ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 12قەۋەت ئىدىرىسجان كە 2011-01-05 11:35 AMئەۋەتىلدى :
دوللار چۈشسە بولمايدۇ، ئۇ چاغدا ئامىركا دۆلىتىمىزدىن ئالغان قەرىزنى پۇل تۆلىمەي تۆلەپ بولغان بولىدۇ،
ئەكىرىلمە بۇيۇمدىن باجنى ئاز ئالسا تىخىمۇ بولمايدۇ، ئۇ چاغدا چەتنىڭ ئەرزان مىلىنى سىتىۋىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلسە دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلار زىيان تارتىدۇ،ئىشسىزلار تىخىمۇ كۆپىيىدۇ،ئاندىن ئىختىساد چىكىنىدۇ،شۇنداق قىلىپ يەنىلا پۇخرا زىيان تارتىدۇ.
دىگىنىڭىز بەكمۇ توغرا، ئامىرىكىنىڭ دۆلىتىمىزدىن ئىزچىل كۇتىۋاتقىنى دوللارنىڭ خەلق پۇلىغا بولغان ئايرىۋاشلاش قىممىتىنى چۇشەرگۇزۇش، خەلق پۇلىنىڭ كۇرسىنى ئۆستەرگۇزۇش،ئۇنداقتا دۆلىتىمىز ئامىرىكا قەرىز چىكىدىنلا نەچچە مىليارت دوللار زىيان تارتىدۇ، ناۋادا ئەكىرىلمە بويۇملاردىن نەچچە ھەسسە تاموژنا بىجى ئېلىنمىسا دۆلىتىمىزنىڭ شۇ خىلدىكى توۋالىرى زەربىگە ئۇچرايدۇ.
مال باھاسىنىڭ ئۆسۇپ كىتىشى يۇقارقى ماقالىدا كۆرسىتىلگەنلەر بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، يەنە ئۇنىڭدىن باشقا مەبلەغ سېلىشتىكى قىزىپ كىتىش، جەمىيەتكە تارقىتىلغان پۇلنىڭ بەلگۇلىمىدىن كۆپ بوپ كىتىشى قاتارلىق ئامىللارمۇ بار.
ئادەتتە جەمىيەتكە تارقىتىلدىغان پۇل شۇ يىلقى مىللى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ 70% دىن ئېشىپ كەتكەندىن باشلاپ پۇل پاخاللىقى كۆرلۇشكە باشلايدۇ،ئەمەليەتتە زادى قانچىلىك بولدى؟ بۇ بىر نازۇك مەسىلە ، مۇنبەردە ئۇنى داۋراڭ قىپ يۇرۇش ئەپسىز، دوستلارنىڭ مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسى 2- يۇرۇش قانىلىنى كەچلىكى ئانچە مۇنچە كۆرۇپ قويۇشىنى ئۇمىت قىلىمەن.
ئويگاق ئەپەندى جاپا چىكىپسىز، كۆپ ئەجىر قىپسىز، مۇنبەردە ئاقماس تېمىلار توغرىسىدا مۇنازىرە قىپ ئولتارغاندىن مۇشۇنداق ئىقتىسادى تىمىلار ئۇستىدە كۆپرەك پىكىرلەشسەك ھە؟