مەپتۇن بولدۇم ئەي جانان ، جامالىڭنى بىر كۆرۈپ،
پەرىشتىدەك بىغۇبار چىرايىڭنى بىر كۆرۈپ.
********
ئاشتى يەنە يۈرەكتىن ساڭا بولغان ھۆرمىتىم،
قىزلارغا خاس ئەخلاقىڭ سالامىڭنى بىر كۆرۈپ.
******
بولۇپ قالدى ئەقلىم بىل، يوقتۇر ئاڭا ھېچ ئامال،
كۆڭلۈم ساڭا باغلاندى دېدارىڭنى بىر كۆرۈپ.
******
تاپالمىدىم سۆزۈمنى، يوقاتقاچقا ئۆزۈمنى،
قىزىل گۈلدەك چىرايلىق رۇخسارىڭنى بىر كۆرۈپ.
******
ياراشىپتۇ چاچلىرىڭ، ئورغاق ئىكەن قاشلىرىڭ،
ئوت تۇتاشتى يۈرەككە خۇش ھالىڭنى بىر كۆرۈپ.
******
قىلغان ئىشىڭ ئېدىتلىق، ئۆزۈڭ يەنە بەك دىتلىق،
قايىل بولدۇم ھەر قاچان كامالىڭنى بىر كۆرۈپ.
******
ئۇيغۇر قىزىغا لايىق، داڭلىسۇن ھەم خالايىق،
ئەمگىكىڭدىن گۈللەتكەن باھارىڭنى بىر كۆرۈپ.