مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1087|ئىنكاس: 9

ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4119
يازما سانى: 491
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 38897
تۆھپە نۇمۇرى: 711
توردا: 6457 سائەت
تىزىم: 2010-7-16
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 11:43:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى تۈركلەردۇر








ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى تۈركلەردۇر. ئىنسانىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدىن تارتىپلا دەۋرنىڭ ئەڭ كاتتا دۆلەتلىرىنى قۇرۇش بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ كەلگەن تۈرك خەلقى، دۆلەت قۇرۇش ئىقتىدارىغا ئوخشاشلا ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈك ۋە مەدەنىي ئاڭ ـ سەۋىيە جەھەتتىمۇ باشقا مىللەتلەردىن ھېچ قاچان ئارقىدا قېلىپ باققان ئەمەس، بولۇپمۇ تۈركلەر ھەربىي جەھەتتىكى قەھرىمانلىقلىرى بىلەن دۇنيا تارىخىغا ئۆچمەس داستانلارنى مىراس قالدۇرغان. بۇ بارلىق ئالاھىدىلىكلىرىدىن باشقا يەنە، مەدەنىيەت، سەنئەت، ئىلىم ـ پەندە قىممەتلىك زاتلارنى، سىياسەتتە نۇرغۇن كاتتا دۆلەت ئەرباپلىرىنى، ھەربىي ئىشلاردا مەشھۇر قوماندانلارنى يېتىشتۇرۇپ چىققان بولۇپ، تۈرك مەدەنىيىتى تارىخى، دەل شۇ خىل ئۆرنەكلەر بىلەن تولۇپ تاشقاندۇر.



قەدىمقى دەۋرلەردە بىز تۈركىي مىللەتلەر تەرىپىدىن يېتىشتۇرۇلگەن شائىر، يازغۇچىلارنىڭ تەرجىمېھاللىرى ۋە قالدۇرغان ئەسەرلىرى، قوليازمىلاردا ياكى نەشىر قىلىنغان دىۋانلاردا، ئىنسېكلوپىدىيەلەردە ۋە تاللانما ئەسەرلەر تىزىملىكىدە ئەنگە ئېلىنغان بولۇپ، بۇ سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ تەرجىمېھاللىرى ۋە قالدۇرغان ئەسەرلىرى قانچىلىغان توملارنى تەشكىل قىلىدۇ. ھەربىي قوماندانلىرىمىز ياراتقان ئېپوسلارمۇ جەڭنامىلەردە، شاھنامىلەردە ۋە تارىخ كىتابلىرىدا نۇرغۇنلىغان بەتلەرنى تولدۇرىدۇ. سەنئەتتىكى يەنە نۇرغۇن ئاجايىپ تالانتلىق ئۇستازلىرىمىز بىلەن ئىلىم ـ پەن ساھەسىدىكى ئالىملىرىمىزنىڭ تەرجىمېھاللىرىنىڭمۇ تارقاق شەكىلدە تارىخىي ئەسەرلەردە ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. بىراق نېمە ئۈچۈنكىنتاڭ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ قەدىمقى دەۋلەردىن تا بۈگۈنگە قەدەر يېتىشتۇرۇپ چىققان سان ـ ساناقسىز كاتتا زاتلىرىنىڭ تەرجىمېھاللىرى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىنىپ، توپلاپ چىقىلغىنى يوق. ھەتتا تۇرغۇنلىرىنىڭ تەجىمېھاللىرى باشقا خەلقنىڭ تارىخىغا يېزىۋېلىنغان. بۇلاردىن يەنە بىر قىسمىنى بولسا، ئىرانلىقلار بىلەن ئەرەبلەر ئۆزىگە تەۋە قىلىۋالغان. يەنە تېخى خېلى نۇرغۇن ئالىملىرىمىز تۈرك ئىرقىدىن كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىگە دائىر قايىل قىلارلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغىنى يوق. شۇڭا مانا ئەمدىكى چاغدا ئاتاقلىق تۈرك پەيلاسوپى فارابىي، ئىبىن سىنا، ۋە مەۋلانا جالىلىدىن رۇمى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئالىملىرىمىزنى ئەرەبلەر بىلەن ئىرانلىقلار تالىشىپ يۈرمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبى پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆز ئەسەرلىرىنى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق تىلىغا ئايلانغان ئەرەبچە ۋە پارىسچە تىلى بىلەن يازغانلىقىدىنلا ئىبارەتتۇر.



بۇ تۈرك بۇزرىكۋارلىرىمىز قەدىم ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەردە شەرقتە يېتىشىپ ئالەمشۇمۇل شۆھرەت ياراتقان ئىدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ كىملىكىنىڭ ئىسلام مەدەنىيەت تارىخى ئىچىدە ئېرىپ يوق بولۇپ كېتىشى ھەقىقەتەن بىزنى ئەپسۇسلاندۈرماي قالمايدۇ. شۇڭا مىللىي ئاڭنىڭ ئويغۇنىشى بىلەن قۇرۇپ چىقىلغان يېڭى تۈركىيەدە بولسا، شۇلارغا ئوخشىغان تېخىمۇ كۆپ كاتتا زاتلىرىمىزنىڭ ھاياتىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلىنىشى لازىم. دەل مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئىسلام مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان تۈرك ئالىملىرىمىزنى تونۇشتۇرماقچىمىز.



ئىنسانىيەت تارىخىي قەدىمقى يۇنانلىقلارنى سۇقرات، ئەفلاتون، ئارىستو ۋە بالە قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇيدۇ. يېقىنقى دەۋرنىڭ يېڭى ياۋروپاسىمۇ كاتتا ئالىملىرى بىلەن ئىپتىخارلىنىدۇ. ئۇلارنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق مەدەنىيەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ. مەسىلەن ئىنگىلىزلەر شىكىسپىر بىلەن گېرمانلار، كانت، فىختە ۋە گوتە بىلەن، فىرانسىيەلىكلەر، پاسكال ۋە دېكارت بىلەن پەخىرلىنىدۇ. تۈركىي مىللەتلەردىمۇ تارىخنىڭ دەسلەپكى دەۋرەلىرىدىن تارتىپلا قاراڭغۇ دەۋرلەرگە چىراق ياققان، ھەر بىرى جاھانغا بەدەل بولالايدىغان سان ـ ساناقسىز ئالىملار ۋە نۇرغۇن كاتتا زاتلار يېتىشىپ چىققان ئىدى.

مەسىلەن، بىر فارابىي ۋە بىر ئىبىن سىنانىلا پۈتۈن جاھانغا بەدەل بولالايدىغان ئالىمىمىز دېيىشكە بولىدۇ. مەۋلانا جالالىدىن رۇمى تەسەۋۋۇپتا گويا بىر دېڭىز، ئەھمەد يەسىۋى تەڭداشسىز بىر زات ئىدى. مېمار خەيرىددىن، كوجا سىنان، مەھمەت ئاغا قاتارلىقلار بولسا، دۇنيا بىناكارلىق سەنئىتى تارىخىدا مىسالىنى تاپىلى بولمايدىغان شەخسلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەدەبىياتىمىزدا بولسا، فۇزۇلى، باقى، يۈسۈف خاس ھاجىپ، مەھمۇت كاشغەرىي، ئۇلۇغبېك، ئەلىي قۇشچۇ، ھازەرفان ئەھمەد چەلىبى، ئەۋلىيا جەلىبىي، كاتىپ جەلىبىي، پىرى رەئىس ۋە نائىما قاتارلىق ئالەمشۇمۇل زاتلىرىمىز ئۇلۇغۋار تۆھپىلىرى بىلەن تارىخقا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان بۇزرىكۋارلىرىمىزدۇر. ئوسمان غازى، فاتىھ مەھمەت، ياۋۇز سۇلتان سەلىم ۋە قانۇنىي سولتان سۇلايمانىي قاتارلىق ئىمپېراتور، دۆلەت ئەربابىي ئۇلۇغ پادىشاھلار، مىسالى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ئۇزۇن زامانلارغىچە ئىمپېراتورلۇقلىرىنى داۋام قىلدۇرالىغان ئىدى. يېقىنقى دەۋردە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە 20 ـ ئەسىرنىڭ ئەڭ كاتتا داھىسى دېسەكمۇ بولىدىغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك... مانا بۇلارنى ساناپ تۈگىەتكىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى تۈرك خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئەخلاقىغا نىسبەتەن بىردىن ئۆلمەس ئابىدە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇلۇغ ئەجداتلارنى تونۇغان يېڭى ئەۋلادلار بولسا، ئۇلار ئارقىلىق تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە تېخىمۇ يۈكسىلىش تۇيغۇسىنى ئۆز ۋۇجۇدىدا ھېس قىلىپ يېتىدۇ.


مانا ھازىر سانسىزلىغان ياشلىرىمىز بۇ چۈشەنچىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانماقتا شۇنداقلا يېڭى كەشپىيات ۋە ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئىلىم ـ پەن، ئەدەبىيات ـ سەنئەت، مۇزىكا ۋە تەنتەربىيە ساھلىرى بويىچە پەقۇلئاددە ئىقتىدارلىرىنى نامايان قىلىپ، خەلقئارادا تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە.



بىز مانا بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا، تۈرك خەلقىنىڭ ئىچىدىن چىققان كاتتا شەخسلىرىمىزنى تونۇتۇش، بۇ ئارقىلىق تۈركلەرنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىغا قوشقان بىباھا تۆھپىلىرىنى نامايان قىلىش مەقسىتىدە ”ئىنسانىيەت تارىخىدا تۈركلەر“ ناملىق بۇ پىروگراممىمىزنى ھازىرلاپ چىقتۇق. پىروگراممىمىزدا ئەسىرلەرنى ھالقىپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر تەلىم ـ تەربىيە تەسىرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ ئىش ـ ئىزلىرىنى، ياكى بۈگۈنگە قەدەر قەد كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان تارىخىي ئىمارەتلەرنىڭ بىناكارلىرىنى تاللاپ تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىمىز. بىراق شۇنداقتىمۇ ئىسمى تىلغا ئېلىنماي قالغان، قىلىچلىرى ۋە قەلەملىرى بىلەن سان ساناقسىز ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردە ئالەمشۇمۇل نام چىقارغان يەنە نۇرغۇن ئۇلۇغ زاتلىرىمىزنىڭ بارلىقىنى قەتئىي ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم.
شۇنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويىشىمىز كېرەككى، پىروگراممىزدا، خەلقىمىزنىڭ مەنپەئەتى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس ئىزلارنى شۇنداقلا ئۆلمەس ئەسەرلەرنى قالدۇرغان زاتلارنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئىش ـ ئىزلىرىنى، كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىنىڭمۇ ئەڭ مۇھىم تەرىپىنىلا چۈشەندۈرۈش بىلەن كۇپايىلىنىمىز. چۈنكى ئۇلار ھەققىدە توم ـ توملاپ كىتابلار يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممىنى بىر قانچە بەتلىك بۇ پىروگراممىمىزغا سىغدۇرۈش مۇمكىن ئەمەس.
يەنە بىر تەرەپتە شۇنداق ئۇلۇغ زاتلىرىمىزمۇ باركى، گەرچە ئۇلارنىڭ تەرجىمېھاللىرى تىللاردا داستان بولۇپ، ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما كىملىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق، ھەتتا ئۇلارنىڭ قەيەردە ياشىغانلىقىمۇ نامەلۇم ياكى ئاغزاكى رىۋايەتلەر بىلەنلا كۇپىيلىنىشكە مەجبۇرمىز. مەسىلەن؛ دەدە قورقۇت ھەمدە كۈلكە ـ چاخچاقنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۆرنەكلىرىدىن بىرى بولغان قاراگۆز ھەققىدىمۇ ئانادولۇ خەقلىنىڭ نەسىللەردىن ـ نەسىللەرگىچە ئېغىزدىن ـ ئېغىزغا يۆتكىلىپ كېلىۋاتقان رىۋايەتلەردىن باشقا مەنبە يوق. بىراق شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ئىلىم ـ پەندە، سەنئەتتە ۋە قەھرىمانلىقتا ھەقىقىي بىر ۋەقە ياكى ئەسەر ياراتقان كىشىلەر ئەسلا ئۆلمەيدۇ ۋە ئۇنتۇلمايدۇ. بەلكى ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى كۆۋرۈك قىلىپ، ئەسىرلەردىن ئەسىرلەرگە ھالقىغان ھالدا ھاياتىي كۈچىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قالدۇرغان ئەسەرلىرى كۈنىمىز ئىنسانلىرىنى ئۆز ـ ئۆزىدىن ھېساب ئېلىشقا ئۇندەيدۇ.




مەنبە

پاك مۇھەببەت چۈش

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14814
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8222
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2011-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 12:36:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزمۇ ھېساپتا تۈرك قان سېستىمىسىقا كىرىمىزغۇ ؟؟؟؟؟؟ [s:148]  [s:148]

پاك مۇھەببەت چۈشىنىشكە موھتاج .

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 01:08:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت xayda314 كە 2011-01-06 12:36 PMئەۋەتىلدى :
بىزمۇ ھېساپتا تۈرك قان سېستىمىسىقا كىرىمىزغۇ ؟؟؟؟؟؟ [s:148]   [s:148]

كىرىمىزغۇ ئەمەس ، ساپ تۈرۈك بىز

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 1163
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14137
تۆھپە نۇمۇرى: 1227
توردا: 7277 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 01:10:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئاتا تۈرۈكقۇ دەيمەن ھە ؟

ne kadar az bilirsiniz, o kadar siddetlemudafa edersiniz.

ناتىرىي خىلور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3169
يازما سانى: 1800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17255
تۆھپە نۇمۇرى: 891
توردا: 6081 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 01:11:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 1قەۋەت  xayda314 كە 2011-01-06 12:36 PMئەۋەتىلدى  :
بىزمۇ ھېساپتا تۈرك قان سېستىمىسىقا كىرىمىزغۇ ؟؟؟؟؟؟ [s:148]   [s:148]  
سىز مۇڭغۇل بولسىڭىز كىرمەيسىز .  ئۇيغۇر بولسىڭىز كىرىسىز . گەپ سىزنىڭ مىللىتىڭىزدە . 

بۇ ئەلنى بىز قۇل قىلالمىغۇدەكمىز `  چۈكى ئۇلار قۇل قىلغۇچىلاردۇر .     - ئىسكەندەر

ناتىرىي خىلور

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3169
يازما سانى: 1800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17255
تۆھپە نۇمۇرى: 891
توردا: 6081 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2014-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 01:12:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  narkos كە 2011-01-06 01:10 PMئەۋەتىلدى  :
بىز ئاتا تۈرۈكقۇ دەيمەن ھە ؟
ھا ھا ھا  باش سۈرئېتىڭىزدېكى ، سانجىسا چىقمايدىغان ناركوزكەن ھە    

بۇ ئەلنى بىز قۇل قىلالمىغۇدەكمىز `  چۈكى ئۇلار قۇل قىلغۇچىلاردۇر .     - ئىسكەندەر

مةن ماڭصمةن پاتس

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4338
يازما سانى: 1103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18423
تۆھپە نۇمۇرى: 701
توردا: 1812 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 02:28:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا ھازىر سانسىزلىغان ياشلىرىمىز بۇ چۈشەنچىمىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، ئىلمىي تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانماقتا شۇنداقلا يېڭى كەشپىيات ۋە ئىجادىيەتلىرى ئارقىلىق ئىلىم ـ پەن، ئەدەبىيات ـ سەنئەت، مۇزىكا ۋە تەنتەربىيە ساھلىرى بويىچە پەقۇلئاددە ئىقتىدارلىرىنى نامايان قىلىپ، خەلقئارادا تېگىشلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە

تۇرئالپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15720
يازما سانى: 1163
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 14137
تۆھپە نۇمۇرى: 1227
توردا: 7277 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 03:45:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت NaCl كە 2011-01-06 01:12 PMئەۋەتىلدى :

ھا ھا ھا  باش سۈرئېتىڭىزدېكى ، سانجىسا چىقمايدىغان ناركوزكەن ھە    

ناتىرىي خىلورنى ئارلاشتۇرۇپ قويسا تېزلا چىكىتىدۇ...

ne kadar az bilirsiniz, o kadar siddetlemudafa edersiniz.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7001
تۆھپە نۇمۇرى: 1582
توردا: 10547 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 04:02:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت narkos كە 2011-01-06 01:10 PMئەۋەتىلدى :
بىز ئاتا تۈرۈكقۇ دەيمەن ھە ؟

ما بالىنىڭ گېپىنى.
ئاتا تۈرۈك دىگەن مۇستاپا كامال.

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15689
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 05:20:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت،كۆپ بىلىملەردىن خەۋەردار قىلدىڭىز،ئاتا-بوۋىلىرىمىز ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغان،ئەمما بىز نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرىمىزكىن؟!
داۋاملىق مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرارسىز!

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش