مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 575|ئىنكاس: 3

ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ دەريالىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4262
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 05:18:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ دەريالىرى

ناھىيە چىگرىسى ئىچىدە 40 دەريا ئېقىنى بار بۇلۇپ، سۇ بايلىقىنىڭ مىقدارى 9 مىليارد 640 مىليۇن كۇب مېتىر. بۇنىڭ ئىچىدە ناھىيە تەۋەسىدىن ئېقىپ چىقىپ كىتىدىغىنى 3مىليارد 280 مىليۇن كۇب مېتىر. ئاساسلىق دەريالىرىدىن 6سى بار.

1) قارا يۇلغۇن دەرياسى ــ بۇ دەريا تېرەڭ دەرياسى بىلەن مۇزارت دەرياسى ئارلىقىغا جايلاشقان بۇلۇپ، شىمالدىن جەنۇبقا ئاقىدۇ. ئۇ تومۇر چوققىنىڭ جەنۇبدىكى 3 مۇزلۇقتىن ئېرىگەن سۇلارنىڭ قۇشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان، ئۇمۇمىي ئۇزۇنلۇقى 30 كلومېتىر ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 200 مېتىر كېلىدۇ.

2) تېرەڭ دەرياسى ــ بۇ دەريا غەربىي چوڭ تېرەك مۇزلىقىدىن باشلىنىپ جىلغىنىڭ جەنۇبىنى بويلاپ ئېقىپ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1820 مېتىر ئېگىز جايدىكى كىچىك تېرەڭ دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. تۆۋەن ئېقىنى ئۇمۇمى ئۇزۇنلۇقى 24 كلومىتىر، ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 8.4 كۇب مېتىر/سېكۇنىت.

ئۈنۈملۈك سۇغۇرلۇش كۆلىمى 330 مىڭ مو، ئونسۇ ناھىيىنىڭ شەرقىدىكى تۈلەڭلىكىنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرى ئېقىندا 2 سۇ ئېلىكتىر ئىستانىسى بار.

3) كۆكيار دەرياسى ــ بۇ دەريا شىمالىدىن جەنۇبقا ئاقىدۇ. تۆمۈر تاغلىق رايۇننىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىن باشلىنىپ ئالاقاينىڭ سېيى دېگەن چۆلىگە كىرىپ تۈگەيدۇ. ئاز مىقداردىكى سۈيى ئىنقىلابىي ئۆستەڭگە قۇيۇلىدۇ. ئۇمۇمى ئۇزۇنلۇقى 21 كلومېتىر. ئوتتۇرىچە كەڭلىكى 100 كلومېتىر كېلىدۇ. ئېقىم مىقدارى 5 كۇب مېتىر / سىېكۇنىت بۇلۇپ، كەلكۈن مەزگىلىدە سۇ مىقدارى سەل كۆپىيىدۇ. دەريا ئونسۇنىڭ ئىشلەمچى يېزىسى بىلەن ئاقسۇ «قىزىل بايراق» دېھقانچىلىق مەيدانىدىن ئۆتىدۇ.

4) قۇمئېرىق دەرياسى ــ قەدىمقى زاماندا قۇمۇلاق دەرياسى دەپ ئاتىلاتتى. ئۇ تومۇر سۇ مۇزلىقىدىن باشلىنىدۇ. يۇقىرقى ئېقىمى قىرغىزسسىتان جۇمھۇريىتى تەۋەسىدە، بۇنىڭ تاغلىق رايۇنىدىكى قىسىمى 230 كلومېتىر، تۈزلەڭلىكتىكى قىسىمى 50 كلومېتىر كېلىدۇ. ئونسۇ ناھىيىسىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان قىسىمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 115 كلومېتىر كېلىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 4 مىليارد 480 مىليۇن كۇب مېتىر.

5) مۇزارت دەرياسى ــ بۇ دەريا قەدىمقى زاماندا غەربىي مۇز سۇ ئاق ئات دەرياسى، مۇسۇر دەرياسى دەپ ئاتالغان، ئۇ باي ناھىيە تەۋەسىدىكى مۇزارت مۇزلىقى، تاختاش مۇزلۇقى ۋە ئونسۇ ناھىيسى تەۋەسىدىكى قارغۇل مۇزلۇقى، تۇغبەلچى مۇزلۇقىدىن باشلىنىدۇ. ئونسۇ ناھىيىسى بىلەن باي ناھىيىسىنىڭ چىگرىسى تەبىئىي چىگرا ھېسابلىندۇ.

يىللىق ئېقىم مىقدارى 1 مىليارد 450 مىليۇن كۇب مېتىر. بۇ دەريا ناھىيە تەۋەسىدىكى تۈزلەڭلىكنىڭ ئەڭ شەرقىي ئۇچىدىن ئۆتۈپ شەرىققە سوزۇلۇپ باي ئويمانلىقىغا قۇيۇلىدۇ.

6) توشقان دەرياسى ــ ئونسۇ بىلەن ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىدىكى چىگرا دەريا بۇلۇپ، ئۇمۇمى ئۇزۇنلۇقى 305 كلومېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىم مىقدارى 2 مىليارد 610 مىليۇن كۇب مېتىر. ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە كېرىپ، غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا ئېقىپ يەنى شەرقىي شىمالغا بۇرۇلۇپ يايسىمان ھالەتتە ناھىيە تەۋەسىدە 30 كلومېتىر ئېقىپ، ئاندىن قۇمئېرىق دەرياسىغا قۇشۇلۇپ ئاقسۇ دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ.

بۇ دەريالار ئونسۇ ناھىيىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە: «ئونسۇ تەزكىرىسى» ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
دىلسار + 100

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

مەن ئەدەبىياتنى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23484
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6164
تۆھپە نۇمۇرى: 317
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2011-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 02:04:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4262
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 10:40:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئونسۇنىڭ دەريالىرىغا قىزىقىدىغان ئادەم يوقمۇ نېمە، بىرەرسىمۇ ئىنكاس يازاي دىمەيدا

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23579
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4000
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2011-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-2-18 07:22:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈرەتلىرى بىلەن قۇشۇپ يوللىغان بولسىڭىز، بەك ياخشى بولاتتىكەن، رەھمەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش