مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2172|ئىنكاس: 12

كانادا توغرىسىدا چۈشەنچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97717
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2062 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-8 08:08:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




  مۇستەقىللىق كۈنى: 7-ئاينىڭ 1-كۈنى (1867-يىل)

  دۆلەت بايرىمى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى (1867-يىل)

  دۆلەت باشلىقى ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت II. ئايال پادىشاھ تەيىنلىگەن ۋالىي پادىشاھقا ۋاكالىتەن ۋەزىپە ئۆتەيدۇ، ۋالىي نامزاتىنى زۇڭلى كۆرسىتىدۇ، ئايال پادىشاھ تەيىنلەيدۇ. ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل. باش ۋالىي مىچىل جىن، ئايال، ھايتىلىقلار پۇشتىدىن)، 2005-يىلى 9-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان؛ زۇڭلى ستەۋېن خاربېر، 2006-يىلى 1-ئايدا ۋەزىپىگە سايلانغان، 2008-يىلى 9-ئايدا قايتا سايلانغان.

  جۇغراپىيەلىك شارائىتى: يەر كۆلىمى 9 مىليون 980 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى قۇرۇقلۇق يەر كۆلىمى 9 مىليون 93 مىڭ 507 كۋادرات كىلومېتىر، تاتلىق سۇ بىلەن قاپلانغان كۆلىمى 891 مىڭ 163 كۋادرات كىلومېتىر. شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. شەرقتە ئاتلانتىك ئوكيانغا، غەربتە تىنچ ئوكيانغا، جەنۇبتا ئامېرىكىغا، شىمالدا شىمالىي مۇز ئوكيانغا تۇتىشىدۇ، غەربىي شىمالدا ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا ئىشتاتى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقىي شىمالدا باففىن قولتۇقى ئارقىلىق گىرېنلاندىيە بىلەن تۇتىشىدۇ. دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 240 مىڭ كىلومېتىر. شەرقىي قىسمى ئېدىرلىقلاردىن ئىبارەت، جەنۇبىي قىسمىدىكى ئامېرىكا بىلەن چېگرىلىنىدىغان چوڭ كۆل ۋە ساينت لاۋرېنىس رايونىنىڭ يەر شەكلى تۈزلەڭ بولۇپ، ئويمانلىق كۆپ. غەربىي قىسمى كوردىللېرا تاغلىق رايونى بولۇپ، كانادادىكى ئەڭ ئېگىز رايون ھېسابلىنىدۇ، نۇرغۇن تاغ چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن يۇقىرى. شىمالىي قىسمى شىمالىي قۇتۇپ تاقىم ئاراللىرى بولۇپ، كۆپىنچىسى ئېدىرلىق ۋە پەس تاغلىق رايونلار. ئوتتۇرا قىسمى تۈزلەڭلىك. كانادا دۇنيادىكى كۆل ئەڭ كۆپ دۆلەتنىڭ بىرى. غەرب شامىلىنىڭ تەسىرىدە، كانادانىڭ قىسمەن رايونلىرىنىڭ كىلىماتى چوڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمىنى كىلىماتىغا تەۋە بولۇپ كەتكەن. شەرقىي قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنرەك، جەنۇبىي قىسمىنىڭ كىلىماتى يېقىشلىق، غەربىي قىسمىنىڭ كىلىماتى ئىللىق ۋە نەم، شىمالىي قىسمى سوغۇق بەلۋاغ تۇندرا كىلىماتىغا تەۋە بولۇپ، شىمالىي قۇتۇپ تاقىم ئاراللىرىدا يىلبويى قاتتىق سوغۇق بولىدۇ. ئوتتۇرا غەربىي قىسمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40 سېلسىيە گرادۇستىن ئاشىدۇ، شىمالىي قىسمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 60 سېلسىيە گرادۇسقا چۈشىدۇ.





  نوپۇسى: 33 مىليون 500 مىڭ (2010-يىلى 22-ئىيۇندىكى ئىستاتىستىكا). ئاساسلىقى ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق ياۋروپالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى، يەرلىك ئاھالە (ئىندىئانلار، مېدىيالار ۋە ئېسكىموسلار) تەخمىنەن پۈتۈن نوپۇسنىڭ %3ىنى ئىگىلەيدۇ، قالغىنى ئاسىيالىقلار، لاتىن ئامېرىكىسىلىقلار، ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى، ھىندىستان، پاكىستان ۋە سىرى لانكىدىن كەلگەن جەنۇبىي ئاسىيا كۆچمەنلىرىنىڭ نوپۇسى 1 مىليون 300 مىڭغا يەتتى. جۇڭگولۇقلار ئەۋلادلىرى كانادادىكى ئەڭ چوڭ ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى %25 كىشى كانادادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، قالغانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى جۇڭگونىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقى، شياڭگاڭ، تەيۋەندىن كەلگەن. ھازىر كانادادا تەخمىنەن 1 مىليون 450 مىڭ جۇڭگولۇق بار.

  پايتەختى: ئوتتاۋا، ئونتارىئو ئۆلكىسىگە جايلاشقان. پايتەخت رايونىنىڭ نوپۇسى 1 مىليون 128 مىڭ 900 (2002يىلدىكى مەلۇمات)، يەر كۆلىمى 4662 كۋادرات كىلومېتىر.

  مەمۇرىي رايونلارغا بۆلۈنۈشى: پۈتۈن مەملىكەت ئون ئۆلكە ۋە 3 رايونغا بۆلۈنىدۇ. ئون ئۆلكە: ئالبېرتا ئۆلكىسى، برىتانىيە كولومبىيە ئۆلكىسى، مانىتوبا ئۆلكىسى، يېڭى بىرىنۇسۋېكلىقلار ئۆلكىسى، نېۋفوندلاند-لابرادور ئۆلكىسى، نوۋا سىكوتىيە ئۆلكىسى، ئونتارىئو ئۆلكىسى، ئېدۋارد شاھزادە ئارىلى ئۆلكىسى، كۋېبېك ئۆلكىسى، ساسكاچېۋان ئۆلكىسىدىن ئىبارەت. ئۈچ رايون: غەربىي شىمال رايونى، يۇكون رايونى ۋە نۇناۋۇ ئالاھىدە رايونىدىن ئىبارەت.ئاساسلىق شەھەرلىرى: تورونتو، ۋانكۇۋېر، مونتېرىئال.قىسقىچە تارىخى: كانادا ئەسلىدە ئىندىئانلار بىلەن ئېسكىموسلارنىڭ ماكانى ئىدى. 16-ئەسىردە فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. 1867-يىلى، ئەنگلىيە كانادا ئۆلكىسى، يېڭى بىرىنۇسۋېكلىقلار ئۆلكىسى ۋە نوۋا سىكوتىيە ئۆلكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ فېدېراتسىيە قىلىپ، ئەنگلىيىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى دومىنىيونى قىلىۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، باشقا ئۆلكىلەرمۇ كەينى-كەينىدىن فېدېراتسىيەگە قوشۇلغان. 1926-يىلى، ئەنگلىيە كانادانىڭ «باراۋەر ئورنى»نى ئېتىراپ قىلغان، كانادا ئاخىرى دىپلوماتىيە جەھەتتە مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەن. 1931-يىلى، كانادا ئەنگلىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئەزا دۆلىتى بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ پارلامېنتىمۇ ئەنگلىيە پارلامېنتى بىلەن باراۋەر قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، بىراق يەنىلا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھوقۇقى بولمىغان. 1982-يىلى، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى «كانادا ئاساسىي قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالىغان، بۇنىڭ بىلەن كانادا پارلامېنتى ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تولۇق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

مەنبە؛خەلق گېزىتى تورى
http://uyghur.people.com.cn/165019/15141168.html

بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر

ئاتا-ئانا  رازى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2504
يازما سانى: 989
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11766
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-8 09:43:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت كانادا نىمۇ  بىلۋالدۇق مانا يەر كۆلىمى ھەقىقەتەن چوڭ كەن دۇنيا بويىچە 2 ئورۇنداتۇرماق دىگەن ئاسان گەپمۇ ھە............

نە ھاجىتى ئەمدى كۇتۇشنىڭ. ئارزۇ قىلغۇدەك كىم بار كۇتۇشكە.    كۆڭۇل بۆلۇپ بولمىغىن مالال، كۆنۇكقۇ مەن تەنخا ئۆتۇشكە....> زاھىر123

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13794
يازما سانى: 1550
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5700
تۆھپە نۇمۇرى: 1992
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2010-10-13
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-8 09:54:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكەن دە بىرتىمىدا كۆرىشىمچە شۇنچىۋالاچوڭ دۆلەتتە بىر شاڭخەي نۇپسىدىن سەل كۆپراق نۇپۇس بارمىش ،يەنەبۇ دۆلەت ئادەم كۈچىگە مۇھتاجمىش

يەنە دىسەم يەنەشۇگەپ، بولسا مۇشۇ تۈرۈك مەنىستان دۆلىتى توغۇرلۇق مەلۇماتلاربولسا خەۋەردار قىلغان بولساڭلار ئاغىنىلە .

ئۆلۈم يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈلۈك باشلىنىشى !

ئبۇجاھان ئۈتنجا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19193
يازما سانى: 458
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9382
تۆھپە نۇمۇرى: 318
توردا: 574 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2011-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-8 11:31:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت كانادا نىمۇ  بىلۋالدۇق  .......

ئېرپان

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20801
يازما سانى: 1052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9776
تۆھپە نۇمۇرى: 702
توردا: 6322 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2014-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 11:23:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋانكوۋېردا خەنزۇلار سەت جىق ....شۇڭا جىق ئادملەر ۋانكوۋېر دىمەي خاڭكوڭۋىر (شياڭگاڭ ۋىر ) دىيىشىدىكەن ....ئۇنىڭ ئۇستىگە ۋانكوۋېردا ئېنگىلىسچە بىلمسىڭىزمۇ قىيلىنىپ كەتمەيسىز ....مەن تۇنجى قېتىم ۋانكوۋېردا چۇشكەن ۋاقتىمدا بىر چەت ئەللىك ساقچى كېلىپ نەدىن كەلدىڭىز دەپ سورىغان مەن جۇڭگودىن دىسەم ماڭا يولنى خەنزۇ تىلىدا دەپ بەرگەنتى ھەيران قاپتىكەنمەن ....ۋانكوۋېردا ئۇنداق مىساللار دىگەن جىق ....

ئۆز  ئېلىڭىڭ نېنىنى يە . كىچە كۈندۈز غېمىنى يە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19775
يازما سانى: 362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8753
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2201 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2013-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 12:25:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كانادادا ئۇيغۇرلارمۇ بار تىخى

ئىتىقاتسىزلىق،ۋەتەنسىزلىك-ئىنسان ئۈچۈن ئۆلۈم

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7571
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7692 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 12:53:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋانكوۋىردىكى جۇڭگولۇقلار  ۋانكوۋىر نۇپۇسىنىڭ 40پىرسەنتتىن كۆپرەگىنى ئىگەللەيدىكەن.شۇڭا سىز خەنزۇچە بىلسىڭىز،  ئىنگىلىسچە بىلمىسىڭىزمۇ بۇ شەھەردە تىل جەھەتتە قىيالمايسىز دىگەن گەپ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7571
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7692 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 01:03:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋانكوۋىردىكى كانادانىڭ  غەربى جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ پورت شەھىرى .ھەم تىنىچ ئوكياندىن كاناداغا كىرىشتىكى ، كىرىش ئىغىزى.بۇ شەھەر ئامېرىكىنىڭ غەربى شىمالىدىكى پورت شەھىرى سىياتىل بىلەن خوشنا. جۇڭگولۇقلار  ۋانكوۋىر نۇپۇسىنىڭ 40پىرسەنتتىن كۆپرەگىنى ئىگەللەيدىكەن.شۇڭا سىز خەنزۇچە بىلسىڭىز،  ئىنگىلىسچە بىلمىسىڭىزمۇ ،بۇ شەھەردە تىل جەھەتتە قىينالمايسىز دىگەن گەپ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8391
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8727
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2010-8-29
ئاخىرقى: 2011-1-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 03:53:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت erpan521 كە 2011-01-09 11:23 AMئەۋەتىلدى :
ۋانكوۋېردا خەنزۇلار سەت جىق ....شۇڭا جىق ئادملەر ۋانكوۋېر دىمەي خاڭكوڭۋىر (شياڭگاڭ ۋىر ) دىيىشىدىكەن ....ئۇنىڭ ئۇستىگە ۋانكوۋېردا ئېنگىلىسچە بىلمسىڭىزمۇ قىيلىنىپ كەتمەيسىز ....مەن تۇنجى قېتىم ۋانكوۋېردا چۇشكەن ۋاقتىمدا بىر چەت ئەللىك ساقچى كېلىپ نەدىن كەلدىڭىز دەپ سورىغان مەن جۇڭگودىن دىسەم ماڭا يولنى خەنزۇ تىلىدا دەپ بەرگەنتى ھەيران قاپتىكەنمەن ....ۋانكوۋېردا ئۇنداق مىساللار دىگەن جىق ....



ھەي قىرىندىشىم مەن سودا پاسپورتى ئەپ قويغىلى 6 يىلچە بولدى . چەتئەل دىگەن يەرگە چىقىپ باقمىدىم.ئەمما بەكمۇ چىققۇمبار ئىدى .بىزغۇ بىلىملىك ياكى پۇلدار ئەمەس ،لىكىن مىنىڭ ياراتقۇچى چىگىرىسىز ياراتقان بۇ زىمىننى بەزىلەرنىڭ سىنىڭ  ئاۋۇ مىنىڭ ماۋۇ دەپ بۆلىۋالغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىمەن .مەخسىدىم شۇ جايلارنى بىر كۆرۈپ كەلگۈم بار.
مىنىڭ ھەر قانداقلا بىر ئىغىر يىنىك تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدىيەلەيدىغان ئىشىم بارئىدى.دۆلىتىمىزنىڭ تارقاتقان شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى ئۇ  يەرلەردە ىتىراپ قىلامدىغاندۇ؟ئىتىراپ قىلمىسا ئىلتىماس قىلىپ ئالغىلى بولامۇ؟....
چ چ 452830497  بىر ياردەم قىلىغان بولساڭلار قىرىنداشلىرىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8717
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8276
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 59 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2014-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 03:59:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سودا پاسپورتى بىلەن كاناداغا چىققىلى بولامدا؟بۇنى بىلمەيدىكەنمەن. لېكىن چىقىپلا قالسىڭىز، يۈك ماشىنىسى ھەيدەش پىراۋىڭىز بىلەن ئاللاھ خالىسا ئېيىغا تۆۋىنىگە بەش مىڭ دوللارلىق ئىش تاپالايسىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش