مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1561|ئىنكاس: 14

ئاۋسترالىيە ھەققىدە چۈشەنچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97717
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2062 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 08:39:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


  ئاۋسترالىيە دېگەن سۆز «جەنۇبتىكى چوڭ قۇرۇقلۇق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ياۋروپالىقلار 17-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقنى بايقىغاندا، بۇ قۇرۇقلۇقنى جەنۇبىي قۇتۇپقا بىۋاسىتە تۇتىشىدۇ، دەپ خاتا چۈشىنىپ قالغان ھەم بۇ قۇرۇقلۇققا «ئاۋسترالىيە» دەپ ئىسىم قويغان، ئاۋسترالىيە دېگەن بۇ ئىسىم لاتىنچە terraaustralis (جەنۇبىي زېمىن) دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن.

  دۆلەت بايرىمى: 26-يانۋار (1788-يىلى)

  دۆلەت گۈلى: سېرىق گۈللۈك ئاكاتسىيە

  دۆلەتنىڭ ئاساسلىق سىياسىتى: ۋالىي كۇنتىن برايس (Quentin Bryce)، 2008-يىلى 4-ئايدا ئاۋسترالىيەنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلەنگەن، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل، زۇڭلى جۇلىيا گىللارد، 2010-يىلى 9-ئايدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.

  جۇغراپىيەلىك مۇھىتى: جەنۇبىي تىنچ ئوكيان بىلەن ھىندى ئوكياننىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئاۋسترالىيە چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە تاسمانىيە ئارىلى قاتارلىق ئاراللاردىن تەشكىللەنگەن. شەرقتە تىنچ ئوكيان مارجان دېڭىزى ۋە تاسمانىيە دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ، غەربى، شىمالى، جەنۇبىدا تىنچ ئوكيان ۋە ئۇنىڭ چېتىدىكى دېڭىزلار بار، دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 36 مىڭ 700 كىلومېتىر. يەر كۆلىمى 7 مىليون 692 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئوكيانىيەنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئىگىلەيدۇ، تۆت ئەتراپىنى سۇ قورشاپ تۇرىدۇ. قۇملۇق ۋە يېرىم قۇملۇق پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %35ىنى ئىگىلەيدۇ. پۈتۈن مەملىكەت شەرقىي قىسمىدىكى تاغلىق، ئوتتۇرا قىسىمدىكى تۈزلەڭلىك ۋە غەربىي قىسىمدىكى ئېگىزلىكتىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا بۆلۈنىدۇ. مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا كوسىيۇسكو چوققىسى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2230 مېتىر، ئەڭ ئۇزۇن دەريا موربىن دەرياسى بولۇپ، 3490 چاقىرىم كېلىدۇ. ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېرل كۆلى ئاۋسترالىيەنىڭ ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى بولۇپ، كۆل يۈزى دېڭىز يۈزىدىن 12 مېتىر تۆۋەن. شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىز بويى رايونىدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مارجان خادا تېشى ــ چوڭ توسما خادا تېشى بار. شىمالىي قىسمى تروپىك بەلباغقا، كۆپ قىسىم جايى مۆتىدىل بەلباغقا تەۋە. يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شىمالىي قىسمىنىڭ 27 سېلسىيە گىرادۇس، جەنۇبىي قىسمىنىڭ 14 سېلسىيە گىرادۇس كېلىدۇ، ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرى قۇرغاق، يامغۇر ئاز، يىللىق ھۆل ـ يېغىن مىقدارى 200 مىللىلىتىرغا يەتمەيدۇ، شەرقىي قىسىم تاغلىق رايونلىرىدىكى ھۆل ـ يېغىن مىقدارى 500 ـ1200 مىللىلىتىرغا يېتىدۇ.




  نوپۇسى 22 مىليون 66 مىڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيەلىك ۋە ئىرېلاندىيەلىكلەرنىڭ ئەۋلادلىرى %74نى، ئاسىيالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى %5نى، يەرلىك ئاھالە %2.2نى، باشقا مىللەتلەر %18.8نى ئىگىلەيدۇ، ئىنگلىز تىلى ھۆكۈمەت تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ، كۆپ سانلىق ئاھالە خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيەدە ئاسىيالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى تېز كۆپىيىۋېتىپتۇ.2049-يىلىغا بارغاندا، ئاۋسترالىيە نوپۇسىنىڭ 35 مىليونغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

  پايتەختى: كانبېررا، نوپۇسى تەخمىنەن 310 مىڭ(2000-يىلى 6-ئايدىكى سان)، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 20 سېلسىيە گىرادۇس. قىسقىچە تارىخى: يەرلىكلەر ئاۋسترالىيەنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەنگلىيەلىك كاپىتان جامىس كۇك 1770-يىلى ئاۋسترالىيەنىڭ شەرقىي دېڭىز قىرغاقلىرىغا يېتىپ بېرىپ، ئەنگلىيەنىڭ بۇ زېمىننى ئىگىلىگەنلىكىنى جاكارلىغان. ئەنگلىيە ئاۋسترالىيەگە سۈرگۈن قىلغان تۇنجى تۈركۈم جىنايەتچى 1788-يىلى 26-يانۋار سىدنېي قولتۇقىغا كەلگەن، ئەنگلىيەنىڭ ئاۋسترالىيەدە مۇستەملىكە رايون قۇرۇشى شۇنىڭ بىلەن باشلانغان، كېيىن بۇ كۈن ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەن. ئەنگلىيە پارلامېنتى 1900-يىلى 7-ئايدا «ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ۋە «برىتانىيە دومىنىئون نىزامى»نى ماقۇللىغان. ئاۋسترالىيەنىڭ ھەر قايسى مۇستەملىكە جايلىرى 1901-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىشتات قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيەسىنى تەشكىللىگەن. ئاۋسترالىيە 1931-يىلى ئەنگلىيە فېدېراتسىيەسىدىكى مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ قالغان. ئەنگلىيە پارلامېنتى 1986-يىلى «ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەت قانۇنى»نى ماقۇللىغان، بۇنىڭ بىلەن ئاۋسترالىيە تولۇق قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇقى ۋە ئەدلىيەلىك ئاخىرقى سوت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

مەنبە؛خەلق گېزىتى تورى
http://uyghur.people.com.cn/165019/15140726.html

بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر

ئىزدەنگۈچى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 807
يازما سانى: 757
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4546
تۆھپە نۇمۇرى: 384
توردا: 8639 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 09:18:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۆلەتنىمۇ ئاز تولا بىلىۋالدىم .. رەھمەت سىزگە

يول ئاچقۇچىلارغا مەنسۈپ ، غەلىبە ئىزدەنگۈچىلەرگە .

قۇرداش        (

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15633
يازما سانى: 266
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 18579
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 6759 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 09:25:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەنگىلىيىگە قارايدىغان بۇ دۆلەتتىن باشقا يەنە كانادامۇ ئەنگىلىيىگە قارايدۇ، ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىت ، بۇ ئۇچ دۆلەتنى باشقۇرىدۇ.

قۇرداش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4262
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 09:56:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئەۋەتكىلى تۇرسىڭىز بىز بىلمەيدىغان دۆلەتمۇ قالمايدىكەن جۇمۇ

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5112
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8594
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2010-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 09:58:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمە ، مېنىڭ بۇلاردىن قىلچىلىك خەۋىرىم يوقكەن. ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھىنىڭ  شۇنچە چوڭ ھوقۇقلىرى بارما ؟

كۆرگۇنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ،كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلىگىنىڭ                       ----ئەنۋەر ناسىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19780
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7179
تۆھپە نۇمۇرى: 304
توردا: 4046 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2013-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 10:04:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋسىتىرالىيەدە  ئۇيغۇرلار  خىلى  جىق  ،،ھەتتا  ئۇيغۇر مەكتەپ  بارئىكەن،،دىمۇكراتىك  دۇلەت  بۇ

غۇرۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13794
يازما سانى: 1550
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5700
تۆھپە نۇمۇرى: 1992
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2010-10-13
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 10:08:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇدۆلەتنىڭ زىمىنى يەرشارىنىڭ تولىمۇ ياخشى يېرىگە جايلاشقان  يالغۇزبىر دۆلەت يالغۇز بىرقەتئە  ..لىكىن ھازىر باشقا قىتئەگە قۇشۇلۇپ كەتتىمىكىن دەيمەن ،

يەنە دىسەم يەنە  شۇ  ...ئاداش بولسامۇشۇ تۈرۈكمەنىستان دۆلىتى توغۇرسىدا مەلۇماتلاربولسا خەۋەردارقىلغان بولساڭلار .........

ئۆلۈم يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈلۈك باشلىنىشى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12802
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8402
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2010-10-5
ئاخىرقى: 2013-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-7 10:28:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بەخىتلىكمەن....

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7651
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8342
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3655 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-8 12:21:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەلكىن مۇنبىرىدە ئۇيغۇرئاي دەپ بىرقىز بولدىغان ،مۇشۇ ئاۋسترالىيەدە ئۇلتۇراقلاشقان.شۇ قىزدىن خەۋەر تېپىپ تۇراتتۇق بۇ دۆلەتنىڭ ئەھۋاللىرنى.ئەجەپ ئەسلەپ قالدىم دىسە.

يادىڭدىمۇ ئېيتچۇ سەن تۇغۇلغاندا، ھەممە كۈلگەنكەن سەنلا يىغلغان. شۇنداق ياشىغىنكى كېتەر چىغىڭدا، ھەممەيلەن يىغلسۇن سەن ماڭغىن خەندان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 205
يازما سانى: 786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10782
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 2328 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-8 11:43:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىنگۇرۇ ئاۋسترالىيەنىڭ دۆلەت ھايۋىنى ، ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپالىقلار ئاۋسترالىيەگە تۇنجى قەدەم باسقان ۋاقىتلاردا ياۋروپالىق بىر كاپىتان بىر ھايۋاننىڭ سەكرەپ يۈگۈرگەنلىكىنى كۆرگەن ، كاپىتان ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان بۇ ھايۋاننى كۆرۈپ ھەيران قېلىپ شۇ يەرلىك بىرەيلەندىن بۇ قانداق ھايۋان ؟ نىمە دەپ ئاتايمىز  دەپ سورىغان ، ئەمما يەرلىك كىشى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ " كىنگۇرۇ " دەپ جاۋاپ بەرگەن، ئەمىلىيەتتە كىنگۇرۇ دىگەن سۆز شۇ يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تىلى بۇيىچە  "بىلمەيمەن " دىگەن مەنىدە ئىكەن ، بۇنى چۈشەنمىگەن كاپىتان ئۇ ھايۋاننىڭ ئىسمىنى كىنگۇرۇ دەپ بىلگەن ، شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ھايۋان كىنگۇرۇ دەپ ئاتالغان ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش