مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1296|ئىنكاس: 12

بىز ئايرىلىپ كىتەيلى ....(تەسىرلىك مۇھاببەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سةن ياش تۈكۈشكة

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4882
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9210
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-8 12:29:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىز ئايرىلىپ كىتەيلى ....


بۇ يىگىت ئۇغۇلنى ئۇچرىتىپ قىلغان بىرىنچى ئېغىز سۈزى ئىدى .يىگت بىر ئاز سۈكۈت قىلىپ تۇرغاندىن كىيىن بېشنى لىڭىشتىپ< ماقۇل> دىدى.قىز ھاڭ تال بولغانچە بىر ئاز تۇرۇپ قېلىپ ئاچچىقىنى بېسۋالالمىغان ھالدا ئۇغۇلنى بىر كاچا ت ئۇردى ،دە  دەرھال سىرىتقا چىقىپ كەتتى .قىز چىقىپ كەتكەندىن كىيىن يىگىت تازلىق ئۆيگە كىرىپ بېشنى قاماللىغانچە ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلىدى .
        قىز ئۆيگە قايىتقاندىن كىيىن ،يەنلا ئاچچىقىى بېسىلماي يىگىت سوۋغا قىلغان شارپىنى ئەخلەت چىلىكىگە غەزەپ بىلەن ئاتتى ، ئۇنىڭ ئۇغۇل دوستىنى ئىككىنچىلەپ كۆرگۈسى يوق ئىدى .چۇنكى ئۇغۇل دوستى ئۇنىڭ ئايرىلىپ كىتىش تەلىپىگە ماقۇل بولغاندىن كىيىن ،ئۇنىڭدىن ھېچنىمىنى سۇراشنى لايىق كۆرمىدى .
      ئىلگىرى ئۇغۇل دوستى ئۇنى ناھايتى قەدىرلەيتتى ،ھەم ئىچ ئاغرىتاتتى ،شامال چىققان ياكى يامغۇر ياققا كۈنلەردىمۇ يىگىت قىز دوستى ئۈچۈن پۈتۈن شەھەرنى ئارلاپ ئۇ ئامراق بولغان شاكلاتلىق تورىت دىگەندەك نەرسىلەرنى تېپىپ ئەكلىپ بىرەتتى .بۇيىلمۇ   قىزچاقنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بىر نەچچە كۈن قالغان كۈنلەردە يامغۇر خۇددى چىلەكلەپ قۇيغاندەك يېغىپ توختىمىدى ،يىگىت ۋېلىسپىتنى مىنىپ ئىگىرى -ئاخىرى بۇلۇپ 78چوڭ -كىچىك كۇچنى ئايلىنىپ چىقىپ مىڭبىر مۇشاقەتتە 999تال بىر مولۇق پۇل تېپىپ كىلىپ ھەر كۈنى ئاخشىمى شۇپۇللار بىلەن جاھىللارچە كىمە ياساشقا باشلىدى .قىز چاقنىڭ تۇغۇلغان كۈندە ئۇ بۇ 999تال بىر مولۇق پۇلدىن ياسالغان كىمىنى تويدۇرماستىن قىزچاقنىڭ ياستۇقنىڭ بېشىغا قۇيۇپ قويۇپ يەنەبىر قەغەز باغاقچە قىستۇرۇپ قويدى ،بۇ باغاقچىدا مۇنداق يېزىلغان ئىدى <قەدىر لىكىم تۇغۇلغان كۈنىڭىز گە مۇبارەك بولسۇن گەرچەمنىڭ بۇسوۋغام 9يۇەن9مو بولسىمۇ ،لىكىن مىڭ سىز گە بولغان مۇھەببىتىم چەكسىز دۇر >قىز ئۇيغىنىپ،كارۋىتى بېشدىكى سوۋغات ۋەئۇنىڭغا قىستۇرۇلغان  باغاقچىنى كۈرۈپ  ئىنتايىن ھەيران قالدى ھەم تەسىرلەندى ،چۇنكى ئۇ ئۇغۇل دوستىغا مەڭگۇئىشەنسە بۇلدىغانلىقنى بىلەتتى .
       يىگىت دائىم قىزچاقنىڭ ئۈزنى نەگە ئاپرىپ ئوينىتىدىغانلىقغا ئوخشاش سۆزلىرنى تاقەتسىز بىلەن ئاڭلايتتى ھەم ئاڭلاۋېتىپ قىزنىڭ مۇرىسگە بېشنى قۇيۇپ ئۇخلاپ قالاتتى ،بۇنداق ۋاقىتلاردا قىزچاق ئاچچىقلانغان ھالدا ئۇنى ئىتترۋىتىپ ئاچچىق بىلەن <مەن بىلەن بىللە ئولتۇرسىڭىز شۇنچە چارچاپ كىتەمدىكەنسىز ؟ئەگەر ئاشۇنداق ھىس قىلسىڭىز ئۈيڭىز گە قايتىپ كىتىپ ئۇخلاڭ !بۇنۇڭدىن كىيىن ھەرگىز بىللە سىرتقا چىقمايلى >دىدى.بۇقىزچاقنىڭ ئايرىلىپ كىتىش ئالدىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم سىرىتقاچىققاندا يىگىتكە قىلغان سۆزى ئىدى .
كىيىن قىزچاق يىگتكەھەر قېتىم  تىلفۇن ئۇرغاندا داۋاملىق ئۇنىڭ گەپ سۆزلىرى جددى ،ئالدىراش ئىدى ياكى بولمىساكۈپىنچە ھاللاردا  تىلفۇنى مۇلازىمەت رايۇندا ئەمەس ئىدى .قىز تۇغۇلغان كۈنى بۇلۇشتىن بىر كۈن ئىلگرى كەچقۇرۇنلىقى يىگىتنىڭ ئۈيگەكىلىپ بىر مۇنچە ئاياللار كىيىملىرنىڭ بالكۈندا ئېسىقلىق تۇرغانلىقنى كۈرۈپ بىر دىنلا بۇغۇزىغا بىر نەرسە قاپلىشىپ قالغاندەك بۇلۇپ ھېچنەر سە دىيەلمىدى ئۇدىمى ئىچگە چۈشۈپ كەتكەن ھالدا سافادا ئولتۇرۇپ يىگىتىنڭ كىىلشنى ساقلىدى ،<غىچ> قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يىگىت ھارغىنلىقتىن ئېغىرلىشىپ كەتكەن گەۋدىسنى سۆرەپ ئاران دىگەندە ئۆيگە كىرىپ قىزنى كۈرۈپ ناھايتى ھەيران قالدى ،يىگىت ئېغىز ئېچىپ بولغۇچە قىزئاۋال ئېغىز ئېچىپ:
-بىز ئايرىلىپ كىتەيلى .
-ماقۇل .
ئەسلىدە قىزچاق ئەڭ ئاخرىقى كىچىككىنە ئۈمۇدىنى يىگىتكە باغلىغان ئىدى ،لىكىن ئۇغۇل قىزنىڭ تەلپىگە ماقۇل بولدى ،قىز يىگتنىڭ ئۈزىگە مەڭگۈ ۋاپاسىزلىق قىلمايدىغانلىقغا ئىشنەتتى لىكىن يىگت ئۇنىڭ سۇزىگە كىسىپلا ماقۇل دىدى.
يېرىم كىچە سائەت 23تىن 59مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىت ئىدى ،قىزچاقنىڭ قول تىلفۇنى تۇيۇقسز ئەنسىز سايرىدى.بۇتىلفۇن يىگىتتىن كەلگەن ئىدى .<قەدىرلىكىم تۇغۇلغان كۈنڭىز گە مۇبارەك بولسۇن >.
<بىز ئايرىلىپ كەتتۇق ئەمدى مىنى ئۇنداق چاقىرماڭ >دىدى قىزچاق يۇرەكلىرى ئېچىشقان ھالدا .
<قەدىر لىكىم مىنىڭ سىزنى بەكمۇ كۆرگۈم كىلىپ كەتتى ،مەن ئاللىقاچا سىزنىڭ ئۆيڭىز گەقاراپ يولغا چىقىپ بولدۇم ،يەنەبەش مىنۇتتىن كىيىن يىتىپ بارىمەن ،سىزگە دىمسەم بولمايدىغان ئىنتايىن مۇھىم گەپلىرىم بار >دەپلا يىگت تىلفۇننى ئۈزۋەتتى .
قىز بولسا دەرىزە تۈۋىدە ئولتۇرۇپ بارمىقى بىلەن  ۋاقىتنىڭ بىر ئاز -بىر ئازدىن ئۈتۋاتقانلىقىنى ھىسابلاشقا باشلىدى . ئالىىقاچان سەھەر سائەت ئىككى بولغان بولسىمۇ يىگىت تېخچە كەلمەيۋاتاتتى ،قىز چىراقنى ئۈچۈرۈپ يوتقىنىغا كىرىپ چارچاپ كەتكەن كۆزلىرنى يۇمۇپ ناھايتى تىزلا چۈشلەر قاينىمغا غەرىق بولدى .<قەدىر لىكىم >قىز يىگىتنىڭ چاقىرىشدىن چۈشلەر قاينىمدىن ئويغۇنۇپ يىگتنىڭ ئۈزنىڭ  كارۋىتنىڭ بېشدا تىپتىنىچ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى دە <ھۇ ئالدامچى ،ھازىر سائەت نەچچە بولدى ؟سىزگە بەكمۇ ئۆچ بولدۇم >دىدى ئاچچىقىنى بېسۋالالمىغان ھالدا ۋاقىراپ .
<قەدىر لىكىم ،بايا  يولدا كىلۋاتقان ۋاقتىمدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بىرىپ ماشنا تۇسۇلۇپ قېلىپ مۇشۇ ۋاقىت بۇلۇپ كەتتى >دىدى يىگىت قىزنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ،ئۇنىڭ كۆزلىرى نۇرسىز بۇلۇپ ،تەنلىرىمۇ مۇزلاپ كەتكەن ئىدى قىز ئاجرىماقچى بولغان ئىدى ،يىگىت ئۇنى تېخمۇ چىڭ قۇچاقلاپ تۇرپ <قەدىرلىكىم ،بۇنداق قىلماڭ ،پەقەت بىر ئازدىنلا كىيىن ،مەنسىزنى كۈرۈپ بۇلۇپلا قايتىمەن ،سىز پەقەت گەپ قىلماي مىنڭكىنى ئاڭلاڭ ،بىز ئايرىلىپ كەتكەندىن بۇيان سز يالغۇز ئۆتتىڭىز ،مەن بولسام سىزنى قانداق قىلغاندۇ دەپ ناھايتى ئەنسىردىم ،سىز ئادەتتە ئەتگەنلىك تاماق يىيىشنى تازا ياقتۇرمايتتىڭىز ،ھەر كۈنى ئەتگىنى پەقەت مەن سىز گە ناشتىلىق تەييارلاپ بەرگەندىن كىيىنلا ئاندىن ناشتا قىلاتتىڭىز ،مەن يوق ۋاقىتلاردا كىممۇ سىز گە ناشتىلىق تەييارلاپ بەرگەندۇ .سىزنىڭ پات -پات ئاشقازان كىسلىڭىز قوزغىلىپ قالغاندا دائىم مىنڭ پەپلەپ كۈڭۈل بۈلشىم بىلەن ئۈخلاپ قالاتتىڭىز !مەن يوق كىمۇ سىزنى پەپلەپ ئۇخلۇتۇپ قويغاندۇ ؟بىلەمسىز سىز ناھايتى زۇراۋان ئىدىڭىز سىز نىمە توغرىسدا ئېغىز ئاچسىڭىز مەن سىز گە قىلىپ بىرشىم كىرەك ئىدى ھەتتا ئاسماندىكى ئاي بولسىمۇ سىزگە ئۈزۈپ بىرىشىم كىرەك ئىدى،بولمىسا سىز ماڭا بىر نەچچە كۈن گەپ قىلمايتتىڭىز .ئىسڭىز دىمۇ ھېلىقى بىر قېتىم سىز بىلەن بىللە دوختۇرخىغا بېرىپ قان بىرىپ بۇلۇپ مەن ئالدىڭىز دائۈزۈم  يالغۇز بۇرۇنلا قايتىپ كەتكىنىم ،كىيىن سىز ماڭا ھەپتىگىچە قېيداپ يۇردىڭىز ،ئاخىرى مەن ئاممىۋى ئاپتۇبۇستامىنى : <قەدىرلىكىم >مىنى كەچۈرۈڭ ،مەن خاتا قىلدىم دەپ ئون قېتىم توۋلىغاندىن كىيىن ئاندىن ماڭا گەپ قىلىشقا ئۇنىغان ئىدىڭىز ،قەدىرلىكىم بۈگۈن سىز ماڭا ئايرىلىپ كىتەيلى دىگەن ۋاقتىڭىز داكۆڭلۈم ناھايتى يېرىم بۇلۇپ  تازلىق ئۆيگە كىرىپ شۇنداق ئۆكسۈپ -ئۆكسۈپ يىغلىدىم ،سىز چۇقۇم مىنى ئەجەپمۇيارامسىزكەن دەپ كۈلۋاتسىزغۇ دەيمەن .مەن نىمە ئۈچۈن سىز دىن ئۈزۈمنى  قاچۇرمەن ،چۇنكى شۇۋاقىتتا ئاچام ئۆيگە قايتايلا دەپ قالغان بولغاچقا مە شۇنداق قىلغان .ئاچام بىر نەچچە كۈندىن بۇيان مىنڭ ئۈيۈمدە تۇرۋاتقان بولغاچقا ئۇنىڭ مىنىڭ يىغلىغىنىمنى كۈرۈپ قېلىشدىن قورىققان ئىدىم سىز تېخى مىنىڭ ئاچامنى كۆرمىدىڭىز غۇ دەيمەن ؟>دىدى يىەىت چۇڭقۇر بىرنى نەپەس ئېلىپ كۈلۈپ تۇرۇپ مەن بۈگۈن ناھايتى كۆپ قۇرۇق گەپ قىلۋەتتىم ھې... ھې..  ھې...قەدىر لىكىم سىز تىزراق ئۇخلاڭ مەنمۇ تىزراق ماڭمىسام بولمايدۇ >دىدى،قىز يىگىتنىڭ دىئالوگنى ئاڭلاپ تۇيۇقسز يۇركىنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشىپ كەتكەندەك بولدى ،
ئۇنىڭچە بولغاندا يىگىت بۈگۈن بىر ئاز باشقىچە بۇلۇپ قالغاندەك قىلاتتى ،بىراق قەيىرنىڭ ئوخشىمايۋاتقانلىقىنى ئۆزىمۇ ئېيتىپ بىرەلمەيىتتى .يىگىتنىڭ چىقىپ كىتۋاتقان سىماسغا قاراپ قىزچاقتا دەرھال يىگتنى توختىتىۋېلىش ئىستىكى تۇغۇلغان بولسىمۇ، لىكن ئۇنىڭ ئاچچىقى تېخچە تۇلۇق يانمىغان بولغاچقا ئۇنداق قىلمىدى .بۇقېتىم يىگت ئۈزىگە بىر ئاي يالۋۇرسا ئاندىن ئۇنىڭغا گەپ قىلىش ئۇيى بار ئىدى .
قۇياش نۇرى ياتق ئۆينىڭ دەرىزىسدىن يانتۇ چۇشۈپ قىزنى ئويغاتقاندا قىز ئاندىن ئۇيقۇسدىن ئويغۇنۇپ خۇش ياقمىغان ھالدا كىرىلىپ ياتتى ،تىلفۇننىڭ ئەنسىز سايرىشى قىزچاقنى تاقەتسىزلىك بىلەن تىلفۇننى ئېلىشقا مەجبۇر قىلدى ،تىلفۇندا بىر ناتۇنۇش ئايالنىڭ ئۆكسۈپ ئۆسۈپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى <مەن بولسام ئامېينىڭ ئاچىسى ،ئامىي  ئۇ ھۆ....ھۆ....ئۇ قاتناش ھادىسگە ئۇچرىدى >دىدى.
دوختۇرخانا ئىچى،يىگىت كىسەل كارۋىتنىڭ ئۈستىدە تىپتىنىچ ھالەتتە ئىككى كۈزنى مەھكەم يۇمغان ھالدا ياتاتتى .چىرايى كىرلىككە ئوخشاش تاتىرىپ كەتكەن بۇلۇپ ،قىز ئۇنىڭ جەسىدىنى قۇچاقلاپ ھاڭۋېقىپ تۇرغان ھالدا ھېچنەرسە دىيەلمىدى .
يىگىتنىڭ ئاچىسى ئۇنىڭغا يىگىتنىڭ تۈنۈگۈن ئاخشام ئۇچوڭ بىر يۈك ماشنىسى بىلەن سۇقۇلۇپ كىتىپ نەق مەيداندا جان ئۈزگەنلىكنى ،ئۇنىڭ ۋەسيەت قالدۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەيلا ئەزرائىل تەرپىدىن ئېلىپ كىتىلگەنلىكنى يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتىپ بەردى .يەنە <مەن ئۇنى كۆرگە چېغىمدا ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۇچۇق بۇلۇپ قۇلىدا بۇئالتۇن ئۈزۈكنى مەھكەم تۇتۋالغان ئىكەن، ئۇبۇ ئۇزۈكنى سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنڭىزدە  ،سىز گە توي تەلىپى قويغىلى بۇئۈزۈكنى سېتۋېلىش ئۈچۈن  ،ھەر ئاخشىمى باشقىلار بىلەن كانغا بىرىپ كۈمۈر قېزىپ ،بىر نەچچە قېتىم كان گۈمۈرلۈپ چۈشۈپ جېندىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالغان ئىدى >دىدى.بۇگپلەرنى ئاڭلاپ قىزنىڭ بىردىنلا كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ يەرگە يىقىلدى .
شۇنىڭدىن كىيىن قىز يىگىتنىڭ سىماسنى مەڭگۈ  ئىسدە ساقلاپ   ئىككىنچىلەپ بىرەرسى بىلەن يۈرمىدى .ئەگە ئۇ كىيىنكى ئۆمىردە يىگىتنى ئۇچىرىتالىغان بولسا  ئاممىۋى ئاپتۇبۇستا ئۇنىڭدىن تۈمەن مىڭ  قېتىم <قەدىر لىكىم مىنى كەچۈرۈڭ> دىگەن بۇلاتتى ....................
خاتىمە
8-ئاينىڭ 7-كۈنى
يەنە بىر ئايدىن كىيىن قىز دوستۇمىنڭ تۇغۇلغان كۈنى بۇلىدۇ،بۈگۈن مەن مەرۋايىت بۇيۇملار دۇكىنىدا بىر ئۆمۇر جېنىمدىن ئەزىز كۈردىغان قىز دوستۇم ئۈچۈن بىر دانە ئۈزۈك كۆردۈم ،بۇيىلقى تۇغۇلغان كۈندە چۈقۈم ئۇنىڭغا توي قىىلش تەلىپى قۇيمەن .
8-ئاينىڭ 10-كۈنى
بۈگۈن ئىداردىكى بىر خىزمەتدېشىمدىن  كانغا چىقىپ كۈمۈر قازسا ناھايتى كۆپ پۇل تاپقىلى بۇلدىغانلىقنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردىم .راستىنلا كۆپ پۇل تاپقىلى بولدىكەن، بىر .ئاخشامدىلا 50يۇەن تاپتىم .
8-ئاينىڭ 15-كۈنى
ئەسلىدە كۈمۈر قېزىش ناھايتى خەتەرلىك ئىكەن ،يەنە كان گۈمۈرلۈپ چۈشۈپ باستۇرلۇپ قالغىلى تاس قالدىم
8-ئاينىڭ 21-كۈنى
بۈگۈن قىز دوستۇم  <يېقىندىن بۇيان تىلفۇنۇمنى ئالمىدىڭىز ،مەندىن زىرىكىپ قالدىڭىز مۇ >قانداق دەپ مەن بىلەن ھىسابلاستى ،بۇ ئۇماق <دۆت >قىزچاقنىزە...............مەن بىر ئۆمۈر ئۇنىڭ ئۈچۈن پايپىتەك بۇلىۋاتسام قانداقمۇ ئۇنىڭدىن زىرىكىپ قالاي ؟لىكىن مەن ئۇنىڭغا< كاندا سىگنال ناچار >دىسەم بولمايدۇ .بوپتۇ ئۇ ھازىر خاتا چۈشەنسە خاتا چۈشنىپ تۇرسۇن .
8-ئاينىڭ 27-كۈنى
بۈگۈن قىز دوستۇم بىلەن سىرىتقا چىقىپ ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۇخلاپ قاپتىمەن ،بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئاچچىقنى باسالمىغان ھالدا مىنى راسا تىللىدى .ھەي ھەممىسى مىنىڭ ئىھتياتسىزلىق قىلىپ ئۇخلاپ قالغىنىمدىن بولدى.بەلكىم تۈنۈگۈن ئاخشام سەھەر سائەت بەشتىن ئۆتكەندە ئاندىن ئۇخلىغانلىقىم سەۋەبدىن بولسا كىرەك .ئەسلىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇش مەن ئۈچۈن ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئىش ئىدى .
9-ئاينىڭ 1-كۈنى
بۈگۈن ئاچام يىزدىن مىنى يوقلاپ كەلمەكچى ،ئانام ماڭا چۇقۇم يىل ئاخىردىن بۇرۇن قىز دوستۇمنى ئۆيگە ئاپرىپ ئۇلارغا كۆرسۈتۈشۈمنى تاپلىغان ئىدى .
9-ئاينىڭ 4-كۈنى
بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق كۈمۈر قېزىش ،بىز قاراڭغۇدا كۈمۈر قىزىش ۋەزىپىسنى تۈگۈتۈپ بۇلۇپ ،ئىشنى يىغىشقا تەييارلىق قىلۋاتقان ۋاقتىمىز دا تۇيۇقسىز يەنە كان گۈمۈرلۈپ كىتىپ بىر پۇتۇم تاش ئاستىدا باسۇرلۇپ قېلىپ ياىشى مىنىڭ جان تىكىپ تىركىششىم بىلەن ئۆملەپ چىقىپ جېنىمنى ساقلاپ قېلىپ 1500يۇەن ئىش ھەققىمنى ئېلىپ ئۆيگە قايتتىم ،ئاخىرى بۇنداق جاننى ئالقانغا ئېلىپ قۇيۇپ تۇرۇپ قىلدىغان بۇئىشنى قىلماس بولدۇم .
9-ئاينىڭ 5-كۈنى  
بۈگۈن مەن پۇلنى ئېلىپ ھېلىقى ئۈنچە مەرۋايىت دۇكىنغا بېرىپ ھېلىقى ئۈزۈكنى سېتۋالدىم ،ئۆگۈنلۈككە قىز دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ،ئەتە ئاخشاملىققا 12دىن كىيىن مەن قىز دوستۇمغا توي قىلايلى دەيمەن  .نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇنى كۆرمەي ،ئۇنى بەكمۇ سېغىندىم .
9-ئاينىڭ 6-كۈنى
بۈگۈن ئۆيگە قايتىپ بارسا ئۇمۇ باركەن ،مەن ناھايتى خۇشال بۇلۇپ ،ئۇنىڭغا سىز نى ناھايتى سېغىندىم دەي دەپ تۇرسام ئۇ ئاۋال ئېغىز ئېچىپ ماڭا <ئايرىلىپ كىتەيلى >دىدى،شۇ ئان مىنىڭ يۈركىم يىڭنە سانچىغاندەك  ئاغرىىپ كەتتى كۆزياشلىرىم كۆز چاناقلىرىمدا ئايلىنىپ يۈرەتتى .لىكىن مەن ماقۇل بولدۇم ،چۈنكى مەن ئىلگىرى ئۇنىڭغا ئۇ نىمە قىلىپ بىرشىمنى تەلەپ قىلىشدىن قەتئنەزەر ياق دىمەسلىككە ۋەدە بەرگەن ئىدىم ،گەرچە ئۇنىڭدىن ئايرىلىش مىنى ئۆلگىدەك قىينىسمۇ  ؟بۇۋاقىتتا قىز دوستۇم مىنىڭ كاچىتىمغا بىرنى سالغاندىن كىيىن ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .
9-ئاينىڭ 7-كۈنى
بۈگۈن قىز دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ،مەن پۈتۈن بىر كۈن ئۇنى ئەسلەپ چىقتىم ،كەچتە مەن ئۈزۈكنى ئېلىپ ئۇنۇڭغا تىلفۇن ئۇردۇم ،بۈگۈن نىمە بۇلىشدىن قەتئنەزەر مەن قىز دوستۇمغا توي قىلايلى دەيمەن ،مەن ئۇنىڭ ھالدىن بىر ئۆمۈر خۋەر ئېلىشىم كىرەك .يېرىم يولغا كەلگەندە ئۈزۈك يانچۇقۇمدىن چاچراپ چىقىپ چوڭ يولغا دۇملاپ كەتتى ،مەن دەر ھال ماشىننى توختۇتۇپ يۈگۈرۈپ بېرىپ ئېلۋاتسام بىر يۈك ماشنىسى مەنتەرپكە قاراپ ئۇچقاندەك كەلدى مەن ئۈزۈمنى چەتكە ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالدىم ،پەقەت كۆزئالدىم قىزىللىققا تىقىلدى .قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىننى بىلمەيمەن ھۇشۇمغا كەلسەم يېنىمدا ئەزرائىل تۇرۇپتۇ ،ئۇماڭا مىنىڭ ئاللىقاچان بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەسلىكىمنى ئېيتتى .مەن ئاچامنىڭ مىنىڭ قانغا بۇيلىپ كەتكەن جەسىدىمنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئىنتايى ئازاپلانغانلىقنى كۆردۈم ،قىز دوستۇم .مەن چۇقۇم قىز دوستۇمنى تاپمەن ،مەن بۇۋاقىتتا ئەزرائىلغا يېلىندىم ، ئۇمنىڭ پەقەت يېرىم سائەتلا قىز دوستۇمنى كۈرۋېلشىمغا ئۇندى .
مە قىز دوستۇمنىڭ كارۋىتنىڭ بېشغا كىلىپ ئىنتايىن ئازاپلانغان ھالدا ئۇنىڭ چاچلىرنى سىلدىم مەن پەقەت ئايرىلىشقا چىدىمىدىم .مەن قىز دوستۇمدىن ئايرىلىپ كەتسەم ئۇنىڭ ھالدىن خەۋەر ئالدىغان ئادەم بولماسلىقدىن بەكمۇ قورقاتتىم .ئەمدى ئۇ قانداقمۇ قىلار ؟
قەدىرلىكىم مىنى كەچۈرۈڭ ،مەن  ھالڭىزدىن خەۋەر ئالالمايدىغان بولدۇم ،سىز چۇقۇم خۇشال خۇرام بۇلىشىڭىز كىرەك ئىدى ،كىيىنكى ئۆمرىمدە مەن يەنە مۇشۇنداق شور پىشانە  بۇلۇپ قالسام يەنە مەن تەڭرىدىن باكدۇرراق سىز گە ئۇچراشتۇرىشىنى تىلەيمەن .
ئەلۋىدا قەدىرلىكىم .....................


مەنبە :خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىندى

ئةتكص قۇياشنصڭ  بۈگۈنكصدصنمۇ  پارلاق  بۇلدصغانلصقغا  ئشنصڭ ...

ئارتۇق گەپنى قوي

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1284
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11580
تۆھپە نۇمۇرى: 497
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-8 09:54:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇنىڭدىن  ھېچقانداق  بىر  تەسىرلىك  مۇھەببەت ھېكايىسىنىڭ  پۇرىقىنى
پۇرىيالمىدىم . شۇنداقتىمۇ  تېما  ئىگىسىگە  كۆپ رەھمەت  !
جاپا  تارتىپ  بىز  ئۈچۈن  تەرجىمە  قىلىپسىز .

قۇم چېچەكلىگەندە بەلكىم سەندە  بىرلىك  بولۇپ  قېلىشى  مۇمكىن !!!

كۈلۈشنى ئۇنۇتما!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11754
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8767
تۆھپە نۇمۇرى: 453
توردا: 4433 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-8 10:33:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راستىلا كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ، ئەڭ ئەخىرىدىكى ئەزرائىلدىن يېرىم سائەت ۋاقىت تىلەپ ئېلىپ كۆرۈشۈشكە بارسىمۇ يەنە ئۆزقىلىغىنىنى قىلغان بۇ قىز راستلا "داۋخو "كەن. [s:151]

كۆرەلمەسلىك، ھەسەتخورلۇق ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق،بىرەر ئىش قىلىشقا باغلىسا بەلنى، تۈمەن بۆھتانىمىز باردۇر.

www.xjmingpian.com كارتا سىستىمىسى سىز ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەتتە

كىشى ئاخىر ئۆلۈپ

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22
يازما سانى: 1126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15549
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 3128 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-8 10:50:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېلىقى ئارغامچا يادىڭىزدىمۇ ؟ شۇ كۈنى مەن ئارغامچىنى سىزگە ئاپىرىپ بېرىشكە بارغان ئىدىم . ئېرىق بويىدا ..ئۈجمە تۈۋىدە ....
ھەي ! سىز پەقەتلا مېنىڭ ئىدىڭىز ھە ؟

دائىم بىر ھەرپ چۈشۈپ قالىدۇ ھە....

ئوماق قوزام....!!! T

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16072
يازما سانى: 1206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16421
تۆھپە نۇمۇرى: 575
توردا: 5462 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2013-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-8 10:58:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن، ئەمما ئىملايىڭىزنى قايتا تەكشۈرۈپ بىر تەھرىرلىۋەتسىڭىز بوپتىكەن. مەسىلەن: ئۇغۇل-ئوغۇل، تورىت-تورت،مەڭگۇ-مەڭگۈ.........مۇشۇنداق قىلسىڭىز ئەسىرىڭىز تېخىمۇ راۋان بولىدۇ.  [s:141]

تەمەيىم يوق ساخاۋەتتىن، ۋەتەن پەخرىم غورۇرىمدۇر، ئۇنىڭ قوينى ماڭا جەننەت، مۇقەددەس ۋەتەنگاھىمدۇر. zalimin zulumu varsa, sevennin allahi var! ! http://www.1000do.info/?227122.htm

مەيلىمۇ يا!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 550
يازما سانى: 2073
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 212089
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 1416 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-8 11:12:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر پاجىئە بوپتىغۇ؟!    يەنە بىر ئەسەر بارغۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغان...قىزلار ھامان يىغلايدۇ دەپ...

بەلكىم شۇنداق يارالغاندىمەن!                                                                                                سايىم...

سةن ياش تۈكۈشكة

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4882
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9210
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2010-7-27
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-8 11:29:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنچى قەۋەتتتىكى ھېكمەت ئىسىملىك تورداشقا :
سىزگە قايتا ئالدىرماي يەنەبىر قېتىم ئۇقۇپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن .يەنە ھچقانداق پۇراقنى سىزەلمىسڭىز ئۇ سىز دىكى گەپ ...

ئةتكص قۇياشنصڭ  بۈگۈنكصدصنمۇ  پارلاق  بۇلدصغانلصقغا  ئشنصڭ ...

بىىنەزەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7133
يازما سانى: 909
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10712
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 9819 سائەت
تىزىم: 2010-8-21
ئاخىرقى: 2013-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-8 01:09:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىڭىزنى باشتىن ئاخىرى ئوقۇپ چىقتىم ......
بەك تەسىرلىككەن..........]

چىرايلىق چىرايلىق ئەمەس ،سۆيگەن چىرايلىق

تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2413
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7195 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-8 01:46:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندە خەنزۇچىسى بار ئىدى بىراق ئانچە تۇلۇق چۈشىنەلمىگەنىدىم ، ناھايتى ياخشى تەرجىمە قىپسىز رەھمەت .

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

قەدىرلە.قەدرىڭن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2976
يازما سانى: 1687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11667
تۆھپە نۇمۇرى: 380
توردا: 3385 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2014-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-8 02:59:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن تەسىرلەك مۇھەببەت ھىكايىسى ئىكەن.ئۇ قىز بىر ئومۇر پۇشايماندا قاپتۇ دە.

قەدىرلە.قەدرىڭنى قىلغانلارنى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش