ئالدىنقى قېتىملىق خاتېرىلىرىم مۇنبەردە بەزى ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنى دوستلار چۈشكەن ئىنكاستىنمۇ كۆرگەنسىلەر. مەنچە بۇنى سۆكۈش دەپ ئاتىغاندىن كۆرە رېئاللىقنى قوبۇل قىلىش دېگەن تۈزۈك. بۇ ياتاق مەن ئۈچۈن جەمىيەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى. مەن بۇ يەردە تۇغۇلۇپ كۆرۈپ باقمىغان، ھەتتا ئاڭلاپمۇ باقمىغان ئىشلارنى ئۇچراتتىم. ئەزەلدىن بۇنداق ئىشلارغا ئىشەنمەي<<يازغۇچىلار جان بېقىش ئۈچۈن شۇنداق يازىدۇ>> دەپ ئويلايتىم.ئەمما ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندىن كىيىن بۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشەندىم. مەن مىللىتىمنى تۈگەشتى دەپ ئويلىمايمەن. چۈنكى ياخشى پىكىر دىكى، ئۇلۇغۋار سايات نىشانىغا ئىگە ئادەملەر يەنىلا بار. ئەمما بىز ئاشۇنداق قاتلامدا ياشاۋاتقان بىر ئوچۇم مىللەتداشلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز. ئۇلارنى توغرا يولغا سېلىش ئۈچۈن ئاز-تولا ھەرىكەت قوللىنىشىمىز زۆرۈر دەپ ئويلايمەن.
---قەلەم ئىگىسىدىن.
______________________________________________________________
بىزنىڭ ياتاقتىكى بىز بىلەن بىللە ياشايدىغان يەنە بىر قەۋىمنى سىلەر گە تونۇشتۇرماپتىمەن. ئۇ بولسىمۇ بىزنى ئۇزۇندىن بۇيان قاقشىتىۋاتقان-چۇسا.
يېڭى كەلگەن ئىككى كۈن ئىچىدە بىلەكلىرىم قىزىرىپ ئىششىپ كەتتى. بۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئىكەنلىكىگە ئەقلىممۇ يەتمىدى. ياتاقتىكى بالىلارغا كۆرسەتتىم. ھېلىقى پىچانلىق ئاداش نېرۋامغا تىگىپ:
-ساڭا ئەيدىز يۇقۇپتۇ!-دېمەمدا؟
-ماڭاۋا، مەن يا بىرەر ئايال زاتىنىڭ قولىنىمۇ تۇتۇپ باقمىسام، يا خېروئىن تۇرماق تاماكىمۇ چەكمەيدىغان تۇرسام؟
قۇربان كۈلۈپ كېتپ:
-ئاداش، سىلىنى بىزنىڭ ياتاقنىڭ چۇسىلىرى قارشى ئاپتۇ.
<<چۇسا>>.گەرچە بۇرۇن كىتاپلاردا رەسىمىنى كۆرگەن بىلەن ئەمىلىيەتتە بېرەر قېتىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. بۇ كىچىك نەرسىنىڭ ھەتتا مەۋجۇتلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان ئىدىم. ئەمما بۈگۈن مېنى بۇنچە قىينىشىنى نەدىن بىلەي؟ ھەپتىگىچە قىچىشىپ چىقتى. يوتقان-كۆرپەمنى كۈندە قېقىپ ياتتىم. كارۋىتىمنى تام تۈۋىدىن يېراقراق قويدۇم. بۇ ئاماللار ئۈنۈم بېرىپ مېنى جىق ئاۋارە قىلماس بولدى. ئەمما مېنىڭ ياتاقداشلىرىمغا چۇسا ئاشىق بولدىمۇ نېمە كۈندە كەچتە ئۇخلاتمايتتى. يېرىم كىچىدە<<جارت،جارت>> قىلىپ تاتىلىغان ئاۋازلار، تامدىكى پەيدا بولۇپ قالغان چۇسىلارنى شاپىلاقلاپ ئۆلتۈرگەندە چىققان ئاۋازلار ئۇيقۇمنى بۇزۇپ تۇراتتى.
بىر كۈنى كېچىدە ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولۇپ كەتتى. توكنى ئۆچۈرۈۋەتكەچ ياتاق قاراڭغۇ ئىدى. شايارلىق بالا چاقماق بىلەن تامدىكى چۇسىلارنى كۆيدۈرگىلى تۇرغانىدى. قارىسام ھەممىسى دىگۈدەك ئورنىدن تۇرۇپ قاتتىق قىرغىنچىلىق قىلغىلى تۇرۇپتۇ. بىردەم ئۇلارنىڭ پاراكەندە ھالىتىنى تاماشا قىلىپ ئاندىن ياتتىم........
بۇ خاتىرە بەك قىسقا بولۇپ قالغاچ يەنە بىرنى قوشۇپ يوللىدىم..
ياتاقتىكى پاراڭلار--ئەمۋايچى
ئالدىنقى كۈنلۈك خاتىرەمدە بىر ئەمۋايچىنىڭ سەۋەبى تۈپەيلى ئىككى ياتاقدىشىمنىڭ سوقۇشۇپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان ئىدىم. مانا بۈگۈن ئۇ داڭلىق شەخسنى سىلەرگە تونۇشتۇرماقچىمەن.
ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرىمىز ئەمۋاي ساتقۇچىلار قاچاندا قارىسا كاستۇم-بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كېيىپ يۈرىدۇ. ئەمما بۇ ئەمۋاي ئۇنداق ئەمەس. يۈرۈش-تۇرىشى خېلى جايىدا. ئاغزى بەك تاتلىق. كىچىك بالىلارنىمۇ ئاكا دەپ تۇرىدۇ. داۋاملىق پايدسىغا قالغان ئەمۋاي مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىپ يۈز-كۆزلىرىنى تازىلاپ تۇرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭغا ئەمۋايچىلىقنىڭ قېنى سىڭىپ كەتتىمۇ قانداق، <<پالانى ئىشنى قىلما>> دېسەك، ماقۇل ئاكا دەپ قويىدۇ،كەيندىن شۇ ئىشىنى قىلىۋىرىدۇ. ئالماس ماتا،زورلاپ ساتا. نىڭ ئۆزى ئىدى.
بىر كۈنى ياتاققا كىرسەم، ئۇ يالغۇز ئولتۇرۇپتۇ. مەندىن كەچتە نېمە قىلىۋاتقانلىقىمنى سورىدى. مەن ئۇنىڭغا كىتاپ سېتىپ جان بېقىۋاتقانلىقىمنى دېدىم.
-قانداق كىتاپ؟
-ئېنگىلىزچە، خەنزۇچە ساياھەتچىلىككە، شىنجاڭ جۇغراپىيىسى، ئائىت كىتاپلار.
-ئاداش مەنمۇ سىلىگە ياردەم بېرەي؟
-مەيلى.
ئەسلى ئۇ ئەمۋاي سېتىشتىن باشقا يەنە پايپاق، كىملىنىڭ قوغداش قېپى، چۈش تەبىرى دېگەندەك نەرسىلەرنىمۇ ساتىدىكەن. ئۇنىڭغا خېلى ھەۋىسىم كېلىپ قالدى. كۈندە مېنىڭ كىتاپلرىمنى ئىلىپ چىقىشىپ بېرەتتى. ئۆزى ياندا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ تاۋارلىرىنى ئوبۇرۇت قىلاتتى. بىر-بىرىمىزنىڭ سودىسىغا ئارىلاشمايتۇق. كۆز قىزارمايتتۇق. مەنمۇ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىدىن بىرنى تاپقان ئىدىم. ئەمما كىيىن ئىشلار تەتۈرىگە ماڭدى.
مەندە ئېنگىلىزچە كىتاپلار بولغاچ ئوقۇغۇچىلار بىلەن كۆپرەك ئېلىم-بېرىم قىلاتتىم. شۇنداقلا بىرەر قىز ئوقۇغۇچى كىلىپ كىتابىمنى ۋاراقلىشىغا ئۇ كىچىك تىللىرىنى باشقۇرالماي قىزلارغا كىتاپنى تونۇشتۇرۇپ كېتەتتى. كۆپىنچە خېرىدارلىرىم ئۇنىڭدىن بىزار بولۇپ كېتىپ قالاتتى. توغرا گەپ قىلسىغۇ بىر نۆرى. ئەممازە......
-ساياھەت كوپراتىپىدا ئىشلەيدىغان. ئاددى-ساددا كىيىنىپ يۈرىدىغان بىر قىز خېرىدارىم بارتى. پات پات مەندىن ئېنگىلىزچە ژورنال ئېلىپ كىتىدىغان. بىر كۈنى كېلىپ شۇنداق بىر كىتاپنى ئېلىشىغا ئۇ يەنە گەپ باشلىدى:
-كۆرۈڭ قىزچاق. بەك ئېسىل كىتاپ، يېراق شەرقتىكى تۈركلەرنىڭ تارىخى تونۇشتۇرۇلغان كىتاپ.
قىز ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ:
-كەچۈرۈڭ، يېراق شەرق رۇسىيەنى كۆرسىتىدۇ،-دىۋىدى، ئۇ بېشىنى قاشلاپ تۇرۇپ قالدى-يەنە كىلىپ، بۇ كىتاپتا تۈركلەر تەسۋىرلەنگەن ئەمەس بەلكى تۇرپان خەلقى تەسۋىرلەنگەن.
ئۇ گەپ قىلالماي جايىغا كەتتى. قىز مەسخىرە قىغاندەك كۈلۈپ قويۇپ، ماڭا كىتاپنىڭ پۇلىنى بېرىپ ماڭدى.
شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ مېنىڭ خېرىدارلىرىمغا كىتاپ تونۇشتۇرماس بولدى. ئەمما ئۆزىنىڭ<<پەخرلىك>> مەھسۇلاتى ئەمۋاينى ھەر بىر خېرىدارغا تەڭلەپ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بولدى. مېنىڭ سوداممۇ ئاقمىدى. ئاخىر بولماي ئۇنىڭدىن دۇكان ئايرىيدىغانلىقىمنى دېدىم. ئۇ ئۇنى-بۇنى دەپ باقتى. ئەمما ئاققۇزالماي توختاپ قالدى.
شۇ چاغدىلا نېمىشقا دادامنىڭ ئەينى چاغدا ئېيىغا 2000سومدىن پۇل تاپىدىغان ئەمۋايچىلىقتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. چۈنكى قارىغۇلارچە سڭدۈرۈلگەن پۇل ئىدىيىسى كىشىنى پۇلدىنباشقا نەرسىنى تونۇماس قىلىپ قويىدىكەن. ھېلىمۇ شۇ چاغدا دادامنىڭ كاللىسى سەگەك ئىكەن. بولمىسا...........
ئاللا ئامان-ئىسەنچىلىكنى بەرسە ئەتە سىلەرگە ئەمۋايچىلار توغرىسىدا باشقا تەپسىلاتلارنى يەتكۈزىمەن.