تۈركىيە ياۋروپا قىتئەسىگە تەۋەبولۇپ،پۇل بىرلىكى لىرا.
پايتەختى ئەنقەرە،ئاساسلىق شەھەرلىرى ئىستانبۇل بىلەن ئەنقەرە.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كېنىيە،ئانتالىيا، ئىزمىر، ئادانا............قاتارلىقلار بار.
بايراقتىكى قىزىل رەڭ قان بىلەن غەلبىگە سىمۋول قىلىنىدۇ، ئورغاق ئاي بىلەن يۇلتۇز زۇلمەتنى قوغلاپ يورۇقلۇقنى كۈتۈۋېلىشقا سىمۋول قىلىنىدۇ. ئۇ يەنە تۈركىيە خەلقىنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ئېتىقادىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، بەخىت -سائادەتكىمۇ سىمۋول قىلىنىدۇ.
تۈركىيىنىڭ يەر مەيدانى 780576كىۋادرات كىلومېتىر.نوپۇسى 72مىليون560مىڭ، تۈركلەر ئۇمۇمى نوپۇسنىڭ 80%دىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ، كوردلار 15%نى تەشكىل قىلىدۇ، ئۇندىن باشقا ئەرەبلەر ، ئەرمەنلەر بار.
ئاھالىسىنىڭ 90%تى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.كۆپ ساندىكىلىرى سۈنئىي مەزھىپىگە تەۋە.1%تى ئەرمىنىيە پراۋۇسلاۋىيە دىنى، گىرېتسىيە پىراۋۇسلاۋىيە دىنى،يەھۇدى دىنى، كاتولىك دىنى باشقا دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
زۇڭتۇڭ ئابدۇللاگۈل .1950-يىلى تۇغۇلغان،1971-يىلى ئىستانبۇل ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن.كېيىن ئۇنۋېرسىتىتا ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتۇرى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.2002-يىلى 11-ئايدا زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.2003-يىلى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن.2007-يىلى 8-ئاينىڭ 28 -كۈنى تۈركىينىڭ 11-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان.توي قىلغان،3 بالىسى بار.
تۈركىينىڭ ئاساسلىق بايراملىرى:1-ئاينىڭ1-كۈنى يېڭى يىل بايرىمى
4-ئاينىڭ 23-كۈنى دۆلەت مۇستەقىللىقى ۋە بالىلار بايرىمى.
5-ئاينىڭ 19-كۈنى دۆلەت ئاتىسى خاتىرە كۈنى، ياشلار ۋە تەنھەرىكەت بايرىمى.
8-ئاينىڭ 30-كۈنى غەلىبە خاتىرە كۈنى.
10-ئاينىڭ 29-كۈنى جۇمھۇرىيەت خاتىرە كۈنى.
ئىسلام كالېنىدارى10-ئاينىڭ 1-كۈنى روزى ھېيىت دىنى بايرىمى ،3كۈن.
ئىسلام كالېندارى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى قۇربان ھېيىت دىنى بايرىمى ، 4 كۈن.
مەمۇرىي رايونلارغا بۆلۈنۈشى ئۆلكە، ناھىيە، يېزا ، كەنىتتىن ئىبارەت.81ئۆلكە،600 ناھىيە،36000 دىن كۆپ يېزا كەنىتكە بۆلۈنگەن. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 34 رايون 81 ئۆلكىگە بۆلۈنىدۇ.
بۆلۈنگەن.
....................................................................................
بەك جىق سۆزلەپ كەتتىممۇ قانداق، تورداشلارغىمۇ قالسۇن...ھى...ھى.....