قاپىيە دىگەن نېمە؟ ئۇ شېئىرى ئەسەرلەردە قانداق رول ئوينايدۇ.
جاۋاپ: شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئاخىرقى سۆز ياكى بوغۇملارنىڭ ئاھاڭداش بولۇپ كېلىشى- قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ خەلقئارا ئاتالغۇدا «رىفما» دېيىلىدۇ.
مەسىلەن:
بۇلاق دىسەم شەھلا كۆزۈڭنى،
بۇلاقتىنمۇ سۈزەك ۋە تېنىق.
قۇياش دىسەم نۇرلۇق يۈزۈڭنى،
ئاي كۈندەشلىك قىلىشى ئېنىق.
بۇ مىسالدىكى كۆزۈڭنى بىلەن يۈزۈڭنى دېگەن سۆز، تېنىق بىلەن ئېنىق دىگەن سۆز ئۆز-ئارا قاپىيلىشىپ كەلگەن.
قاپىيە شېئىر مىسرالىرىدا مەزمۇن ئېتىۋارى بىلەن بەلگىلىك ئورۇننى ئىگەللىگگن تەڭداش ئاھاڭلىق سۆز ياكى بوغۇملارنىڭ تۈگەللىمىسى بولۇپ، كۆپىنچە شېئىر مىسرالىرىنىڭ ئاخىرىدا كېلىدۇ. بەزىدە قاپىيە شېئىر مىسرالىرىنىڭ باش قىسمىدا كېلىشىمۇ مۇمكىن.
مەسىلەن:
ئاق شايىغا گۈل چىكىپ،
ئەتلەس قىلغان خوتەن بۇ.
گىلەم توقۇپ جاھاندا،
بەس-بەس قىلغان خوتەن بۇ.
بۇ قوشاقتىكى 2- ۋە 4- مىسرالارنىڭ باش قىسمىدا كەلگەن، ئەتلەس بىلەن بەس-بەس دىگەن سۆزلەر قاپىيداشتۇر.
قاپىيە شېئىرى ئەسەرلەرنىڭ گەۋدىلىك خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، شېئىردا چوڭ رول ئوينايدۇ. ئۇ شېئىرى نۇقتىنى تەسىرلىك ۋە ئاھاڭدارلىققا ئىگە قىلىدۇ. كۈيلەشكە، دېكىلماتسىيە قىلىشقا ئاسانلىق تۇغدۇرىدۇ. قاپىيداش سۆزلەرنى ئەستە تۇتۇش ئوڭاي بولغانلىقتىن، خەلق قىسقا، ھېكمەتلىك سۆزلەرنى قاپىيىلىك قىلىپ تۈزىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ خەلق ماقال-تەمسىللىرىدە شېئىرى تۈس ئىنتايىن قۇيۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى قاپىيىگە ئىگە.
مەسىلەن:
«ئىشلىگەننىڭ يۈزى يورۇق، ئىشلىمىگەننىڭ يۈزى چورۇق»
«يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس»
«ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا رەڭگى رويىڭ سامان بولماس» دېگەنلەرگە ئوخشاش.
قاپىيە قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ؟ ئۇلار قايسىلەر؟
جاۋاپ: شېئىرى قاپىيەلەر كۆپىنچە بوغۇملار تەركىۋىدىكى سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى بويىچە توق قاپىيە ۋە ئاچ قاپىيە دىگەن ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئاھاڭداشلىقى تولۇق بولغان سۆز ياكى بوغۇملارنىڭ قاپىيلىنىشى توق قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ.
قەلىمىمنى ئەل كۆڭلىگە ياققۇدەك،
كۈيگە تەڭشەپ غايە تامان چاپقۇزاي.
كونا ئادەت كەتتى دەۋران باشقىچە،
دەۋرانغا ماس يېڭى غۇنچە ئاچقۇزاي. (ر. سايىت)
بۇ مىسالدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تىلدا تەلەپپۇز قىلىش ئورنى ۋە ئۇسۇلى ئوخشاش بولغان تاۋۇشلاردىن تۈزۈلگەن قاپىيە توق قاپىيە بولىدۇ. «چاچقۇزاي» «ئاچقۇزاي» سۆزلىرى ئۈچ بوغۇمدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر قايسى بوغۇملىرىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تەركىۋى ئوخشاش بولغانلىقتىن تاشقىرى «چاچ» «ئاچ» دېگەن تۈپ سۆزلەرمۇ قاپىيداشتۇر.
ئاھاڭداشلىقى تولۇق بولمىغان سۆز ياكى بوغۇملارنىڭ قاپىيلىنىش، ئاچ قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ. يەنى تەركىۋىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ئوخشاش بولمىسا ياكى تۈركۈمداش «جۈپلۈك» تاۋۇش بولمىسا، ئۇ ئاچ قاپىيىدۇر.
مەسىلەن:
ئىشلەيدۇ ئېتىزدا خۇشال دېھقانلار،
يايلاقتا ئوتلايدۇ شوخ-تېمەن ماللار.
بۇ مىسالدىكى «دېھقانلار» بىلەن «ماللار» سۆزىنىڭ ئاچ قاپىيە بولۇشىدىكى سەۋەپ، سوزۇق تاۋۇشلار ئوخشاش بولمىغانلىقتىن باشقا، تۈپ سۆزلەر «دېھقان» «مال» لارمۇ قاپىيداش بولمىغانلىقتىدۇر.
يۇقۇرىدىكى ئىككى خىل قاپىيە ئاساسىدا مىسرالارنىڭ ئاھاڭدارلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە پىكىرلەرنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، قوش قاپىيە «رادىف» ۋە ئىچكى قاپىيىدىن ئۇدا «ئىزچىل» قاپىيە ۋە ئۆزگىرىشچان قاپىيىدىن پايدىلىنىدۇ. `
ئەي يۈرەك سۆيگەن دىيارىم، سەن ماڭا جاندىن ئەزىز،
قان تومۇرىدا شوخلىنىپ، ئاققان قىزىل قاندىن ئەزىز. (م زۇنۇن) ]
يۇقارقى بېيىتتا، «جاندىن»، «قاندىن» دېگەن قاپىيىدىن كېيىن كەلگەن «ئەزىز» سۆزى رادىفتۇر. شۇڭا ئۇنى قاپىيىدىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك.
ئادەتتە مىسرالىرى ئۇزۇنراق شېئىرلاردا ھەر بىر تۇراقنى تەشكىل قىلغۇچى سۆزلەرنىڭ ئاھاڭداش بولۇپ كېلىشى- ئىچكى قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل قاپىيە، كىلاسسىك شېئىرىيىتىمىزدە كۆپرەك ئۇچرايدۇ.
مەسىلەن:
دىل رابالىغ، مېھرىبانلىغ، خۇش زەبانلىغ لەرمىدۇر،
دىلنەۋازلىغ، قەدىردانلىغ، بەد گۇمانلىق لەرمىدۇر. (گۇھنام)
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىدىمۇ ئىچكى قاپىيە بىلەن يېزىلغان شېئىرلارنى ئۇچرىتىمىز.
مەسىلەن:
ماڭماقتا ئەجدات ئىزىدىن باشلاپ سەپەرنى نەۋرىلەر،
قوللارنى قولغا چىڭ تۇتۇپ، ئاتلاپ قەمەرنى نەۋرىلەر.
يۇلغۇن چېچەكلەپ، تورغاي مۇقاملار باشلىدى،
كۆردى بۇ يەڭلىغ ئۆزگىرىش، شاشلاپ سەھەرنى نەۋرىلەر.
ئىچكى قاپىيە شېئىرنىڭ ئاھاڭدارلىقىنى كۈچەيتىدۇ. بۇنى قوللانغاندا قاپىيە قوغلىشىپ ئاساسى پىكىردىن چەتنەپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
شېئىر كۇبلىتلىرىدىكى قاپىيلىنىش قاپىيلىنىش تەرتىۋىنىڭ ئۇدا ئوخشاش شەكىلدە بولۇشى ئۇدا «ئىزچىل» قاپىيە دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل قاپىيە شەكلى شېئىردىكى مىسرالار سانىنىڭ قانچە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، تۇنجى كۇپلىت بىر خىل قاپىيەدە كەلگەن بولسا، كېيىنكى كۇپلىتلارنىڭ ئاخىرقى مىسرالىرى تۇنجى كۇپلىت بىلەن ئوخشاش تەرتىپتە قاپىيە ھاسىل قىلىدۇ.
مەسىلەن:
بىرىنچى كۇپلىت ئا ئا ئا ئا بولسا، ئىككىنچى كۇپلىت ب ب ب ئا بولۇپ قاپىيلىنىدۇ. "
لېكىن بىر قەدەر ئۇزۇنراق شېئىرلاردا باشتىن ئاخىرى بۇنداق ئۇدا قاپىيە شەكلىدىن پايدىلىنىش قىيىن. ئۇ ھالدا شېئىرنىڭ ۋەزنىگە مۇناسىپ رەۋىشتە، بېيىت ياكى كۇپلىتلاردا يۆتكىلىپ تۇرىدىغان ئۆزگىرىشچان قاپىيەنى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
مەسىلەن:
بىرىنچى كۇپلىت ئا ئا ب ئا بولسا، ئىككىنچى كۇپلىت ب ب س ب بولۇپ داۋاملىشىدۇ. ئۈچىنچى كۇپلىت س س س س بولۇپ شېئىر ئاخىرلاشقىچە قاپىيە ئۆزگىرىشچان بولۇش قاتارلىقلار.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، جورا قاپىيە، يانداش قاپىيە، ئالماش قاپىيە، ئەركەن قاپىيە، كەنجى قاپىيە، شەكىلداش قاپىيە قاتارلىق قاپىيە شەكىللىرى بار.
بازغاندەك بارماقلىرىمدا بىرمۇ-بىر ئۇرۇپ چىقىشقا ئېرىنمىگەندىكىن، سىلەرمۇ ھورۇنلۇق قىلماي ياخشى پايدىلىنىڭلار ھە... ھا ھا ھا ھا
مەنبە..يىغىپ توپلىغانلىرىم..