مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2546|ئىنكاس: 27

ھون ،تۈرك ،ئۇيغۇر قاتارلق  بىر قاتار مەسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ۋاقىت ئوت توغراش

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24420
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6395
تۆھپە نۇمۇرى: 308
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 12:26:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەۋسىيە :
ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى باشقىلارنىڭ بىزگە ئاللىقانداق يىزىپ بىرىشىدىن كۆرە ئابدۇرىھىم ئۆتكۆردەك ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىندەك ئۆزىمىز يازغىنىمىز تۈزۈك ھەم يىزىشقا ھەقىلىقمىز.


ھون ،تۈرك ،ئۇيغۇر قاتارلق بىر قاتار مەسىلىلەرگە رەدىيە

1. ھون نامى توغىرسىدا ..

بىز ھازىر ئاتاۋاتقان :«ھون« نامى ياۋرۇپادىن كىرگەن ، يەنى خەن تىلىدا :«匈奴« دەپ خاتىرلەنگەن .
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ئىزاھلىمىغانمۇ ؟
12 -ئەسىردە ئۆتكەن ئىددۇقۇتلىق مەشھۇر تەرجىمان سىڭقۇلى سەلى تۇتۇڭ ئۆزى تەرجىمە قىلغان شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمالى دىگەن ئەسىردە :«匈奴»خىتىنى :«تۈرك يۈچۈل بۇدۇن« يەنى :«كۆچمەن تۈرك خەلقى « دىگەن مەندە .

2. ئۇيغۇرنى تۈركتىن ئايرىپ قاراش .

ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىپ چىقىشنى تۈركلەردىن ئايرىپ قاراش بەزى بىر تەرەپلىمە قاراشلىق ئالقاپلارنىڭلا ئىشى خالاس ، ئۇيغۇرلار توققوز ئوغوزلاردۇر ،تۈرىكلەر ئۇنداق ئەمەس دەيدۇ .
بىز بىلگە قاغان مەڭگۈ تىشىغا نەزەر سالساقلار مۇنۇ خەتلەرنىڭ تاشقا ئويۇلغانلقنى كۆرەلەيمىز ، :« توققوز ئوغوز خەلقى ئەسلى ئۆز خەلىقىم ئىدى ،ئۇلار ئازغانلقى ئۈچۈن ياتلاشتى ......«
مانا مۇشۇ يىتەرلىكتۇر ،چۈنكى بۇ مەڭگۈ تاش كۆك تۈرىك قاغانلقى دەۋرىدە تىكلەنگەن .

3. ئۇيغۇر نامى توغىرسىدا .

ئۇيغۇر نامى بۇرۇندىنلا مىللەت نامى بولغانمۇ ياكى قەبىلە نامى بولغانمۇ ؟
ئۇغوزنامە داستانىدا :" مەن ئۇيغۇرنىڭ قاغانىمەن "  دەپ خىتاپ قىلدى ئوغوزخان . بۇداستاندا دىيىلگەن ئۇيغۇر نامى ئاددىلا بىر نەچچە قەبلىنىڭ ياكى مىللەت نامى بولماستىن بەلكى يۈزلىگەن قەبللەر بۈيۈك ئىتتپاقىنىڭ نامى ،يەنى بىر ئىتتپاقنىڭ نامى .
بۇنىڭ دەللى توققوز ئۇيغۇر (ئۇغۇز )بۈيۈك ئىتتپاقى ، ئىچكى تاشقى توققوز قەبللەر ئىتتپاقى .
دىۋاندا ، مەھمۇد كاھىشغەرى ئۇيغۇر بىر ئەلنىڭ ئىسمى دەپ ئاتايدۇ .

4. ئورخون ئۇيغۇر خانلقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى توغىرسىدىكى خاتا قاراش

كۆك تۈرىك قاغانلقى 550-يىلى تۈمەن قاغان تەرىپىدىن قۇرۇلدى ۋە تۈمەن قاغانننىڭ ئوغلى مۇقان قاغان دەۋرىدە مىسلىسىز گۈللەندى ھەم 580-يىلى شەرق ۋە غەرب دەپ ئىككىگە بۆلىندى ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯘﺭﻙ قاغانلقى (582__630) ﺑﯩﻠﻪﻥ غەربى ﺗﯘﺭﻙ قاغانلقى (680__742) .
605-يىلى ئۇلۇق ئىلتەبىر سۈركېن ئېركىن ئورخون بويىدا ئۆزىنى قاغان ئاتاپ ئورخون ئۇيغۇر خانلقنىڭ قۇرۇلغانلقنى جاكالىدى .مانا 605-يىلى ئورخون ئۇيغۇر خانلقنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىدۇر . 744-يىلى بولسا كۆل بېلگە قاغان ئورخون ئۇيغۇر قاغانلقنىڭ كۆك تۈرك قاغانلقنىڭ ئورننى رەسمى ئالغانلقنى جاكالىغان .


5. 845-يىلى ئۇيغۇرلار تاشقى موڭغولدىن كەلگەنگە رەدىيە :

840-يىلى مەركىزى ئۆلكە ئىغىر تەبىېئى ئاپەت ۋە ئاسىى باش ۋەزىر قارا قوۋۇ باشلاپ كەلگەن قىرغىز قوشونى بىلەن قاغانبالق قارا بالغانسۇننىڭ كۈلى كۆككە سورۇلدى ،خانلق جىددى پەيىتتە پايتەخىتنى كۆچىرىش كىرەك ئىدى ، تىكېىنلەرنىڭ قاغانلق ئورنى تالىشش كۈرەشلىرى كەسكەنلەشتى ، ئۆگە تېكىن ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتىدى پانتېكىن ۋە بۆكۈتىېكن يابغۇلۇق ئۇنۋانىغا نائىل بولدى ، بىراق كىيىنكى ئىشلار ئۇلار ئويلىغاندەك بولمىدى ،
مانا بۇ مەزگىل تاڭ خانلقى ئاجىزلاپ لىڭىشىپ قالغان ،ئەكىسچە تىبەتلەر ئەڭ كۈچەيگەن مەزگىل بولوپ ، تاڭ خانىلقغا ۋە ئورخون ئۇيغۇر قاغانلقغا تەۋە بولغان يىپەك يولىدىكى موھىم شەھەرلەرگە يەنى دەشتىئاتا (دوڭخۇاڭ)قوچو ،قاراشەھەر ، كىرۇرەن ،ئۇدۇن ،سۇلى ، كۈسەن قاتارلق شەھەرلەرگە ئوت ئاچقان تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلى ئىدى .
ئۈگە تىكىېن تىبەتلەر بىلەن قان كىچىپ جەڭ قىلىپ دەشتىئاتا نى چۆرىدىگەن ھالدا850 -يىلى كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلقنى قۇرۇپ چىقتى .
پانتىكىن ئىددقۇتنى تىبەتلەر قورىشاۋۇدىن قۇتۇلدۇرۇپ 847-يىلى ئىددقۇتتا ئۆزىنى قاغان ئاتاپ ئىددقۇت ئۇيغۇر خانلقنى قۇرۇپ چىقتى ۋە بۆكۈتىكىن پانتېكىنگە ھەمدەمدە بولوپ تىبەتلەرنى تەڭرى تېغنىڭ جەنۇبى شىمالدىن تەل-تۆكۈس قوغلاپ چىقاردى ۋە بۆكۈخانغا ئىلىك خان مەرتىۋىسى بەردى ۋە سۇلى غا ئورۇنلاشتى ،كىيىنكى مەزگىلگە كەلگەندە كۆل بىلگە قادىرخان ئۆزىنى قاغان ئاتاپ ئۇلۇق قاراخانىلار سۇلالىسىنى قۇرۇپ چىققان .
ئەمدى گەپكە كەلسەك مەركىزى ئۆلىكدىن(ئورخون ئۇيغۇرلىرى) كەلگەنلەر پان تىكىن رەھپەرلكىدىكى 15 قەبىلە ئەڭ كۆپ ھىساپلىساق 120مىڭ ئادەم بۆكۆتىكىنگە تەۋە بولغانلارنى تەخمىنى قوشقاندىمۇ 200مىڭ غان يەتمەيدۇ ........شۇمەگىلدە تەڭرى تىغىنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى ئاھالە سانى 1 مىليون ئەتراپىدا ، ئۇرخوندىن كۆچكەنلەرنىڭ ئىتتقاتى شامان بىلەن مانى دىنى ،چارۋۇچىلقنى ئاساس قىلدىغان قالاق كۆچمەن تىپپىك يايلاق خەلقى ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب شىمالدىكى خەلق بولسا بۇددا دىننى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتىكى ،شەھەرلەشكەن ،تارغىچىلقىنى (دىھقانچىلقنى ) ئاساس قىلغان ئىلغار مۇقىم ئولتۇراقلاشقان خەلق .
ھەرقانداق كالىسى بار ئادەم بولسلا ماڭقۇرۇت بولمىسلا ئايرۋالالايدۇ .
كۆپ سانلق دىنى ،كەسىپى ،ئاساسى ئۇخشىمىغان خەلق قانداق بولوپ نەچچە يىل ئىچىدىلا ھەممسى ئۇيغۇر ئاتالدى ؟ ئەلۋەتتە ئازسانلقنى ئاسمىلاتسىيە قىلدى ..... كۆپ سانلقلارتەڭرى تىغىنىڭ جەنۇبى شىمالى ۋە قازاقىستان يايلاقلىرىغچە سوزولغان غەربى ئۇيغۇرلار ئىدى .
ئەينى دەۋىردە قىرىنداشلىرىمىز كۆچۈپ كەلگەن .
سانلقلارتەڭرى تىغىنىڭ جەنۇبى شىمالى ۋە قازاقىستان يايلاقلىرىغچە سوزولغانلار سىر-تاردۇش (شەرقى ئۇيغۇرلار ) ئۈچ قارلۇق (ئورخون ئۇيغۇر قاغانلقى دەۋرىدە بۈيۈك ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتپاقى ئىچىدە ) ،باسمىل (ئورخون ئۇيغۇر قاغانلقى دەۋرىدە بۈيۈك ئۇيغۇر قەبىلە ئىتتپاقى ئىچىدە ) ياغما (توققوز ئۇيغۇرنىڭ غوللوق قەبلىسى ) .
يەنە شۇنداق دىيىشكە ھەقلىقمىزكى 840-يىلىدىن مىڭ يىللار ئىگىرى بىز بۇ يەردىتۇق .
گۇمان :
ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ كۆچىشى پەقەت ۋەپەقەت خەن تارىخى خاتىرلىرىدىلا خاتىرلەنگەن ، تۇرپاندىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلغا تەرجمە قىلغان :«ئىزۇپ مەسەللىرى ..... ئودىسا «دەك يۇنان ئەپسانلىرى تېپىلدى ، يەنە كىلىپ بىز مەدەنىيەت كىرەلەشكەن يىپەك يولى ئۈستىدىكى مىللەت، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدىن بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا بىزنى ماراپلا تۇردىغان پارىسلار ،تىبەتلەر ،ئەرەپلەر ،ھىندىلار بار نىمە ئۈچۈن ئۇلار بىرەسىمۇ بۇ ۋەقەنى تىلغا ئالمىدى ؟ بىزدىن نۇرغۇن ئەدىپلار ئۆتتى مەيلى ئىددقۇت قاغانلقى مەيلى قارخانىلار نىمە ئۈچۈن بۇۋەقەنى بىرەسىمۇ تىلغا ئىلىپ قويمىدى ؟ ئۇيغۇرلار راست كۆچكەنمۇ ياكى كۆچمىگەنمۇ ؟

6.تارانچى ئاتالغۇسى ھەققىدە

ئاتالمىش تارىخچىلار تارانچى ئاتالغۇسى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلدى. بۇنىڭ ئىچىدە موڭغۇل تىلىدىن كەلگەن دېگەننى كۆپرەك ئۇچرىتىمىز. ئۇنداقتا موڭغۇللار بۇ ئاتالغۇنى زادى كىمدىن قوبۇل قىلغان؟
موڭغۇلارغا سىرتتىن كىرگەن سۆزلۈكلەر ھەققىدە:
ئىچكى موڭغۇل خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان <يىلىچىننىڭ موڭغۇلشۇناسلىق ھەققىدىكى ماقالىلىرى> ناملىق كىتابتا مۇنداق بايانلار بار: موڭغۇل تىلىغا ئوۋچىلىق مەزگىلىدە تۈركىي قاتارلىق تىللاردىن كىرگەن سۆزلەر 30 پىرسەنت ئەتراپىدا؛ چارۋىچىلىققا ئاىت ئاتالغۇلرنىڭ 70 پىرسەنتىنى تۈرك - ئۇيغۇرلردىن قوبۇل قىلغان(مەسىلەن، بۇقا - بۇخ، مارال - مارال...)؛ دېھقانچىلىققا ئائىت ئاتالغۇلارنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئاساسەن ئۇيغۇرلاردىن قوبۇل قىلغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇللارغا تېرىقچىلىق - دېھقانچلىقنى ئۆگىتىشى
بۇ ھەقتە چىڭگىزخان زامانىسىدا چىڭگىزخاننىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە نۇرغۇن پاكىتلار بار. تۆمۈر تۆۋرۈك يۈەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بېيجىڭدا تۇرۇپ، دېھقانچىلىققا ئائىت مەخسۇس كىتابلارنى يازغان، يەنە تۇرپان، بېشبالىق ھەمدە ئىلى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي ھالدا موڭغۇلىيەگە كۆچۈرۈلۈپ ئاپىرىلىپ، دېھقانچىلىققا سېلىنغان. بۇلار موڭغۇللارنىڭ دېھقانچلىق مەدەنىيىتىگە ئاساس سالغۇچىلاردۇر. ئۇ زامانلاردا ئۇيغۇرلار دېھقان دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەيتمەيتتى. تارىغچى، تارىمچى، دەپ ئاتايتتى. دېھقان ئاتالغۇسى پارىسچە.

مەنبە : ئىلى تارىخى ماتېرىيالىدىن ئېلىندى .


7. ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى جەنۇبتىن كۆچۈپ چىققان دىگەنگە :

ئۇيغۇرلا ئىلىغا چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدە كەلگەنمۇ؟ ئۇندىن بۇرۇن ئىلىدا ئۇيغۇرلار يوقمىدى؟ مانا بۇ سۇئال دائىم بېشىمنى قاتۇراتتى. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلا شىنجاڭغا مىلادى 840- يىلى كەلگەن، ئۇندىن بۇرۇن شىنجاڭدا ئۇيغۇرلار يوقتى دىيىشلىرىچۇ؟ گەرچە بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇماتلار بولسىمۇ، يەنىلا شۇ كالتا تارىخنى دەستەك قىلىۋالىدۇ بەزى‹يولداش›لار. بۇنداق ۋاقىتتا شۇ تارىخى بايانى كىتاپلارنى ئېلىپ، كۈزىگە تىققۇم كىلىپ كىتىدۇ شۇلارنىڭ.

ئاساسى مەخسەتكە كەلسەك، ئىلى ئۇيغۇرلىرى زادى قانداك شەكىللەنگەن؟ قانداق ئولتۇراقلاشقان؟

ئىلى ئۇيغۇرلىرى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاجرالماس تەركىۋى قىسمى سۈپىتىدە ئۆزلىرى ئەزەلدىن ياشاپ كەلگەن ئانا ماكان- ئىلى ۋادىسىنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئاۋاتلاشتۇرۇشقا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قۇشۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقايسى تارىخى دەۋىرلەردىكى سىياسى، مەمۇرى ۋە مەدىنىيەت، سەنئەت ئىشلىرىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى تارىخچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە نۇرغۇن قېتىملاپ قەيت قىلىنغان.

تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىنى مىلادىدىن ئىلگىرىدىن ئىزدەشكە توغرا كىلىدۇ. ھازىرقى جۇڭغارىيە ۋادىسى، تارىم ۋادىسى ۋە تىيانشان ئىتەكلىرى قەدىماىن تارتىپ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ئانا ماكانى ئىدى. «ئۇيغۇرلار مىلادىدىن ئۈچ ئەسىر ئىلگىرىدىكى چاغلاردا تۇغلۇقلار دىگەن نام بىلەن شەرقى ۋە غەرىبى ئىككى قىسىمغا بۈلۈندى.»، «غەرىپتىكى ئۇيغۇرلار ئىرىتىش دەرياسى بىلەن بالقاش كۈلۈنىڭ ئارلىقىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى.» (ھاجى نۇر ھاجى: «قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» 3-بەت). بۇ ئارلىق ئەلبەتتە ئىلى ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەزى تارىخى ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، مىلادىدىن ئىلگىرىكى ھازىرقى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بۇۋىللىرى كۆچمەن ھالدا ياشاپ كەلگەن. بۇلار كۆچمەن خەلىق بولغانلىقتىن، فىيۇدالىزىم تۈزۈمىگە ئاستا ئۆتكەن. بۇ كۆچمەن فىيۇدالىزىم چارۋىچىلىق خۇجۇلۇقى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى يايلاقلارنى ئىگىلەش ئاساسىدا راۋاجلانغان. شۇ مەزگىللەردە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇرلار « تارانچى» دەپ ئاتالغان. ئىلى ئۇيغۇرلىرى ھىلىھەم ئۆزلىرىنى مۇشۇ نام بىلەن ئاتايدۇ. بۇ ھەقتە تارىخچى دوكتۇر رىزانور « كونا زامانلاردىن بىرى تۈرۈك تارانچىلىرى سارىسۇ، ئىلى، تارىم، سىر، ئامۇ دەريالىرى كانارلىرىدا ۋە ئارىلىرىدا چۆپلۈكلەرنى سۇغارماق ئۈچۈن مۇھىم قاناللار ياپمىشلەر، ھۇبۇبات ئەكمىشلەر، مىۋە ياغاچلارى يىتىشتۈرمىشلەر...... دۇنيانىڭ ھېچبىر يىرىدە بۇ تارانچىلاردەك تۇپرىقىغا يەرلىشىدىغان، ئۇنى سۈيۈدىغان ۋە مۇداپىيە ئىتىدىغان خەلق يوق.»، « ئىلى سۈزى تۈرۈكچىدە مەشھۇر دىمەكتۇر، تارىم- تۈرۈكچىدە تارىماق مەنىسىدىن كەلگەن، زىرائەت ئەتمەك دىمەكتۇر. ئەسلى تۈرۈكچىدە چۆپچىنى تارانچى دەر ئىدى». يەنە بەزى تارىخى ماتىرىياللاردا «تارانچى» دىگەن سۆزنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا بارلىقى، بۇ مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقىرىنىڭ «تۈركى تىللا دىۋانى» دىگەن ئەسىرىدە تەپسىلى چۈشەندۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. مەھمۇت قەشقىرى «تارانچى» دىگەن سۆز (دىۋاندا تارىغچى دەپ ئېلىنغان) نىڭ قانداق ياسالغانلىقىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ: «پۈتۈن تۈرۈك قەبلىلىرى ھۈنەر-كەسىپ قىلغۇچىلارنىڭ سۈپىتىنى ئىپادىلەشتە ئىسىمنىڭ ئاخىرىغا ئوخشاشلا ....‹چى› نى قۇشۇدۇ. مەسىلەن: ‹تارىغ- ئاشلىق› سۈزىدىن ‹تارىغچى-دېھقان› ....... دىگەن سۆزلەرنى ياسىغانغا ئوخشاش» (تۈركى تىللار دىۋانى، 2-توم 63-، 64- بەتلەر). بۇنىڭدىن ئىلى ۋادىسىدا قەدىمقى زامانلادىن تارتىپلا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكى، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ «تارانچى» دەپ ئاتىلىشى مۇڭغۇللار ياكى جۇڭغارلار تەرىپىدىن قۇيۇلغان نام بولماستىن، بەلكى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدىن ئېلىنغانلىقى ئېنىق كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ.

ئىلى ۋادىسىدا مىلادىدىن كىيىن ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ ياشىغانلىقى ۋە كۈرەش قىلغانلىقىغا دائىر تارىخىي ماتىرىياللار خېلى كۆپ. ئۇيغۇرلار «5- ئەسىردىن باشلاپ.... تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى ئىتەكلىرىدىكى جايلاردا ياشىدى» (قاراخانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى 2- بەت). تارىخى ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا 5- ئەسىردە سېلىنغان، شۇ چاغدا ئوتتىرا ئاسىيانىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدىنىيەت ماركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئالمالىق شەھىرىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇرلار ئىدى. 5- ئەسىردە ئۇيغۇرلار ھازىرقى جۇڭغارىيە ۋە تىيانشاندىكى يايلاقلار ئۈچۈن جورجانلارغا قارشى كۈرەش باشلىغان. جورجان تۈرۈكلىرىنىڭ قاغانى شىرون زامانىسىدا (مىلادى 400- يىلدىن 411- يىلغىچە) قاغانلىقنىڭ زىمىنى غەرىبى جەنۇپتا ھازىرقى قارا شەھەرگىچە، غەرىپتە ئىلى ۋادىسىغىچە، شەرىقتە چاۋشەننىڭ غەرىبىگىچە، شىمالدا ھازىرقى تاشقى مۇڭغۇلىيىنىڭ شىمالىغىچە، جەنۇپتا ھازىرقى ئىچكى مۇڭغۇلىيىنىڭ جەنۇبىغىچە بولغان. ئۇيغۇرلا مىلادى 487- يىلى جورجانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، تارىختا «ئىگىز ھارۋىلىقلار (قاڭقىللار) خانلىقى» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر خانلىقىنى (487-546- يىللار) قۇرغان. ياپۇنىيىلىك تارىخچى ئەنبۇ جيەنفۇمۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئىگىز ھارۋىلىقلار يەنى تۇغلۇقلار 6- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپلا خىللىرى كۆپ، يۇقالماس مىللەت دەپ قارىلىپ كەلدى.»، «شۇنداق قىلىپ تۇغلۇقلار دۇنياغا تۇنۇلمىغان بولسىمۇ، لىكىن ھازىرقى تاشقى مۇڭغۇلىيەدىن تاتىپ شەرىقى، غەرىبىي تۈرك ماكانىغىچە بولغان بىپايان زىمىندا شۇ خىلدىكى مىللەتلەر قەيسەرلىك بىلەن كۈپەيگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئاخىر 7- ئەسىرنى كۈتۈۋالدى» (غەرىبىي ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى ھەققىدىكى تەتقىقات. خەنزۇچە نەشىرى، 5-، 6- بەتلەر). دىمەك بۇنىڭدىن 6-7- ئەسىرلەردە ئىلى ۋادىسىنىڭ «ئىگىز ھارۋىلىقلار خانلىقى» دائىرىسىدە بولغانىقىنى كۈرۈۋالغىلى بۇلىدۇ.

بىز ئۇنىڭدىن كىيىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانلىقى يەنى شەرىقى ئۇيغۇر خانلىقى توغرىسىدىكى تارىخى ماتىرىياللاردىنمۇ ئىلى ئۇيغۇرلىرىغا دائىر ئاساسلارنى تاپالايمىز. شۇنداقلا مەھمۇت قەشقىرىنىڭ «تۈركى تىللا دىۋانى» دىنمۇ بىز ئىلى ۋادىسىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا دائىر نۇرغۇن ئىشەنچلىك مەنبەگە ئىگە بۇلالايمىز.

بىز ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن كىيىن ھازىرقى شىمالى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغانلىقىغا دائىر بايانلارنى ئۇيغۇر تارىخچىسى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ «تارىخى رەشىدى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنىڭ ئېنگىلىزچە تەرجىمىسىەە بىرىلگەن مۇقەددىمىسىدىنمۇ كۈرۈۋالالايمىز: «دەسلەپكى مەزگىللەردە شەرىقتەرەك جايلاردا، ھىچبولمىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى ئىتتىپاقى بولغان. بىرى ھازىرقى جۇڭغارىيە دەپ ئاتىلىدىغان جايدا ياشىغان بۇلۇپ، نايمان ئۇيغۇرلار، يەنى ‹سەككىز ئۇيغۇرلار› دەپ ئاتالغان. يەنە بىرى ئۇرقۇن دەرياسى بىلەن تولا دەرياسى ۋادىسىدا ياشىغان بۇلۇپ، ‹توققۇز ئۇيغۇرلار› دەپ ئاتالغان. توققۇز ئۇيغۇرلار غەرىبى جەنۇپقا قوغلىۋىتىلگەن چاغدا سەككىز ئۇيغۇرلار كونا ئورنىدا قېلىۋەرگەن. چىڭگىزخاننىڭ دەۋرىدىمۇ ئۇلارنى مۇشۇ جايدا كۆرگىلى بۇلاتتى»(تارىخى رەشىدى، خەنزۇچە نەشىرى، 1- قىسىم 106- بەت).

ئۇيغۇر خانلىقى ئىچكى ماجرا ۋە تەبىئى ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن 839- يىلى يىمىرىلگەندى كىيىن، بۇ خانلىقنىڭ شەرىقى قىسمىدا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈتۈكۈن تاغلىرىدىن ئايرىلىپ، خانلىقنىڭ خەرىبى قىسمىدىكى كەڭ جايلارغا كۈچۈپ كەلدى. 840- يىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى توققۇز قەبىلىلىرىدىن بولغان ياغمىلار ۋە قارلۇقلار ئىلى، يەتتىسۇ ۋە چۇ رايۇنلىرىدا، يەنى ئىلگىركى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ غەرىبى زىمىنىدا، بالاساغۇننى مەركەز قىلغان بىر ھاكىمىيەت قۇردى. كىيىنچە بۇ ھاكىمىيەتكە قەشقەر رايۇنىمۇ تەۋە بولدى... بۇ ھاكىمىيەت ‹قاراخانىلار› دەپ ئاتالدى. بۇ دۆلەتنىڭ ئاساسى ئاھالىسى تەركىۋىدە... ياغمىلار ۋە قارلۇقلاردىن باشقا ...... چىگىللەر، ئاندىن باسمىل، توخسى، چارۇق.... قەبىلىلىرىمۇ بار ئىدى. (تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ ئۇيغۇرچە نەشرىگە كىرىش سۆز، 2-، 3- بەتلەر).

قاراخانىلار خانلىقىنىڭ ھۈكۈمرانلىقى 9- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدىن 13- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىغىچە داۋام قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 850- يىلدىن 1250- يىلغىچە بولغان تۆت ئەسىر داۋامىدا قۇچۇ خانلىقىمۇ ھۈكۈم سۈردى. بۇ ئىككى ئۇيغۇر خانلىقى چەتئەل تارىخچىلىرى تەرىپىدىن ‹غەرىبى ئۇيغۇر خانلىقى› دەپ ئاتالدى.يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تەكتى بولغان ياغما، توخسى، چىگىللەر قاراخانىلار خانلىقىنىڭ قۇرۇلىشىدا ئالاھىيدە رول ئوينىدى. قاراخانىلار خانلىقى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى ياغمىلار قەشقەرنى ئىگىلىگەن ئىدى. ‹قاراخانىلار خانى تۈركىي قەۋملىرى ئىچىدە جەڭگىۋارلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان ياغمىلاردىن چىقتى›، ‹ياغمىلار باشلىقىنى بۇغرا، قاراخان ئۇنۋانى بىلەن ئاتايتتى› (قاراخانىلار خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى). ‹ياغمىلارنىڭ خانى بۇغراخان دەپ ئاتىلاتتى، ھالبۇكى بۇ نامنىڭ تۈرۈكلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىسلام خانلىقى، يەنى... قاراخانىلار خانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى شەك-شۈبھىسىز›. بىز مۇنداق خۇلاسىنى 10- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا تۈزۈلگەن قەدىمقى جۇغراپىيىلىك تارىخى ئەسەر «ھۇدۇدۇلئالەم» ناملىق ئەسەردىنمۇ كۈرەلەيمىز.

ئىلى ۋادىسىنىڭ قاراخانىلار خانلىقىنىڭ دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقى نۇرغۇن تارىخى ئەسەرلەردە تىلغا ئىلىنىدۇ: «ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ زىمىنى تەخمىنەن بالقاش كۈلۈنىڭ شەرىقى چېتىگىچە، ھەمدە غۇلجىغىچە بارغان ھەمدە جۇڭغارىيىنىڭ غەرىبى چېتىگىچە كىڭەيگەن». (گرېنارد: ‹بۇغراخان ھەققىدە رىۋايەتلەر›) بۇ خانلىقنىڭ چېگرىسى ‹غەرىبى تىيانشاننىڭ شىمالى ئىتىكىدە، غۇلجىنىڭ شىمالىدىكى تەلكە تاغلىرىدىن شىمالغا قاراپ ئالاتاۋغىچە بارغان».(غەرىبى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ تارىخى ھەققىدە تەتقىقات). يۇقىرىقى تارىخى ماتىرىياللاردا ۋە «ھۇدۇدۇلئالەم» گە قىستۇرۇپ بىرىلگەن خەرىتىدە ‹غۇلجا› دىگەن نام ئۇچرايدۇ. بۇ پاكىتنىڭ ئۈزى ‹غۇلجا› دىگەن نامنىڭ قەدىمدىن تارتىپ، ھىچبولمىغاندا 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ.

چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ھۈكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە ئىلى ۋادىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغانلىقىغا دائىر بىرنەچچە پاكىتنى كۆرگىلى بۇلىدۇ: چىڭگىزخاننىڭ 2- ئوغلى چاغاتاي ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇرلار بولغان ئالمالىقنى ئۆز خانلىقىنىڭ پايتەختى قىلغان. ئۇيغۇر ئالىمى جامال قارشى ئىلىدا تۇغۇلغان. ئىجادىي پائالىيىتىنى قەشقەردە ئۆتكۈزگەن. 12- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 13- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى مەۋلانە يۈسۈپ سەككاكىمۇ ئىلىدا ياشىغان. ئۇنىڭ قەبرىسى چاپچال ناھىيىسىدىكى خونىخاي مازىرىدا.

چىڭ سۇلالىسى (1644-1911) ھۈكۈمرانلىقىنىڭ دەسلىۋىدە ئىلى ۋادىسىدا ئۇيغۇرلار زور دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن. بۇنىڭ ئاساسى سەۋەۋى، چىڭ سۇلالىسى جۇڭغارلارنى باستۇرۇش جەريانىدا جۇڭغارىيىدىكى ئاھالىنىڭ ئاساسە دىگۈدەك يېرىمى قىرىپ تاشلانغان. چىڭ سۇلالىسى ھۈكۈمرانلىرى ھۈكۈمەت ئەسكەرلىرىنى بېقىش ۋە ئۇلارغا ئىستىكام قۇرۇپ بىرىش ئۈچۈن قەشقەرىيىدىن ئىلىغا ئادەم يۆتكىگەن. 1759- يىلىدىكى ئۈچتۇرپان قوزغىلىڭىدىن كىيىن 6000 ئۇيغۇر ئائىلىسى ئىلىغا كۈچۈرۈلگەن. ئۇلار ئاساسەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇلاردىن 600 ئائىلە قاينۇققا، 500 ئائىلە قاشقا، 1100 ئائىلە بولوبورغۇسقا، 900 ئائىلە جىرغىلاڭغا، 400 ئائىلە تاش ئۆستەڭگە، 600 ئائىلە بايتۇقايغا، 800 ئائىلە خونىخايغا، 500 ئائىلە دادامتۇغا، 600 ئائىلە ئارا ئۆستەڭگە ئۇرۇنلاشقان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 2000 ئائىلە ئۇيغۇر ئىلىغا كۈچۈرۈلگەن. بۇلار نىلقا، توققۇزتارا ۋە باشقا جايلارغا ئۇرۇنلاشقان.

200 نەچچە يىلدىن بىرى باشقا جايلاردىن ئىلىغا كەلگەن ئۇيغۇرلار يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە قان-تەر تۈكۈپ، شەھەرلەرنى بىنا قىلىپ، ئىلىنى ئىسمى- جىسمىغا لايىق،يىراق-يېقىنغا مەشھۇر بولغان گۈزەل ۋادىغا ئايلاندۇردى. دىمەك، يۇقارقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، ئىلى ۋادىسى قەدىمدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى بۇلۇپ كەلگەن. ئۇلار بۇ ۋادىنى گۈللەندۈرۈش ھەم بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئورتاق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش يۇلىدا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىلىرى بىلەن تارىخ سەھنىسىدىن ئۇرۇن ئېلىپ كەلدى ۋە كەلمەكتە.


«گۈلشەن ۋادىدىكى ئىزلار» ناملىق كىتاپتىن قىسقارتىپ ئېلىندى.



قوشومچە :

ياۋۇرۇپا ھون قاغانىقى
4-ئەسىر ئەمدىلا كىرشىگە ياۋۇرۇپاغا دەششەتلىك كۈنلەر كىلىشكە باشلىدى .
ئونوغۇر(ئون ئۇيغۇر ) قاتارلق ئۈچ قەبىلىدىن تەشكىل تاپقان قوشۇن يولتۇز قاغان باشچىلىقىدا ئىتېل دەرياسىدىن تىز سۇرئەتتە ئۆتۆپ ئالانلارنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقادى ، ئالانلار ئامالسىز شەرىقى رىم دىن پانالق تىلىدى ، شەرقى رىىم پانالق بىرىش بەدىلگە ئالانلارنى خورلىدى ،ئالانىلار شەرقى گوتلار بىلەن ئىتتپاق تۈزۈپ قوزغىلاڭ كۆتۈردى ، ھون قوشونغا بالامىر(مەنىسى : بالا قاغان )رەھبەلىك قىلغاندا شەرقى رىم ئىمپىريىسگە جازا يۈرۈشكە ئاتلاندى ، رۇئا قاغانغا كەلگەندە شەرقى رىم ئىپىريىسىنىڭ ئاز بىرقىسىم زىمننى ئىگىلەلىدى ۋە شەرقى رىمىنى ئولپان تۆلەش ھالىتىگە يەتكۈزدى .
«تەڭىرنىڭ جازاسى ،تەڭرى قامچىسى « دەپ تەرىپلەنگەن ئاتىتلا (مەنىسى :ئاتا قاغان ، ) قاغان تەختكە چىقىپلا شەرقى رىم ئىمپىريىسى يوق قىلدى ،غەربى رىم ئىمپىريىسى ھەسسلەپ ئولپان تۆلەش بەدىلگە ئۆزىنى ساقلاپ قالدى .تەڭىرنىڭ قامچىسى ئاتالغان قاغان بىر ئايالنىڭ قولدا ئۆلتۇرۇدى .ئاتتلا دىن كىيىن 4ئەقىلسىز ئوغلىغا قالدى، ياۋۇرۇپا ھون ئىمپىريىسى تىزلىكتە پارچىلنىپ كەتتى تارىخ سەھنىسىدىن چۈشتى .

مەنبە: ئورخون شەجەرىسى(پەرھات جىلان ) ، يىپەك يولىدىكى توققوز ھىكىمەت(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ) ، قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن )، ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى (تورغۇن ئالماس ) .

مەۋلان تۇران

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22936
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5361
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 1677 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 04:50:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما چەكلەندىمىكىن دەپ مۇنداقلا بىسىپ باققانتىم ....
  تىما ئگىسى جاپا چىكىپسىز ...
بۇ تىما تاقالغىچە كۆپرەك ئادەمنىڭ كۆرىۋىلىشىنى ئۈمۈتقىلىمەن . [s:149]

كۈنلەربىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆتمەكتە،يالىڭاچ تۇرۇپ جاۋاپ بىرىدىغان كۈنگە پۇختا تەييارلىق قىلىڭلار~~~!!!

مەن ساڭا ساراڭ ب

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12524
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11255
تۆھپە نۇمۇرى: 612
توردا: 2070 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2014-7-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 05:16:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتتىلانىڭ  ئۆلىمى  توغرىسىدىكى  تەپسىلاتلار  خاتامۇ  ئۇ  ئايالنىڭ  قولىدا  ئۆلمىگەنغۇ  دەيمەن
    توي  كېچىسى  سىرلىق  ھالدا  ئاغزى  بۇرنىدىن  قان  چىقىپ ئۆلۇپ  كەتكەنمىش

شئېرنى  چۈشەنمەيسىز  ئەمما ھېس قىلالايسىز ،،شېئېر  ھەممە  ئادەم چۈشىنەلەيدىغان سەنئەت ئەمەس .

ئارزۇيۇم ئاددي ھەم بۈيۈك

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14234
يازما سانى: 1706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12358
تۆھپە نۇمۇرى: 382
توردا: 2177 سائەت
تىزىم: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 05:32:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتىاپ نامى ئېسىمدە قالماپتۇ ،  ئاتتىلانىڭ ئۆلىمىنى ئايالى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ خاتىر لىنىپتىكەن !    [s:148]   بەلكىم باشقىچە قاراشلارمۇ بولىشى مۇمكىن  !
تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر  [s:166]

قولۇمداقەلەم   ،  يۈرەكتە ئەلەم !يۈتمىسۇن غورور،تەۋرىسۇن ئالەم !

ئۇيغۇر بۆرىسى،ب

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9922
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13022
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 5741 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 05:33:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە بىر ياخشى تېما [s:166]

بارلىغىم مىللىتىم ئۇچۇن..ۋەتەن،مىللەت،دىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23304
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7925
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2857 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2011-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 08:59:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

4-قەۋەت (Romantic-killer) نىڭ يازمىسىغا

ئۆزىمىزنى زومو-زوموزو  تۈرككە قوشۇۋالمىساقمۇ بولىدۇ.      قەبىلەداشلىق ،ئۇرۇقداشلىق  بۇ باشقا بىر ئىش . خۇددى بۈگۈنكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاش .ئەمما بۇ تېيمىنىڭ باشقا تەرەپلىرى قالتىش يېزىلىپتۇ. رەھمەت تېيما يوللىغۇچى ئەپەندىمگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20065
يازما سانى: 379
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6991
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 09:04:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە جاپا چىكىپسىز بولسا مۇشۇنداق  تىمىلارنى جېق يوللاپ تۇرغان بولسىڭىز مەن مۇشۇ ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى بىلىشكە  بەكمۇ قىزىقىمەن رەھمەت [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:166]  [s:132]  [s:132]  [s:132]  [s:132]

ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق..

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8998
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10144
تۆھپە نۇمۇرى: 230
توردا: 7861 سائەت
تىزىم: 2010-9-4
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-3 09:13:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخى بىلىملەردىن خەۋەردار قىلغانلىغىڭىزغا رەھمەت،بۇ بىز بىلىشكە تىگىشلىك بولغان بىلىملەر ئىكەن، بولسا مۇشۇنداق تىمىلار كۆپرەك يوللانسا  دىگەن ئۈمۈتتىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12301
يازما سانى: 689
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3000
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-11 05:45:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلار تاشقى موڭغۇلدىن كەلگەن دېگەن سەپسەتىگە ھەيرانمەن .خۇددى تاشقى موڭغۇلدىكى ئۇيغۇرلار كېلىشتىن ئىلگىرى تارىم ۋادىسىدا ئادەم ياشىماي مايمۇنلار ياشىغاندەك .

hayating ni quxunamsan? uzung

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30145
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4042
تۆھپە نۇمۇرى: 195
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2011-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-17 03:02:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلارنىڭ  تاشقى مۇڭغۇلىيەدىن  كەلگىنى دەر ھەقىقەت    ئۇيغۇرلار تارىم ۋادىسىغا كۆچۈپ كىلىشدىن ئىلگىرىمۇ تارىم ۋادىسىدا ئۇيغۇرلار ياشىغان .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش