دۆلەت بايرىقى
ئىسپان تىلىدا «ئارگېنتىنا» ۋە «لاپلاتا» سۆزلەرنىڭ مەنىسى ئوخشاش بولۇپ، «كۈمۈش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. 1527-يىلى، ئىسپانىيەنىڭ بىر ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى جەنۇبىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا كەلگەندىن كسيىن، چوڭ بىر دەريا ئېغىزىدىن ئېقىمغا قارشى ئىلگىرىلەپ ئىچكىرىگە كىرگەن. ئېكسپېدىتسىيەچىلەر يەرلىكتىكى ئىندىئانلارنىڭ كۈمۈش زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى كۆپ ئىشلىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، «بۇ يەردە كۈمۈش مول ئوخشايدۇ»، دەپ ئويلاپ، بۇ دەرياغا لاپلاتا دەرياسى دەپ نام بەرگەن ۋە بۇ رايوننى لاپلاتا رايونى دەپ ئاتىغان. كېيىن ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرى لاپلاتا رايونىنى ئۆلكە قىلىپ ئۆزگەرتكەن. لاپلاتا ئۆلكىسى 1916-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان ھەم دۆلەت نامىنى «ئارگېنتىنا» قىلىپ بېكىتكەن. «ئارگېنتىنا» دېگەن بۇ سۆز لاتىنچە سۆز بولۇپ، «كۈمۈش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈپلا قالماي، يەنە «پۇل»، «بايلىق» دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. بۇ زېمىندا گەرچە كۈمۈش ئىشلەپچىقىرىلمىسىمۇ، بىراق بۇ يەرنىڭ تۇپرىقى مۇنبەت، ئوتلاقلىرىدا ئوت-چۆپ قويۇق، كىلىماتى ئىللىق بولغاچقا، ئارگېنتىنا «دۇنيانىڭ ئاشلىق ۋە گۆش ئامبىرى» بولۇپ قالغان.
مۇستەقىللىق كۈنى: 7-ئاينىڭ 9-كۈنى (1816-يىلى)
دۆلەت بايرىمى (5-ئاينىڭ 25-كۈنى)
دۆلەت رەھبەرلىرى: زۇڭتۇڭ زۇڭتۇڭ كىرىستىنا فېرنانداز، 2007-يىلى 10-ئايدا سايلانغان، شۇ يىلى 12-ئايدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.
تەبىئىي جۇغراپىيەسى: يەر كۆلىمى 2 مىليون 780 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، لاتىن ئامېرىكىسى بويىچە يەر كۆلىمى جەھەتتە بىرازىلىيەدىن قالسىلا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ، شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شەرقىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان، شەرقىدە ئاتلانتىك ئوكيان بار، جەنۇبتا ئانتاركتىكا قىتئەسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، غەربتە چىلى بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شىمالى بولىۋىيە، پاراگۋاي، شەرقىي شىمالدا برازىلىيە ۋە ئۇرۇگۋاي بىلەن چېگرىلىنىدۇ. زېمىنى غەربتىن شەرققە قارىتا تەدرىجىي پەسەيگەن تۈزلەڭلىكتىن ئىبارەت. پارانا دەرياسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 4700 كىلومېتىر بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكا بويىچە 2-چوڭ دەريا ھېسابلىنىدۇ. شىمالىي قىسمى تىروپىك بەلۋاغ ئىقلىمىغا، ئوتتۇرا قىسمى سۇبتروپىك بەلۋاغ ئىقلىمىغا، جەنۇبىي قىسمى مۆتىدىل بەلۋاغ ئىقلىمىغا كىرىدۇ. داڭلىق خۇماخۇئاكا جىلغىسى قەدىمكى ئىنكا مەدەنىيىتىنى ئارگېنتىناغا يەتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ، «ئىنكا يولى» دېگەن نامىمۇ بار. ئارگېنتىنانىڭ كان بايلىقى مول، ئاساسلىقى نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر، تۆمۈر ۋە كۈمۈش بار.
يەرشەكلى خەرىتىسى
نوپۇسى: 39 مىليون 300 مىڭ بولۇپ، ئاق تەنلىكلەر %95نى ئىگىلەيدۇ، كۆپىنچىسى ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ ئەۋلادلىرى. ئىندىئانلار نوپۇسى 383 مىڭدىن ئاشىدۇ(2005-يىلدىكى ئىستاتىستىكا). ھۆكۈمەت تىلى ئىسپان تىلى. %87 ئاھالە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، يەنە بىر قىسىملىرى پروتېستانت دىنى ۋە باشقا دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
پايتەختى: بۇئېنۇس ئايرېس، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئەڭ ئاۋات شەھەرلەرنىڭ بىرى، ئىسپان تىلىدا «ھاۋاسى ياخشى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ شەھەر لاپلاتا دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان، مەنزىرىسى گۈزەل، كىلىماتى ئىللىق، «جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى پارىژ» دېگەن نامى بار. بۇ شەھەر مەركىزىي باغچە، مەيدانلىرى ۋە نۇرغۇن ئابىدىلىرى بىلەن داڭلىق. شەھەر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ كۆپچىلىكى ياۋروپا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيە ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇشلار بار. 2 مىليون 780 مىڭ نوپۇسى بار (2001-يىلدىكى ئىستاتىستىكا).
مەمۇرىي رايونلارغا بۆلۈنۈشى: پۈتۈن مەملىكەت 24 مەمۇرىي رايونغا، يەنى 22 ئۆلكە، بىر ۋىلايەت ۋە بىر فېدېراتسىيە پايتەختى(بۇئېنۇس ئايرېس)گە بۆلۈنگەن.قىسقىچە تارىخى
16-ئەسىردىن ئىلگىرى ئىندىئانلار ئولتۇراقلاشقان ئىدى. 1535-يىلى ئىسپانىيە لاپلاتادا مۇستەملىكە قۇردى. 1776-يىلى ئىسپانىيە بۇئېنۇس ئايرېسنى مەركەز قىلغان لاپلاتا باش ۋالىي رايونى قۇردى. 1810-يىلى 25-ماي بۇئېنۇس ئايرېس خەلقىنىڭ ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى «ماي ئىنقىلابى» قوزغىلىپ، بىرىنچى ھۆكۈمەت ھەيئىتى قۇرۇلدى. 1812-يىلىدىن باشلاپ، ئارگېنتىنا خەلقى مىللىي قەھرىمان سان مارتىننىڭ رەھبەرلىكىدە ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك قوراللىق كۈرەش ئېلىپ باردى. 1816-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىدى.
مەنبە؛خەلق گېزىتى تورى
http://uyghur.people.com.cn/165019/15141186.html