مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1910|ئىنكاس: 28

ئۇيغۇرلاردىكى شەرمىي-ھايا ئىسراپچىلىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9732
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5175
تۆھپە نۇمۇرى: 270
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2010-9-9
ئاخىرقى: 2011-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-4 11:32:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[align=justify]                                ئۇيغۇرلاردىكى شەرمىي-ھايا ئىسراپچىلىقى

[align=justify]                                                             ئەختەم ئۆمەر


    شەرمىي-ھايا ـ بىر جەمئىيەتنىڭ نازۇك پوستى، بىر مىللەتنىڭ ئېسىل ئەڭگۈشتەرى. ئۇ ئىنسان ئۈچۈن مەڭگۈلۈك لىباس، ئۇ ھەرقاندق ئىنساندا تەلتۆكۈس بولۇشى كېرەك بولغان گۆھەر! بۇ يەردە  بىز ئاساسلىقى قىز-ئاياللار ھەققىدىلا توختىلىمىز. چۈنكى ھەممە ئائىلىدە قىز-ئاياللار بار، قىز-ئاياللار مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى تۇغقۇچى ۋە يېتىشتۈرگۈچىدۇر! 
   

[align=justify]      غەرب ئەللىرى كىنو-تېلېۋىزىيىسىنىڭ مەدەنىيەت سورۇنلىرىمىزغا شىددەتلىك باستۇرۇپ كىرىشى بىلەن بىللە كىرگەن ئاتالمىش پادىچى ئىشتانلىرى ۋە يەڭسىز كوپتىلىرى بىر قىسىم خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ يارىشىملىق كۆينەكلىرىنى سالدۇرۇپ تاشلاشقا ئۈلگۈرۈپ، تال-تال سۇمبۇل چاچلارنى قىسقارتىپ، يالىڭاچلىنىشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى بېسىپ بولغان ئىدى. يارىشىملىق رەڭمۇ-رەڭ كۆينەكلەرنىڭ ئورنىغا ئالمىشىۋالغان پادىچىلار ئىشتىنىنى كىيگۈچىلەرنى ھەزىلكەشلەرنىڭ ئاتىشى بويىچە « تەمبۇر پاچاق، دۇتتار قوڭ »قىلىپ كۆرسەتتى؛ بۇنى بىز « يەرشارى خاراكتېرلىك ھادېسە »دەپ سۈكۈت قىلىپ تۇرساق، بۇخىل كېيىم بارغانسېرى تار، بارغانسېرى شالاڭلىشىپ ئۇياتلىق جايلارنىمۇ ياپالمايدىغان دەرىجىگە تەرەققىي قىلىدى. بىر تۈركۈم خانىم-قىزلىرىمىز ئارىسىدا ئالدىدىن قارىسا كىندىكى ۋە كىندىك ئەتراپى، كەينىدىن قارىسا ئارقا ئېرىقچىسى بىمالال كۆرۈنۈپ تۇرۇش ياكى بولمىسا ئاپئاق پاچاقلار تۇغما ھالەتتە نامايان بولۇش مودا بولدى. ئىشتاننىڭ ئېغى كىچىكلەپ، بېغى بوشاپ، ئۇلار بارغانسېرى بالىلىق ۋاقتىدىكى تۇرقىغا، قىلىقىغا قايتقىلى تۇردى؛ ئېغىدا دۇكان ئېچىشتىن ئۇيالمايدىغان ئەركىنلىك، كىيىملەرگە پاتماي قېلىۋاتقان « يەرلىك مەھسۇلاتى »نى كۆز-كۆز قىلىشتەك دادىللىق بارلىققا كەلدى. بۇ، بىز غەربلىكلەردىن قىزىقسىنىپ ئالغان ھارام سوۋغا ـ ئىپپەتنى ئۇنتۇپ، ئاتالمىش « زامانىۋىلاشقان » ھاياسىزلىق ئىدى!...   

[align=justify]       خوش، ئادەمنىڭ بوۋاق ۋاقتىدىكى، 2-3 ياشلىق ۋاقتىدىكى كىيىم كېيىش ئادىتى، تەقى-تۇرق شەكلى چوڭ بولغاندىمۇ يارىشارمۇ؟ ئۇچاغدا ئوماق كۆرۈنگەن نەرسە، تۇيۇلمايدىغان ئەۋرەت بالاغەتكە يەتكەندە ئۇنداق تۇيۇلمايدۇ، ئەلبەتتە. ھازىر بەزى چوڭ شەھەرلەردىكى چار يىلاندەك تولغۇشۇپ « بولاق مانتا! كۆرسەڭ كۆزۈڭگە، يېسەڭ ئۆزۈڭگە پايدا » دېگەندەك مېڭىشىۋاتقان قىز-چوكانلىرىمىزغا ھەرگىزمۇ ياراشمايدۇ. چۈنكى، شۇلارنىڭ بەزىلىرى ئانا بولۇش يېشىغا يەتكەن، بەزىلىرى نەچچە بالىغا ئانا بولۇپ بولغانلاردۇر. ئېنىقكى، ئۇلار دىيانەتلىك، ھايا-نۇمۇسلۇق ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى، ھىچ بولمىغاندا ئاتا-ئانىلىرى دىنسىز ئەمەس!... ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى شۇكى، ئاتا-ئانىلار ساپاسىز بولمىغىنى بىلەن شۇنداق ئائىلىلەردە ئەقىدە-ئىتىقاد، مىللىي ئەنئەنە، مىللىي ئەخلاق قارىشى سۇسلاشقان...

   ھەممىگە ئايانكى، ئەخلاق ـ ئىنساننىڭ ئىنسانلىق زىننىتى. ئەخلاقى ئۆلگەن جەمئىيەتنى قانۇن تولۇق ئىدارە قىلىشقا ئۈلگۈرۈپ بولالمايدۇ، ھۆكۈمەتمۇ باشقۇرۇپ بولالمايدۇ. ئەخلاقى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن قەۋمنى تەبىئەت ھالاك قىلىدۇ. ساماۋىي كىتاپلاردا بۇنداق بايانالار ئوچۇق بولۇپ، بۈگۈنكى ئىلىم-پەنمۇ بۇنى ئىنكار قىلمايدۇ. بۈگۈنكى ھالاكەت ۋە پالاكەت ـ « ئەيدىز »نى مەركەز قىلغان مەرەزلىكلەر ئەخلاقى يوقالغان ھەربىر ئائىلە، ھەربىر ئادەمگە « ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيۈش » نەزەرىيىسى بويىچە كېلىۋاتقان ئاپەتلەردۇر. شۇڭا، ئاچچىق تولغاقتىن مىڭ ئۆلۈپ، بىر تىرىلىپ بالا تۇغقان ئانىلار، تەرلەپ-تەپچىرەپ، پەپىلەپ بالا باققان ئاتىلار پەرزەنتلەرنىڭ، بولۇپمۇ قىزلارنىڭ ئىشتانلىرىنىڭ ئېغى ھەم بېغىغا ھېزىي بولمىساق بولمايدۇ. پەرزەنتلەرنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ تەربىيلەش مەجبۇرىيىتىنى بوينىغا ئالغان مەكتەپلەر، مۇئەللىملەرمۇ بۇ ئىشتا تېگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلىشلىرى كېرەك. ھەربىر ئادەم، ئاتا-ئانا، ھەربىر يۇرت بالىسىغىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزى باققان ئىت-مۆشۈكلەرگىمۇ ئېگە بولۇشى، ئۇنىڭ تەقدىرىگە، ھايات-ماماتىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ خارلىشى، يەكلىشىدىن، نامراتلىقتىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايمىز! ئىشلىرىمىز ئالغا باسمايدۇ، روناق تاپمايمىز، ياخشى تىلەكلىرىمىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ!... ئويلاپ كۆرەيلى، ئىنساننىڭ قولتۇق، چاتلىرىدا قانچىلىك گۈزەللىك بولسۇن؟ بولمىسا ياراتقۇچىمىز اللە ئۇنى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان جايغا ئەمەس، بەلكى تەبىئىي ھالدا يوشۇرۇلىدىغان جايلارغا ئورۇنلاشتۇرارمىدى؟!...

   يۇرت كاتتىلىرى، چوڭلار، بايلار، ئۆلىما-ئالىملارنىڭ، ئېسىل بىنا-داچا، ئالىي ماشىنىدا ئولتۇرۇۋاتقانلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىمۇ باشقا ئاتا-ئانىلارنىڭكىدىن كەم ئەمەستۇر. باشقىلار بىلەن كارى بولماي ئۆز نەپسىنى ئويلاش، قولىدىكى نام-ئەمەل، بايلىقنى ياشىۋېلىشنىڭ پۇرسىتى، دەسمايىسى دەپ قاراش ـ ئەخمەقلىق، نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. باشتا تىلغا ئېلىپ تەكىتلىگىنىمىزدەك، ھەرقانداق ئىشنىڭ تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. مەسىلەن، سىزدىكى بايلىقنىڭ، سىزدىكى ئەمەل-مەنسەپنىڭ، سىزدىكى يۈز-ئابروينىڭ، سىزدىكى ئىلىم-بىلىمنىڭ، سىزدىكى ھۈنەر-كەسىپنىڭ!... بىر راھەتنىڭ مىڭ پاتمان جاپاسى، ئون كوي پۇلنىڭ يۈز كويلۇق دەردى بولغاندەك، بىر لەززەتنىڭ يۈز ئازاپلىق مەسئۇلىيىتى بولماي قالامدۇ؟ شۇڭا ھەربىر ئادەم بىرخىل مەسئۇلىيەت مۇھىتىدا ياشىشى كېرەك. بۇ يەردە بىر گەپنى قىستۇرۇپ قويۇشنى ئەۋزەل بىلدىم، مەلۇم بىر مەشھۇر قىزبېدىكى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە « قىز » توشۇپ، بەش يىلدا 400 مىڭ كوي پۇل تاپقان ئىكەن، ئالتىنچى يىلى بىر ئىپلاس كېسەل بىلەن يۇقۇملۇنۇپ، كاتتا دوختۇرخانىدا 600 مىڭ كويغا داۋالىنىپ ئاران ساقىيىپ، 200 مىڭ كويغا قەرزدار بولۇپ قاپتۇ... ئېنىقكى، تەبىئىي ھالال بولمىغان ئىشتا ئىنسانغا ئارتۇقچە ياخشىلىق يوق! مۇشۇ سەۋەپتىنمۇ بەگلىك ۋە بايلىقنىڭ راھىتىدىن كۆرە ئازابى كۆپىيىپ كەتمەكتە. يالغان بايلىقنىڭ دەردى-بالاسى كۆپەيمەكتە. بەگ-بايلارنىڭ بايلىقىدىن قەرزى كۆپ، ئۆتىدىغان سۆزىدىن ئۆتمەيدىغان گېپى جىق بولماقتا!...

   خوش، گېپىمىزگە قايتساق، بەزى قىز-چوكانلارنىڭ ئىشتىنىنىڭ ئېغى قالمىغاندە، بەزىلەرنىڭ ئاغزىنىڭ بېغى قالماسلىق يەنە بىر ئەگەشمە ھاياسىزلىق بولىۋاتىدۇ. كوچىدا ماڭسا قېرى ئىتنىڭ كونا سۆڭەككە كۈچى يەتمەي سۆڭەكنى كاراسلاتقاندەك ئاغزىدىن پاقىنىڭ گېلىدىكى شاردەك كۆپۈك چىقىرىپ سېغىز چايناپ مېڭىشلار؛ يولدا، ئاممىۋى سورۇنلاردا، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا توختىماي ماك چايناشلار... قېلىپىدىن چىققان ھاياسىزلىق، باشقىلارغا ھاقارەت قىلىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئەيمەنمەي ئەرلەر بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش بەزىبىر بۇزۇق ئاياللارنىڭ نورمال ئادىتىگە ئايلىنىپ قالدى. ئاپتوبۇسلاردا، ئادەم كۆپ يەرلەردە يەل مىلتىق ئاتقاندەك چاڭىلداپ سۆزلىشىۋاتقانلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ: « ... ئاخشامقى سورۇندا ھېلىقى مەتۇلارغا پۇلنى تازا جىق خەجلەتتۇق دېگىنا ئاداش! قىممەت سەيلەرنى دىڭلا قىلىپ، ياڭجۇ بىلەن داخې، دا چىش قىلدۇق... ئاندىن... كېچىچە تۈزۈك ئۇيقا يوق... ھازىر تاۋيەندەخېڭ، چىشلىۋالغان ئوخشايدۇ...»  

   لەنەت!!!... مۇشۇنداق گەپلەر ئەسلىدە بىزنىڭ خوتۇن-بالىلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن چىقىشقا تېگىشلىك گەپلەرمىدى جامائەت؟! قىزبالا دېگەننىڭ سۆزى ھايالىق، مۇلايىم، سىلىق، يېقىشلىق، لەززەتلىك بولمامتى؟ يوشۇرۇشقا تېگىشلىك جايلار لايىقىدا يوشۇرۇلسا تېخىمۇ جەلپكار كۆرۈنمەمتى؟...  

   بىر قىسىم خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق ئېزىپ كېتىشىدە، توغرا يولدىن تېيىپ كېتىشىدە ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ، ھەربىر ئەركەك تۈكى بار يىگىتنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتى بولىشى كېرەك!...
   « ھاياسىز ئەلدە بەرىكەت بولماس » دەيدۇ كونىلار، ئۇنىڭغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك!...

مەنبە: جۇڭگو مىللەتلىرى


زىمىن ئۇلۇغ،زىمىن مۇقەددەس. ئۇنىڭ بولغاچقا سەن،مەن زەبەردەست

ئادەم قىممەت ئەم

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5041
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6939
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 5477 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 12:33:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە رەھمەت . ئويلىنىپ بىقىشقا تىگىشلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز . بىراق مۇشۇنداق تىمىلارغا ئىنكاسلار بەك ئاز چۈشىدۇ . ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يىرىم قىلىپ .پەقەتلا چۈشەنمىدىم .

ئاللاھتىن ھەممى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23302
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8878
تۆھپە نۇمۇرى: 230
توردا: 1280 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2012-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 12:33:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:ئۇيغۇرلاردىكى شەرمىي-ھايا ئىسراپچىلىقى(

ئۇف ....مۇشۇ ئەختەمكامنىڭ ماقالىلىرنى ئوقۇسا ھاردۇق چىقدۇ جۇما ،ئۇيغۇرلاردىن چىقان لۇشۇن دە

ئادەمنىڭ روھى چۇشسە ئۇنىڭ ئېتىمۇ چاپالمايدۇ......چىڭگزخان

bir lukqakman ,sining koqangda

تىرىشچان ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 848
يازما سانى: 481
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16553
تۆھپە نۇمۇرى: 498
توردا: 5771 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 01:38:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  ilovemypeople كە 2011-01-05 12:37 AMئەۋەتىلدى  :
بۇ ئورۇن بىكار
مۇنبەرنى سەتلەشتۇرمەڭ...
شۇنداق ياخشى بىر تىمىغا ئاز -تولا بولسىمۇ ھورمەت قىلىپ قۇيۇڭ...
ئىنكاسلىرىڭىزنى كوردۇم،قىزىقچىلىق قىلىپ شۇنداق قىلىۋاتامسىز بىلمىدىم ،لېكىن چەكتىن ئېشىپ كەتمىسۇن.

چ چ :876974497 سىلەرنى بەك سېغىندىم قېرىنداشلىرىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20980
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3088
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2010-12-6
ئاخىرقى: 2011-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 10:26:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  rihat كە 2011-01-05 12:33 AMئەۋەتىلدى  :
تىما ئىگىسىگە رەھمەت . ئويلىنىپ بىقىشقا تىگىشلىك تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز . بىراق مۇشۇنداق تىمىلارغا ئىنكاسلار بەك ئاز چۈشىدۇ . ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يىرىم قىلىپ .پەقەتلا چۈشەنمىدىم .
ھەي ئاداشەي.. ئا باش رەسمىڭلىنى ئالماشتۇرۇۋېتىڭلار  ئادەمنىڭ  كۆزىگە بەك سىغمايدىكەن.. نەدىن تېپىۋالغانسىلەر ھەزىلەكلەرنىڭ رەسىمىنى....باشقا رەسىم چىقمىغاندەك..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5150
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5332
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2011-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 10:59:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەختەم ئۆمەر  ماقالىرى ھەقىقەتەن ئادەمنى ئويغا سالىدۇ.بىزنىڭ پەخىرلىك كىشىلىرمىز.

كەڭ قۇرساق بولاي

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 2586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17417
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 5801 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 11:05:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاياللارغا ھەممەيلەن كۆڭۈل بۆلەيلى!يىگىتلىرىمىز ئۆزى بىلەن تەڭلا ئوڭشىۋەتمىسۇنمۇ ئاشۇنداق بەزى قىزلىرىمىزنى........
ئەختەم ئۈمەرگە رەھمەت......

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  ئاتا  قىل  ،  لىكىن  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8604
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5143
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2012-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 11:13:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەرھەقىقەت.ئۇيغۇر دېسە،تىزلا كۆز ئالدىمىزغا كېلىشكە تېگىشلىك سۈپەتلىرىنىڭ مۇھىملىرىدىن بىرسى <شەرمي-ھايالىق>دېگەن سۈپىتىدىدۇر.شەرمي-ھايادىن ئايرىلىپ قالغانلارنى ساپ ئۇيغۇر دېيىش تەس.

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1692
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8151
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 9277 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 11:20:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىمائىكەنتىمائىگىسىگە كۇپرەھمەت

ئۇدۇن ئو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 11:31:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18793
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3117
تۆھپە نۇمۇرى: 211
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2011-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 11:44:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  بۇنداق تىمىلارغا بەك قىز قىمەن ؟ چۇنكى بۇ بىر مىللەتكە بىرىپ تاقىشىدۇ ؟
بۇ بىىر مىللەتنىڭ ئەخلاقى ئىناۋىتىگە بىرىپ تاقىشىدۇ ئەمەسمۇ ؟؟؟؟؟؟ ؟؟
   ئاللاھ   قىزلىرىمىزغا ئىنساپ ھىدايەت ئاتاقىلسۇن

ئاللاھ خالىسا&

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3117
يازما سانى: 1503
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4676
تۆھپە نۇمۇرى: 1144
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 11:49:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگسىگە رەخمەت . ھەممە ئىشىنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى ئاندىن ئائىلىدىن ئۇنىڭدىن قالسا ئۇرۇق -تۇغقان دۇسىت يارەنلەردىن مۇشۇنداق قىلغاندا بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمىئىيتى بۇنداق ناپاك نۇمۇسىز ئىشلاردىن يىراقلاشقىلى بولىدۇ .

ۋەتەنسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار !

سىنى مەڭگگۈ كۈتى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17035
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4352
تۆھپە نۇمۇرى: 252
توردا: 1636 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2011-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 11:50:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق بىز ئۇيغۇر  مىللىتى بولغاندىكىن ئۇيغۇر دەك ياشىشىمىز كېرەكـتە ،رەخمەت سىزگە

سىنى سۆيۈشكە بەرداشلىق بىرەلىگەن يۈرۈگۈم .سىنى ئۇنتۇشقىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19853
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6761
تۆھپە نۇمۇرى: 632
توردا: 3235 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2012-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 12:55:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇزۇقچىلىق ئەۋج ئالغان ئەلدە ، شەرم-ھايا گۇناھ بوپقالىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24782
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3428
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 1175 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2011-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-5 01:07:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى تېماكەن      ھازىرقى قىسمەن قزلىرمز راسلا بەك ياۋروپالشىپ كەتىتى  ...ھەمىمز ئۆزمزدىن باشلايلى ئاللاھ ئېنساپ بەرسۇن!

قەدرلەيمەن قەدرمنى بىلسەڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش