دۆلەت نامى : بىرازىلىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى
مۇھىم بايراملىرى: مۇستەقىللىق كۈنى: 7-سېنتەبىر (1822-يىلى)؛ دۆلەت بايرىمى 7-سېنتەبىر (1822-يىلى)؛ ئىندىئانلار كۈنى: 19-ئاپرېل؛ سىگانلار كۈنى: 24-ماي
دۆلەت رەھبەرلىرى: زۇڭتۇڭ لۇلا دا سىلۋا، 2002-يىلى 10-ئايدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان، 2003-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان؛ 2006-يىلى 10-ئايدا قايتا سايلانغان، 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان؛ ھازىرقى زۇڭتۇڭ دىلما رۇسەف، 2010-يىلى 10-ئايدا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان.
نوپۇسى: 2010-يىلى 1-ئاۋغۇستقىچە، بىرازىلىيەنىڭ نوپۇسى 190 مىليون 732 مىڭ 694 بولۇپ، ئاياللار ئەرلەردىن 3 مىليون 300 مىڭ كۆپ. نوپۇس سانى جەھەتتە ئامېرىكا قىتئەسى بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاق تەنلىكلەر %54.03نى، ئاق-قارا تەنلىك ئارىلاشما قانلىقلار %39.94نى، قارا تەنلىكلەر %5.39نى، سېرىق تەنلىكلەر %0.46نى، ئىندىئانلار تەخمىنەن %0.16 نى ئىگىلەيدۇ. پورتۇگالىيە تىلى ھۆكۈمەت تىلى بولۇپ، كۆپ قىسىم ئاھالە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
پايتەختى: بىرازىلىيە، نوپۇسى 2 مىليون 380 مىڭ. بۇ شەھەر دۇنيادىكى قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان قۇرۇلۇش سەنئىتى جەۋھەرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، «دۇنيا قۇرۇلۇش كۆرگەزمىسى» دېگەن نامى بار. 1987-يىلى، ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى بىرازىلىيەنى «ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ بايلىقى» دەپ جاكارلىغان.
تەبىئىي جۇغراپىيەلىك شارائىتى: جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالدا فىرانسىيە گۋىئاناسى، سۇرىنام، گۋىئانا، ۋېنېزۇئېلا ۋە كولومبىيە بىلەن؛ غەربتە پېرۇ، بولىۋىيە بىلەن؛ جەنۇبتا پاراگۋاي، ئارگېنتىنا ۋە ئۇرۇگۋاي بىلەن چېگرىلىنىدۇ؛ شەرقىدە ئاتلانتىك ئوكيان بار. يەر كۆلىمى 8 مىليون 514 مىڭ 900 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، يەر كۆلىمى جەھەتتە لاتىن ئامېرىكىسى بويىچە ئەڭ چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ، دۇنيا بويىچە 5-ئورۇندا تۇرىدۇ. دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7400 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، دېڭىز تېررىتورىيىسى قىرغىقىنىڭ كەڭلىكى 12 دېڭىز مىلى؛ دېڭىز تېررىتورىيىسى سىرتىدىكى مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونى 188 دېڭىز مىلى. زېمىنىنىڭ %80تىن ئارتۇقى تىروپىك بەلۋاغ رايونىغا جايلاشقان، ئەڭ جەنۇبىي ئۇچى سۇبتروپىك بەلۋاغ كىلىماتىغا تەۋە. شىمالىي قىسمىدىكى ئامازون تۈزلەڭلىكى ئېكۋاتور ئىقلىمىغا تەۋە، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 27 سېلسىيە گىرادۇس بىلەن 29 سېلسىيە گىرادۇس ئارىلىقىدا. ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېگىزلىكلەر تروپىك بەلۋاغ ئوتلاق كىلىماتىغا تەۋە بولۇپ، قۇرغاقچىلىق ۋە ھۆلچىلىك پەسلىلا بار. جەنۇبىي قىسىم رايونلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 16 سېلسىيە گىرادۇستىن 19 سېلسىيە گىرادۇسقىچە.
مەمۇرىي رايونلارغا بۆلۈنۈشى: پۈتۈن مەملىكەت 26 ئىشتات ۋە بىر فېدېراتسىيە رايونى(برازىلىيە فېدېراتسىيە رايونى)غا بۆلۈنىدۇ، ئىشتات قارمىقىدا شەھەر تەسىس قىلىنغان. مەملىكەت بويىچە 5562 شەھەر بار.
قىسقىچە تارىخى: قەدىمكى برازىلىيە ئىندىئانلارنىڭ ماكانى بولۇپ، مىلادى 16-ئەسىردە، پورتۇگالىيەلىك دېڭىزچى پېدرو كابرال بىرازىلىيەگە يېتىپ بارغان. شۇنىڭدىن كېيىن پورتوگالىيەلىكلەر بىرازىلىيەگە قوشۇن ئەۋەتىپ، بىرازىلىيەدە مۇستەملىكە قۇرغان ھەم بىرازىلىيەگە 3 ئەسىرگە يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1822-يىلى، برازىلىيە مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرگەن، برازىلىيە خانلىقى قۇرۇلغان. 1889-يىلى، خانلىق تۈزۈم ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، برازىلىيە قوشما ئىشتاتلىرى قۇرۇلغان، 1976-يىلى دۆلەت نامى «بىرازىلىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى»گە ئۆزگەرتىلگەن.
مەنبە؛خەلق گېزىتى تورى
http://uyghur.people.com.cn/165019/15141182.html