يۇغۇرلار ئاساسەن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇنەن-يۇغۇر ئاپتونۇم ناھىيەسىدە ۋە جيۇچۇەن شەھىرىنىڭ خۇاڭنىباۋ يۇغۇر مىللىي يېزىسىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.
يۇغۇرلار ئۆزلىرىنى تا يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغىچە "سېرىق ئۇيغۇر"دەپ ئاتاپ كەلگەن.ئازادلىقتىن كېيىن يۇغۇرلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە ھەم"يۇغۇر"سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىگە ئاساسلىنىپ،مىللەت نامى خەنزۇ تىلىدا "باياشات ۋە مۇستەھكەم" مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان"يۈگو"دېگەن نامغا ئۆزگەرتىلگەن.
ئۇزاق مۇددەتلىك دەلىللەشكەندىن كېيىن،يۇغۇرلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى توغرىسىدىكى قاراشلار ئاساسەن بىرلىككە كەلگەن.تارىخىي خاتىرىلەرگە،يۇغۇر خەلق رىۋايەتلىرىگە،ناخشا-قوشاقلىرىغا،ئەنئەنىۋى ئۆرپ -ئادەتلىرىگە ئاساسلانغاندا،يۇغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى جەنۇبى ۋە شىمالى سۇلالىلەر دەۋرىدە ئۆتكەن گەنجۇ ئۇيغۇرلىرى بولۇپ،ئۇلار 7-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئورخۇن -يېنىسەي ئەتراپلىرىدىن غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.يۇغۇرلار خېشى كارىدورىدا ماكانلىشىپ،870-يىلى خانلىق قۇرغان.شۇ زاماندا ئۇلارنىڭ نوپۇسى 300 مىڭدىن ئاشقان. بۇ خانلىق 170 يىلدىن كۆپرەك داۋاملىشىپ، كېيىن ئۆزىدىن سان جەھەتتە نەچچە ھەسسە كۈچلۈك خانلىقلار بىلەن بولغان ئۇرۇش داۋامىدا ئاستا-ئاستا يىمىرىلگەن. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى خەنزۇ،زاڭزۇ مىللەتلىرىگە سىڭىپ كېتىپ،ئازلا بىر قىسمى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەلىگەن.
يۇغۇرلار ھازىرمۇ ئۆزلىرىنىڭ قەدىمكى زاماندا شىمالدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئېتنىك مەنبەسىگە ئائىت تارىخنى ناخشا-قوشاقلار ئارقىلىق كېيىنكىلەرگە ئۈزۈلدۈرمەي بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.
نەسلىمىزنى بىلدۇق بىز ناخشا بىلەن قوشاقتىن، |
كەپتىكەنمىز ئەسلىدە غەربتىكى جايلاردىن. |
ماكانلاشقان ئىكەنمىز يېشىل تاغلار باغرىدا، |
بېقىپ قۇياشقا كېلىپ يىراقتىن. |
تىل-يېزىقى ۋە دىنى ئېتىقادى
يۇغۇرلارنىڭ تىلى بار،يېزىقى يوق.يۇغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسىنىڭ تۈرك تىل ئائىلىسىگە كىرىدۇ.يۇغۇرلار ھازىر ئۈچ خىل تىل قوللىنىدۇ:سۇنەن ئاپتونۇم ناھىيىسىنىڭ غەربىي قىسمىدا ئولتۇراقلاشقانلىرى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى تۈرك تىل ئائىلىسىگە كىرىدىغان قەدىمكى يۇغۇر تىلىدا سۆزلىشىدۇ؛ئاپتونۇم ناھىيىسىنىڭ شەرقىي قىسمىدا ئولتۇراقلاشقانلىرى ئالتاي تىللىرى سېستىمى موڭغۇل تىل ئائىلىسگە كىرىدىغان يۇغۇر تىلىنى (ئونگىر تىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) قوللىنىدۇ؛جيۇ چۇەن قاتارلىق جايلاردا خەنزۇلار بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يۇغۇرلار خەنزۇ تىلىنى قوللىنىدۇ.ئومومەن يۇغۇر تىلىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى روشەن ساقلىنىو قالغان.
يۇغۇرلار تارىختا شامان،مانى دىنلىرىغا ئېتىقاد قىلغان بولۇپ، ھازىر لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.دەپنە ئىشلىرىمۇ لاما دىنىنىڭ قائىدە -يوسۇنلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.دەپنە ئىشلىرىدا بىر قەدەر كۆپرەك قوللىنىلىدىغىنى__ كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش دەپمۇ ئېتىلىدۇ)دەپنە قىلىشتۇر.
يېمەك-ئىچمىكى
يېمەك-ئىچمىكى جەھەتتە غەربىي شىمالدىكى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا مىللەتلەرگە ئاساسەن ئوخشتىپ كېتىدۇ.ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا سۈت،سېرىقماي،گۆش،قېتىق،قۇرۇت،تالقان،زامبا(زاڭزۇچە بىر خىل يېمەلىك) ئېستىمال قىلىدۇ.زامبا يېيشكە ۋە سېرىق ماي چېيىغا يالىڭاچ ئارپا،سۇلۇ تالقىنى سېلىپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ.بۇنداق تالقانلارغا شېكەر،سېرىق ماي،ياڭاق،كۈنجۈت قاتارلىق ئارىلاشتۇرۇلسا ئۇنىڭ تەمى تېخىمۇ مەززىلىك بولۇپ كېتىدۇ.ئاشلىق، كۆكتاتلارنى قوشۇمچە يېمەكلىك قىلىدۇ.
قائىدە-يوسۇنلىرى
يۇغۇرلار ناھايىتى مېھماندوس كېلىدۇ،ئۆيىگە مېھمان كەلگەندە ئالدى بىلەن سۈت چاي بىلەن كۈتۈۋالىدۇ.چاي قۇيۇشتىن ئىلگىرى چىنىگە تالقان،سېرىق ماي،پىشلاق سېلىپ ئاندىن قاينىغان سۈت چۈينى چىنىگە قۇيۇپ مېھمانلارغا سۇنىدۇ.چاي ئىچىلىپ بولغاندىن كېيىن گۆش ۋە شورپا تارتىلىدۇ،ئاندىن شاراپ قوشىقى ئېيتقاچ مېھمانلارغا ئارپا ھارىقى تۇتىدۇ،ئېزىز مېھمانلار ئۇزىغاندا قوزا تېرىسىنى يوللۇق قىلىپ تۇتىدۇ.
پەرھىزلىرى
مېھمانلار چىدىرغا كىرگەندە ئەرلەر سول تەرەپتە،ئاياللار ئوڭ تەرەپتە ئولتۇرىدۇ؛ئاياللار ئوڭ تەرەپتە ئولتۇرىدۇ؛ساھىبخان مېھمانلارنى غىزاغا بېقىشقا تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن مېھمانلارنىڭ چىدىر ئىچىدە خالىغانچە مېڭىپ يۈرۈشكە،ئاددىسى ئورنىدىن تۇرۇۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ؛ئىبادەتخانا ئىچىدە ۋە ئەتراپىدا شاۋقۇن -سۈرەن سېلىشقا بولمايدۇ؛ياشلار چوڭلارنى بىۋاستە ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرسا بولمايدۇ؛ئات،ئېشەك،خېچىر،ئىت،تۈگە ۋە توخۇ،بېلىق،قاتارلىق بېگىز تۇمشۇقلۇق ياكى توم تۇياقلىق جانلىقلارنىڭ گۆشىنى يېمەيدۇ.
تورغا بېسىپ يوللىغۇچى: كىچىك موللا-زەيدىن |