،
ئەتىرگۈلدىن ئايرىلدۇق.
كۆڭلى قارا يارنى دەپ،
ياخشى ياردىن ئايرىلدۇق.

قولۇمغا راۋاپ ئالدىم،
ئىشقى ئوتۇڭدا چالدىم.
سەن يارىمدىن ئايرىلىپ،
ھەسرەت ئوتىدا قالدىم.

بىلەلمىدىم، ئۆتىمىكىن،
سەۋەنلىك مەندىن.
خوشلاشمايلا كېتىپسەن،
رەنجىدىم سەندىن.

ھېچ كۆرگىلى قويمايدۇ،
كۆزلىرىمگە ياش تۇلۇپ.
سەن يارىمدىن ئايرىلىپ،
قالدى يۈرەك تاش بۇلۇپ.

غازاڭلار تۆكۈلمەكتە،
باراڭلاردا ئۈزۈم يوق.
بىۋاپا يار كەلمىسۇن،
قارايدىغان كۆزۈم يوق.

بۈگۈنمىكىن، ئەتىمىكىن،
يارىم كەتكۈدەك.
ئالتە يازدىن ئەگەشكىنىم،
زايە كەتكۈدەك.

يۈرەكتىكى ئوتلىرىم،
ئۇلغىيىشقا باشلىدى.
ۋىجدانسىز مېنىڭ يارىم،
كۆيدۈرۋېلىپ تاشلىدى.

يار بارىدا ياخشى ئىدى،
يار كېتىپ يامان بولدى.
يار دەردى يامان ئىكەن،
چىرايىم سامان بولدى.

گۈل غۇنچىسى سۇلۇپتۇ،
ئانا شاختىن قايرىلىپ.
كۆڭلۈم دەردكە تۇلۇپتۇ،
سەن يارىمدىن ئايرىلىپ.

بۇلبۇل سايرىغان باغدا،
غۇنچە پورەك ئاچماپتۇ.
ئايرىلىشنىڭ دەردىنى،
يار مېنىڭدەك تارتماپتۇ.

ئۆستەڭ ياقىلاپ كەپلا،
تەمبۇر چالغاچ كەلمەپلا.
قوللىرىدا پەرەڭ ياغلىق،
يېمىش ئالغاچ كەلمەپلا.


ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 11:13:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يار كېتىپ ئەجەپ قىلدى،
كتەرىنى كىم بىلدى.
يار كەتكەننىڭ بۇيانقى،
يۈرەك-باغرىم ئىزىلدى.

قۇغۇنلۇققا كىردىممەن،
بىر چىلگىنى ئۈزدۈممەن.
ئەسقاتمىغان شۇ ياردىن،
ئۈمىدىمنى ئۈزدىممەن.

ياغلىقىمنى يۇيدۇرۇپ،
ئاق تانىغا يايدۇردۇم.
ساڭا بەرگەن كۆڭلۈمنى،
بەش كۈن بولدى ياندۇردۇم.

بارىسەن بىر-بىر بېسىپ،
دەريا سۈيىدەك ئايلىنىپ.
مېنى ئوتۇڭغا سېپ قۇيۇپ،
باقمىدىڭ بىر قايرىلىپ.

ئات مىنىپ سەيلە قىلىپ،
ئۈچ داۋاننى ئاتلىدىم.
سەن كېتىپ ئۈچ كۈن ئۆتۈپ،
يۈرىكىمنى تاتىلىدىم.

ئاسماندىكى بەش قاغا،
بەشىلىسى ياش قاغا.
قانىتىم بولسا ئۇچساممەن،
يارىم كەتكەن قاشقاغا. (قەشقەرگە)

تۇنۇشۇش ئاسان ئەمەس،
ئايرىلىش ئاندىن يامان.
ئاڭلىسام كەتمەكچى بوپسەن،
ھەر جايدا سەن بولغىن ئامان.

ئاق تىكەن، ئاپئاق تىكەن،
شېخىدا گۈل بار ئىكەن.
گۈلنى مەن ئۈزگەن چېغىمدا،
باغدا يارىم بار ئىكەن.

قىردا گۈللەر ئۆسۈپتۇ،
غۇنچە بۇلۇپ قايرىلىپ
ياتسام ئۇيقۇم كەلمەيدۇ،
سىز يارىمدىن ئايرىلىپ.

قولۇمدىكى ياغلىقىم،
گۈل شېخىغا ئىلىندى.
سەن يارىمدىن ئايرىلىپ،
غېرىبلىقىم بىلىندى.

ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن،
ئەقىدەمگە يىغلايمەن.
دۈشمەن شۇنداق دەھشەتكەن،
بۇنى سەندىن كۆرمەيمەن.

گۈللەر ئاچىلۇر باغدا،
مۇرادىغا يەتكەندە.
قەدرىم ئۆتىلەر يارغا،
مەن بۇ شەدىن كەتكەندە.

يارىم بىلەن ئىككىمىز،
ئايرىلدۇق ئاداۋەتتە.
ئايرىلسا كېتىۋەرسۇن،
داۋا يوق قىيامەتتە.

ئۆستەڭنىڭ سۈيى سۈزۈك،
قولۇمدا ئالتۇن ئۈزۈك.
سېنىڭدەك بىۋاپا ياردىن،
ئايرىلىپ كەتكەن تۈزۈك.

ئۇسساپ كەتتىم ئەجەپمۇ،
چېيىڭىز بارمۇ چايداندا.
ئۆلمىسەك كۆرۈشەرمىز،
يەنە ئاشۇ جاھاندا.

ياخشى ئاتنى ساتمايمەن،
قەدرى ماڭا بەك ئۆتتى.
ياخشى ياردىن ئايرىلىپ،
غېرىپلىق ماڭا يەتتى.

پېلەكلەرنى ئاختۇرۇپ،
سويما تاپىمەن ئەمدى.
ياخشى ياردىن ئايرىلىپ،
يالغۇر ياتىمەن ئەمدى.

سېرىق چىمەن قايدا بار،
سىزدەك يارىم نەدە بار.
ئايرىلاردا بىر سۆيسەڭ،
قىيامەتتە پايدا بار.

ئىشتىياقنى تولا تارتىپ،
تۈنلەردە كىرپىك قاقمىدىم.
كۆزىدىن ياش تۆكتى يارىم،
مەن يېشىدا ئاقمىدىم.

راۋابىمنىڭ تارى يوق،
ئۇنى چالماي چارە يوق.
يېڭىيارچە يار تۇتسام،
تاشلىۋەتتى كارى يوق.

مەن ئەسلىدە كەلمەيتىم،
بېشىم ئايلىنىپ كەلگەن.
سەۋەبىنى سورىسىڭىز،
ياردىن ئايرىلىپ كەلگەن.

چەكمەندىن چاپان كىيسەم،
ئوت چاچراپ كۆيۈپ كەتتى.
چىرايلىقتىن يار تۇتسام،
كۆز تىگىپ ئۆلۈپ كەتتى.

گۈلۈم كەتتى، گۈلۈم كەتتى،
قولۇمدىن بۇلبۇلۇم كەتتى.
مېنى مەيخانىگە تاشلاپ،
ئۆزى سەھرا-چىمەن كەتتى.

كەتمەكچى بۇلۇپ قالدۇق،
يار كېتەمدىكى بىللە.
يار كەتسە كېتىۋەرسۇن،
ئۇيۇن كۈلكىسى بىللە.

باغدا بىر گۈل بار ئىدى،
شېخىدا بۇلبۇل سايرىدى.
بۇ خۇدانىڭ تەقدىرى،
ئىككىمىزنى ئايرىدى.

دەريانىڭ سۈيى ئۇلۇغ،
يار ئالدىمىكى قاشتىن.
نەس باسقانغا ئوخشايدۇ،
ئايرىلدىم قەلەم قاشتىن.

كەتمەن ئېلىپ يولۇڭنى،
تۈزەتمەسمىدىم.
كېتەرىڭنى بىلەر بولسام،
ئۇزاتماسمىدىم.

قارىسام كۆرۈنمەيدۇ،
باغنىڭ چۆرىسى قورغان.
ئەجەپمۇ يامان ئىكەن،
تەڭ ئۆسكەندىن ئايرىلغان.

ئىشىك ئالدى ئېرىقىم،
غىلدىر-غىلدىر بېلىقىم.
ئەجەپ چاغدا ئايرىلدۇق،
گېپى تاتلىق غېرىبىم.


ئادەمگە بىلىم كى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7478
يازما سانى: 5679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 165153
تۆھپە نۇمۇرى: 831
توردا: 7741 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 11:17:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تام ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ،
ئالا بويناق كەپتىرىم.
قالغىنىنى ئېيتمايمەن،
يەنە باردۇر گەپلىرىم.

ئوڭ قولۇمدا بەش ئۈزۈك،
كۆزى يالغان بېغى راست.
يېڭىياچە يار تۇتسام،
ئون گېپىدىن بىرى راست.

ئىشىك ئالدى سۇپاڭدا،
مەن ياتمايمەن ئۆزۈڭ يات.
يار ئوتى يامان ئىكەن،
يار تۇتمايمەن پەندىيات.

ئۈرۈمچىدىن ماڭدۇق بىز،
داخىيەندىن قايرىلدۇق.
سىزدەك ياخشى يارنى دەپ،
يۇرتىمىزدىن ئايرىلدۇق.

ھاۋادىن غاز كېلىدۇ،
چىمەنگە بېقىپ.
مەن يارىمغا خەت يازدىم،
ئرزىمنى ئېيتىپ.

پاڭچۇ كۆڭلىكىم بولسا،
بايراملاردا كىيەتتىم.
يېقىندىكى يار بولسا،
سېغىنغاندا سۆيەتتىم.

ئىشىك ئالدى ئېرىقتا،
ئۈزەر يۈرەر بېلىقى،
يۈرىكىمنى كۆيدۈرگەن،
سىز يارىمنىڭ قىلىقى.

ئايدىن ئايرىلالمايمەن،
ئاي يۈزۈڭنى كۆرگەندە.
ئەيمىنىپ قارالمايمەن،
قوشۇماڭ تۈرۈلگەندە.

دۇتارىڭنى مەن چالاي،
ئۆزۈڭ ئېيتقان ناخشىنى.
ئەقلىڭ بولسا تاللىۋال،
يامان بىلەن ياخشىنى.

جامالىڭنى كۆرمىسەم،
پىراقىڭدا كۆيمەيتىم.
سەم ئۇماقنى يارىم دەپ،
لەۋلىرىڭگە سۆيمەيتىم.

جىلغىدىكى سېرىق سۇ،
داۋالغۇيدۇ تاشمايدۇ.
يېڭى يار تۇتاي دېسەم،
مىجەزىمگە ياقمايدۇ.

شەبنەم چۈشتى ھاۋادىن،
كۆڭلەك كىيگەن تاۋاردىن.
تاۋار كۆڭلەك بولمىسا،
مەن ئېلىپ بېرەي بازاردىن.

يارىم بەرگەن ياغلىقنىڭ،
بىر بۈرجىكى چىگىكلىك.
يار قەدرىنى بىلمىگەن،
شۇ گۈدەكلىك، كىچىكلىك.

گۈل شېخى ئىرغاڭلايدۇ،
بۇلبۇل كەلگەن ئوخشايدۇ.
يۈرىكىم جىغىلدايدۇ،
يارىم كەلگەن ئوخشايدۇ.

ئاشنىمەنۇ، ئاشنىمەن،
چىرايلىققا ئاشنىمەن.
سۆزى تاتلىق ھەسەلدەك،
قارا كۆزگە ئاشنىمەن.

قان ئايلانسا يۈرەكتە،
مۇھەببەت دەپ ئايلانسۇن.
ئايرىلمايلى بىز پەقەت،
رىشتىمىز چىڭ باغلانسۇن.

كېتەي دەيمەن، كېتەي دەيمەن،
يۇرتۇمۈە كېتەي دەيمەن.
ئاقىۋەت بىر كۈنلىرى،
مۇرادىمغا يېتەي دەيمەن.

كەتمە دېسەڭمۇ كېتىمەن،
كەت دېسەڭمۇ كېتىمەن.
ئارىدە ئۈچ قۇنۇپ،
يار قېشىغا كېتىمەن.

ئاق قۇشقاچ ھارامزادە،
شېكەر بەرسەم سايرايدۇ.
دۈشمەن بىزنى كۆرەلمەي،
ئارقىمىزدىن مارايدۇ.

ئىچمەيمەن ھارىقىڭنى،
تۇتقىنىڭغا ھەشقەللا.
ئاشىقسىز يۈرەلمەيدۇ،
يېڭى ئۆسكەن ياش بالا.

ئۇچامدىكى مايكامنى،
گۈل سۇپۇندا ئاقلايمەن.
يانچۇقتىكى ناۋاتنى،
سىز يارىمنى ساقلايمەن.

يارىم ياتىدۇ غەمدە،
گۈلنىڭ تۈۋىدە غەمدە.
مەن بۇ يەردە ناخشا ئېيتسام،
يار كۆيىدۇ ئەلەمدە.

ئېگىز تاغقا چىققاندا،
يۆلەپ قويغان گۇناھ بار.
كۆيۈپ قالدىم دېگەندە،
سۆيۈپ قويغان گۇناھ بار.

دېرىزەڭگە تاش ئاتتىم،
چىرايلىققا قاش ئاتتىم.
ئۇخلاپ قالغان چوكاننى،
دۇتار چېلىپ ئويغاندىم.

سۇ كېلىپ تاش ئۈستىدە،
ئاقى تارام-تارام.
سىزگە ئوخشاش يار تۇتۇپ،
باشقا يار تۇتسام ھارام.


ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 11:20:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇبۇل ھاجىمنىڭ ئىلھاملىرى بەك دەھشەتقۇ؟خۇددى كەلكۈن كەلگەندەك [s:181]

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش