مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 786|ئىنكاس: 9

ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ يەر شەكلى ۋە يەر تۈزۈلىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4262
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 11:26:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ يەر شەكىلى ۋە يەر تۈزۈلىشى

ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ يەر شەكىلى تاغلىقنى ئاساس قىلىدۇ. بىر قىسىم دەريا تىنما تۈزلەڭلىكلىرى جايلاشقان.

يەر ۋەزىيىتى شىمالىي ئېگىز جەنۇبي پەس بۇلۇپ، شىمالىي قىسمى تاغلىق، جەنۇبىي قىسمى تۈزلەڭلىكتىن ئىبارەت. شىمالدىكى تاغلىق رايۇن ئۇمۇمى كۆلىمى 7980.9 كۋادىرات كىلومېتىر بۇلۇپ، ناھىيە ئۇمۇمى يەر كۆلىمىنىڭ %56.67نى ئېگەللەيدۇ.

ناھىيە تەۋەسىگە جايلاشقان تەڭرىتاغ سېستىمىسى ئوخشاش بولمىغان يۆلىنىشلىك تاغ تىزمىلىرىدىن تەركىب تاپقان. بۇ تاغلارنىڭ كۆپىنچىسى غەربى شىمالدىن شەرقى جەنۇب، غەربى جەنۇبتىن شەرقى شىمالغا قاراپ سوزۇلغان يۆلىنىشى ئوخشاش بولمىغان 2 تاغ تىزمىسىنىڭ بىر –بىرى بىلەن قۇشۇلغان يېرىدە غايەت زور ئېگىز تاغ تۈگۈنى ھاسىل بولغان. تۇمۇر چوققىسى دەل مۇشۇ تاغ تۈگۈنى ئۇچراشقان يەرگە جايلاشقان. بۇ يەردە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6000 مېتىردىن ئېگىز تاغ چوققىسىدىن 15ى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە تەڭرى تاغدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا ـــ تومۇر چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن       7435 مېتىردىن ئېگىز بولۇپ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، خانتەڭرى چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 6995 مېتىردىن ئېگىز، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6934 مېتىر كېلىدىغان تېرەڭ چوققىسى ناھىيىنىڭ شەرىق تەرپىنى قوغداپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەتراپلىرىدا كەڭ كەتكەن ھازىرقى زامان مۇزلىقى شەكىللەنگەن.

تاغلىق رايۇننىڭ يەر تۈزۈلىشى ئېگىز- پەس بۇلۇپ، ھەيۋەتلىك چوققىلار، قار مۇزلۇق ئېگىز تاغلار، مۇزلۇقلارنىڭ يالىشىدىن ھاسىل بولغان ئۆزگىچە يار قىياپەتلىرى بار، تاغلىق رايۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ 4000 ــ 1500 مېتىرغىچە تۆۋەنلەپ بارىدۇ. ئوتتۇرا تۆۋەن تاغلىقلاردىن ئالدىنقى تاغ رايۇنى شەكىللەنگەن، ئېگىز تاغ رايۇندا مۇزلۇقلار تاغ جىلغىلىرىچە سوزۇلۇپ – ئېرىپ دەريا ئېقىنلىرى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ ناھىيىدىكى دەريا ئېقىنلىرىنىڭ مەنبەسى. ئۇلارنىڭ ئارلىقىغا جايلاشقان ئېگىز تاغ ئوتلاقلىرى ۋە كەنجى ئېگىز تاغ ئوتلاقلىرى ناھىيىنىڭ ئەنئەنۋى چارۋىچىلىق بازىسى ھېسابلىنىدۇ.

جەنۇبدىكى تۈزلەڭلىك كۆلىمى 6928.4 كۋادىرات كېلومېتىر بولۇپ، ناھىيە ئۇمۇمى يەر كۆلىمىنىڭ %43.33نى ئېگەللەيدۇ. دەريا سۈيىنىڭ ئېروزىيلەش، تىنملىلاشتۇرۇش سەۋەبىدىن كۆلىمى زور لاتقا- چۆكۈندى تۈزلەڭلىك ۋە تىنما تۈزلەڭلىك شەكىللەنگەن. بۇ تۈزلەڭلىك يەلپۈگۈچسىمان شەكىلىدە شەرقى جەنۇبقا پەسىيىپ بارىدۇ. ئۇزاق تارىخى جەريانىدا ئوخشىمىغان سۇ سېستىمىلىرىنىڭ بۆلۈۋېىتىشى ۋە تېندۇرۇشى نەتىجىسىدە ئۇزۇنلۇقى 50 كلومېتىرغىچە كېلىدىغان يارداڭلىق پاسىل قىلغان، ھاۋا كېلىماتى، تۇپرىقى، جانلىقلار بايلىقى ئوخشىمايدىغان 2 پارچە تۈزلەڭلىك ــ غەربتىكى قۇمئېرىق دەرياسى ۋە توشقان دەرياسى تىنما تۈزلەڭلىكى بىلەن شەرقتىكى تىرەڭ دەرياسى ۋە قارا يۇلغۇن دەرياسى لاتقا – چۆكۈندە تۈزلەڭلىكى شەكىللەنگەن. ئۇمۇمى كۆلىمى 6320.2 كۋدىرات كىلومېتىر. ئۇمۇمى يەر كۆلىمىنىڭ %43.83 نى ئىگللەيدۇ.

شەرقى يار ئۈستى تۈزلەڭلىكى يەر مەيدانى 2667 كۋادىرات كىلومېتىر . قارا يۇلغۇن دەرياسى، تەرەڭ دەرياسى تىنما تۈزلەڭلىكى بولۇپ جام، ئىشلەمچى، قىزىل، گۈلئاۋات قاتارلىق يېزا –بازار، ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانچىلىق مەيدانى، جام ئورمان مەيدانى، چارۋىچىلىق مەيدانى ھەم يېزا ئىگىلىك1- دېۋىزىيىسىنىڭ 5-6-تۈەنى، ئاقسۇ «قىزىل بايراق» دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئونسۇنىڭ مۇھىم بولغان ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى.

غەربى يار ئاسىتى تۈزلەڭلىكى ـ قۇم ئېرىق دەرياسى، توشقان دەرياسى تىنما تۈزلەڭلىكى، غەربتىكى تۇمشۇق بازىرىدىن شەرقتىكى ئونسۇ بازىرىغچە، جەنۇبقا قاراپ توشقان دەرياسى تۈزلەڭلىكى يەر شەكىلى تۈز، تەكشى تۇپرىقى مۇنبىرىدىن، بۇلاقلار كۆپ سۇ بايلىقى مول بولۇپ سازلىق ۋە ئوتلاق شەكىللەنگەن بولۇپ، ئونسۇنىڭ مۇھىم بولغان شال ئىشلەپچىقىرىش رايونى بار.

مەنبە: «ئونسۇ تەزكىرىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
دىلسار + 100

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24586
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6092
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2011-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 11:48:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى يىزىپسز ~~~~~~~
بولسا ئاز تۇلا رەسىم بىلەن يولىغان بولسڭىز تىخىمۇ ئوبدان چىقاكەن~~~~~~~` [s:166]  [s:166]  [s:141]  [s:141]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24586
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6092
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2011-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 11:51:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى يىزىپسز ~~~~~~~
داۋاملىق تىرشىڭ ~~~~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24586
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6092
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2011-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 11:59:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى يىزىپسز ~~~~~~~
ئۆزەم ئونسۇلۇق بۇلغىنىم بىلەن بۇنلارنى بىلمەيدىكەنمەن ~~~~~
رەخمەت سىزگە~!~!~!~!~!~ [s:173]  [s:173]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12280
يازما سانى: 2124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28993
تۆھپە نۇمۇرى: 756
توردا: 3438 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 02:23:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيىمىزدە ئۇلتۇرۇپ ئۇنسۇنىڭ ئېشلىرنى بىلىپ بۇلدۇق جۇمۇ مۇشتاپتا..... رەخمەت

باشتا كۇلگەن نوچى ئەمەس، ئاخىرغىچە كۇلگەن نۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16221
يازما سانى: 678
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8930
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1963 سائەت
تىزىم: 2010-11-4
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 05:02:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ يەر شەكلى ۋە يەر تۈزۈلىشىنى بىلۋالدۇق،رەھمەت سىزگە [s:166]  [s:166]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4262
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 05:48:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىم قىستۇرۇپ ئەۋەتەي دىگەن قانداق ئەۋەتىشنى ئۇقمايۋاتىمەن، مۇنبەر خەت بىلەن رەسىمنى بىرلا ۋاقىتتا تۇنامدۇ.

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

بۆرىگە ھوقۇق تەگ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20692
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6345
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 1620 سائەت
تىزىم: 2010-12-4
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 08:08:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئىزدىنىپ يېزىپسىز، بولسا خەرىتىنى يوللاپ قويغان بولسڭىز ياخشى بۇلاتتى.

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 08:10:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەپسەندە قۇلاق كەستى بىر نەچچە ئاغىنلىرىم بۇلىدىغان بۇرۇن. ھېلىقى سۇرلۇك يارداڭلىقلارمۇ ھەيۋەت جۇمۇ لېكىن.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23751
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6188
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 228 سائەت
تىزىم: 2010-12-25
ئاخىرقى: 2011-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 09:53:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

8-قەۋەت (zapar) نىڭ يازمىسىغا

شۇنداق، دەپسەن دىگەن يەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھدىلىگى بار،،،،،،،،،،لىكىن ئاڭلىسام ئۇيەرگەچوڭ تىپلىق مەبلەغ سېلىپ تەنتەربىيە سارىيى قىلامىىش،،،،شۇيەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان قېرىنداشلارنىڭ جېنىغا ۋاي،،،،،ئەمدى نەلەرگە يۆتكىلىپ يۈرەر،،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش