ئاق قۇشقاچقا ناۋات بەرسە،
تەمىنى بىلمەس.
نادان يارغا كۆڭۈل بەرسە،
قەدرىنى بىلمەس.
ئۆستەڭ ياقىلاپ يۈرسەم،
ئېرىققا سۇ كېلىپ قاپتۇ.
باغ ئارىلاپ يۈرگەندە،
يار مېنى كۆرۈپ قاپتۇ.
گۈلنى گۈلگە بەرمىدىلە،
گۈلنى تىكەنگە بەردىلە.
گۈل خىلىنى تاپقۇچە،
قېرى بىگىمگە بەردىلە.
كېچە-كۈندۈز تىنماي يىغلاپ
قوينۇم تولدى كۆز ياشقا.
يەنە يىغلاپ نە قىلاي،
يارىمنىڭ كۆڭلى باشقا.
قارىغاينى ئەگكىچە،
مەيلى يوققا تەگكىچە.
ئۆلۈپ كەتسەڭ بولمامدۇ ،
سەن دەرد ئەلەم چەككىچە.
ئۆستەڭ چاپساڭ چوڭقۇر چاپ،
سۇ كەلگەندە بويلايمىز.
بىز ئىككىمىز بىر بولساق،
كۈندە خوشال ئوينايمىز.
ئۈرۈمچىدىن كەلگۈچە،
ساناپ ئۆتتۈم خۇمداننى.
بىزنى يامان دېگەنلەر،
تاللىۋالسۇن ئوبداننى.
گۈلزارلار گۈلى بىلەن،
گۈل ئۆسەر غۇلى بىلەن.
ئوينىساڭ تۈزۈك ئوينا،
ھەر ئىشنىڭ يولى بىلەن.
ئايباغدىن بىر قىز ئالدىم،
گۈلدىن گۈل خىللاپ.
دۈشمەنلىرىم قاراپ قالدى،
سالمىدەك ماراپ.
تام تۆپىسىگە تام سالدىم،
شامالغا دالدا سالسۇن دەپ.
يار ئۈستىگە يار تۇتتۇم،
يۈرەككە پايدا بولسۇن دەپ.
قىبلىدىن كەلگەن شامال،
ئۆرىۋەتتى باراڭنى.
باغلاپ قويسا تۇرمايدۇ،
كۆڭۈل دېگەن ساراڭنى.
كېتىپ بارغان خېنىمنىڭ،
تۈگمىسى قاتار-قاتار.
تۈگمىسىنى يەشكۈچە،
تۇخۇ چىللاپ تاڭ ئاتار.
باغقا كىرمەك ئاساندۇر،
شورا بولغاندىكىن.
يارنى سۆيمەك ئاساندۇر،
مەيلى بولغاندىكىن.
بۇ كوچا ئۇزۇن كوچا،
چالما ئاتسام يەتمەيدۇ.
بۇ كوچىنىڭ قىزلىرى،
مېنىڭ يارىمغا يەتمەيدۇ.
دورا دەيدۇ، دورا دەيدۇ،
قىچا يىغىنى.
ئەقلى بولسا سۆيەرمىدى،
كىشىنىڭ يارىنى.
ئورمىنى تولا ئۇرۇپ،
بارالمىدىم سەيلىگە.
بىر بەلگە قىلىپ قۇيۇڭ،
ئۆيىڭىزنىڭ كەينىگە.
ھاۋادىكى ئاق قۇشقاچ،
ۋىچىرلايدۇ، سايرايدۇ.
بويى زىلۋا جۇۋانلار،
بىزدىن ئەھۋال سورايدۇ.
ئېگىز ئاسماندا ئاي ئىدۇق،
يەرگە چۈشۈپ لاي بولدۇق.
جاندىن ئەزىز دوستلىرىم،
يار ئالدىدا خار بولدۇق.
باغلىرىغا كۆپ كېلىپ،
شىلدىرلاتتىڭ غازاڭنى.
مەندىن باشقا يار تۇتساڭ،
خۇدا بەرسۇن جاجاڭنى.
مەن باراي تۇزغا،
مەيدەمنى ياقاي مۇزغا.
بىر موچەننىڭ تاينى يوق،
ئىچىم كۆيىدۇ ئۇزغا.
يار مېنى يامان دەيدۇ،
يار ئۆزىنى بىلمەيدۇ.
ناخشا ئېيتىپ، قاشنى ئاتسام،
بىر قېتىممۇ كۈلمەيدۇ.
ئالمىنىڭ شېخى تولا،
ئىگىلىپ سۇنمايدىكەن.
يارىمنىڭ ۋەدىسى تولا،
گېپىدە تۇرمايدىكەن.