ئۇ قاتىمۇ يارىم بار،
بۇ قاتتىمۇ يارىم بار.
ئۇ قاتتىكى يارىمدىن،
ئۆلگۈچە تەمەيىم بار.
ئۇ قاتقا چىقارسىز دەپ،
بۇ قاتتا قۇنۇپ قالدۇق.
ئۈچ كۈندە كېلەرمىز دەپ،
يالغانچى بولۇپ قالدۇق.
بېشىڭدىكى دوپپاڭنىڭ،
سۇغا چۈشتى شولىسى.
ئاخاش سۆيگەن يارىمنىڭ،
يار ئۈستىدە ھويلىسى.
باغدا ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ،
خامان سورىغان ئارا.
چۈشۈمگە كىرىپ قاپتۇ،
بۇلتۇر ئوينىغان قارا.
تاماكىنى تارىۋالاي،
چوغلارنى قۇتيۇپ.
يار بىلەن ئوينىۋالاي،
ئۇيقۇمنى قۇيۇپ.
ئېرىق ئىچىدە يىلان،
چىر-چىر قىلىدۇ.
سىزگە كۆيگەن بۇ يۈرەك،
پىژ-پىژ قىلىدۇ.
باھار كېتىپ ياز كەلدى،
بۇلبۇل قوندى تېرەككە.
مېنىڭ دىلىم ئاغرىيدۇ،
يار داغ سالغاچ يۈرەككە.
ئۆستەڭ بويىدا يالپۇز،
يالپۇزنىڭ شېخى يالغۇز.
بارچە خەقنىڭ يارى بولسا،
مەن ئۆزۈم تېخى يالغۇز.
قايناۋاتقان قازانغا،
چۆمۈچ سالغان يوق.
ئارىقىمىز يېقىن تۇرۇپ،
سۆيۈپ قويغان يوق.
كۈن ئىگىلىپ كەچ بولدى،
تال ئىگىلىپ پەس بولدى.
ئارىلىقىمىز يىراق ئىكەن،
كۆرۈشمەكمۇ تەس بولدى.
مەستكەنسىز، مەستكەنسىز،
مەستتىن قالغان پەسكەنسىز.
مەن سىزنى يىگىت دېسەم،
يىگىت ئەمەس خەسكەنسىز.
چىلاڭ خورىزىم، چىللاڭ،
يارىم ئويغانسۇن.
لەۋلىرىدىن چىشلىۋالاي،
چۆچۈپ ئويغانسۇن.
غەزەل ئوقۇماي دېسەم،
ئوقۇتىدۇ دەرد يامان.
يارغا يىغلىماي دېسەم،
يىغلىتىدۇ ئوت يامان.
ئۈرۈمچىدە تاغ تولا،
سۇ قويمىغان باغ تولا.
ياش بالىلارنىڭ دەردى كۆپ،
يۈرىكىدە داغ تولا.
ئېرىقتىكى لاي سۇغا،
تاشلىۋەتتى چېلەكنى.
بىزنى يامان دېگەن يار،
تاللىۋالسۇن بۆلەكنى.
گۈل بېغىمدا ئېچىلغان،
ئانارگۈلنىڭ بىرىمەن.
گۈل تۈۋىدە ئولتۇرغان،
قارا كۆزنىڭ خىلىمەن.
يامچى بولساڭ ئۇستا بول،
ئاۋاتلىقنىڭ تامچىسىدەك.
چوكان سۆيسەڭ يۆگەپ سۆي،
ھارۋىكەشنىڭ قامچىسىدەك.
تۈگمىنىڭگە بارمايمەن،
ئۇن تۇزۇيدۇ ياقامغا.
ياردىن كۆڭلۈم ئاغرىسا،
قارىمايمەن ئارقىغا.
بىلىكىمنىڭ ئاقلىقى،
سائىتىمنىڭ يوقلىقى.
شۇنچە خەق ئارىسىدا،
بىزنىڭ يارنىڭ يوقلىقى.
پاڭچۇ كۆڭلىكىم بولسا،
مەكتەپ ئالدىدا كىيسەم.
كۆڭلۈمدىكى يار بولسا،
دۈشمەن ئالدىدا سۆيسەم.
ئالما ئاتتىم ئاتقانغا،
سىم كارۋاتتا ياتقانغا.
سىز بىزدىن يامنلاپسىز،
بىرنى سۆيۈپ قاچقانغا.
ئات مىندىم دېگەن بىلەن،
قامچا بولمىسا بولماس.
يار تۇتتۇم دېگەن بىلەن،
ياندا بولمىسا بولماس.
ئالتۇن تارغاق بېشىمدا،
مەنمۇ باراي قېشىڭغا.
ئاز كۈن ئويناپ ئايرىلدۇق،
يىگىرمە ئالتە يېشىمدا.
كۈندە كۆرمىدىم يارنى،
بىر كۈنى كۆرەرمەن دەپ.
ئۈمىد ئۈزمىدىم يارىدن،
ئۆلمىسەم سۆيەرمەن دەپ.
جۇرۇم ئۆتۈك كىيمەيمەن،
ماڭسام پۇتۇم ئاغرىيدۇ.
باش ئېلىپ كېتەي دەيمەن،
سىزگە ئىچىم ئاغرىيدۇ.
ئۇ قاتنىڭ بازارىدا،
رەڭمۇ-رەڭ تاۋارى بار.
چۆرگىلەپ كېتەلمەيسەن،
سۆيگەننىڭ خۇمارى بار.