مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2497|ئىنكاس: 36

باشقۇرغۇچى تاللاش-تورداشلارغا چاقچاق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3425
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27262
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8323 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-21 06:43:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ كۈنلەر ئاجايىپ ئۆتۈپ كىتىۋاتىدۇ-دىسە،يا بىر كۈلگەننىڭ تايىنى يوق،يا بىر يىغلىغاننىڭ تايىنى يوق،نىمە ئىش قىلسىلا قاملاشمىغان.....
ما مىسران باشقۇرغۇچى قۇبۇل قىلىمىز دىسە تىزىمغا ئالغۇزىدىغانلارنىڭ جىقلىقىدا ئۆچىرەت بولۇپ كىتىپتۇيا؟؟؟

مىسراننىڭ ئىشخانىسى.
ئىشخانا ئالدىدا قايسى كۈنى مىسران چىقارغان باشقۇرغۇچى قۇبۇل قىلىمىز،دىگەن ئۇقتۇرىشىنى ئاڭلىغان ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ تەرجىمالىنى ئىلىپ كۈننىڭ ئىسسىقلىقىغا قارىماي ئۇزۇن بىر سەپ بولۇپ تىزىملىتىۋاتىپتۇ،ئاۋۇ ئىدىرىس بولسا قاپاقلىرىنى تۈرگىنىچە كەلگەنلەرنىڭ تەرجىمالىنى بىر-مۇ بىر كۆرۈپ ئولتۇراتتى، يىنىدا كۈنقىز  بولسا ئىدىرىس ئوقۇپ بولغان تەرجىمالىنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ كۆرىۋاتاتتى،ھى..ھى...باشلىق دىگەن ھامىنى باشلىقتە؟مىسران غىمىدە يوق قولىدا ئارماننىڭ مۇزدەك يىشىل چىيىنى ئىچكەچ كۈنقىزنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن،مىسرانغا يارايدۇ،دەپ ئويلاپ مىسراننىڭ كۆرىشىگە بەرگەن بىرقىسىم ئەزالارنىڭ تەرجىمالىنى ئىرەنچىكلىك بىلەن كۆرىۋاتاتتى.

ئۆچىراتتە تۇرىۋاتقانلار جىقلىسا جىقلىدىكى ھەرگىز ئازايمىدى،ھى..ھى...كىمنىڭ باشلىق بولغۇسى يوق دەيسىلەر مۇشۇ كۈنلەردە[s:2]

ئىدىرىسجان بىشىنى كۆتۈرمەستىن كىرگەنلەرنى ئاۋال ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ ،ئەزاغا قاراپمۇ قويماي تەرجىمالىغا كۆز يۈگۈرتەتتى،ياراپ قالغۇدەكلىرى بولسا:
__كۈنقىز،مانى كۆرۈپ بىقىڭە،_دەپ قوياتتى،ۋە كەينىدىكى ئەزانىڭ كىرىشىنى ساقلاپ تۇراتتى،كۈنقىزمۇ جاۋابەن_ھە،_دەپ قۇيۇپ ئىدىرىسجان بەرگەن ئەزالارنىڭ تەرجىمالنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقىپ كۆڭلىدە بولدىكەن،دەپ ئويلىسا مىسراننىڭ كۆرىشىگە سۇناتتى،مىسران قىشىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ چىرايىغا سۈرلۈك تۈسنى كىرگۈزۈپ(ئۆزىچە) كۈنقىز بەرگەن تەرجىمالنى كۆرۈپ چىقاتتى،بولغۇدەك بولسا:
__ قىنى ئويلىشىپ كۆرىلى،ئەتە مۇزاكىرە قىلايلى،_دىگىنىچە ئادەتتىكى پارقىراقلىقىنى يوقاتقان(لىكىن جىڭ خۇرۇم) قارا رەڭلىك ئىش سومكىسىغا ئايرىم سىلىپ قوياتتى.

ئىشلار مانا مۇشۇ تەرتىپ بىلەن داۋاملىشىۋاتاتتى،بىر چاغدا سىرتتا نۆۋەت كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا غەۋغا كۆتۈرۈلدى،ھەممە نىمە ئىشتۇ؟دىگىنىچە شۇ تەرەپكە يىغىلدى.
سەنسىز0903 بىلەن زەپەر ئىككسى بىر_بىرىگە ھۆرپىيىشىپ چۈجە_خورازدەك بىر-بىرىگە ئالىيىپ تۇرغان ئىكەن.
زەپەرنىڭ بويى سەنسىزگە قارىغاندا خىلىلا ئىگىز ئىدى،بۈركۈتنىڭكىدەك ئۇزۇن بۇرنى سەنسىزنى ھىلىلا
چوقۇۋالدىغاندەك پەسكە ئىگىلىپ كۆزلىرىنى سەنسىز0903 گە ھومايتىپ يەۋەتكۈدەك قاراپ تۇراتتى.

سەنسىز0903 بويى پاكارراق،ئۆزى ۋىجىككىنە كەلگىنىگە باقماي ئاچچىقىنى يامان قىلىپ ھەدەپ زەپەرگە ھۆرپىيەتتى(ئەمەلىيەتتە ئىگىز قاملاشقان بالا بولغۇيتىڭىز بەلكىم[s:6])
__سەن ئۆزەڭچە مىنى ياراتماي كىتىۋاتامسەن؟ بىلىپ قوي مەن سەندىن قورقمايمەن جۇمۇ؟_سەنسىز0903 ھەدەپ سۆزلەيتتى.
__كىچىك دەپ ئاياتقىنىمنى بىل-ھە؟ما ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئالدىدا سەت بولمىسۇن،دىمىسەم سەندەك سويمىنى بىردەمدىلا.......__زەپەر ھە دەپ چىڭقىلىپ سۆزلەيتتى،مۇشلىرى تۈگۈلۈپ كىتىپ باراتتى،يائاللا ما ئىككىسىنى....ئادەتتە مۇنبەردە ئەكا_دىسە ئۇكام دەپ يۇرۇپ بۇ يەردە ئۇرۇشۇپ-ھەي....
__ھە قانداق قىلىتىڭ؟_سەنسىز 0903 ئاغزى بىسىقماي سۆزلەيتتى__كىچىك دەپ بوزەك كۆرىۋاتامسەن؟مەن يا قەستەن دەسسىمىسەم پۇتۇڭغا؟ناھايتتى كەلسە ئايىغىڭنىڭ بىر ئۇچى مايماق بوپ قاپتۇ،ما ئادەمنىڭ جىقلىقىدا ئۇنچىلىك ئىش دىگەن كىچىك ئىشقۇ؟ئۆزۈڭ بىر چەتتە تۇرساڭ بولمامتى؟

__ئۇكېم.....ما ئاياقنىڭ قانچە پۇللىقىنى بىلەمسەن؟؟؟؟تىمساھ تىرىسى دەپ باقە؟تىمساھ تىرىسى....قاراپ تۇرۇپ دەسسىۋىتىپ كەچۇرۇم سوراشتا يوق،يەنە ئۆزگىپىڭنى يورغىلىتىسەنغۇ؟
ئەمدى زەپەر ئۇرغىلى يۈگۈردى، سەنسىز توختىماي گەپ قىلىۋاتقان ئادەم بىر تەرەپتىن ئۆزىنى قاچۇرغاچ بىر تەرەپتىن :
__ھە؟ئۇرە؟قاچان سىنى ئۇردىكىن دەپ تۇرغان ئۇرمامسەن؟_شۇنداق دىگىنى بىلەن ھە دەپ ئۆزىنى چەتكە قاچۇراتتى...
شىرخان دەرھال بىرىپ زەپەرنى تۇتۇۋالدى:
__بولدى قىلىڭلا ۋاي زەپەر،كىچىك بالا بىلەن تەڭ بولۇپ خىجىلمۇ بولمايدىكەنسىلە،__شىرخان شۇنداق دىگىنىچە زەپەرنى بىر تەرەپكە تارتىپ تۇرۇپ،__سەت تۇردۇ دەيمەن،ناھايتتى كەلسە شۇ بىر ئاياققۇ؟ئۇنچىلىك قىلىشىپ كەتمەڭلا ئەمدى.
بايامدىن بىرى تىرىكىپ ئارانلا تۇرغان زەپەر كۆزىنڭ پاختىسىنى تولۇق چىقىرىپ شىرخانغا بىر  ئالىيىپ قۇيدى:
__ما سەنسىز0903 دىگەن يىتىم دەسسىۋىتىپ كەچۇرۇم سوراش ئۇياقتا تۇرسۇن،تىخى نىرىراق تۇرە ئادەمگە  
پۇتلاشماي دەيدۇ،سىنىڭچە گەپ قىلماي تۇرۇشۇم توغرىما؟
شىرخان سەل ئەيمىنىپ قالدىمۇ قاراپ قۇيۇپ:
__مەن ئاجرىتىپ قۇيدۇم،بۇ يەردە مىسراندىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى تىزىمغا ئالدۇرغىلى كەلدى،ئۆزۈڭلا بىلىڭلا...،_شىرخان شۇنداق دەپ غودۇرىغىنىچە باشقا تەرەپكە كەتتى...

دىلسىرى بىلەن تاڭنۇرى سەنسىز0903نى يىنىغا ئەكىلىۋالدى،دىلسىرى قاپاقلىرىنى تۈرگىنىچە سەنسىز0903گە
نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى:
__ھە ئۇكام،نىمىشقا كەچۇرۇم سورىمايسەن؟قارا ھەممە يەرنى قالايمىقان قىلىپ باشقىلارنى بىسەرەمجان قىلۋەتكىنىڭنى!
سەنسىز0903 يانىلا تەن بەرمىگەندەك باشقا ياققا قاراپ تۇراتتى،تاڭنۇرى بولسا يىنىك تىنىپ قۇيۇپ:
__ئۇكام،بۇ يەر دىگەن مۇنبەر ئەمەس،ئاۋۇ يەردە باشلىقلار بار،بۈگۈن سىنىڭ كىلىشتىكى مەقسىتىڭمۇ باشقۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن تىزىمغا ئالغۇزۇش،شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ ئىشىڭنىڭ ئوبرازىڭغا دەخلى يىتىپ قىلىشتىن قورقمىدىڭما؟

بۇ گەپ سەنسىز0903گە سەل تەسىر قىلغان بولسا كىرەك،ئەمدى گەپ قىلاي دىيىشىگە مىسراننىڭ مىكرافۇندا :
__سەنسىز0903 ،زەپەر،ئىشخانىگە كىرىڭلار،_دىگەن ئاۋازى ئاڭلىندى،مانا ئانا پىشتى دىگەن گەپ،بۇ ئىككىسى ئەمدى تۈگشتى،دىلسىرى سەنسىز0903گە خوپ بولدىمۇ دىگەندەك قاراپ قۇيدى.

مىسران ئىشخانىسى.

مىسران،كۈنقىز،ئىدىرىسجان قاتارلىق ئۈچى ئورۇنداقتا يۆلەنگىنىچە ئولتۇراتتى،سەنسىز0903 ،زەپەر ئىككىسى ئۇدۇلدىكى ئورۇنداقتا بىر-بىرىگە يەر تىگىدىن ئالىيىپ ئولتۇراتتى.

مىسران سەل ئۆزىنى تۈزەپ قۇيۇپ ئالدىدىكى ئارمان يىشىل چىيىدىن بىر يۇتۇم ئىچىپ قۇيۇپ جايىغا قۇيۇپ قويدى،ۋە:
__ئوھۇي،ئىككىڭلار بەك يامان كەنسىلە جۇمۇ؟بىر_بىرىڭلاردىن قالمايدىكەنسىلە،ھەم يانمايدىكەنسىلە،بۇرۇنراق ئەجەپ بىلمەپتىكەنمەن بۇ مىجەزىڭلەرنى؟

ئىدىرىسجان بىلەن كۈنقىز ئىككىسى شۇ ئەمەسمۇ دىگەندەك بىر_بىرىگە قاراپ بىشىنى لىڭشىتىپ قويدى.
زەپەر سەل خىجىل بولۇپ قالغان بولسا كىرەك،دەرھال ئۆزىنى ئاقلاشقا باشلىدى:
__مەنغۇ ھىچنىمە دىمىگەن بولمىسا،ماۋۇ شۇم،ياق ما سەنسىز0903 خاتالىق ئۆزىدە تۇرۇپ يەنە مەندىن چوڭ سۆزلەيدۇ.
سەنسىز0903 مۇ بوش كەلگۈسى كەلمىدى بولغاي،دەرھال مىسرانغا قارپ:
__بۇ ئەمەلىيەتقۇ؟شۇنچە جىق ئادەمنىڭ ئىچىدە شۇنچىلىك ئىشقىمۇ خاپا بولۇشنىڭ ئورنى بارمۇ؟ مەن بولغان بولسام ھەرگىز تىلغا ئالمايتتىم.
__خاتالىقنى ئۆتكۈگەن ئادەم خاتالىقىنى تۇنۇشى كىرەك__زەپەر ئەمدى ئۆزىنى تۇتۇۋىلىپ ۋەزمىنلىك ئاھاڭدا سۆزلەيتتى،__خاتالىق ئۆتكۈزۈش خاتالىق ئەمەس بىلىپ تۇرۇپ تۇنىماسلىق خاتالىق!
مىسران قايىل بولغاندەك سەنسىز0903گە قانداق؟دىگەندەك قاراپ قويدى،ئەمدى سەنسىز 0903مۇ يۇمشاق بىسلىق ھۇجۇمغا چۈشكەن ئىدى:
__بەزىدىكى كىچىك ئىشلارنى ئىتبارغا ئالمىسىمۇ بولىدۇ،ھەممە ئىشقا بەك دىققەت قىلىپ كەتسە قانداق بولىدۇ؟بايامقىدەك ۋارقىراپ چۈشسەڭ،كىمنىڭ ئاچچىغى كەلمەيدۇ؟مەنمۇ ۋارقىردىم شۇڭا،بۇ يەردە بىر_بىرىگە سەۋەبسىز بوزەك بولسا قاملاشماسمىكىن؟

__بولدى،بولدى،_مىسراننىڭ چىرايىنى بىرخىل مەمنۇنلۇق كۈلكىسى قاپلىدى،__مانا ماڭا دەل سىلەردەك مۇشۇنداق قورقماس ،جىگەرلىك،كىشلەر كىرەك ئىدى،بۇنى بىز ئاچچىقىمۇ بار تاتلىقىمۇ بار ئادەملەر دەيمىز،بايامقى باتۇرلىقىڭلارغا ھەممىمىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ قول قويدۇق،يانمايدىكەنسىلەر،يامانكەنسىلەر،سىلەردەك كىشى باشقۇرغۇچى بولسا چوقۇم ھىممە ئەزالار سىلەردىن قورقىدىغان بولىدۇ.

زەپەر بىلەن سەنسىز0903 قۇلاقلىرىغا ئىشەنمىگەندەك بىر-بىرىگە ھاڭۋاققىنىچە قاراپ قالدى،بايا ئىسمىنى مىكرافۇن ئارقىلىق چاقىرغان ۋاقىتتا ئەمدى مۇنبەر تۈرمىسىگە قامىلىدىغان بولدۇق،دەپ ئويلىغان بولسا ھازىر قۇلاقلىرىگە ئىشەنمەي مىسراننىڭ گەپلىرىگە قانداق ئىشىنىشىنى بىلمەي تۇراتتى.

__ھە،بولدى،بولدى،مەن راست دەۋاتىمەن،ئەمىسە ئارخىپىڭلارنى ھازىردىن باشلاپ باشقۇرغۇچىلىققا ئۆزگەرتتىم،_مىسران شۇنداق دەپ كۈنقىزغا قاراپ_كۈنقىز،باشقۇرغۇچى مىدالىدىن ئىككىنى ئەكىلىڭە،بۇلارغا تاقىۋىتەيلى،_دەپ قۇيدى.
كۈنقىز ياغاچ ئۈستەلنىڭ ئاستىدىكى تارتمىدىن پارقىراپ تۇرغان مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى دىگەن ئىككى تال مىدالنى پەتنۇسقا سىلىپ ئۈستەلگە قويۇپ قويدى.
مىسران كۈلۈپ تۇرۇپ بۇ ئىككىسىگە قاراپ:
__ئەمىسە مۇنبەرنى بايامقىدەك بىر_بىرىڭلاردىن يامان بولغاندەك باشقۇرۇڭلار-ھە؟كىمدە-كىم گىپىڭلارنى ئاڭلىمىسا بايامقىدەك ئاچچىغىڭلارنى ئىشقا سىلىڭلار،بىزگە سىلەردەك پىچىقى ئىتتىك باشقۇرغۇچى كىرەك،__مىسران ئەتىگەندىن بۇيان بۇ ئىشقا ئارلاشماي ئىشخانىنىڭ بۇلۇڭىدىكى ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ تىما تەستىقلاۋاتقان كەترەنگە قاراپ،__كەترەن،بۇلارغا ئۆز قولىڭىز بىلەن مىدالنى تاقىۋىتىڭە،_دىدى.

زەپەر بىلەن سەنسىز0903 بۇ كۈتۈلمىگەن ئامەتتىن تىخىچە ئەسلىگە كىلەلمەي تۇراتتى.كەترەن خۇشياقمىغاندەك ئورنىدىن تۇرۇپ مىداللارنى قولىغا ئىلىپ ھەر بىرسىگە بىردىن تاقاپ قۇيۇپ جايىغا بىرىپ ئورنىدا بۇرۇنقىدەك پەرۋاسىز ئولتۇرىۋەردى.

__ئەمىسە مۇشۇنداق بولسۇن،باشقا گىپىڭلار بولسا باشقۇرغۇچىلار توپىغا خەت قالدۇرۇڭلار،_مىسران شۇنداق دەپ ئەمدى چىقىپ كەتسەڭلەر بولىدۇ دىگەندەك چىيىنى ئىلىپ ئىچىپ قويدى.
زەپەر بىلەن سەنسىز 0903 ئەمدى ئىسىگە كەلگەن بولسا كىرەك،خۇشلۇقىدىن ئاغزىنى يۇمالماي قالغان ئىدى،ئۇلار:
__بىزگە ئىشەنگنىڭلەرگە رەھمەت،دىگىنىچە چىقىپ كىتىشتى.
دىلسىرى،تاڭنۇر،شىرخان.....قاتارلىق نۇرغۇن ئەزالار ئۆچرەت ساقلىغاچ بۇ ئىشنى مۇلاھەزە قىلىشاتتى:
__ھەي،بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىككىسى قاملاشمىغان بىر ئىش قىدى جۇمۇ؟
__شۇ ئەمەسمۇ؟ئەمدى بۇلارنىڭ ئەزالىق ھوقۇقىنى ساقلىمىقىمۇ بىرگەپ.
__مىنىڭچىمۇ شۇ،سەنسىز0903 كىچىك بولغاندىن كىيىن يول قويغان بولسا بۇ ئىشمۇ يوق ئىدى.
__زەپەرمۇ كىچىك بالا بىلەن تەڭ تۇرۇپ..
__شۇنى دەيمەن،مىسران ئەمدى تەنقىد قىلىدىغان بولدى بۇلارنى،ھەي......
__................
مۇشۇنداق مۇنازىرە بولۇۋاتقاندا زەپەر بىلەن سەنسىز 0903 ئىككىسى مىدالىمنى كۆر،دىگەندەك بايامقى ئەپتىدىن ئەسەرمۇ يوق گىدەيگىنىچە ئىككى قولىنى ئارقىغا قىلىپ مەغرۇرۇ ھالدا مىسراننىڭ ئىشخانىسىدىن چىقتى.
ئەزالارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ھەيران بولغىنىچە بۇلارغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى،يەنە مۇلاھىزە باشلىنىپ كەتتى:
__ۋۇي؟بۇ قانداق گەپ ؟بۇلار باشقۇرغۇچى بولۇپ چىقىپتۇغۇ؟
__نىمە جاھان تەتۈر پىرقىراتامدۇ؟قانداق؟
دىلسىرى بىلەن تاڭنۇر ئىككىسى بۇ قانداق ئىش دىگەندەك بىر-بىرىگە مەنلىك قاراپ قۇيدى.
شىرخان بولسا قولىدىكى تەرجىمالىنىڭ قانداق چۈشۈپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەستىن ھەيرانلىقتا قاراپلا قالدى.
__ھەي،ئەسلى ئۇرۇشۇپ بىر-بىرىنى تىللىشىپ كەتسە ئاندىن باشقۇرغۇچى بولىدىغان ئوخشىمامدۇ؟
__بىر-بىرىگە بوزەك بولمىسا ئاندىن باشقۇرغۇچى بولىدىكەندە؟
__تىللىشىپ يانمىسا،ئۇرۇشتىن قورقمىسا باشقۇرغۇچى بولدىكەندە؟
__ھە....ئەسلى ئىش مۇنداق ئىكەندە؟
__...........
ئەمدى ئەزالارنىڭ ھەممىسى قولىدىكى ئەتىگەندىن بىرى تۇتۇپ تۇرغان تەرجىمالىنى ئاللاقاياقلارغىدۇر تاشلىۋىتىپ يىنىدىكىلىرىگە ھۈرپەيگىنىچە تۇراتتى......بىر چاغدا كىم_كىمدىن قۇرقىدىكەن،دىگەندەك بىر-بىرىنى سەۋەبسىزلا ئۇرۇپ..تىللاشقا باشلىدى...مىسراننىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدى ئەمدى رەسمىي بىر كۈچ سىنىشىش مەيدانىغا ئايلانغان ئىدى.......

پەقەت يۇمۇرىستىك بولسۇن دىگەننى ئويلاپ بۇ ئەسەرنى يازدىم،باشقىچە ئويلاپ قالىدىغانلار خاتا چۈشەنمەي،كۈلكىنى كۈلكە قىلىپ ئوقۇڭلار. ھەممىسى قىزىقارلىق بولۇش ئۈچۈن جۇمۇ[s:2][s:6]

__مەلىكە دىن.

سەنسىز 0903 بىلەن زەپەر ئىككىڭلارنى ئاساسلىق پىرسۇناژ قىلىپ يازدىم،كۆڭلۈڭلىگە ئالماڭلار جۇمۇ؟[s:24]

ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
ئۇيغۇرۇم007 + 200 ئەجرىڭىز ئۈچۈن
ئەلشىر + 20 قىزقارلىق يېزىپسىز.......لىكىن ئىشخانىدا
nasrulla + 1 قىززىقارلىق ئىكەن. چچىرىمنى قاچىلىۋېلىڭە
رىۋايەت + 2 ئەجىرلىك تېما

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 223   باھا خاتىرىسى

ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1864
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8758
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-21 07:07:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرۇق بولسىمۇ مۇبارەك بولسۇن ، سەنسىز 0903 ، زەپەرجانلار ، ئوبدان ئىشلەڭلار-ھە ، بولمىسا ...

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-21 07:07:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەچچە كۇن ئىلگىرى ،باشقۇرغۇچى تاللاشنى كۆرۇپ ،تىخى سايلىنىپ بۇلالماي تۇرۇپ، بۇ چاخچاقلار چىقىپتۇ.قىزىقارلىق يىزىپسىز.مەلىكە خان باشقۇرغۇچى بولغۇڭىز بارمىتى؟سىزگە تىمىڭىز ھۆرمىتى ئۇچۇن بىر بىلەت تاشلاپ قويدۇم-ئەمسە!(چاخچاق جۇمۇ،خاپا بولماڭ!)مىنىڭمۇ چاخچاق قىلىپ قويغۇم كەلدى.دوستىڭىزنىڭ سەمىمىي كۆڭلىنى چۇشۇنۇڭ.ماقۇل ئەمسە تىخىمۇ ياخشى تىمىڭىزنى كۆرۇشكە تەشنامەن!

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 156
يازما سانى: 913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11998
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 229 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2011-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-21 07:09:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا 100000000 بىلەت مەلىكە سىزگە ...............

مەن مىسرانىمنى مەڭگۇ قۇللايمەن

دىلنىڭ سىر دىشى -

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 183
يازما سانى: 3084
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13078
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 1073 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-21 07:10:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنسىز بىلەن مۇناسىۋىتىم خېلە ياخشتى ئەمدى ئۇرۇش چىقامدۇ ئاداش ھە .

1›مەن يىقلىپ كەتتىم ،بۇرنۇمدىن قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىۋاتىدۇ ،لىكىن ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم ،قان توختايدىغاندەك ئەمەس ،مەن يەنىلا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىمەن .
2›ئەمدى تىرىشمىسام نەپىرەتتىن ئۆلۈپ كىتىشىم مۇمكىن.

سەن سۆيگەننىڭ قۇ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2635
يازما سانى: 1673
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12171
تۆھپە نۇمۇرى: 480
توردا: 1484 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-21 07:14:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي-ۋۇي مەلكەم كۆرەپ قويدۇم جۇمۇ مىنى يالغانلارتىن بولسىمۇ بىر يەرىگە قىستۇرۇپ قويسىڭىزچۇ ئاۋۇ قەغىزىڭىزنىڭ بۇرجىكىگە................. [s:30]  [s:21]

ئالداندىم...خەپ...

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2574
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8801
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 529 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2010-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-21 07:16:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەقەلىك بەكلا قىززىق بولۇپتۇ ، لىكىن ھەي سۆزلىسەم بەك سۆزلەپ كىتىمەن ، يەنە شۇ ئۆزۈڭلار تونۇيدىغان ، مۇنبەردە نامى بار، مۇنبەرنىڭ دائىملىق ئەزالىرنىڭلا ئىسمىنى ئىلىپ كۈلكە قىلىپسىلەر ... مىنىڭ سەل ئىچىم قوتۇرمۇ بۇنى بىلمىدىم ، لىكىن راسىتلا ئاچچىغىم كەلدى ، مۇنبەرگە يوللانغان مۇشۇنداق كۈلكە-چاخچاق دىگەنلەرنى ئوقۇسام ، ساپ مۇشۇنداق تۇنۇشلارنىڭ چاخچىقى ئىكەن ، (مۇنداق تۇرىۋەرسە مۇنبەردە سەل ئايرىمچىلىق شەكىللىنىپ قالامدۇ يە ؟ بۇ منىڭ شەخسىي پىكىرىم خالاس) ... بىز مۇنبەردىكى ئەزالارغۇ شۇ ناملىق ئەزالارنى تونۇغاندىن كىيىن بۇنىڭدىن ئىستىتك زوق ئالالايمىز، لىكىن تىزىملاتمىغان مىھمانلار كۆرسىچۇ ؟؟؟ مۇنبەرگە قانداق باھا بىرە ؟؟؟ مۇنبەرداشلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى ياخشى لىكىن ، مىنىڭچە بۇنداق شەخسىي چاخچاقلارنى بىر-بىرىڭلارنىڭ چ چ دىگەندەك سۆزلىشىش قۇرالىدا قىلساڭلار تىخمۇ ياخشى بولاتتىكەن. ... ( مەن ئاشۇنداق گەپنى ئوچۇق دەۋىرىدىغان ئىچى قوتۇرراق بالا ، توغرا چۈشىنەسىلەر . ھەممىسى مۇنبەر ئۈچۈن)

جەسۇر

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 6417
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 239263
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 12472 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-21 07:23:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەرگە دەل ئاشۇنداق جىدەلخورلار باشقۇرغۇچى بولسا چۇقۇم ياخشى باشلىنىش بۇلىدۇ ............... نىمە قىلىدۇ دەيمەن باشقىلارنى .
بولمىسا داڭلىق قارا گوروھنىڭ ئادەملىرىنى ئىشلىتىپ سىناپ باقامدۇق يا ئۇلاردىن مۇنبەردىكىلەر ئەمەس ھەر قانداق ئادەم قۇرقىدۇ  .
باشقۇرغۇچى بولماقمۇ شۇنداق تەس ئىشى جۇمۇ...... بىردەم تېما تەستىقلاۋاتقان ،بىردەم ئۈچۈرۋاتقان ،،يەنە تېخى مەسلھەتلىشىپ تېما نادىرلاۋاتقان ،،،،،يەنە نەچچە كۈن ئۈتۈپ مەزمۇنى ناچاركەن دەپ ئاپىرىپ ئۇ تېمىنى قايتىدىن كارانتىن قىلىپ ئاخىرى بولماي  بىچو .سىچو ،قاتارلىق ئەڭ يېڭى ئۇسكۈنىلەرگە سېلىپ كىسەل چىقمىسىمۇ ئامال يوق .......... مەجبۇرىي ئۇكۇل ئۇرۇپ ئۆلتۇرۋىتىدىكەن .
دىمەك باشقۇرغۇچنىڭ ۋەزىپىسى بەك ئېغىر ئىكەن دوسلار ئامال بار ئۇلارنى چۈشۈنىڭلار ھە!! قالايمىقان ئۇلارنى رەنجىتمەڭلار ئۇلارنىڭ دىلى بەك نازۇك
بولمىسا ئىمتھان نۇمۇرىڭلار بىراقلا چۈشۈپ كىتىدۇ .....چاقچاق ھە دوسلار قاملاشمىسىمۇ مەلىكەمنىڭ قىزقارلىق تېمىسىغا كەلتۇرۇپ باقتىم لىكىن قەتئى خاتا چۈشەنمەڭلار بولمىسا مەندەك بۇلۇپ قالسىلەر ...

مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

تاماكا چەكمەڭ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7192 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-21 07:32:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە ئەمدى مىسران،مەلىكە  ۋە باشقا باشقۇرغۇچىلار ئۆيۈڭلاردىن چىققاندا ئىھتىيات ئۈچۈن قورال (تاپالمىساڭلار سۇ تاپانچىسىنى قارا سىرلاپ) ،پىلموت ،ياكى بولمىسا پىچاق ،خەنجەر چەيدۇ ئالغاچ مېڭىڭلار مىنىڭ باشقۇرغۇچى بولغۇم بار ئىدى ئاچچىقىم يامانراق ،بىكار دىن بىكار ناھەق ئەجەل يەتمىسۇن . [s:6]

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

ئالداندىم...خەپ...

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2574
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8801
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 529 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2010-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2010-6-21 07:34:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت 杰孙尔 كە 2010-06-21 07:16 PMئەۋەتىلدى :
ۋەقەلىك بەكلا قىززىق بولۇپتۇ ، لىكىن ھەي سۆزلىسەم بەك سۆزلەپ كىتىمەن ، يەنە شۇ ئۆزۈڭلار تونۇيدىغان ، مۇنبەردە نامى بار، مۇنبەرنىڭ دائىملىق ئەزالىرنىڭلا ئىسمىنى ئىلىپ كۈلكە قىلىپسىلەر ... مىنىڭ سەل ئىچىم قوتۇرمۇ بۇنى بىلمىدىم ، لىكىن راسىتلا ئاچچىغىم كەلدى ، مۇنبەرگە يوللانغان مۇشۇنداق كۈلكە-چاخچاق دىگەنلەرنى ئوقۇسام ، ساپ مۇشۇنداق تۇنۇشلارنىڭ چاخچىقى ئىكەن ، (مۇنداق تۇرىۋەرسە مۇنبەردە سەل ئايرىمچىلىق شەكىللىنىپ قالامدۇ يە ؟ بۇ منىڭ شەخسىي پىكىرىم خالاس) ... بىز مۇنبەردىكى ئەزالارغۇ شۇ ناملىق ئەزالارنى تونۇغاندىن كىيىن بۇنىڭدىن ئىستىتك زوق ئالالايمىز، لىكىن تىزىملاتمىغان مىھمانلار كۆرسىچۇ ؟؟؟ مۇنبەرگە قانداق باھا بىرە ؟؟؟ مۇنبەرداشلارنىڭ ئىتتىپاقلىقى ياخشى لىكىن ، مىنىڭچە بۇنداق شەخسىي چاخچاقلارنى بىر-بىرىڭلارنىڭ چ چ دىگەندەك سۆزلىشىش قۇرالىدا قىلساڭلار تىخمۇ ياخشى بولاتتىكەن. ... ( مەن ئاشۇنداق گەپنى ئوچۇق دەۋىرىدىغان ئىچى قوتۇرراق بالا ، توغرا چۈشىنەسىلەر . ھەممىسى مۇنبەر ئۈچۈن)


مەنغۇ ئىسمىمنى ئۇيغۇرچە يىزىپ تىزىملىتاي دىگەن ، لىكىن ئىسمىمنى ئاللىقاچان باشققىلار تىزىملىتىپ بولۇپتۇ،  ئەسلى جەسۇر ئىدى.    ئەڭ ياخشىسى مىنى چاخچاققا قاتماڭ ، مىنى قىتىپ قويسىڭز مەنمۇ سىز تەرەپكە .ۆتۈپ كىتىپ قىلىپ ، ھازىر ياغان ئىنكاسىمدا چىڭ تۇرالماي قالىمەن...[s:20]

جەسۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش