مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 450|ئىنكاس: 1

(بۇغدا ئابدۇللا) سالغا تېشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 536
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9300
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 2287 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 12:17:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

*****************
سالغا تېشى   
*****************




(داستان)


بۇغدا ئابدۇللا
******************


(1)
يۇلغۇننىڭ ناخشىسى ئاز ئەمەس،
كۆنۈك سادالار ئىچرە لەيلىمەس،
ئەركىلىتەر ئۆزىنى تۇقاي، ساھىلدا،
بىزارلىقتىن يىراق، غېرىچ چەتنىمەس.
رەڭلەر يوقاتسا بارغانچە بەلگىسىنى،
چاڭ - توزاندا بۇرۇقتۇم بولسا بۇ ئالەم،
ھەيھات، نېمە كۈچكىن ئۇنى ساقلىغان،
دەقىقىلەر ئۆلەر، ئۇ تىرىك ھەر دەم.
دىنوزاۋۇرلار قالدى قاياقتا،
غار ئارا تۇخۇملىرى پولتىيىپ قاتقان.
بىنەپشە رەڭلەر ئەسرار ئەلۋەتتە،
دېرەك ئالدىدا ئەمەس ئاغمىخان.
نىل ۋە دوناينىڭ كۆك شاۋقۇنىغا،
تەڭشىلىپ تۇرىدۇ تۇنجى مەرغۇلى.
ياۋايى ۋادىدا تۇغۇلغان رىسقى،
بوراندەك ئېچىلىپ بارىدۇ يولى.
مىلادى دەم تۇرۇشتىن بۇرۇن،
ئوتنى تېڭىپ كەلگەن باغرىغا.
ئۇ گىياھلارنىڭ پرومىتىسى،
چوللەر كىرىپ كەلگەن ئىختىيارىغا.
بوشلۇق ئىچىدە قايتماس ۋاقىت،
دەشت ھاياتى باش ۋە ئاخىرسىز.
تىرىكلىك ئۇرغۇيدۇ قىنىدا،
يارمايدۇ تاش ئۇرۇقمۇ روھسىز.
تەقدىرنىڭ سالغا تىشىغا،
ئوخشاپ قالىدۇ چۆل بىلەن ئىنسان.
ئۇنىڭدا بار يارىلىش، ئۇدۇم،
كەلدى ياشاپ مۆجىزىسىمان.
ئىنتىلىش كۈچى - تۇتىمىدىمۇ؟
سۆيۇنۇش كۈچى -يىلتىزىدىمۇ؟
ھاياتىي كۈچى - شور تۇپراقتىمۇ؟
بايلىق كۈچى ــ ئوغلان - قىزدىمۇ؟
بەدەل، قىيماسلىق، ئۇنتۇلۇش،
ھالسىراش، سىغىنىش، كۈچەش.
ئەسلەش، سوزۇلۇش، ئۆرلەش .
كۆيۇش، تىڭىرقاش، تىرەجەش.

(2)
مۇقەددەس دەرەخكە چىگىلگەن لاتا،
ئارزۇ - ئۇمىدنىڭ ياپراقچىسىدەك.
قوچقار مۈڭگۈزى شامالدا ئۆڭگەن،
ئەپسۇنسىز دۇنيانىڭ جاكارچىسىدەك.
قايتار ئادەملەر تۇغ - شادىغا،
روھ يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ قۇملۇقتا.
سەبىيلىكتىن باشلىنار نەپەس،
گۇلخان ئايلانغاندەك ئالتۇنغا ئوتتا.
كىچە، قۇملۇقنىڭ قاراڭغۇسىدا،
كېلىدۇ ياۋايى جەڭلەردىن سادا.
بۇ ئەقىلدىن غەيرى كۆرۈنۈش،
كۆرسەتمە خۇدا!
ساينىڭ تىشىدەك تۇرغان باش سۆڭەك،
مىڭ گەز كۆمۈلسىمۇ گۆھەر بولالماس.
بوراندا ئېچىلىپ كۆكلەيدۇ توپتەك،
(بەلكى شۇ بەلكى ئەمەس ئاداۋەت قىساس!)
بىر - بىرىگە سوقۇلار دەھشەت،
ھۇۋلاشنىڭ ئىچىدە چاچرار ئۇستىخان.
بۇ يۇلتۇز ئەمەس ئاققان،
بۇ ئەمەس يەكمۇ - يەك مەيدان.
بۇ تارىخنىڭ كۆلەڭگىسىمۇ؟
بۇ ئىنكارنىڭ خۇلاسىسىمۇ؟
بۇ تۆرىلىشنىڭ جازاسىمۇ؟
بۇ غالىبىيەتنىڭ تەنتەنىسىمۇ؟
بۇ مەغلۇبىيەتنىڭ مېۋىسىمۇ؟
ھەممە كۆمۈلىدىكەن تەبىئەتكە،
ھەممە سىڭىدىكەن تەبىئەتكە.
ياتلىشىپ، داۋاملىشىپ،
ئۇلىشىدىكەن ئەبەدىيەتكە.
بوران توختار،جىمىيدۇ ھەممە،
ئاقار قوملۇق لايلانماي پاكىز.
يۇلغۇنلارنىڭ چۈشلىرىمۇ ئوڭ،
بۇلغىنىشنى بىلمەيدۇ ھەرگىز.
تەبىئىيلىك ماسلىققا چوپقەت،
بەلگىسىز يانتاققا ياققاندەك شىكەر.
كەم - كۆتىسى يوق يا ئارتۇقى،
جۇلالانغان ياقۇتتەك بۇ يەر.
مۈڭگۈزلەرنى مەشئەل قىلغان يۇرت،
رىۋايەتلىرى بىر ئالتۇن ئاچقۇچ.
ساقلانغان چىشلارنىڭ ئاراشلىرىدا،
يىڭىلانغاندەك خىمىرتۇرۇچ.
تىڭشا زىمىننى قۇلاق يىقىپ،
بايقىلىدۇ داپ ئارا رىتىم.
ھالسىز ئەمەس، تۇلپار يورغىسى،
كەمتۈك ئەمەس، بىجىرىم.
ياۋايى تاش ئۆڭكۈرلەر ئۆچكەن،
كۆرىنەر مىڭ ئۆيلەرنىڭ بويىقى ئارا.
كۆچەر ئاندىن كېيىكلەرنىڭ كۆزىگە،
نوھقا تۇتۇشىدۇ بارا - بارا.
ئۆتىدۇ ئۇ
مىڭ پاتمان كەتمەننىڭ كۆزىدىن،
ساپانلارنىڭ قۇلىقىدىن،
يالاڭ ئاياغلارنىڭ تىنىقىدىن.
ئۇلىشىپ تۇرىدۇ بىر ئۇچى،
بۇرۇجدىكى سەييارىنىڭ ئايلىنىشىغا.
قوغلىشىدۇ ئاۋازنى - ئاۋاز،
بىلىق ئاققاندەك سۇنىڭ بىشىغا.
پارقىراق كۇمۇتا، پەرۋانە ھەتتا.
شۇ سىزىقتىن ئەمەس تاشقىرى،
تومۇزغىنىڭ نەپىسى تىرىلەر،
شۇ ھىكمەتنى بىلگەندىن بېرى.
چوڭقۇر بىر سۈكۈت،
ئۇنىڭ ئىچىدە بىر سۈزۈك تامچە،
ئۆسۈپ - ئۆسكەندەك سەدەپتە.
بىباھا بولىدۇ بارغانچە.

(3)
ئېقىن بويلىرىدا ئاۋۇدى كۈن -تۈن،
يېپىنىپ يۈرگىنى قوي تىرىسى،
ياۋايى توڭگۇزنى مىنەر كالىدەك،
ھايقىيىپ توۋلىغىنى مۇقام - ناخشىسى.
مۇقەددەسلىك تۇغۇلىدۇ نىمىدىن؟
يا قان - تەردىن،
يا خىسلەتنىڭ خاتىمىسىدىن ،
يا ھاتەملەرنىڭ كۆكسىدىن.
سۇ- يورۇپ تۇرغان قاشتىشى،
دەشت - ئۇسساپ تۇرغان بىر قاپاق.
بوران ــ ئۆرۈپ - چۆرىگۈچى،
ۋاقىت - پاختىسى ئۇچار بىر قامقاق.
قەدىم ئىزدا ئاقىدۇ تۇپراق،
قەدىم خۇشبۇيلۇق كەتمەيدۇ ئېرىپ.
يۈكسەكلىك بار خىياباندىمۇ،
كۆك قىياق ياشايدۇ مەغرۇرلىنىپ.
ئاققان، قوشۇلغان، يۇغۇرۇلغان،
تىكلەنگەن، ياشىغان، گۈمۈرۈلگەن.
تۇغۇلغان، سورىگەن، سۆرەلگەن،
تىرماشقان، قىر ئاشقان، نان يېگەن.
قارا قۇرۇمدىن - ئىدىقۇتقىچە،
خان سارايلىرى، ئىبادەتخانە،
ئالتۇن مەبۇد ۋە ئالتۇن چىراغ،
بىلگەن راست دەر، بىلمىگەن ئەپسانە.
ئورخۇن ئاققان يىراق - يىراقتا،
تارىم دەريا ئاققان بۇ ياقتا،
تەڭرىتاغ بۈيۈك ئۇمۇرتقا،
بۆشۈك بىلەن ھەپىلەشكەن ئانا،
ئانا تىلنىڭ شەربەتلىرىدىن،
تامشىپ - تامشىپ ئالغاندا لەززەت،
دېڭىز بولۇتىدەك تۇرغان مىڭە
ئېچېلىپ ۋىلىقلاپ كۈلەتتى پەرزەنت.
ئاق ئارغىماق ئۈستىدە مەھمۇد،
ئارىلاپ يۈرگىنى يۇرت - قەۋىم.
پەي قەلەمدە قوناتتى سۆزلۈك،
چۈشەنچىلەر ئەمەس ھېچ مەۋھۇم.
« قۇت » نى قوشار « بىلىك » كە يۈسۈپ،
كېلەچەك يىللارغا كىرىپ ئالدىدىن.
ئايىغىدا ئوتقاش پايانداز،
چاچقۇلار ئايلىنار ئۈستى - بىشىدىن.
بىرى مۇنەججىم - يۇلتۇز سانار ،
بىرى كىمىياگەر،
بىرى مۇھەندىس،
بىرى مومياگەر.
قەدىم دىگەن سىرلىق بىر ئۇقۇم،
تەلەپ قىلماس ھېچ بىر ئىزاھات.
بەلكى قالغان يىلىكلەر ئارا،
كۈچى بىلەن ئىرغىيدۇ ھايات.
ياۋايىلىق قەدىمىيلىكمۇ؟
زامان بىسىپ كىلىدۇ ئىنسان.
ئۇ ئۆزىنى بىلەر ھەم بىلمەس،
خۇددى مۇجىمەل بىر تەبىرسىمان.
قالىدىكەن ئەپسۇس يەپ ئاخىر،
بۇ تۇغۇلۇش - ئۆلۈش ئارىسى.
قىزىرىپ ئۆچكەندەك تۆمۈر ئاتەش،
ھالىدىن كېتەر كۆزىنىڭ قارىسى.
يا جاۋاھىردىمۇ قىممەت؟
يا كىبىردىمۇ قىممەت؟
يا يالغاندىمۇ قىممەت؟
يا سىردىمۇ قىممەت؟
يۇمرانلىق تۇرىدۇ كۆكۈرۈپ،
خاتىرجەملىك كۆتۈرىدۇ باش.
ئوچۇقلۇق - يىللارغا بەرىكەت،
ئىزگۈ نىيەت - يول، قاياش.
تىلسىم ئۈستىدە ئۇچار لەيلەكلەر،
نىمىگىدۇ يېقىنلاشقاندەك،
كەكلىك ئىدىرغا سىڭەر بولغاندەك،
نىمىدىندۇر ئۇزاقلاشقاندەك.
خىزىر يۈرەرمىش چەت - ياقىدا،
كۆمەرمىش ئېچىلىپ قالسا زىمىن.
تۈلكە تۆشىكى بوپ كەتمىسۇن دەپ،
سەھەر - تاڭلاردا قىلارمىش ئامىن.
بۇ يەردە مەنزىلدىن - مەنزىلگە،
كۆچكەن يىلانلار ئىلگىرىلەپ.
گۈلدۈرلىگەن ئاۋازلار،
غەلىتە نەرسىنىڭ ساداسى.
لەرزىدە زىمىن - زامانە،
ماكان - ماكانە،
قورققان ئادەملەر دەرەختە،
تاڭ قېتىپ تۇرۇشقان سەھەرلەپ.
ئۇزاپ كەتكەن شۇ يوسۇن بىلەن،
سىرلىق غەلىتە ھەممە - ھەممىسى.
بۇ بىر قۇيۇنسىز قۇيۇن،
ۋاقىت - سائىتىنى بولمايدۇ بىلىپ.
تەبىئەت بىر مەۋھۇم تاردەك،
تۇرىدۇ ئەيتاۋۇر
تەڭشەكسىزلىك ئىچىدە تەڭشىلىپ.

(4)
تۇن بويى توختىماي يىغىپ تۇردى قۇم،
(توشقان يىلى دەر بۇنى رىۋايەت)
كېتىك شەھىرى، سىپىل، قەلئەلەر،
رەستىلەر، خەزىنە، باغ - ۋاران پەقەت،
قالدى ۋەيرانلىق، قاراڭغۇلۇقتا،
مەسچىتلەر، مۇنارلار، گۈمبەزلەر،
ئۆيلەردە ئۆلۈكلەر قاتقان غارايىپ،
(شامالدا ئېچىلار بەزەن - بەزىلەر)
قۇشنىڭ بىشىغا كەلگەندەك ئەجەل،
چۆككەن بىر ھايات قالدى ئارقىدا.
ئامان قالغانلار كۆچتى جان ئىلىپ،
تاغلار كەل - كەل دەپ تۇردى شامالدا.
نىرىسىدا گۈرۈلدەيدۇ قۇم،
خىيال يەتمەس بىر تىلسىمات.
قاچان چۈشلەر قالدى قەيەردە،
ئىزدەپ قويىشار پات - پات.
ئىگىزلىكتە مىنگىشىپ تۇرغان،
زەدەۋال تاغ، تاش قوۋۇق تېغى.
نامسىز ئوتلار كەچكۈزگە ھۆسىن،
تۇلپارلارنىڭ قىزار تۇيىقى.
سۇ ئىلاھى قۇدرەت - كۈچىنى،
كۆرسىتىدۇ فىروزەسىمان.
لاچىن كۆڭلى ئۆسەر قىيادا،
قانىتىنى بۆلەيدۇ ئاسمان.

(5)
تەكلىماكان - ئەمەس ياۋايى ئۇقۇم،
ئۆزىگە سىڭگەن نام سۇ تامچىسىدەك.
ئۆزىگە ياراشقان ئالتۇن تاجىدەك،
ۋە يا زەر باسقان دوپپىدەك.
قۇم -چېپىپ يۈرگەن ياۋايى تۆگە،
تۆگە - يەنە بىر سالغا تېشى،
بۇ يەر ئۈچۈن چۈشۈشى،
بۇ يەر ئۈچۈن كۆيۈپ - پىشىشى.
ئۇتتۇرۇش ئەمەس زۇۋانسىزلىقى،
چۆلدە يۈرگىنى ئەمەس غاپىللىقى.
ئىزىنى كۆمۈمەن دەيدۇ شاماللار،
باتۇرلىقى - جاھىللىقى،
ئۇ تىرىلىدۇ دەشتتىن،
ئات تىرىلگەندەك شامالدىن،
كالا تىرىلگەندەك سۇدىن،
قوي تىرىلگەندەك شوردىن.
كۆز نۇرى توشقان يۇڭىدەك،
ئاتەش قۇم بىلەن بولغان بىر گەۋدە،
ئۇ باغرىنىڭ ھىكايىسىدەك،
تارالغۇسى بۈگۈن ۋە ئەتە،
بىز ئىنسان بىز كىبىر ئىچىدە،
روھى بىلەن كەلدۇق ئېتىشىپ.
كىم ئەيىبلىك سۆزلىسۇن زامان،
ئۇ ئەرىشتە بولماس تەڭلىشىپ،
ئۇ بۇگۇنگە ئايلانغان قەدىم،
يىراق دىڭىزغىچە بارغان، راست.
يىرىم ئۇخلاق ياۋرۇپاغا
يىپەك يېپىندۇرغان، راست.
گومىرنىڭ كۈيلىرى ئەمەس ناتونۇش،
ئەپلاتۇننى ئىلىپ كەلگەن ئۇ.
سورۇنلارغا ياقا تۇتتۇرۇپ،
سۇنماس كۆۋرۈك سېلىپ كەلگەن ئۇ.
ئاڭا ئارتقان ئۈمىد يۈكىنى،
يەنە ئەجداد قىلىپ ئىلتىجا.
دىڭىز ئاتلاپ دىڭىزغا چۆككەن،
بىلىقلارغا يەتكەن ئىدى ئاھ،
قالدى سۆڭەك، غېرىب قەبرىلەر،
بۇ ئالەمنىڭ نىرىقى چىتىدە.
بارسا كەلمەس يوللار، گۇناھى
ئانىنى قاتتىق ئەمگەنلىكىدە.
ئايىغىدا چۆرگىلەر ئالەم،
رەنجىش - رەنجىتىش ئىچىدە دۇنيا.
زامانلار تەككەن چىشىغا بەلكى،
«ئال شەھىرىڭنى ! ... » دىگەندەك،
قىسمەتلىرى شىرىكسىز تاكى،
دۇنيا پاتقان ئىغىر گۇناھقا،
شۇ ۋەجىدىن توۋە - ئىستىغپار
بولۇپ يەنە يۇيۇلۇپ تۇرار،
ئۇ ساقىتتۇر تەكرار ۋە تەكرار.
ئەي بابا تۆگە،
ساڭا تونۇش ھەممە -ھەممىسى.
دەيدىغۇ سېنى چۆل كېمىسى،
سەپىرىڭنىڭ بارمۇ پەللىسى؟
سەن كۆمۈلگەن كىچىك ھەيكەلچاق،
قۇم تېگىدە پەريادلىرىڭ بار،
جۈپ ئۆركىشىڭ نۇمۇس كۈچۈڭمۇ؟
تاپىنىڭدا ئاق نىيەتلىرىڭ بار.
تىكىلىسەن يىراق ۋە ئۈنسىز،
غايىپ ئاۋازلار ھەمراھىڭمىدۇر؟
قەدىمكى قاياس شەھىرى،
كىم بىلىدۇ بارگاھىڭمىدۇر.
قۇلىقىڭدا دەريا شاۋقۇنى،
ئارقا دەريا پاتقان ئۇيقۇغا.
يەنە تۇرۇپ سىلجىغىڭ كەلمەس،
يارداڭلىققا، توقايغا،
ھاياتبەخش شامالنى چىللاپ
ھەم مەست بولۇپ ئۇنىڭدىن كۈندە،
ياشاۋەرگىن ئاققان يولۇڭدا
سېنىڭمۇ بىر خۇدايىڭ بار - دە!

(6)
چۆل ياتىدۇ ھەسەتسىز،
مىڭ تاۋلىنىپ تاۋۇستەك.
مەستخۇشلىقى سۇئالسىز، جاۋابسىز،
كۆرۈنەر ئەسىر لەھەڭ قۇيرۇقىدەك.
بۇ تارىم
ئىنسان تىرىسىنى تۈسلەتكەن،
بۇ يەر قۇرۇق قەلەمچىنى تا
سانجىپ قويسا كۆكلەتكەن!
ئابىھايات تامغان توغراقلارغا
مىڭ يىل ياشايدۇ تىك تۇرۇپ،
مىڭ يىل ياشايدۇ يانچە يىتىپ،
مىڭ يىڭ ياشايدۇ قىغى، تۆرىلىپ ...
توغراق، توغراق يىشىل روھمىكىن،
لەيلەشلىرى كۆركەم ھەم نازۇك،
ئۇ تۆلىدى قانچىلىك بەدەل،
يىشەلمەيدۇ خىيال ھېچ تۈزۈك.
قانچە بىرى يەر بىغىرلىغان،
تەسەۋۋۇر قىلغاندەك تۇغۇلىشىنى؛
ئانا دەرەخنىڭ تولغىقى ئاچچىق،
كۆرۈپ ئالقىنىدا جاننىڭ ئوينىشىنى،
ھەر ھاسىراشنىڭ تىكەنلىرىدە،
بۇژ - بۇژ تەرلەر بولىدۇ ئېرەن.
چەكچەيگەن كۆزىنىڭ چاناقلىرىدا
توختاپ - توختاپ قالىدۇ سۈرەن ...
تەقدىر كىمىسىدە گىياھ ھەم ئىنسان،
تاللىنىش ئىچىدە تۇرىدۇ ھامان.
قىسمەت ۋەھىمىسى: زامان ئادىمى،
ئەقىل بالاغىتى بىر تەلۋەسىمان.
يوپۇرماقلارغا نە كىرەك كانار،
تۇرسۇن ئىگىزلىك، كەڭلىكتە.
ساددا بىر ھايات تەكەممۇل،
جېنى تىرىلمەيدۇ تۈڭلۈكتە.
سىخىينىڭ قولىدىن چىققىنى،
ماي يىغىپ قويىدۇ بۆرەككە،
ئۇنىڭغا ئاش تارتساڭ لىگەن ئال،
بىراق ھىچ زورلىما كومزەككە.
بۇ يەردە تۈرۈلۈپ قالمىسۇن،
گۇزەللىك ئىلاھىنىڭ قاپاق - قاشلىرى.
قوينىدىن تۆكۇلۇپ تۇرار دۇردانە،
ئەمەس خۇنۈكلۈكنىڭ داشقاللىرى،
ئافىنا قىزىنى ياراتقان گرىك،
گۈليانىدە جانان ياراتتى ئۇيغۇر.
قۇم ئارا يەلكەن چىقارسا كىمە،
بايرۇن تاڭ قېتىپ قالاتتى بىر قۇر،
قىز - تارىمدىكى ئاققۇسىمان،
جەننەت - تەڭرى ئۆزىگە قالدۇرغان.
پەرىشتىلەر - يۇلغۇندىن كۆكلەر،
قاناتلىنىپ كېتىشكەن ھەر يان ...
بابالار بىلىپتىكەن بىر نىمە ،
قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە پانالىنىپ.
ئەمدىكى كۆز بىلەن قارىساق،
يۈرمەپتىكەن خاتا قىلىپ.
روھىي رەھمەت قىلمايدۇ تاما،
كەتتى تامام تۇپراققا ئايلىنىپ.
چاڭ - زەررىسى باش ئۈستۈڭدە تاج،
كەبىتۇللاھ بىل، سەجدىگاھ قىلىپ.
ئىزدىشەر، ئىزدىگەن ئۆزىنىڭ ئىزى،
قوچقارغىمۇ شەرەپ مۈڭگۈزى.
مۇنارنىڭ تۈۋى يوق ئاسماندا،
ئۇچى - ئۇچ، تۈۋىدە يىلتىزى.
بويۇن ئاسقۇمۇ كۆرۈنگىنىلا،
مەنزىلمۇ يەتسەم دەپ تەلپۈنگىنىلا.
چۆل مىجەزى جىمجىت دەريادەك،
بىلىسەن شىر بولۇپ تۆرەلگەندىلا.
مىۋىسى ئالتۇن، ياپرىقى كۈمۈش،
جىگدە دەرىخى گۈپۈلدىسە،
« يەتتە قىزلىرىم » تۇرىدۇ ھايات،
ياندۇرغان مەشئىلىنى تەۋرەتمىسە.
قۇرمىش ئاتا، تۆلەمىش ئاتا،
پالۋان ئاتا - بىر ئاق كىمە مالخاي.
ئۇرۇلدى بىر قايسى قىياغا،
مۈمكىنمۇ جىيەكتە ئىستەك بولۇنماي؟!
چۆچۈيدۇ تەسۋىر ئىبارىسىدىن،
ئۇنداق قىلسا گۇناھ بولىدۇ.
ئوغلانلارغا بۆرە ھوشۇقى تۇمار،
داۋان داۋىسا ھەمراھ بولىدۇ.

(7)
ئايدىڭدا بارخان - بارخان قۇم،
كۆرۈنىدۇ بەك غۇۋا، سوغۇق.
غارلاردا پەقەت مۇز بىلەن شامال،
ئاھاڭلار تىنىق، ئىلاھى، تولۇق:
ئالتۇن قوڭغۇراقنى ئەسلىتىپ،
چىرىسلىغان ئارچىنى ئەسلىتىپ،
مەرۋايىت نۇرىنى ئەسلىتىپ،
ھاۋارەڭ - بوياقنى ئەسلىتىپ،
تارسىزلىقى مۆجىزىدەك،
قارارسىزلىقى مۆجىزىدەك،
تۇرىدۇ ئۇ سۇغا ئايلىنىپ،
تۇرىدۇ ئۇ يىلتىزغا ئايلىنىپ،
ئۇ نىيەت
ئۇ توزىماس رىۋايەت.

*****************************************************
1994 - يىل 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى شايار - ئۈرۈمچىدە يېزىلدى.
1995 - يىل 1 - ئاينىڭ 17 - كۈنى ئۈرۈمچىدە تۈزىتىلدى.
*****************************************************
(مەنبە: « سالغا تېشى ». مىللەتلەر نەشرىياتى 1998 - يىل 3 - ئاي نەشرى)
***************************************************** 



بەرگىن سېنى سۆيگەنلەرگە تەبەسسۇم، دۈشمىنىڭگە قالدۇر ئاھۇ-ھەسرەتنى.   قايرىپ قويۇپ ھەرخىل سەۋەب،قىسمەتنى، بېغىشلىغىن دوسىتلىرىڭغا قەلبىڭنى. _ بىرۇن

تۆت تادۇ ئۇيغۇر

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4418
يازما سانى: 4330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198833
تۆھپە نۇمۇرى: 694
توردا: 3154 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2012-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-6 02:27:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىشقا توردىكى مەنبەسىنى ئەسكەرتمەيسىلەر؟

ئۇيغۇر تېبابىتى تور خاتىرىسى www.4tadu.com/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش