پەرق
شيې شۆ
ئادىل غوجالىم تەرجىمىسى
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقىنىمدا تور ئويۇنىغا مەستانە بولۇپ قالغانلىقىمدىن كۈندە دېگۈدەك تورخانىغا يۈگۈرەيتتىم. بىر كۈنى دادامنىڭ نازارىتىدە مەكتەپكە باردىم. سىنىپقا كىرىپ ئەمدىلا ئورنۇمدا ئولتۇرۇشۇمغا، تۇرمۇش ھەيئىتىمىز ماڭا بىر پوسۇلكا بەردى، پوسۇلكا شىنجاڭدىكى نەۋرە ئاكامدىن كەلگەنىدى. نەۋرە ئاكام ئۆتكەن يىلى نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسپىرانتلىقىغا قوبۇل قىلىنىپ، بۇ يىل شىنجاڭغا مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلىققا ئەۋەتىلگەنىدى.
پوسۇلكىنىڭ ئېغىرلىقىغا قارىغاندا شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتىمىكىن دەپتىمەن. ئەمما پوسۇلكىدا بىر تاش ۋە خەت بار ئىكەن. مەن ئاچچىقىمدا خەتنى ئاچتىم.
«ئىنىم، مەن تۇرۇۋاتقان جاينى سارداۋان دەيدىكەن، بۇ جايدا يىلبويى بوران چىقىدىكەن. قىشنىڭ بىر ئەتىگىنى سەككىز بال بوران چىقتى، دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى خېلىغىچە چېلىنغان بولسىمۇ، سىنىپقا بىرمۇ ئوقۇغۇچى كىرمىدى. مەن ياتىقىمغا قايتاي دېيىشىمگە، سىنىپنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ توڭلىغىنىدىن دۈگدەرەپ كەتكەن بىر توپ بالا سىنىپقا كىرىپ كەلدى. سومكىلىرىنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئۇلار بەللىرىنىمۇ رۇسلىيالماي قالغانىدى. مەن ھەيران قېلىپ، غەنى ئىسىملىك بالىنى چاقىرىپ سومكىسىنى ئاچقۇزدۇم.
مومام ئاغرىپ قېلىپ مېنى مەكتەپكە ئەكىلەلمىگەچكە، شامالدا ئۇچۇپ كېتىشىمدىن ئەنسىرەپ....
بۇ مەنزىرىدىن يۈرىكىمنىڭ قانچىلىك ئېچىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ سىنىپىمدا 16 ئوقۇغۇچى بار، ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن بالىلىرىنى مەكتەپكە ئەكىلەلمىگەن بولسىمۇ، بالىلار سومكىسىغا تاش قاچىلاپ شامالغا قارشى يۆنىلىشتە مېڭىپ مەكتەپكە كەپتۇ.
ھاممامدىن ئاڭلىسام تور ئويۇنىغا خۇمار بولۇپ قاپسەن، مەن غەنى سومكىسىغا قاچىلىۋالغان تاشنى چېقىپ، بىر پارچىسىنى ساڭا ئەۋەتتىم، ئۇنىڭ سالمىقىنى دەڭسەپ كۆرۈشۈڭنى ئۈمىد قىلىمەن... »
خەتنى ئوقۇپ بولمايلا ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتىم، شۇ كۈندىن باشلاپ نەۋرە ئاكام سوۋغا قىلغان تاشنى ھەر ۋاقىت يېنىمغا سېلىپ يۈرىدىغان بولدۇم. كاللامغا تور ئويۇنى كىرىپ قالغاندا تاشنى قۇچاقلىغىنىمچە گىمناستىكا مەيدانىغا يۈگۈرەيمەن، يۈگۈرەۋېتىپ مەندىن تولىمۇ يىراقتىكى بالىلار ماڭا قاراۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
.............................................................
مەنبەسى: ئۇيغۇرچە خەلق گىزىتى تور بېتى
http://uyghur.people.com.cn/156014/10988848.html