مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 899|ئىنكاس: 7

قوچقار سوقۇشتۇرۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن پەقەت ئاپئاق

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12338
يازما سانى: 814
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10175
تۆھپە نۇمۇرى: 413
توردا: 601 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2014-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 01:20:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


قوچقار سوقۇشتۇرۇش – ئۇيغۇر خەلق ئاممىسى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، ئەنئەنىۋى ئۇيۇن، دائىم دىگۈدەك خوشاللىق كۈنلىرىدە، يىغىلىش سورۇنلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
   «تۈركى تىللار دىۋانى» دا قوچقار سوقۇشتۇرۇش «زاق-زاق، جاق-جاق ھەممىسىلا قوچقارلارنى ئۈسۈشۈشكە ئۈندىگەندە ئېيتىلىدىغان ئىملىق سۆزلەر»، «ئۇنىڭ قوچقارنى بېقىپ كۆندۈرىشى، ئۈسۈشۈشكە سېلىشتۇر» دەپ خاتىرىلەنگەن. مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قوچقار سوقۇشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. قوچقار سوقۇشتۇرۇشقا ئامىراق كىشى ئادەتتە كۆرۈنۈشى ھەيۋەت، كۈچلۈك، مۈڭگۈزلۈك، سوقۇشۇشقا ماھىر قوچقارنى زېھنى بىلەن بېقىپ، كۆندۈرىدۇ. قوچقار سوقۇشتۇرغاندا باشقۇرغۇچى ئىككى قوچقارنى سورۇنغا ئەكىرىپ ھەم ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان ھەرىكەتلەنى قىلىپ، بىر قېتىملىق قوچقارلارنىڭ سوقۇشۇشىنى باشلايدۇ، ئۇلار بىر-بىرىگە ئېتىلىپ كىلىپ ئۆسۈشىدۇ. ھەر قېتىم ئۆسۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ھەر ئىككى قوچقار يەنە ئارقىغا بىر نەچچە مېتىر شوخشۇپ يەنە ئالدىغا يۈگۈرۈپ كىلىپ شىددەت بىلەن ئۈسۈشىدۇ. بۇ خىل ئۈسۈشۈش بىر قانچە قېتىم بولغاندىن كېيىن، بۇنىڭ ئىچىدە بىرسى بەرداشلىق بېرەلمەي ئارقىغا شوخشۇيدۇ ياكى ئالغا ئېتىلمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەڭگەن-يېڭىلگەن ئايرىلىدۇ. قوچقارلاردا بىر غەلىتە ئادەت بولۇپ، سوقۇشۇۋاتقان قوچقارلارنىڭ ئارىدا بىرسى شوخشۇپ ئارقىغا يانسىلا، يەڭگەن قوچقارمۇ ھەرگىز قوغلىمايدۇ. شۈكلەپ قالىدۇ. قايتا سوقۇشمايدۇ. ئادەتتە ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ مەيدان يەڭسىلا، مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ. بەزىدە مۇسابىقىدە شاللىۋىتىش ئۇسۇلى بويىچە ئىككى قوچقار تاللىنىپ، سوقۇشۇشقا سېلىنىپ، يەڭگەن تەرەپ مۇكاپاتلىنىدۇ. قوچقار سوقۇشتۇرۇش پائالىيىتى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا كۆپرەك ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ چوڭ-كىچىك، ياش-قېرى ھەممىسىنىڭلا بۇ ئۇيۇنغا ھەۋىسى بار.




مەنبەسى___________  دوستلۇق تورى.
http://www.dostluk.cn/showart_madaniyat.asp?art_id=476

دوستلۇقتىن تاپىدۇ قۇدرەت يەر _جاھان، دوستلۇقتىن نىجاتلىق تاپىدۇ ئىنسان، دوستلۇقتىن لاۋۇلدار يۈرەكتە گۈلخان، شۇڭلاشقا دوستلۇققا سادىقمەن ھامان.

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 09:46:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۇرلىرىمىز نىمىدىگەن قالتىس.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4262
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 10:06:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىراق قوچقارلار ئۆز ئارا  سوقۇشقاندا يۈرىكىم بىر قىسىملا بۇلۇپ قالىدۇ، ئەگەر سىزنىمۇ مۇشۇنداق سوقاشقا سېلىپ قويسا بېشىڭىز قانچىلىك ئاغىرىپ كېتەر بولغۇيتى.

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .
تەكلىما بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 11:15:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۇچقۇر بورە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16451
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23913
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 1265 سائەت
تىزىم: 2010-11-5
ئاخىرقى: 2011-10-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 11:43:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ شۇندا دەپ قارايمەن .

لەختە قاندىن ئىنسان ياراتقان، كۆك ئاسماندىن يۇلتۇز تاراتقان. ھەق سۆزىنى بىزگە ئاڭلاتقان، رەخمان سۈپەت ئىگەم بۈيۈكتۇر. بىزگە چەكسىز رەھىم ئەيلىگەن، تەۋبە قىلساق بىزنى كەچۈرگەن. قەلىپلەرنىڭ سىرىنى بىلگەن، مەڭگۈ ھايات ئاللا بۈيۈكتۇر چ چ :841970301          

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25116
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7391
تۆھپە نۇمۇرى: 447
توردا: 1535 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 11:46:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمىغۇ قوچقار سوقاشتۇرۇش، ئىت بۇغۇشتۇرۇش، خوراز سوقاشتۇرۇشنى ئانچە ياخشى كۆرمەيمەن. بەزىلەردىن ئاڭلىشىمچە بۇنداق قىلىش گۇناھ ئىش مىش.

ئەرتىسى ئەزىز، ئالىمى خار مىللەت - قۇل مىللەتتۇر!

ياشاۋاتىمەن ئىش

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25040
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8555
تۆھپە نۇمۇرى: 215
توردا: 459 سائەت
تىزىم: 2011-1-4
ئاخىرقى: 2012-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 03:02:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزلەر ئۆزىمىزنىڭ سوقۇشۇپ ئۈسسۈشۈپ پېتىشماي يۈرگىنىمىز يەتمەي ھايۋانلارنىمۇ جىدەلگە سېلىپ تاماشا كۆرىمىزكەن.... ئايلىناي [s:135]

نىمىمۇ دەيتىم ئەمدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5290
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7886
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2028 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 03:18:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايۋانلارنى  جېدەلگە  سېلىش  دىنىمىزدىمۇ  گۇناھ  دەپ  قارىلىدۇ . ھەم  ئىنسانىيەت  مەدەنيىتى  جەھەتتىن  ئېيىتساقمۇ  ،  نادانلىق ، رەھىمسىزلىكنىڭ ئىپادىسى.
  بىلىمگە  مۇشۇ  ئويۇن  تاماششاغا  بېرىلگەندەك  ئەھمىيەت  بەرگەن  بولساق...

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش