ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 11قەۋەت ئۇيغۇرجان كە 2011-01-03 11:20 PMئەۋەتىلدى :
تېما ئىگىسىنىڭ تەرجىمە گۇرۇپپىسىغا بەرگەن تەكلىپ-پىكىرىگە كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر...
تەرجىمە گۇرۇپپىسى قۇرۇش توغرىسىدىكى تېما يوللانغىلى تىخى ئىككى كۈن بولدى.بىر قىسىم تەرجىمە سەۋېيسى بار تورداشلىرىمىز بۇ گۇرۇپپىغا قوشۇلدى.ھەم داۋاملىق قوشۇلماقتا.تەرجىمە گۇرۇپپىمىزنى تىخىمۇ قىلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئىلىپ بارىمىز.روناق تاپقۇزۇش ئۈچۈن بولسا تىخىمۇ كۆپ ئەجىر سىڭدۈرىمىز.مەقسىتىمىز تورداشلار ھوزۇرىغا تىخىمۇ مول مەزمۇنلۇق ئەسەلەرنى سۇنۇش بولىدۇ.
1.تېما ئىگىسى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىگە كەلسەك بىر ئىشنى باشلىغان ئىكەنمىز ئۇنىڭ داۋامىنىڭ ياخشى بولۇشىغا بىز سىزدىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلىمىز.تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكى ئەزالىرىمىز خەۋەر تەرجىمە قىلامدۇ ئەسەر تەرجىمە قىلامدۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى.ئۇلارمۇ تورداشلار ئۈچۈن تەر تۆككۈچىلەردۇر.مۇنبەردە خەۋەر تەرجىمە قىلىش ئەۋجىگە چىقسا بۇ بىر ياخشى باشلىنىش.تىخى ئۇيغۇر تورلىرىدا تورداشلىرىمىزنى قاندۇرالىغۇدەك خەۋەرلەر يوق دىيەرلىك.تېمىلارنىڭ رەتلىك رەتسىز بولۇشىغا كەلسەك مۇنبىرىمىزدە قابىل باشقۇرغۇچىلىرىمىز بار ، يتىشمىسە يەنە تولۇقلايمىز.قانداقتۇر سىز دىگەندەك قالايمىقانچىلىق دىگەن نەرسە مەۋجۇت بولمايدۇ.ئۈمىدسىزلىنىش كەيپىياتىغا كەلسەك بۇ بۇنىڭغا كۆپرەك ئىتىبار بىرىمىز.تەرجىمە گۇرۇپپىسى قۇرۇش توغۇرلۇق تېمىنى ئوقۇسىڭىز سىزگە جاۋاپ چىقىدۇ.
ئاخبارات ئەلچىسى مىدالىغا كەلسەك بىز تەرجىمە گۇرۇپپىسىنىڭ رەسمىي ئەزالىرىغا ئالاھىدە ئەزالىق ھوقۇقى ۋە مىدالىنى بىرىمىز باشقا ئەزالاردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىمىز.
.......
يازمىڭىزدىن قايىل قىلارلىق جاۋابقا ئېرىشكىنىمدىن خۇشالمەن ! ئەلۋەتتە ئېغىزدا دىمەككە ئاسان بولغىنى بىلەن بۇنداق يىڭى ۋە ئۇلۇغۋار ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن مۇنبەر رەھبەرلىك سېستىمىسى ئېغىر بېسىمغا دۇچ كىلىدۇ ، شۇ جەھەتتىن مىسرانىم ئەپەندىمنىڭ ئىككى مۇنبەر باشلىقى ۋەزىپىگە قويغىنى ئەمدى كاللامدىن ئۆتىۋاتىدۇ .
كۆپ جاپا چىكىدىغان بولدۇڭلار !
ئىشىنىمەنكى مۇنبەردىكى ھەر بىر ئەزا جۈملىدىن مەن پىكىرىڭلارنى قوللايدۇ ۋە ھىمايە قىلىدۇ ! بىر مۇنبەرنى تەرەققى قىلدۇرۇپ مۇشۇنچىلىك نوپۇزغا ئىگە قىلىش ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئەمەس ، ئەمگەك مىۋىسىنى خارلىغانلىق جىنايەت !
بۇنىڭدىن كىيىنكى خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇقلار تىلەيمەن ~! رەھمەت !