دۆلەت نامى: ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى
مۇھىم بايراملىرى: مۇستەقىللىق كۈنى: 8-ئاينىڭ 30-كۈنى (1991-يىلى)
دۆلەت رەھبەرلىرى: زۇڭتۇڭ ئىلھام ئەلىيېف، 2003-يىلى 10-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان، 2008-يىلى 10-ئايدا قايتا سايلانغان.
تەبىئىي جۇغراپىيەسى: ئاسىيا قىتئەسى بىلەن ياۋروپا قىتئەسى چېگرىلىنىدىغان جايدىكى تاشقى كاۋكازنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان، كۆلىمى 86 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر. شەرقىدە كاسپى دېڭىزى بار، جەنۇبتا ئىران ۋە تۈركىيە بىلەن، شىمالدا رۇسىيە بىلەن، غەربتە گىرۇزىيە ۋە ئەرمىنىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئوتتۇرا ئاراس ئويمانلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەرمىنىيە بىلەن ئىراننىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ قالغان ناخىچېۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ۋە ناگورنو قاراباخ ئاپتونوم ئوبلاستى تاشقى زېمىنلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەزەربەيجاننىڭ %50تىن كۆپ زېمىنى تاغلىق بولۇپ، شىمالىدا چوڭ كاۋكاز تاغ تىزمىلىرى، جەنۇبىدا كىچىك كاۋكاز تاغ تىزمىلىرى بار. ئاساسىي دەريا ئېقىنلىرىدىن كۇرا دەرياسى ۋە ئاراس دەرياسى بار. كىلىماتى كۆپ ئۆزگىرىشچان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.
پايتەختى باكۇ مەملىكەتنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى، شۇنداقلا كاسپى دېڭىزىدىكى ئەڭ چوڭ پورت. بۇ شەھەر ئاپشېرۇن ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، نېفىت سانائەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ، «نېفىت شەھىرى» دېگەن نامى بار. 10 مەمۇرىي رايون ۋە 46 شەھەر-بازاردىن تەركىب تاپقان، يەر كۆلىمى 2200 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 1 مىليون 828 مىڭ 800. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 4 سېلسىيە گىرادۇس، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 27.3 سېلسىيە گىرادۇس.
نوپۇسى: 8 مىليون 246 مىڭ (2003-يىل 10-ئايدىكى ئىستاتىستىكا). ئاساسلىق مىللەتلەردىن ئەزەربەيجانلار(%77.3نى ئىگىلەيدۇ)، ئەرمەنلەر(%5.6نى ئىگىلەيدۇ) ۋە رۇسلار(%5.2نى ئىگىلەيدۇ) بار. ئاھالىلەر، ئاساسلىقى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ھۆكۈمەت تىلى ئەزەربەيجان تىلى(ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ جەنۇبىي تۈركىي تىللار تارمىقىغا تەۋە)، رۇس تىلى ئورتاق قوللىنىلىدۇ.
مىلادى 3-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە پېرسىيە، ئەرەب خەلىپىلىكى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان. 9-ئەسىردىن 16-ئەسىرگىچە شىرۋان فېئودال دۆلىتى قۇرۇلغان. 11-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە ئەزەربەيجان مىللىتى شەكىللەنگەن. 11-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە سالجۇقىيلار، تاتارلار، تېمۈرىيلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. 16-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە ئىران سەفەۋىيلەر سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1813-يىلى ۋە 1928-يىلى ئەزەربەيجاننىڭ شىمالىي قىسمى رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان. 1917-يىلى 11-ئايدا سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان. 1918-يىلى يازدا ئەنگلىيە ۋە تۈركىيەنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسىگە ئۇچرىغان، كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ياردىمىدە سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1920-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەزەربەيجان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان، 1922-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى تاشقى كاۋكاز سوۋېت فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇلغان، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 30- كۈنى مۇشۇ فېدېراتسىيەنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا كىرگەن. 1936-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت بولغان. 1991-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى دۆلەت نامىنى ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن. شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان، ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.
مەنبە؛خەلق گېزىتى تورى
http://uyghur.people.com.cn/165019/15141188.html