يارىم سىزگە ئەرزىم بار،
كۆيۈپ قالغان قەرزىم بار.
ئازار بەرمەڭ جېنىمغا،
يۈرىكىمدە دەزىم بار.
گۈلنى گۈل دەرمۇ كىشى،
گۈلنىڭ ساپاسى بولمىسا.
يارنى يار دەمدۇ كىشى،
يارنىڭ ۋاپاسى بولمىسا.
بارغانلاردىن، يانغانلاردىن،
سېنى سورايمۇ؟
سېنىڭ ھالىڭ نېمە بولدى،
ئۆزۈم بارايمۇ؟
كەچتە چىقسام تالاغا،
زەپ چىرايلىق كېچىڭىز.
بىزنى ئوتقا سېلىپ قۇيۇپ،
ئاغرىمامدۇ ئىچىڭىز؟
مېنى ئوتقا سېلىپ قۇيۇپ،
ئەمدى قېچىپ يۈرەمسەن؟
مەن ئوتۇڭدا يىغلىسام،
ئۆزۈڭ ئويناپ كۈلەمسەن؟
ئېرىقىڭنى ئوي ئويدۇم،
سەن كېلىپ يەنە ئويما.
سەن كۆيسەم ساڭا كۆيدۈم،
كىشىنىڭ قولىغا قويما.
ئۇ مەھەللىدىن بۇ مەھەللىدىن،
ئىزدەيمۇ سېنى.
پۈتۈن ئالەم چوكان دېسە،
قىز دەيمۇ سېنى.
ئاسمىنىڭ ئالاڭلاپتۇ،
يامغۇرلار تاراملاپتۇ.
چاي قۇيۇڭلار چوكانلار،
ئاشناڭلار يامانلاپتۇ.
توپ تېرەكنىڭ ئالدىدا،
يارىمنى كۆردۈم دالدىدا.
كېلىڭ يارىم ئوينايلى،
ئېگىز تاغنىڭ باغرىدا.
ھويلاڭدىكى ئىتىڭنى،
تام كەينىگە باغلاپ قوي.
يار سەندەك يامان بولسا،
يار تۇتمايمەن، ئاڭلاپ قوي.
ئىشىك ئالدى چىمەنلىك،
ئات باغلىسا تۇرارمۇ؟
ئادەمزاد سېنىڭدەك،
ۋىجدانى يوق بولارمۇ؟
كەلمەي دېسەم، كەل دەيسەن،
ئەمدى كەلسەم كەت دەيسەن.
باشقىلارغا دەرد سېلىپ،
ماڭا كەلدى دەرد دەيسەن.
كۆڭۈل بەرسەم خالامسىز،
دائىم شۇنداق قارامسىز؟
باشتا كۆڭۈل بەردى دەپ،
ئاخىرىدا خارلامسىز؟
كېچە بولسا ياتمايمەن،
پەنجىرىڭدىن پاتمايمەن.
راست گېپىڭنى ئېيتمىساڭ،
مەن دەردىڭنى تارتمايمەن