مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 934|ئىنكاس: 4

يېڭى زېلاندىيە ھەققىدە چۈشەنچە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 393
يازما سانى: 2619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 97717
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 2062 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 08:35:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



  دۆلەت بايرىمى : 6-فېۋرال (1840-يىلى)

  دۆلەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى: ۋالىي ئاناد ستاياناد، 2006-يىلى 8-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان، ئۇ يېڭى زېلاندىيە تارىخىدىكى ئاسىيالىقلار ئەۋلادىدىن بولغان تۇنجى ۋالىي. زۇڭلى جون كېي، 2008-يىلى 11-ئايدا سايلاپ چىقىلغان؛ پارلامېنت باشلىقى لوكۋۇد سىمىس، 2008-يىلى 12-ئايدا ۋەزىپىگە سايلانغان.

  تەبىئىي جۇغراپىيەلىك شارائىتى: تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇب قىرغاقلىرىغا، ئانتاركتىدا بىلەن ئېكۋاتور سىزىقىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان. غەربتە تاسمانىيە دېڭىزى ئارقىلىق ئاۋسترالىيە بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، شىمالدا تونگا ۋە فىجى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. يېڭى زېلاندىيە شىمالىي ئارال، جەنۇبىي ئارال ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ئاراللاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، يەر كۆلىمى 270 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، خاس ئىقتىسادىي رايونىنىڭ كۆلىمى 120 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر. دېڭىز قىرغىقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 6900 كىلومېتىر. يېڭى زېلاندىيەنىڭ «يېشىلزارلىق» دېگەن نامى بار، گەرچە بۇ دۆلەتتە تاغ كۆپ، تاغلىق ۋە ئېدىرلىقلار ئومۇمىي يەر كۆلىمىنىڭ %75تىن ئارتۇقىنى ئىگىلىسىمۇ، بىراق بۇ يەر تروپىك بەلباغ دېڭىز ـ ئوكيان ئىقلىمىغا تەۋە بولغاچقا، پەسىللەر ئارا تېمپېراتۇرا پەرقى كىچىك، ئۆسۈملۈكلەر ئىنتايىن باراقسان ئۆسكەن، ئورمان بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى %29كە يېتىدۇ، تەبىئىي چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق مەيدانلىرى پۈتۈن دۆلەت يەر كۆلىمىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ.



  نوپۇسى: 4 مىليون 331 مىڭ 600 (2009-يىلى 30-سىنتەبىردىكى مۆلچەرىي سان). بۇنىڭ ئىچىدە، ياۋروپالىق كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى %67نى، ماۋرىلار %14.5نى، ئاسىيالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى %9.2نى، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى %6.9نى ئىگىلەيدۇ. ھۆكۈمەت تىلى ئىنگلىز تىلى بىلەن ماۋرى تىلى. %71 ئاھالە پروتېستانت دىنى ۋە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

  پايتەختى: ۋېللىڭتون بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ جەنۇبقا جايلاشقان پايتەخت. نوپۇسى 473 مىڭ 700(2008-يىلى 6-ئايدىكى سان)، ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى يازدا 16 سېلسىيە گىرادۇس، قىشتا 8 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا.

  مەمۇرىي رايونلىرى: پۈتۈن مەملىكەت جەمئىي 12 چوڭ رايونغا بۆلۈنىدۇ، 74 رايونلۇق مەمۇرىي ئورگان قۇرۇلغان(بۇ 15 شەھەر مەمۇرىيىتى نازارىتى، 58 رايونلۇق پارلامېنت ۋە چاتام تاقىم ئاراللىرى پارلامېنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

  تارىخى: ماۋرىلار يېڭى زېلاندىيەنىڭ تۇنجى تۈركۈم ئاھالىلىرىدۇر. ماۋرىلار مىلادى 14-ئەسىردە پولىنېزىيەدىن يېڭى زېلاندىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ، يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالىلىرى بولۇپ قالغان ھەم پولىنېزىيە تىلىدىكى «aotearoa»نى ئۇنىڭ ئىسمى قىلىپ قوللانغان، بۇ سۆز «بۇلۇتلىرى ئاپئاق بوستانلىق» دېگەن مەنىدە. گوللاندىيەلىك دېڭىزچى ئابېل تاسمان 1642-يىلى بۇ قۇرۇقلۇققا چىقىپ، بۇ جايغا «يېڭى زېلاند» دەپ ئىسىم قويغان. ئەنگلىيەلىك كاپىتان جامىس كۇك 1769-يىلىدىن 1777-يىلىغىچە بەش قېتىم يېڭى زېلاندقا بارغان ھەم بۇ جاينىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىققان. شۇنىڭدىن كېيىن ئەنگلىيە بۇ يەرگە تۈركۈم-تۈركۈم كۆچمەنلەرنى كۆچۈرۈپ كەلگەن ھەم يېڭى زېلاندنى ئىگىلىگەنلىكىنى جاكارلىغان، بۇ ئارالنىڭ گوللاندچە ئىسمىنى ئىنگلىز تىلىدىكى «يېڭى زېلاندىيە» دېگەن نامغا ئۆزگەرتكەن.

مەنبە؛خەلق گېزىتى تورى
http://uyghur.people.com.cn/165019/15140728.html

بىزگە نىسپەتەن ھازىر ئەڭ مۇھىمى <<نىمە قىلىش كىرەك >> دىگەن سوئال بولماستىن بەلكى <<مەن نىمە قىلالايمەن >> دىگەن سوئالدۇر
دەقيانو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-9 11:36:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2343
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7573
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7693 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-10 01:17:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ چوڭ شەھىرى بولسا شىمالدىكى ئوكىلاند شەھىرىدۇر.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.
ئۇيغۇرۇ بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-10 02:19:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئېرپان

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20801
يازما سانى: 1052
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9776
تۆھپە نۇمۇرى: 702
توردا: 6322 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2014-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-10 08:14:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى زىللاندىيەنىڭ <تىنىچ ئوكياندىكى جەننەت>،<دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە ساپ يەر > دىگەن نامىمىۇ بار ...ھەقىقەتەن گۈزەل دۆلەت <تەبئىي مەنزىرىسى ،يېشىلچىلىقنى دەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق.ئىشقىلىپ بەك چىرايلىق> ..پاراۋانلىقمۇ ئىنتايىن ياخشى بۇلۇپ ،كانادا ،ئاۋىستىرالىيەلەرگە ئوخشاش..ھازىرقى يېڭى ئۆزگەرگەن سىياسەتلەردىن قارىغاندا پاراۋانلىقى ئاۋىستىرالىيەدىن ئېشىپ چۇشكەن..ئىقلىمىمۇ ئىنتايىن ياخشى،ساپ ..يېڭى زىللاندىيە دوللىرىمۇ ئېشىش نىسپىتىنى ئىزچىل ساقلاپ كىلىۋاتىدۇ..ھازىر خەلق پۇلىغا ئايرىلىۋاشلىغاندا 5.1_5.2 بولىۋاتىدۇ..سائەتلىك ئەڭ تۆۋەن مائاشى 13.5دوللار.دۆلەت ۋەزىيىتىمۇ ئىنتايىن مۇقىم .يېڭى زىللاندىيە  ئۆز نۆۋىتىدە يەنە خەلىقئارادا بىتەرەپ دۆلەت بولغاچقا،يېڭى زىللاندىيە  پاسپورتى ئارقىلىق 170نەچچە دۆلەتكە ۋىزاسىز كىرگىلى بولىدۇ..ئامىرىكا ،كانادا، ئاۋىستىرالىيە،يېڭى زىللاندىيە  دۇنيادىكى 4چوڭ كۆچمەن دۆلىتى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ ..بۇنىڭ ئىچىدە ئامىرىكادىن باشقا 3سى بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ ئالاھىدە يىقىن ئۇرۇق _تۇققانداچىلىقى باربۇلۇپ ،مەيلى ئىقساد.مەيلى تەرەقىيات جەھەتلەردە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ ..

ئۆز  ئېلىڭىڭ نېنىنى يە . كىچە كۈندۈز غېمىنى يە.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش